زەردار007 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 05:17 PM
ياخشى يىزىپسىز ھەققانىيكا، يازغانلىرىڭىزنى گېزىت-ژۇر ...
گىپىم يوق
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
ھەۋەسكارمەن ئەل سۆيگەن ژورناللاردا ئېتىم يوق،
مۇھەررىرگە تەكەللۇپ سۇنغان سالام خىتىم يوق.
***
يوللاپ باقتىم جىق ئەسەر ھېچبىر بەتتە كۆرۈنمەس،
بەلكى سەۋەپ شۇمىكىن چامغۇر،مېغىز،قېقىم يوق.
**
قورقامدىكىن يا ژورنال ساتىرادىن-ھەجۋىدىن،
تۈزسەك دەيمەن ئىللەتنى باشقا مەقسەت لېكىن يوق.
**
يازىۋەردىم-ئېبەرتتىم ئىشلەتمىسە نە ھەددىم،
راست سۆزلىسەم كۆڭلۈم تۈز ئەگرىلىككە دىتىم يوق.
**
كارتىڭىزغا ئاز-تولا...ئامالسىزمەن يوللاشقا،
ھىساۋىمدا ئەزەلدىن خوشامەتكە چىقىم يوق.
**
بىلىپ يەتتىم مىڭ ئەپسۇس، قىسمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى،
ساياھەتكە-سەيلىگە باشلايدىغان بېغىم يوق.
**
سالام بەردىم سالامغا ھۆرمەت قىلغان ئاۋامغا،
يازماي قالسام مەيلىكى مەقسەتلىك نان-چېيىم يوق.
**
ئېگىلگەنگە ئېگىلىپ ھۆرمەتلەيمەن يەتكىچە،
ئەمما غەيرى يول تۇتۇپ سۈڭگۈتۈشكە ئىپىم يوق.
**
يازغان بىكار ئوخشايدۇ تەھرىر تونۇش بولمىسا،
ئۇداسىغا كەلتۈرمەي زورلاپ تونۇش تۇتقۇم يوق.
**
چىرىكلىكنىڭ بارمىغان مەھەللىسى قالماپتۇ،
توۋا ! دىدىم بىرسىگە بۇ توغرىدا دىيشىم يوق.
**
« ئېنتېرنېت»دەپ بىر لىللا باركەن بىزدە ھەر ھالدا،
يازسام زايە بولمىدى،شوڭا پەقەت گىپىم يوق!
*****