hayat يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 01:03 PM
بەكلا ئاشۇرىۋىتىپسىز. مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچى. دو ...
بەزە ئىشلارنى بىلمەي تۇرۇپ ئاشۇرۋەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلماي تۇرۇڭ. ئەلۋەتتە قالدۇرغان دەرسنىڭ پۇلىنى تۇتىدۇ . بۇ ئېنىق. بىر دوستۇمنىڭ ئايالى يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتە جۇغراپىيە دەرس ئوقۇتقۇچىسى. بۇ مەكتەپتە 150 نومۇرلۇق باھالاش قائىدىسى بار . بۇ خانىم بۇ ماسۇمدا ئىككى يىللىقنىڭ 6سىنىپنڭ جۇغرپىيە دەرسىنى ئۆتۈپ ،150 نومۇرلۇق باھالاشتىن 67 نومۇر ئالغاچقا ئىش ئۈنۈم مائاشىدىن %30تۇتۇپ قېلىنىپتۇ . ئەكسىچە ئىلمىي بۆلۈم ۋە مەكتەپ ئىشخانىسىدا ئۇششاق چۈشەك ئىشلارنى قىلىدىغان 8 ئادەمىڭ ئالغان نومۇرى 105دىن تارتىپ 120گىچە بوپتۇ. بۇ سەككىز ئادەمنىڭ ئىككىسى بوغالتىر بىلەن كاسسىر، ئىككىسى ئىلمىي بۆلۈمنىڭ كالتە ئاقساقاللىرى،ئىككىسى مەكتەپ ئىشانىسىنىڭ مۇدىرى بىلەن يولداش باشلىقنىڭ كاتىپى. يەنە ئىككىسى نىمىش قىلىدىكى ئىشقا كەلگەنلىكىنى ئانچە مۇنچە كۆرگىلى بولىدىغان ياكى نەچچە ھەپتىگىچە قارىسى كۆرگىلى بولمايدىغان ئادەملەر. ئۇلارنىڭ ئىش ئۈنۈم مائاشى تۇتۇلمايلا قالماستىن يەنە 100دىن ئاشقان ھەر بىر نومۇرغا مۇۋاپىق مۇكاپات ئالامىش . ئەھۋال مانا مۇشۇنداق.
قالغىنىنى سىزمۇ كېلىپ ئىشلەپ باقسىڭىز ئاندىن بىلىسىز.........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yalghuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-7 06:33 PM