پارچىلار(4)
ساختىلىقتىن ھەر ۋاقىت قىلغىن ھەزەر ،
ساختىلىق ئۇ ، تولىمۇ ئۆتكۈر زەھەر .
ساختىلىققا باغلىنىپ قالساڭ ئەگەر ،
تەغدىرىڭدىن سۆز ئاچما ھالىڭ خەتەر .
* *
كۈن ئۆتۈپ ئاي بولىدۇ ، ئايلار ئۆتۈپ يىل
كۈن ، ئاي ،يىللار ئۆمرۈڭنىڭ ئوغرىسىدۇر بىل .
ئويناپ ، كۈلۈپ بىھۇدە ئۆتمىسۇن ۋاقتىڭ ،
ئەل- ۋەتەنگە پايدىلىق بىرەر ئىشنى قىل .
* *
ئادەمدە بولمىسا ۋىجدان ۋە غۇرور ،
ھايۋاندىن ھىچقانچە پەرقى يوق بولۇر .
ھايۋاندىن پەرقى يوق ئۇنداق ئادەمنىڭ ،
قانداقمۇ ئىناۋات ، ھۈرمىتى بولۇر .
* *
بىلىمسىزلىك - ئۇ سىنى قىلىدۇ قۇل ،
ئايالىڭ يا ئېرىڭنى قىلىدۇ تۇل .
خالىمىساڭ قۇل ياكى تۇل بولۇشنى ،
كىچە- كۈندۈز تىرىشىپ بىلىملىك بول .
* *
ئامىتىڭنىڭ بارىدا ھەممە سىنى ۋاي دەيدۇ ،
ئات ، ئىشەك ھەم كالاڭنى ئاسماندىكى ئاي دەيدۇ
سەندىن كېتىپ شۇ ئامەت، كەلسە ئەگەر بىر كۈنلەر،
ئەۋرەزدىكى كېرەكسىز چىرىپ كەتكەن لاي دەيدۇ .
مەنبە : ئۆزۈم ( ئالىم ئىلى لۈكچۈن )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-17 06:46 PM