يىـڭى ئــەزا
2014 -يىل 12-ئاينىڭ 18-كۈنى شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ئەنۋەر، نەيىملەرگە ئىككى ئاي ۋە بىر ئايدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن شىتىراپ قويۇش ھەققىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىپ ئۇلارنى ئىجراغا تاپشۇردى. 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئەنۋەر، نەيىملەر دېھقان ياشلار بولۇپ، ئۆتكەن يىل 5-ئاپرېل كەچتە ھەر ئىككىىسى ئايرىم-ئايرىم جايدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كەچ سائەت 23:00 لەر ئەتراپىدا مەست ھالەتتە موتسىكىلىت مىنىپ ئۆيىگە قايتىپ مېڭىپ يېزا يولىدا سوقۇشۇپ كەتكەن. بۇ ھادىسىدە ھەر ئىككىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زەخىملەنگەن. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەنۋەرنى بۇ ھادىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى، نەيىمنى قوشۇمچە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئېتىراپنامە چىقارغان. مەلۇم ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنى ئۇلارنىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قان سۇيۇقلۇقىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنى باھالاپ ئەنۋەرنىڭ 205 مىللىگىرام، نەيىمنىڭ 126 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن. سوت مەھكىمىسى يۇقۇرىقى پاكىتلارنى ئېنىقلاپ قانۇن بويىچە يۇقۇرىقىدەك جازا بەرگەن. (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
دائىملىق ئــەزا
ھايات
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
سەن خۇدادىن ئۈۆز
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ