ئالەمنىڭ قاراڭغۇ يۆزى
The dark side of cosmology
宇宙的黑暗面
http://phys.org/news/2015-03-dark-side-cosmology.html
يۇقۇرقى تېمىدا:
قاراڭغۇ ماددا، قاراڭغۇ ئىنىرگىيەگە ئالاقىدار بايقاشلارنىڭ مۇنازىرىدىن خالى بولالماي كېلىۋاتقانلىغى،ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ سەۋەپكارى قاراڭغۇ ئىنىرگىيە دىگەن بۇنداق چۈشەندۆرۆشنىڭ قىيىنچىلىققا مۇپتىلالىغى.ھازىر نۇقۇل كۆزۆتۈشنىڭلا كۇپايە قىلمايدىغانلىغى،يېڭى بىر فىزىكا نەزەريىسىنىڭ،تارتىش كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەزەريىنىڭ لازىملىغى،يەنى يېڭى ۋە چوڭقۇربولغان كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق بۇ قىيىنچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش لازىملىغى قاتارلىقلارئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.
مىنىڭ قارىشىمچە نۇۋەتتىكى بۇ قىيىنچىلىقلارنى نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئىدىيىۋى رامكىلىرىنى كېڭەيتىش،چوڭقۇرلاشتۇرۇش،ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.پەقەت نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ.مەن بۇ ھەقتە ئالاقىدار يازمىلىرىمدا توختالغان.بۇ قىيىنچىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۆرگەن نەزەريە دەل نىسبىلىك نەزەريىسى.بۇ نەزەريىنىڭ زامان-ماكانغا ئالاقىدار پىرىنسىپال ئىدىيىلىرىدىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپ،بۇ قىيىنچىلىقلار ھەل بولمايدۇ.ئۇلاردىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغان نەزەريىنىڭ يەنە نىسبىلىك نەزەريىسى بولۇپ قىلىشىنى ياكى شۇنداق ئاتىلىشىنى پەرەز قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.فىزىكىنى ئىسلاھ قىلىنغان نىيوتۇن مېخانىكىسى ئاساسىدا بىرلەشتۆرگىلى،قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.شەكىل نەزەريىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئويلاشقان ئىدىيىۋى لايىھىسى ۋە ئالاقىدار تەجىربە نەتىجىلىرى بار.
ئەگەر بىز ئېغىرلىقنى جىسىم ئۇزىگە خاس بولغان،تارتىش كۈچى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان مىقدار دەپ قارىساق،نەزەريىۋى جەھەتتىن ئالەمنىڭ تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كېڭىيىشىنى قاراڭغۇ ئىنىرگىيەسىزمۇ چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى بولىدىغان بىر تەپەككۆر ئىمكانىيىتىگە ئىرىشىمىز.بۇ بەكمۇ ئاددى لايىھە.يەنى، ئالەم جىسىملارنىڭ-ماددىنىڭ ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىشى بىلەن كېڭىيىۋاتىدۇ.
ۋاڭ ياپىڭنىڭ ئالەم بوشلىغىدىمۇ يەر شارىدىكىدەكلا 74كىلوگىرام كېلىشى بۇنداق قاراشنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنىڭ تەجىربىۋى ئاساسى.
بۇ ھالدا يەنە،ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
______ قاسىم سىدىق
2015.3.6
قاسىم سىدىق:چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-7 12:25 PM