15001506547 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 01:13 PM
سىز بۇ تىمىنىڭ ئىگىسى بولوش سۇپىتىڭىز بىلەن بۇنداق ئى ...
راس دەيسىز قېرىندىشىم ،
گەپ سۆزلىرىمىزنى سىلغايتىپ قىلىشساق نىم بولار؟ مۇشۇ «غاجايدۇ» دىگەن گەپ سۆزلەرنى بىر -بىرىمىزگە ئىشلەتمىسەك دەيمە ،
بىز يا ئىت بولمىساق تاپ غاجايدىغان ، يا ئىشەك بولمىساق جىرىم غاجايدىغان ،
سەل سەۋىرچانراق كەڭ قوساقراق بولساق بولمامدىغاندۇ،
نىمە قىلىمىز بىكاردىن بىكار بىر بىرسىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ ،
خۇشال خۇرام تاتلىق گەپلىرىمىز بولسا قىلىشايلى ،،
كىم بىلىدۇ ئەتە قايسىمىز كىتىپ قايسىمىز قالىمىز ،
كىم بىلىدۇ تىللاشقان باللا تۇققان چىقىپ قىلىپ ،
يەنە كىم بىلىدۇ شۇ تىللىشىپ قالغا نلار بىلەن قۇدا باجا بوپقالامدۇق ....... بۇ ئىشلارنى ھىچكىم ئالدىن بىلەلمەيدۇ ، مىسالەن
، پاكىستاننىڭ «مىراسخور» فىلىمىدىكى ئەسمەتخان بىلەن شىر مۇھەممەد قۇدا چىقىپ قالمىدىم ؟ بۇنداق مىساللار ئەتراپىمىزدىمۇ جىققۇ ، جىنازىنىڭ ئالدىدا رازى بولدۇڭلىمۇ؟ دەپ قارىھاجىم سورىسا رازى دەپ ئاغزىمىزنىڭ ئۇچىدا دەپ قويغان بىلەن كۆڭەلدىن تىل ئاھانىتى چىقماق تەس! چۈنكى تىللاشقان باللار ئايرىم ئادەم يوق يەردە دىيىشمەي نەچچە مىڭلىغان ئادەم بار مۇنبەر سەھنىسىدە تىللاشتى دىگەن گەپ .ئۆزىمىزنىڭ باللىرىنىمۇ ھىچكىم يوق يەردە تىللاپ باقايلى ،
ئادەم جىق يەردە تىللاپ باقايلى ، قاندق بولىدىكىن؟