ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار.
تور بېكىتىمىز جەمئىيەتتىكى يېڭى ئىش، يېڭى ھادىسىلەرنى ئىز قوغلاپ خەۋەر بېرىشتە ئاكتىپ رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ تورداشلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتتى. بىز ئوخشاشلا بۇ قېتىممۇ تورداشلارغا ئالاھىدە بىر فىلىمنى سۇندۇق.
بىز بىر كۈن بۇرۇن يىپەك يولى ساداسىدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن مۇھىت ئىشچىلىرىنىڭ قەدرىگە يېتىش، ئەمگىكىنى قەدىرلەش، ئۆز گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە چولپان بولۇشتىنمۇ بەكرەك ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ مۇھىملىقى، گۇرۇپپىدىكىلەر پەقەتلا ناخشا مۇزىكىدىلا ئەمەس، نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلاردا مېھىر بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش تەكىتلەنگەن بىر يىغىلىشنىڭ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ كېچىدىن مىسرانىم فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر جىددىي تۇتۇش قىلىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلىش شەرىپىگە نائىل بولدۇق.
ھاجى مۇختار بۇغرا ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، مەمەتجان ئابدۇقادىر قاتارلىق سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز بىزلەرگە زادى نېمە دىمەكچىدۇ ؟
بۇلارغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار مىسرانىم تور بېكىتى ئىشلىگەن قىسقا فىلىمدە بولسۇن...
مۇھىت تازلىقىنى ئاسىراش ھەممىمىزدىن باشلانسۇن. مەزكۇر ئاممىۋىي تەشۋىقات، تەربىيە خاراكتىرىنى ئالغان فىلىم ھەرقانداق سالون ۋە تورلاردا مەنبە ئەسكەرتىلگەن ھالەتتە تارقىتىلسا بولىدۇ. يېقىنلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ يوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ .
فىلىم
نورمال قويۇلمىسا بۇ يەرنى بېسىڭ
http://v.qq.com/page/s/b/b/s0146jqocbb.html
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر