15001506547 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-5 01:23 PM
بەزى تەرەققى قىلغان شەھەرلەردە ئۇيغۇر تۇرۇپمۇ ئۇيغ ...
ئۈمىد غەنىنىڭ كىتاپ توغرىسىدىكى گەپلىرى ھەرگىز ئانا تىلنى تاشلىۋېتىڭلار دىگەن مەنىدە ئەمەس، بەلكى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە ئوخشاش،
ئانا تىلدىن باشقا تىلدىكى كىتاپلارنى كۆرۈشنى تەكىتلىشى، سىزنى كۆپرەك بىلىم ئىگەلللىسۇن دىگىنى
پەقەت بۇ يەردە ئۇيغۇرچە نەشرىياتتا بۇخىل كىتاپلار چەكلىك بولۇش تۈپەيلى، گەپنى چۈشۈنۈشلۈك قىلىمەن دەپ، گەپنى ئۇدۇللا قىپ، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەۋەتكەن يېرى بار دەپ چۈشەندىم مەن.
ئەگەر ئۇيغۇر نەشرىياتدا چىققان بىزگە كېرەكلىك ھەرقانداق كىتاپ تېپىلغان بولسا، ئۈمىد غەنى چوقۇم بۇ گەپنى قىلمىغان بولاتتى.
لېكىن بۇ ھەرگىز ئانا تىلنى تاشلىۋېتىڭلار دىگەن مەنىدە ئەمەس.
نىمىشقا دىسىڭىز، بالىلار تۇغۇلۇپلا كىتاپ ئوقۇمايدۇ، بەلكى ئالدىدا ئانا تىل ئۈگۈنىدۇ.
ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن باشقا تىل ئۈگۈنۈپ، باشقا تىلدىكى كىتاپلارنى كۆرۈپ تۇرسا، نەزەر دائىرىسى، بىلىم قۇرۇلمىسى ئاشىدۇ. ئۈمىد غەنىنىڭ كۆزدە تۇتقىنى پەقەت مۇشۇلا.
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 03:00 PM