akkani يوللىغان ۋاقتى 2015-2-19 10:30 AM
تېخى لايىق ئەمەسمەن،
«شائېر»دىگەن ئاتاققا.
ھەۋەسكار د ...
چىنلىق بىلەن ساختىلىق ئارلىشىپ كەتكەن بۇ رىئاللىقتا دېگىنىڭىزمۇ ئاساسىي بار.
لېكىن مېنىڭ نەزىرىمدە سىز بىر ياخشى شائىر.
يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى يىغىنىغا قاتناشقان ئاز ساندىكى يازغۇچى-شائىرلار بىلەن قىسقىغىنە سۆھبەتتە بولدۇم. 4 پارچە شېئىرى ئېلان قىلىنغان كىشلەرمۇ مۇشۇ داڭلىق جەمئىيەتنىڭ ئەزاسىكەن. ھەممىسى مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئىچىدە بولۇنغان ئىشلاركەن. لېكىن مەن بۇنداق چەمبىرەك ئىچىدە ياشاشنى خالىمايمەن.
ھەققانىي ئاكا:
سىز بۇرۇن مېنىڭ «ئۇكام››تىڭىز،(سىزنى بىلمىگەن چاغلاردا كورلا قارا شەھەردىكى ئىنىم دەپ ئويلاپتىكەنمەن.). ھازىر ئاكام بولدىڭىز. يېزىڭ ، داۋاملىق يېزىڭ! مەن سىزنى قوللايمەن. مەدەت بېرىمەن.
راست. ئالدىنقى ئايدا كەلپىنگە بارغىنىمدا سىز بىلەن دىدارلىشىشنى ئويلاپ تېلېفۇن قىلسام ئۇلانمىدى.(تېلېفۇنىڭىز ئىتىككەن. ئىككىنچى قېتىم بۇنداق ئىش سادىر بولمىسۇن!)
سىز ئاقسۇغا كېلىپ مېنى تاپالماي، مەن كەلپىنگە بېرىپ سىزنى تاپالماي، مۆكۈشمەك ئويناپ يۈرسەك قاملاشمايدىغۇ دەيمەنغۇ ئۆزۈمچە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-19 01:43 PM