- توردا
- 310 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-20
- ياخشى باھا
- 0
- مۇنبەر پۇلى
- 1689
- تۆھپە نۇمۇرى
- 0
- تىزىملاتقان
- 2015-1-2
- ھوقۇقى
- 255
- يازما
- 964
- تېما
- 18
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 982
- UID
- 112242
|
|
|
|
|
مۆشۈكلەرنىڭ قارىشى ،
ئەجەپ تەگدى جېنىمغا.
تېگىۋاپتۇ قوزىچاق ،
يانفون دېگەن خېنىمغا .
تانسا ئويناپ كېتىپتۇ ،
بېلىقلارمۇ دىبادا .
قاغىلارغا ئىش باركەن ،
بولغان بولسا ناۋادا .
قازاندىكى لەغمەنلەر ،
يېپىۋاپتۇ تۇۋاقنى .
ئۇخلىماپتۇ مېنرال سۇ ،
ئېتىۋېلىپ قۇلاقنى .
ئۇخلاپ قېلىپ يىغلاپتۇ ،
تۇغۇلمىغان بوۋاقمۇ ،
كۈلۈمسىرەپ كېتىپتۇ ،
مەۋجۇت ئەمەس بۇلاقمۇ .
مۇنبەردىكى كۈرەشچان ،
قىلالماپتۇ باتۇرلۇق .
يېنىۋالسا ئۆچمەسجان ،
ئۇنى قانداق قىلغۇلوق .
يىغلىماڭلار تورداشلار ،
ئېلىپ بېرەي شاكىلات .
كىم يىغلىسا شۇنىڭغا ،
ئېسىپ قۇياي پىلاكات .
شۇڭا جېنىم تورداشلار ،
تۇخۇم ، مىشەن ئەپ كېلەي .
مۇسلىنەخان ھەدەملەر ،
كېلىپ قالسا نىمە دەي .
ئۇراي دېسە بۇ ھەدەم ،
دەرھال توسۇپ قېلىڭلار .
كۈلەلمەيمەن گەر ئۇرسا ،
بۇنى بىلىپ قېلىڭلار .
كېتەي ئەمدى مارىسقا ،
توخۇ قاتقان ھارۋامدا .
تورداشلىرىم ئۇخلاپتۇ ،
گۈزەل كۆلچەك سايرامدا .
ئۇخلاپ قېلىپ ئۆتۈكۈم ،
بارالماپتۇ مەشرەپكە .
قۇلىقىممۇ چوڭ بوپتۇ ،
بېرەي ئۇنى مەكتەپكە .
|
|
|
|
|
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10
باھا خاتىرىسى
|