ياخشىلارنى يامان دەپ ئورا كولاپ يولىغا،
بەختى كېلىپ شاتلانسا كۈلۈپ قويۇپ زورىغا،
چار يىلاندەك تولغۇنۇپ ئاپتاپ چۈشسە دولىغا،
تەر ئاققۇزماي جان بېقىپ ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
ئاخشاملىرى ئۇخلىماي ھەر تەرەپكە چاپىمەن،
جاننى قىيناپ نەكەپتۇ ، دوستلۇرۇمنى ساتىمەن ،
تاپان يالاپ تەلمۈرۈپ بوسۇغۇدا ياتىمەن،
تۇزلۇق چېقىپ يۈز تېپىپ، ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
باشلىق مېنى ماختىسا بېشىم كۆكتە ئامەت شۇ،
قەدەم باسسا ئۆيۈمگە، مەن سىرتتا ، سائەت شۇ،
قاپاق تۈرمەي كۆزۈمگە قاراپ قويسا راھەت شۇ،
غورۇر نېمە ، پۇل تېپىپ ، ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
بالىقىمغا ئان بىرىپ ، پۇرسەت تېپىپ خان بېرىپ،
ئىتلىرىغا قارا گۆش، توخۇسىغا دان بىرىپ،
ئۆزۈم غاجاپ سۆڭەكنى ، قان نېمىتى جان بىرىپ،
شىكايەتتىن يول ئېچىپ ، ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
« نېمە دېسە دېمەمدۇ ، خەقلەر بىلەن كارىم يوق » ،
كىم ئىرىشسە ئۇتۇققا يۈرىكىمگە بولار دوق ،
يوللىرىنى چىتلايمەن ، قايغۇسىدىن ئېلىپ زوق ،
ئاش بەرگەنگە مۇشت ئېتىپ، ياشاۋاتقان يىگىتمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-8 09:14 PM