تىزلىنىشچان سېستىما:
"غەيرى ئىنىرىتسىيىلىك پايدىلىنىش سېستىمىسى"دەپمۇ ئاتىلىدۇ.نىيوتۇننىڭ بىرىنجى ھەركەت قانۇنى كۈچكە ئىگە بولمايدىغان پايدىلىنىش سېستىمىسى.مەسىلەن،يەرشارى ئۇز ئوقىدا ۋە قوياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ.قاتتىق تەلەپ بويىچە ئېيتقاندا ئۇ تىزلىنىشچان سېستىما بولۇپ،نىيوتۇننىڭ بىرىنجى،ئىككىنجى قانۇنلىرى يەرشارىغا نىسبەتەن تولۇق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ....(ف ل 305-بەت).
تىزلىنىش:
جىسىم ھەركىتىنىڭ تىزلىكى ۋە يۆنىلىشىنىڭ ۋاقىتقا نىسبەتەن ئۇزگىرىشچانلىغى....(ف ل 305-بەت).
ئىنېرىتسىيىلىك پايدىلىنىش سېستىمىسى:
قىسقارتىلىپ"ئىنېرىتسىيىلىك سېستىما"دەپمۇ ئاتىلىدۇ.نىيوتۇننىڭ بىرىنجى ھەركەت قانونى كۈچكە ئىگە بولىدىغان پايدىلىنىش سېستىمىسى.نىيوتۇننىڭ ئىككىنجى ھەركەت قانونىغا مۇناسىۋەتلىك تەجىربىلەرئىنېرىتسىيىلىك سېستىمىدا ئىشلىنىدىغانلىقتىن،ئۇمۇ پەقەتلە ئىنىرىتسىيىلىك پايدىلىنىش سېستىمىسىدىلا قوللۇنۇلىدۇ....(ف ل 1190-بەت)
___________
نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنى تېزلىنىشچان سېستىمىدىمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.بۇنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن 1-قانۇننىڭ مۇپەسسەل بايانىنى كۇرۆش كىرەك،مانا:
ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۇقۇرى - تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.
ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن«تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 01:03 PM