ناھەق ،يالغان ،خاتاغا ...
قاراخان
ھالالدىن ئاش تاپقان ھەقنىڭ رىزقى نەق،
تۇزنى يەپ تۇزداننى چاقما دىگەن ھەق.
ھەق -ناھەق ئارىسى بىر غېرىچ پەقەت،
ھەق سۆزلە بىئەجەل ئۆلسەڭمۇ ناھەق.
**************************
راستنى كۆرسە قاچىدۇ يالغان،
يولۋاسنى كۆرسە قاچىدۇ تايغان.
تۇغۇلاركەن قۇۋلۇقتىن شۇملۇق،
كۆرگەن راستمۇ ياكى ئاڭلىغان.
***************************
توغرىغا توغرا بول خاتاغا خاتا،
ھەق سۆزنىڭ ئالدىدا بولمىغىن گاچا.
ئاق-قارا، ئوڭ-تەتۈر ئايان ھەممىگە،
بىل ئەگرى كۆڭۈلدە ئەگمە ،جىن تولا .
*****************************
يالغانغا، خاتاغا، ناھەققە سۈكۈت،
قىلما دەپ قىلساممۇ بىر تالاي ئۈگۈت.
ئىمانىڭ، ۋىجدانىڭ بەرمىسە بىر كۈچ،
ئۆتىسەن قاغىدەك بولالماي بۈركۈت.
داۋامى بار.
2015-يىلى 2-فېۋرال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-4 11:17 PM