پەرىشان كېچىگە يەنە ئۇچراشتىم ،
قوشقوللاپ سۇنىدۇ ئازاپلىرىنى .
ئىزدىسەم ئۈمۈتتە تۇرمۇش بىتىمدىن ،
تاپمىدىم كۆڭۈللۈك ۋاراقلىرىمنى .
تاڭلارنىڭ ۋەسلىگە ئىنتىزار بۇلار ،
ئۈمۈتلۈك كۆزلۈرۈم سۈكۈتتە تۇرۇپ .
چۈشۈمنى بۇزىدۇ پەرىشان كېچە ،
خىيالغا يانداشقان ئازاپنى سۇنۇپ .
تالايلاپ چۈشلۈرۈم بۇزۇلغان بىلەن ،
ھەمراھىم بوپ قالدى پەرىشان كېچە .
ھەي دۇنيا كۆزۈمدىن قاچان تامىدۇ ،
خۇشاللىق كۆز يېشى تېزدىن ئېيتقىنە !.
چىچەكسىز سۆيگۈ
مەن ساڭا ئامراقتىم سەنمۇ ماڭا ھەم ،
بەئەينى جۇپ بولۇپ ئېچىلغان گۈلدەك .
بىلمىدىم بۇ كېچە تەگدىمۇ بوران ،
شۈنچە تېز چېچىلدۇق تۇزىغان كۈلدەك .
كۈلىشىپ ، سىردىشىپ ئۆتەتتۇق ئىناق ،
پىشايۋان ئۈستىدە سايرىغان قۇشتەك .
سەن ماڭا ، مەن ساڭا قىلمىغاچ سۈكۈت ،
بوپ قالدۇق بەئەينى توڭلىغان مۇزدەك .
سەيلىگە چىقاتتۇق قوللار تۇتۇشۇپ ،
يىلتىزى تۇتاشقان قوشماق تىرەكتەك .
مۇھەببەت سىنىقى پايانداز سېلىپ ،
ئايرىدى بىزلەرنى ئازاپ كېرەكتەك .
ئايرىلدۇق ئىككىمىز ئازاپ قۇچاغلاپ ،
گوياكى ئۈشۈگەن دەرەخ بىخىدەك .
مەنزىللەر يولىدا قايتا ئۇچرىشىپ ،
بىلىمەن يوق پۇرسەت دەرتلەر تۆككۈدەك .
ئوتتۇز يېشىم
خەيرۇللا قۇربان
ئوتتۇز يېشىم ئوتتۇز باھارىم ،
ئاق ۋاراققا يېزىلمىغان سىر .
ئوتتۇز قىشتا توڭلىغان بىرىگە ،
ئەجرىم بىلەن بەردىممۇ مىھىر ؟.
قېتىلماقتا ھەر يىلى بىر ياش ،
كەچمىشلەرنى يۇشۇرماق بولۇپ .
ئوتتۇز يازنىڭ غۇنچىسى كەبى ،
كىملەر ئۈچۈن ئېچىلدىم كۈلۈپ .
ئوتتۇز كۈزنىڭ شاھىدى بولۇپ ،
يۇپۇرماقتەك تۆكۈلدى كۆز- ياش .
ئەتىيازدا كۆكلىگەن بىختەك ،
ئوتتۇز يېشىم ئۈمۈتكە يانداش .