|
|
|
|
جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى زادى قانچىلىك ؟
جۇڭگونىڭ 1 - ئايلىق CPI قىممىتى 1% تۆۋەنلەپ ، بازاردا پۇل قىسلىقى غەم - ئەندىشىسىنى پايدا قىلدى ؛ بۇ يىل جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى زادى قانچىلىك ؟ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، دۆلەت ئېھتىياجى ئاجىزلاپ ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسى تۆۋەنلىگەن ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيسى ئېشىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا ، جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى پۇل قىسلىق خەۋپ - خەتىرى ئىنتايىن چوڭ ، لېكىن ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا ، گەرچە 2015 - يىلى CPI قىممىتىنىڭ ئۆرلەش دائىرىسى 1.6% ئەتىراپىدا مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا پۇل قىسلىق ئەھۋالىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن .
كونكرېت ئەھۋالدىن قارىغاندا ، 1 - دۆلەت ئېھتىياجى يەنىلا ئاجىز ھالىتىنى ساقلىشى ؛ 2 - دوللارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن دۇنيا ئېھتىياجىنىڭ ئاجىزلىشىشى ؛ 3 - ئىشلەپچىقىرىش ئېنېرگىيىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللار جۇڭگونىڭ پۇل قىسلىق ئەھۋالىغا پايدىسىز ؛
ئالتۇن سودا تەھلىلى 12 - 2
ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى (242.19) 1283.4 دوللا ر ئەڭ يۇقىرى باھاسى (245.07 ) 1285.94 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى (242.69 ) 1228.44 بازار بازار يېپىلىش باھاسى (243.91) 1233.83دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 95.0 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1224 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن نېفىت باھاسى بىلەن قىممەتلىك مېتال بۇيۇم باھاسىمۇ چۈشتى ، ئالتۇن باھاسى 1220 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىغا چۈشتى .
گرېتسىيە مەسىلىسىگە كەلسەك تۈنۈگۈن ياۋرۇپا رايونىدا گرېتسىيە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە يىغىن ئىچىلدى ، ئەمما يىغىندا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەسلىھەت بىرلىككە كېلەلمىدى شۇڭا يىغىن كىيىنكى دۈشەنبە كۈنى داۋاملىق ئىچىلىدىغان بولدى .
گرېتسىيە مالىيە مىنىستىرى سۆز قىلىپ > ياۋرۇپا گۇرۇھى بىلەن ناھايىتى ياخشى تېمىلاردا پىكىرلەشتىم ، بولسا كىيىنكى دۈشەنبە كۈنى بىرلىككە كېلىپ يىغىننى ئاخىرلاشتۇرىمەن < دىدى .
ئامېرىكا تەرەپتىن بولسا ئامېرىكا Dallas فىدىراتىسيەنىڭ رەئىسى خافۇر چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىياپىتىدە > ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى كىرزىس مەزگىلىدە ئۆسۈم قۇشۇش ۋاقتىنى كىچىكتۈرگىنىگە قارشى تۇرىمەن ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياخشىلانغان بۇنداق ئەھۋالدا ئۆسۈم قۇشۇش كېچىكتۈرۈش خەتەرلىك ، دوللار كۆرسەتكۈچى بىلەن تۆۋەن نېفىت باھاسى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىق ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىروۋۇت بازىرى فېدېراتسىيە نىڭ قارارىغا ئارىلىشىپ قالمىغان بولسا بولاتتى < دىدى .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى (243.0 )1230 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى ئەتىراپىدا ئامىرىكا بازىرى ئىچىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەۋرەنمە تەۋرىنىش ئىلىپ بېرىپ (243.0) 1230 ۋە (241.03)1220 دوللارنى بۇزۇپ تاشلاپ 1216 (240.24) دوللارغا چۈشتى .
2. بۈگۈنكى بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا بىرىنىجى قەدەمدە 1225(242.01) دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 5 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1220 -1218 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىقا بولىدۇ . ئەگەر 1225 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1232-1230(243-243.4) دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
3. ئالتۇن باھاسى 1230 دوللار ئەتىراپدا ئۈچ كۈن تەۋرەندى ، ئالتۇن باھاسىنىڭ كىيىنىكى يۆلىنىشى(238.06) 1205 دوللار ۋە 1200 (237.07 )دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسى بۇلۇپ قالىدۇ . كىيىكى دۈشەنبە كۈنى ياۋرۇپا رايونىنىڭ كىلىشمىشى ياخشى بۇلۇپ چىقسا ئالرۇن باھاسى 1200 دوللارنىڭ ساقلاپ قالىدۇ ، ئەگەر بىرلىككە كىلەلمىسە 1200 دوللارنى قايتا بۇزۇپ تاشلايدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1230 1232
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1200 1205
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1233-1206
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1200
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1240
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە 1 گىرام نەق ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 241.80 يۈەن ؛
1 گىرام نەق كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى 3.35 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
ئاخشام قىممەتلىك مېتاللار باھاسى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر
2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، گرېتسىيە مەسىلىسى ئەندىشە تولغان بولۇپ ، بازاردا قىسقا ۋاقىت تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى شەكىللەندى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ يۆنىلىشى بۆلۈنۈپ كەتتى ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
ئاخشام دوللار يەنە ئۆرلەپ 95 نۇقتىدىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى سەۋەبىدىن قىممەت مېتاللار باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، نەق ئالتۇن باھاسى 14.50 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1218 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 12.60 دوللار تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 1219.60 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
تۈنۈگۈن كەچتە ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى چەككىلەش زاۋۇتىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ ، بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقى ، ھەم خام نېفىت زاپىسىنىڭ ئۇدا ئېشىپ يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن NYMEX قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.18% تۆۋەنلەپ يېپىلىش باھاسى 48.84 دوللار ئەتىراپىدا بولغان .
2014- يىل ئالتۇن بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى يورۇق نۇقتا
دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتى (WGC) 2- ئاينىڭ 12- كۈنى 2014- يىللىق دۇنيا ئالتۇن ئېھتىياجى دوكلاتىنى ئېلان قىلىدى، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە 2014- يىللىق ئالتۇن ئېھتىياجى يىللىق نىسبىتى 4% تۆۋەنلەپ 3923 توننىغىچە بولغان.
ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلېرى 2014- يىلدا ئالتۇن سېتىۋېلىشى 50 يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، 477 توننىغا يەتكەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ETF ئېقىپ چىقىشى كۆرۈنەرلىك كېمەيگەن ، بۇ 2014- يىللىق ئالتۇن ئېھتىياجىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى يورۇق نۇقتا.
گرېتسىيىنىڭ قەرزدارلىق سۆھبىتى كىلەر ھەپتە قايتا ئۆتكۈزۈلىشى مۇمكىن
تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا رايوننىڭ مالىيە - ئىقتىساد بۆلۈم باشلىقى يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتمە بەردى ، گرېتسىينى قۇتقۇزۇش مەسىلىسىدە گرېتسىيە سول قانات ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى باشقا دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىككە كېلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغان ، شۇڭا كىلەر ھەپتىدىكى يىغىندا قايتا سۆھبەتلىشىشى مۇمكىن ؛
بۇ قېتىمقى يىغىن 7 سائەت داۋاملاشقان بولۇپ ، بريۇسسېل شۇ يەر ۋاقتى بۈگۈن تاڭ سەھەردە ئاخىرلاشقان ؛ رېيتېر ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسەن ، ياۋروپا گۇرۇھ رەئىسى Jeroen Dijsselbloem مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ، " ھازىر نىشانسىزلا ماھىيەتلىك خۇلاسدىن ئورتاقلاشساق بولدۇ ، بۇ يەردىكى مەسلە سۆھبەتلىشىشكە باغلىق ئەمەس بەلكى تەرەققىيات دەرىجىسىگە باغلىق " .
ئۇ يەنە كۆرسەتمە بېرىپ ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى گرېتسىيگە ياردەم بېرىش پىلانى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى ؛ كېيىنكى نىشان بولسا سىياسەت جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ، بەلكىم كىلەر ھەپتە تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن دېدى ؛
Dijsselbloem يەنە مۇنداق دېگەن ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا باغلىق ئەمەس ، پەقەت بىر قېتىملىق مۇھاكىمە ؛
يۇقىردا بايان قىلىنغان خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ياۋرو ۋە قەرەللىك مال ئۆلچەملىك پور سىزىقى 500 كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ ، خام نېفىت باھاسى قايتىدىن ئۆرلىگەن .
مەبلەغ سالغۇچىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 5 مۇھىم نۇقتا
1 . كۆپ ساندىكى كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا غەلىبە قىلىش ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ ، سىز پەقەت سەۋىرچان بولۇڭ ھەم ئۆز پىرىنسىپىڭىزدا چىڭ تۇرۇڭ ؛
2 . سىز پەقەت ئۆز خىزمىتىڭىزنى ياخشى قىلىڭ ، ھەرگىز باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن ئەقىللىق دەپ قارىماڭ ، بەلكىم سىز باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ نەتىجىگە ئېرشىشىڭىز مۇمكىن ؛
3 . سىزنى كۆپ ساندىكى غەلبە قىلغان كىشلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ ئۇلارنىڭ تەلىيى كەلگەنلىكتىن بولغان ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرلىقىدىن ئەمەس ؛
4 . بەلكىم ھازىر ئۆزىڭىزنى غەلبە قىلغۇچى ، لېكىن كەلگۈسىدە غەلبە قىلغۇچى پەقەت سىزلا بولماسلىقىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا سىز ئالدىنئالا تىرىشىڭ ، ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرمەڭ ؛
5 . ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، مەبلەغ سالغۇچىلار مال سېتىۋالغاندا قولدىن چىقىرىۋەتكەن پۇل بازاردا سىزنى ئەڭ يۇقىرى پايدا نىسبىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ ، بۇ بازاردىكى بىردىنبىر دەلىل-ئىسپات ؛ شۇڭا ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى خاتىرجەم قىلىشنى خالىسىڭىز ، ھەرگىز باشقىلار خالىمايدىغان ئىشنى قىلماڭ ؛
ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى
سان فىرانسىسكو فېدېراتسىيە رەئىسى ۋېيليەن مۇسى (John Williams) ئەنگلىيە " پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى" زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا مۇنداق دېدى ، 1 - ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ مۆلچەردىن ئۆرلەپ كېتىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى كۈچەيگەندىن كېيىن ، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ۋاقتى بارغانسېرى يېقىنلاشتى ؛ ئۇ يەنە ، ئۆسۈم ئۆستۈرۈش بەلكىم مەبلەغ سالغۇچىلارنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ، لېكىن ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى جىددىي سىياسىتى توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك ؛
John Williams كۆرسەتمە بېرىپ ، نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى ھازىر ياخشىلىنىۋاتىدۇ دېدى ؛ گەرچە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن پۇل پاخاللىق نىسبىتى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ؛ بەلكىم نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە دوللارنىڭ كۈچىيىشى قاتارلىقلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى بارغانسېرى ئاجىزلىشىشى مۇمكىن ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى كۈچىيىشى ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىغا يېتەكچى بولىشى مۇمكىن ؛ ئۇنىڭ قارىشىچە ، ئامېرىكىدىكى شەخسىيلەرنىڭ ئىش ھەققى 3%`3.5% كىچە ئېشىپ ، پۇل پاخاللىق نىسبىتى 2% لىك ھالىتىگە قايتىشى مۇمكىن .
John Williams يەنە ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى سانلىق مەلۇمات مۇستەھكەم بولسا 6 ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش باشلىندۇ دېگەن كۆز قاراشتا بولغان .
ئاساسى پۇل ۋە قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى
2 -ئاينىڭ11 - كۈنى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا : ياۋرو / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.1331 بولغان ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 1.5232 دوللار بولغان ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار بازار يېپىلىش باھاسى 0.7716 دوللار بولغان ؛ دوللار / يېن بازار يېپىلىش باھاسى 120.43 يېن بولغان ؛ دوللار / كانادا دوللىرى بازار يېپىلىش باھاسى 1.2628 كانادا دوللىرى بولغان ؛ دوللار / شۋېتسارىيە فرانكى بازار يېپىلىش باھاسى 0.9283 شۋېتسارىيە فرانكى بولغان .
تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىدا : نەخ مال ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1218.70 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك ئالتۇن بازار يېپىلىش باھاسى 1219.60 دوللار بولغان ؛ نەخ مال كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.78 دوللار بولغان ؛ Comex قەرەللىك كۈمۈش بازار يېپىلىش باھاسى 16.761 دوللار بولغان ؛ بۇلۈنتې خام نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 54.66 دوللار بولغان ؛ NYMEX خام نېفىت قەرەللىك مال بازار يېپىلىش باھاسى 48.84 دوللار بولغان .
ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-12 07:42 PM
|
|
|
|
|
|