مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3960|ئىنكاس: 17

قىزىڭىزمۇ ئانا بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

43

يازما

46

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 110450
يازما سانى:
43
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
406
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
34 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-10-8
ئاخىرقى:
2016-1-9
قىزىڭىزمۇ ئانا بولىدۇ 9 }' j+ h5 I% f: a

5 ?' @5 d9 W4 z/ m1 Fقىز تەربىيلەش بەسى مۈشكۈل ئىش. چۈنكى، قىز بالا دېگەن بەئەينى ئەينەك پارچىسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا قاتتىقراق مۇئامىلە قىلسىڭىز سۇندۇرىۋالىسىز، بەك پاكىز تۇتىمەن دەپ تولا سۈرتسىڭىز، كورلاشتۇرۇپ قويىسىز. ئەگەر تۇرغىنى بويىچە تۇرسۇن دېسىڭىز چاڭ – توزان بىسىپ، پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەينەككە ناھايتى سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز، ئۇنى قانداق ۋاقىتتا سۈرتۈش كېرەكلىكىنى، قانداق ۋاقىتتا ھويلىدا، قانداق ۋاقىتتا مېھمانخانىدا قويۇش لازىملىقىنى ياخشى بىلىشىڭىز كېرەك.بىراۋ پەيلاسۇپتىن سوراپتۇ: « دۇنيادا ئۆلۈمدىنمۇ يامىنى نېمە؟ » « قىزىڭنىڭ ناقابىل بولۇشى » دەپ جاۋاب بىرىپتۇ پەيلاسۇپ. ھەقىقەتەنمۇ قىزى كەلتۈرگەن نومۇس ئۆلۈمدىن ئېغىردۇر. بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا مەن قىزى كەلتۈرگەن نومۇس سەۋەبلىك بېشىنى كۆتۈرەلمەي ياشاۋاتقان ئاتىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمەن. « ئۆلۈۋالاي دېسەم يەنە شۇ بالىلارنى ئويلىدىم، – دېدى شۇنداق ئاتىلاردىن بىرى ماڭا، – مەن نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلمىدىم. قىزىم مېنى ياشىغۇسىزلا قىلىۋەتتى… » دادا بولغۇچىنىڭ بىچارىلىكىگە قاراپ ئىچىم ئېچىشتى، ئۆزۈمنىڭ قىزىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم ھەم ئۇن  – تىنسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئىنساب، دىيانەت تىلىدىم.
- D* n9 c3 p4 ~' k8 o6 ] بەلكىم، ھېچقانداق دادا بۇنداق كۈنگە قېلىشنى خالىمىسا كېرەك. ئەمما، بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ خالاش – خالىماسلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، يۈز بەرگۈسى كەلگەندە يۈز بېرىۋېرىدۇ. ئەمما، مۇشۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدە چوقۇم مەلۇم ئىچكى جەريان بولغان بولىدۇ. قىزىنىڭ ئائىلىگە نومۇس كەلتۈرىسىمۇ ھەرگىز تاسادىپىي بولۇپ قالمايدۇ. ئەگەر بىر قىز ھەقىقى مەنىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنى ئالالىغان بولسا، ھەرگىزمۇ ئائىلىسىگە نومۇس بولىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئائىلىسىنىڭ شان – شەرىپىنى قوغدايدۇ. بولۇپمۇ مۇكەممەل ئانا تەربىيىسى كۆرگەن قىز ھەرگىز ئاتىسىنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە، قىزلارمۇ ئوغۇللارغا ئوخشاشلا ئانا تەربىيەسىز ھەقىقى ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقالمايدۇ. ئەمما، بىر ئائىلىگە، بىر جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈنگە نىسبەتەن قىز بالا تەربىيەسى ناھايتى زىل، ئىنچىكە مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىنچىكە مەسىلىدە بولسا ئەڭ چوڭ مەسئولىيەت ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. چۈنكى قىز پەرزەنت تەربىيلەشتە ئاتىلار ئۆگىتەلمەيدىغان، چوقۇم ئانىلار ئۆگەتمىسە بولمايدىغان تالاي تەرەپلەر بولىدۇ.
. T9 u* Z8 I. \) | ئانا ئائىلىدىكى يۈرۈش – تۇرۇشى، گەپ – سۆزلىرى، مۇئامىلىسى، سۆيگۈ – ساداقىتى، پاك – پاكىزلىقى، مېھىر – مۇھەبىىتى، مېمان كۈتۈشى، كىيىم – كېچىكى، ئاش – تاماق قىلىشى، چىچەن – چاققانلىقى… قاتارلىق تەرەپلەردىن قىز پەرزەنت ئۈچۈن بىردىنبىر ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ. پەقەت بۇلا ئەمەس، يەنە ئانىنىڭ ئىدىيە كۆزقاراشلىرىمۇ قىز پەرزەنتكە ناھايتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ياخشى تەربىيەلەنمىگەن قىزنىڭ ەۇناھىنى ئانا زىممىسىدىن قىدىرىمىز. چۈنكى، ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ ئاتىسىدىن ھەم سىرتتىن ئۆرنەك، تەسىر قوبۇل قىلىشى كۈچلۈك بولسا، قىزلارنىڭ ئانىسىدىن ھەم ئائىلىسىدىن تەسىر قوبۇل قىلىش كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئانا بولغۇچى ئۇنىڭغا ياخشى ئۆرنەك، ياخشى تەربىيەچى بولالمىغان بولسا، بۇ ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئوليىتىنى جايىدا ئادا قىلالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. خەلقىمىزدە « ھايۋان تۇياقتىن، ئىنسان قۇلاقتىن سەمرىيدۇ » دېگەن گەپ بار. بۇ گەپنى ئېنىقكى ئانىلارنىڭ قىزلىرىنى تەربىيەلىشىگە تەدبىقلاش تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك. چۈنكى، تەلەپچان، بىلىملىك ئانىلانىڭ « قۇلاققا پىچىرلايدىغان گەپلەر »ى بولىدۇ. ئۇ بۇ گەپلەرنى قىزلىرىنىڭ قۇلىقىغا تىنىمسىز تۆكۈپ تۇرىدۇ، ئەدەپ – ئەخلاقنىڭ، ھايا – پەردىشەپنىڭ، ئار – نومۇسنىڭ، ئىپپەت – پاكلىقنىڭ، گۈزەل – خۇلقنىڭ قىزلارنىڭ زىننىتى ھەم قىممىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇنداق ئىسىل خىسلەتلەرنى تەرك قىلماسلىقىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۇۋاپىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ تۇرىدۇ. قىز بالىنىڭ قانداق قىلغاندا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، بىر ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ چىقالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىزلارغا خاس ھەر خىل جىسمانى ۋە روھى ئۆزگىرىشلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ۋە ئۆزىنى قانداق كۈتۈشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بىزدە « گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ » دېگەن گەپ بار.
6 T7 t4 `3 k3 _, I% R6 Jقىز تەربىيلەش كېلەچەكتىكى ئانىلارنى تەربىيلەش دېمەكتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، بۇ ھەر قانداق ئائىلىدىكى، جۈملىدىن ئانىلارنىڭ ئالدىدىكى مۈشكۈل ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، كېلەچەكتىكى ئانىلارنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىشى مىللەتنىڭ روناق تېپىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. ئانىلارنىڭ ساپاسى ئۆسسە، پەرزەنتلەرنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ ساپاسى ئۆسىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ ساپاسىغا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك زور ئىشتۇر. شۇڭا دەيمەن، بۈگۈنكى كۈندە بىرگە ئەڭ كېرەك بولۇۋاتقىنى، ئۆزىنىڭ ئەدەپ – ئەخلاق، شەرم – ھايا، چىچەن – بىلىملىكلىكى بىلەن قىزلىرىغا ئۆرنەك بولىدىغان، كېلەچەكنىڭ ئانىلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مەسىلىدە قىلچىمۇ سەۋەنلىككە يول قويمايدىغان، ئۆزىنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، قىزلىرىنى تېخىمۇ ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ئانىلاردۇر
+ t- \! H, j# G% L
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   njmidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-2 10:52 PM  
5 E3 W7 S5 |# W) A5 _9 w3 a( U- g( z" P6 m. ?- H$ _2 p3 K+ k

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

37

تېما

2842

يازما

2879

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 112242
يازما سانى:
2842
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7042
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1734 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-2
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-2-3 10:54:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ  توغرا  ، قىزلارنىڭ  ، بۇلۇپمۇ  ئانىلارنىڭ  ساپاسى  بىر  مىللەتنبڭ  تەرەققىياتىغا  باغلىق  . شۇڭا  بارلىق  ئەرلەر  ئاياللىرىڭلارنى  تەربىيلەشكە  ئەھمىيەت  بېرىڭلار  ، ئاياللىرىڭلار  ياخشى  تەربىيلەنسە  ،  بالىلىرىڭلار مۇ  ئەلۋەتتە  ياخشى  تەربىيلەنگەن  بولىدۇ  ،  سىلەرمۇ  بەخىتلىك  بولبسىلەر ،

.

37

تېما

2842

يازما

2879

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 112242
يازما سانى:
2842
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7042
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1734 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-2
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-2-3 10:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  سىزنىڭ   ئۇيغۇرلاردا  ئانا  تەربىيەسى  ۋە ئانىلار  ساپاسى  دېگەن  تېمىڭىزنى  ساقلىۋالدىم  ، بەك  ياخشى  ئەسەرنى  يوللاپتىكەنسىز ،  تېخىمۇ  ياخشى  ئەسەرلەرنى  يوللاپ  بەرگەيسىز  ،

.

6

تېما

1364

يازما

1370

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100933
يازما سانى:
1364
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5954
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2298 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-12-16
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-2-3 11:13:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم بىر ئائىلىنى بىر جەمەتنى ياۋلارنىڭ دەپسەندە قىلالماسلىقى مۇمكىن ،لىكىن،ياخشى تەربيلەنمىگەن شۇ جەمەتنىڭ بىر قىزى دەپسەندە قىلىۋىتەلەيدۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

2

تېما

25

يازما

27

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113096
يازما سانى:
25
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
192
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
29 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-14
ئاخىرقى:
2015-12-30
ۋاقتى: 2015-2-3 12:00:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ،مىنىڭ قىز لىرى بارلارغا شۇنداق دىگۇم كېلىدۇكى :سىز ھەردائىم مىللەتنىڭ ئانىسىنى تەربىيلەپ چۇڭ قىلىۋاتقانلىغىڭىزنى ئسىڭىزدىن چىقارماڭ.
( F8 c7 v& ]0 v9 r& i/ g8 @# bمەن ھاياتلىق دۇنياسىدا بىر دېڭىزنى كۆردۇم ،مانائۇ ---ئانا.

8

تېما

1303

يازما

1316

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 78585
يازما سانى:
1303
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5786
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
235 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-9
ئاخىرقى:
2015-7-16
ۋاقتى: 2015-2-3 12:44:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ئائىلىدە قىزلار تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ. قايسى بىر ماتىرىيالدا : ‹‹ ئوغلۇڭنى تەربىيلەشكە  بىر ئۈلۈش ئەجىر قىلساڭ، قىزىڭنى تەربىيلەشكە مىڭ ئۈلۈش ئەجىر قىل  ›› دېگەن بىر جۈملىنى ئۇچراتقانىدىم. بىر مىللەتنىڭ مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئالدى بىلەن ئائىلىدە بالا تەربىيلىگۈچى بولغان ئانىلارغا، ئاندىن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى -  ئۇستازلىرىغا، ئاخىرىدا جەمئىيەتتە بىلىملىك كىشىلىرىمىزگە باغلىق. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەم دەل مىللەتنىڭ ئانىسى بولغۇچى قىزلىرىمىزغا بىرىلدىغان تەربىيىدۇر.  چۈنكى ئۇلار ھەم مىللەتنى تۇغىدۇ ھەم تۇنجى بولۇپ مىللەتنى پەرۋىش قىلىدۇ.2 Q# M) o& u* X! f$ U. ]% f* c

3 k- x7 ^2 t0 [3 ?2 x* Rياخشى يېزىپسىز... بۇ تەرىپىنى ھەقىقەتەن ئەستايدىل كۈزىتىپسىز، قەلىمىڭىز بەرىكەت تاپقاي !
+ e: n7 _5 p& k; l, w9 |0 F$ s بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turmux.net تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-3 01:27 PM  ) Q" Z1 S7 a5 r% J  q3 [

% |0 W$ a4 L+ m3 r. B* d

11

تېما

89

يازما

100

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 111976
يازما سانى:
89
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
698
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
128 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-12-21
ئاخىرقى:
2016-2-16
ۋاقتى: 2015-2-3 16:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىىزنى ئوقۇپ جەمىيەتكە ئىنتايىن پايدىلىق بىر تىمىنى تورغا يوللىغانلىغىڭىزدىن  كۆڭلۈم سويۈندى.دىمىسىمۇ قىزلارنى ئىپپەت نۇمۇسچان، شەرمىي ھايالىق ،ئىمان ئىتىقاتلىق تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش ،ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مىللەت ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان ئەڭ ئۇلۇق، ئەڭ تەخىرسىز  بۇرچى. قىزلارغا بولغان تەربىيەدە ئالدى بىلەن ئىتىقات تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئۇلاردا كىچىكىدىن باشلاپ پاك ئىتىقات تۇرغۇزۇش،ئۇلاردا گۇناھ تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش، ھاياسىزلىق، ئىپپەتسىزلىكتىن قاتتىق يىرگىنىدىغان نومۇس كۈچى، ۋە ئىپپىتىنى جىنىدىن ئەزىز بىلىپ قوغدايدىغان قەيسەر ئىرادە يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن زۆرۈر.بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە قىزلارنى ياخشى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش ئىنتايىن مۇشكۈل ۋەزىپە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، قىزى بار لىكى ئاتا- ئانا بۇنى ئىسىدە چىڭ تۇتماقلىرى لازىم.

3

تېما

494

يازما

497

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 100225
يازما سانى:
494
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1515
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
463 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-11-28
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2015-2-3 16:19:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋراتسە ،يەنە بىر قولىدا دۇنيا تەۋرىتىدۇ . شۇڭا ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك .

1

تېما

153

يازما

154

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113497
يازما سانى:
153
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
418
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
78 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-23
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-2-3 16:54:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن . نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ...

سەۋىر قىل سېنىڭ ئىشلىرىڭمۇ ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.

ئاللاھ سۆيگۈسى

0

تېما

22

يازما

22

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113574
يازما سانى:
22
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
69
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
21 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-25
ئاخىرقى:
2015-2-28
ۋاقتى: 2015-2-3 18:24:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، بەك ياخشى تېمىكەن، مېنىڭمۇ كېچە-كۈندۈز ئويلايدىغىنىم قىز-ئاياللار تەربىيىسى. ئەمەلىي قىلىۋاتقىنىم ئۆزۈمنى ۋە قىزىمنى تەربىيىلەشتىن باشلىدىم ئىنشائاللاھ، ئەتراپتىكىلەرگە يۈزلەنگۈم بار.....................

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 01:38 AM, Processed in 0.827180 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش