فىلىم نامى: 6 ئەزىمەت
ئەسلى نامى: Big Hero 6
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2014-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: كارتون فىلىم
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.0
رازمىرى: 480*854 / 1280*720 / 1920*1080
چوڭلىقى: 2.65G / 1.79G / 1.37G
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:41:52
رېژىسسور: Don Hall, Chris Williams
باش روللاردا: Ryan Potter, Scott Adsit, Jamie Chung
فىلىم ھەققىدە:
كەشىپ قىلىش ۋە ئىجاد قىلىشقا ئامراق شاكىچىك خىرو، ئاكىسى خامادانىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن كەلھىھېن پىروفېسسور يېتەكچىلىك قىلغان پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ ياسىغان مىكرو ماشىنا ئادەم كۆرگەزمە قاتناشقۇچىلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. كىم بىلسۇن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى بىلەن خىرونىڭ ئارزۇلىرى ھەش-پەش دېگۈچە ۋەيران بولىدۇ. ئوت كۆرگەزمە مەيدانىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ئاكىسى بولسا كەلھىھېن پىروفېسسورنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئوت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ئازابلانغان خىرو شۇنىڭدىن تارتىپ ئەتىدىن-كەچكىچە ئۆزىنى ئۆيگە سولاپ يۈرىدۇ، ئاكىسى ھايات ۋاقتىدا قالدۇرۇپ كەتكەن ساقلىقنى ساقلاش ماشىنا ئادىمى ئاپئاق ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىدىغان بىردىنبىر ھەمراھى بولۇپ قالىدۇ.
خىرو ئۆزى ئىجاد قىلغان مىكرو ماشىنا ئادىمىنىڭ ئەسلىدە ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ يۈرەتتى، ئەمما ئۇ ۋە ئاپئاق ئىككىسى تاسادىپىي ھالدا بۇلارنىڭ زور مىقداردا ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ، ھەمدە ئاكىسى خامادانىڭ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، پەردا ئارقىسىدىكى جىنايەتچىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، ئاكىسىنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە قەبىھ بىر سۇيقەستنى كۆڭلىگە پۈككەن سىرلىق رەقىبى بىلەن تۇتۇشۇشقا باشلايدۇ.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، شۈنلېيدىن، بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.