nazigul8 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 04:07 PM
1-جى سوئال: سىزچە ھەممە دىگەن سۆز ئالەم دىگەن سۆزنى بى ...
تىمىلارغا ئىنكاس يازمايتىم،بۇ سۇئاللارنى كۆرۈپ ئىنكاس يازغۇم كەپقالدى..
1-ۋە 2- سۇئالغا جاۋاب:- ھەممە يوقىلىدۇ دىگەن سۆزنى بىز مۇسۇلمانلار اللە تەئالانىڭ قۇرئان ۋە ھەدسىلەردىكى خەۋەرلىرى،يەنى‹‹ زىمىن -تاغلار تىتىلىپ ،ئېتىلىپ كەتكەندە››‹‹قوياش نۇرى ئۆچكەندە››‹‹يۇلتۇزلار ئاققاندا››‹‹اللە نىڭ ئەمرى بىلەن سۈر چېلىنىپ پۇتۇن جانلىقلار ئۆلگەندە››‹‹اللە ئەڭ ئاخىرىدا جان ئالغۇچى پەرىشتىنىڭمۇ جېنىنى ئالغاندا››‹‹اللە ئاسمان ۋە زىمىننى پۇرلاپ تۇرۇپ;زالىملار قېنى؟ دىگەندە›› قاتارلىق خەۋەرلىرىگە ئاساسلىنىپ قىيامەت بولغاندا بىز ياشاۋاتقان يەرشارى، ئاسمان ،قوياش،ۋە قانۇنىيەتلىك ھەركەتلىنۋاتقان يۇلتۇزلار سىستىمىسى قاتارلىق بىز كۆرەۋاتقان ، ئالەم تەتىقات ئورۇنلىرى ئەڭ يىقىننى ئالەم ئۇچقۇلىرى بىلەن يىراقلىرىنى ئالەم تىلىسكوپلىرى بىلەن كۆرەۋاتقان ۋە تېخى كۆرەپ بولالمىغان مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يوقىلىشىنى ،بۇزىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،ئاندىن اللەنىڭ ئەمرى بىلەن جانلىقلارغا قايتىدىن جان كىرگۈزۈلىدۇ دەپ قارايمىز.
بۇ يەردە يەنە بىر سۇئال پەيدا بولىدۇ ،قۇرئاندا ‹‹ئالەملەر››دەپ كەلگەن ،ئەگەر اللە بىز ياشاۋاتقان پىلانىتلار ئالىمىدىن ئىنتايىن يىراق بولغان،ئەڭ زامانىۋى تىلىسكوپلار بىلەنمۇ مىليۇنلىغان يىللار كۆزەتسىمۇ كۆرۈش مومكىن بولمايدىغان بىر ئارلىقتا باشقا بىر مىليۇنلارچە يۇلتۇز تۇركۇملىرى بولغان بىر ياكى قانچىلىغان ئالەملەرنىمۇ ھەم ياراتقان بولسىچۇ ؟؟؟؟؟؟؟ئۇنڭدىمۇ تەڭداشسىز زاتنىڭ ئىرادىسى بىلەن يارتىلغان جانلىقلار بولسىچۇ؟؟؟؟؟؟بۇنداق سۇئاللارغا شۇنداق دەيمىزكى بىزگە اللە شۇ توغرىلىق ‹‹بار›› ياكى ‹‹يوق››دەپ خەۋەر بەرمىدى، ھەم بىرىش مەجبۇريىتىمۇ يوق . بىز پەقەت اللەنىڭ سىناق ئۇچۇن يارتىلغان بەندىللىرى،بۇنداق ئىشلارنى، يەنى ‹‹غەيىپلارنى›› پەقەت بىر اللە بىلىدۇ ،دەپ جاۋاپ بىرىمىز.
3-سۇئالغا جاۋاب:4ئەمەس مەيلى قانچىلىك كۆپ دىن بولىشىدىن قەتئىنەزەر اللە پەقەت بىردۇر!!!!!!بىزنىڭ باشقلارنىڭ خاتا كۆزقاراشلىرغا قوشۇلۇش مەجبۇرىيتىمىز يوق! ئادەم ئەلەيھىسالامدىن تارتىپ تاكى مۇسا ،ئىيسا،مۇھەممەد ئەلەيھىسالاملارغىچە پۇتۇن ئەلچىلەر بىر اللە قا ئىشىنەتتى ،بىر اللە قا ئىشىنىشكە چاقىراتتى.
دەسلەپ نوھ ئەلەيھىسالامدىن بۇرۇنراق كىشلەر شۇ زاماندىكى ئوڭ ياخشى كىشىلەر ۋاپات تاپقاندا ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۈرتىنى ،ھەيكەللىرىنى سىزىپ ،ياساپ كىيىن بارا-بارا ئۇلارنى ئۇلۇغلاپ ،ئاندىن ئۇلارغا اللەغا بىزلەرگە قارىغاندا يىقىن دەپ ۋەسىلە -ۋاستە قىلىپ،ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇنۇپ، بۇددا دىنى پەيدا بولغان.باشقا بىر ئىلاھى يوق ئۇلارنىڭ .
ناسارالارمۇ ھەم ئىيسا ئەلەيھىسالامدىن كىيىن ئىنجىلنى ئۆزلىرى خالىغانچە يېزىپ ،ئۆزگەرتىپ ئاخىرىدا ئىلاھى كىتاب ئوخشىمايدىغان60-70 خىل ھالەتكە كىلىپ ،پاك پەيغەمبىرىمىز ئىيسا ئەلەيھىسلامنى اللەنڭ بالىسى دەپ تۆھمەت چاپلاپ ،گۇمان ئىچىدە ئازغۇن بولۇپ ياشاپ كەلمەكتە.ئۇلارنىڭمۇ باشقا بىر ئىلاھى يوق.
باشقا ئىنسانلارغا كەلسەك نۇرغۇنلىغان كىشلەر كالىنى ياكى يىلاننى ياكى ئوتنى ياكى ئۆلۈكنى ياكى ئەجدادلىرىنى،ياكى قەۋرىنى،ھەتتاكى ئەرلەرنىڭ جىنسى ئەزاسىنى ئىلاھ دەپ ئىتقات قىلىدىكەن........مەن شۇلارنىڭ ئاشۇ ئىتقادىنى ئۇلار نەچچەمىڭ كىشىكەن،ياكى نەچچە مىليۇن كىشىكەن دەپ ئىتراپ قىلىش كىرەك ئەمەس!!!!!!
شۇڭا اللە سۇرە ئىخلاستا قەيىت قىلغاندەك پەقەت بىر. تۇغۇلمىغان، تۇغمايدۇ.پەقەتلا بىر!!!
4-سۇئالغا جاۋاب؛ بۈيۈك اللە تۇردىغانغا ھىچقاچان يەتتە قەت ئاسمان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ئورۇن بولسۇن پەقەتلا پەقەت ئىھتىياجلىق بولۇپ باققان ئەمەس، ھەم كىيىنمۇ بولمايدۇ!!!!!اللە قا نىسبەتەن ھېلىغۇ يەتتە قات ئاسمان ئىكەن ،يەتتە قات ئاسمەن-زىمننى بىر تال تەڭگىگە ئوخشاتساق ،ئەرشى كۇرسىنى بىر كۆز يەتكۇسىز چۆللۈككە،سايلىققا ئوخشاتساق ،شۇ تەڭگە تاشلانغان چۆللۈككە ئوخشىتىلغان ئەرشى كۇرسىىغىمۇ ئىھتىياجى يوق. پەقەت ئەڭ ئۈستۈن ئالى ئورۇندا قارار ئېلىش ئۈچۈن ئەرشى كۇرسىدە قارار ئالغان!!! مۇشۇ ھەقتە ئالىملارمۇ ئايرىم ھالدا اللەنى ‹‹ئەرىش ئۈستىدە ئورۇنلاشقان›› دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغانلار ئۈچۈن‹‹ ئورۇنلىشىش››بىلەن ئايەتتىكى ‹‹قارار ئېلىش›› پەرقىنى يەنى ئەرشكە ئىھتىياجلىق بولماستىن ئۇستۇن تۇرۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە چۈشەنچە بىرىشكەن.
اللە زامان ۋە ماكاننى ياراتقۇچىدۇر. شۇڭا زامان ۋە ماكانغا ئىھتىياجى يوق.ئىنسان زامان ۋە ماكانسىز مەۋجۇت بولالمايدۇ.شۇڭا ئىنساننىڭ كاللىسى زامان ۋە ماكاندىن ھالقپ چىقالمايدۇ.
قۇرئان ئوقۇش بىلەن چۈشىنىپ ئوقۇش باشقا گەپ دەپ بەكمۇ توغرا دەپسىز .ھەربىرمىزنىڭ مۇشۇ چۈشەنچىگە كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەڭ ئاددىسى كۈندە نامازغا بىرە قىتىم بولسىمۇ سېلىپ تۇردىغان كىچىك سۈرە سۈرە ئىخلاستەك،
‹‹ئى مۇھەممەد ئېيىتقىنكى ؛ئۇ
اللە بىردۇر››‹‹ئۇ تۇغۇلغانمۇ ئەمەس››‹‹تۇققانمۇ ئەمەس››
كۈندە ئوقۇپ تۇردىغان ئايەتۇل كۇرسى‹‹ئۇنى ئۇيقۇ ۋە مۈگە باسمايدۇ،ئۇ زىرىكىپ قالمايدۇ
ئۇ پۇتۇن نەرسىلەرنى قورشاپ تۇرىدۇ.
ئۇ ھىچنىمىگە مۇھتاج ئەمەس!!!!!!
ھەممىمىز ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا زىھنىمىز بىلەن ئوقۇساق ئاندىن اللەنى ،دىنىمىزنى ياخشىراق چۈشىنەلەيمىز.