pinhan1122 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 06:28 PM
مەن پەقەت چۈشۈنەلمىدىم
چۈشەنمىگۈدەك يەرلىرى يوقكەن.
ھەم تېخى ھەقىقى ئۇيغۇر تىلىكەن . ۋەقەلىك مۇنداقكەن.
ئا كەپكە شەپەك كىيۋالغان بالاڭزا ئاق چىكىدىكەن . فىلىم باشلىنىپلا ھىلىقى بالاڭىزنىڭ خۇمارى يامان تۇتۇپ كىتىپ ئاق سېتىۋىلىشنىڭ خىيالىنى قىلىۋاتقاندا ئۈستەلدە تۇرغان ئون يۈۋەن پۇلنى كۆرۈپ بۇ پۇلغا خۇمارنى باسقۇدەك ئاق كەلمەيدىغانلىقىنى زادى قانداق قانداق قىلىپ يىتەرلىك ئاق سېتىۋالغۇدەك پۇلنى تىپىشنىڭ خىيالىنى قىلغاچ كۆزىنى ئۈستەل ئۈستىدىكى ئون يۈۋەن پۇلدىن يۆتكەش جەراياندا پىچاققا دىققىتى ئاغدۇرۇلدى . ئويلنىپ-ئويلىنىپ كاللسىغا توساتتىن شۇ پىچاق بىلەن بىرەسىنى بۇلاپ پۇل تىپىش ئىستىكى قوزغىلىپ شۇ مەقسەت بىلەن ئاۋۇ كىتاپ ئوقۇۋاتقان قىزىل پاختا چاپان كىيۋالغان قىز بالىنىڭ ئۆينى نىشان قىلىپ ئىشگىنى چەككەن ئىدى. ھىلىقى كىتاپ خالتىسى قىز كىتاپنى تولا ئوقۇپ ھەممە يىرى غىچلا بىلملىك بولۇپ كەتكەچە . ھىلىقى پچاق كۆتۈرۋالغان بالاڭىزنىڭ قولىدىكى پىچاقنى ۋە ئۇ بالاڭىزنىڭ چىرايىدىكى شۈملۈقنى كۆرۈپلا يامان غەرەز بىلەن كەلگەنلىكنى سېكىنۇت ئىچىدە ھىس قىلىپ روبىرو تۇتۇشسا ھاياتىغا خەۋەپ يىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇ بالاڭىزنى ئالداش ئارقىلىق يولغا سىلىشنى پىلانلاپ پىچاق ساتامسىز ؟ دىگەچ ئۆيدە ھىچكىم بولمىسمۇ ھەي تۈرە ئورنىڭدىن قارا باشقىلار شۇنداق تىرىشچانكەن سەندەك ئۇخلاپ يەتمەيدىكەن . بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ پۇل تاپىدىكەن .....سەن ھىلى ئۇخلايسەن . ھىلى خالتا مۇشلايسەن ...دىيىش ئارقىلىق ھىلىقى بالاڭزىغا ماڭا چىقىلما ! چىقىلىپ قالساڭ مىنىڭ يولدۇشۇم كۈندە چىنىقىپ تۇرۇۋاتقان ئادەم ...بۇرنىڭنى ئىزىپ پۇت-قولۇڭنى سۇندۇرۇپ يولغا تاشلاپ قويدۇ ! دىگەن بىشارەتنى بەردى. ھىلىقى بالاڭزا ئۇ ئۇ قىزىل چاپان قىزنىڭ يالغان سۆزىگە ئىشىنىپ قورۇقۇپ قىلىپ ھىلىقى قىزنىڭ پىچاق ساتامسىز دەپ چىقىرىپ بەرگەن پاستىن پايدىلنىپ ھەئە شۇنداق دىيىش ئارقىلىق مىنۇت ئىچىدە تىجارەتچىگە ئايلىنىپ يامان غەرەزدە قىلماقچى بولغان ئىشتىن ۋاز كىچىپ قىزنىڭ پىچاققا بەرگەن 50 يۈۋەن پۇلىنى ئىلىپ پۇلغا مۇنداق بىر قاراپ بۇ پۇلغا ئۆزىگە يىتەرلىك مىقتاردا ئاق كىلىدىغانلىقىنى غۇۋا ھىس قىلدى ....دەل مۇشۇ يەردە فىلىم تۈگۈدى .
...ھىلىقى بالاڭزا يامان غەرەزدە ئۆزىنىڭ ئائىلىسى تۇرشلۇق ئائىللەر رايۇنىدىن چىقىۋاتقاندا فىلىمدە كۆزگە ئالاھىيدە چىلىقىدىغان قىزىل لىنتا ۋە توسۇق خادا ....ھىلىقى بالاڭزىنىڭ ھاياتلىق يولىدا چەكلەنگەن چىگرادىن ئۆتمەسلىككە قىلىنغان سىموۋىل سۈپۈتىدە چىقىرىلىپتۇ .
...ھىلىقى بالاڭزا تۇرۋاقتان ئۆينىڭ زىننىتى ئالاھىيدە ئېسىل بولۇشى ئۇ ئائىلىنىڭ باي ئائىللەردىن ئىكەنلىگىنى. بالاڭزا ئائىلىسىنىڭ بايلىقدىن ۋە ئەتىراۋلىق يالغۇز ئوغۇل .... ئاق چىكىشكە ئۈگۈنۈپ قىلىش....ئۈستەلدە ئون يۈۋەن پۇلنىڭ قويۇپ قويۇلۇشى .... ئۇ بالاڭزىنىڭ ئاتا-ئانىسى كۈندە تىجارەت بىلەن سىرىتقا چىقىپ بالىغا كىچگىدىن باشلاپ كۆز-قۇلاق بولۇپ بولالماي كۈندە دىگۈدەك كۈندۈلۈك تەمىناتىقا چىقىش قىلغۇدەكلا پۇلنى كۆزگە چىلىقىدىغان يەرگە قويۇپ قويۇپلا چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى... بالىسنىڭ تەربىيە قىلىدىغانغا ئاتا-ئانىسى كۈندە يىنىدا كۆز-قۇلاق بولۇپ بولۇپ بولالماسلىق سەۋەپلىك ئۇ بالاڭزا يامان ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ ئاق چىكىشنى ئۈگۈنۈپ قالغانلىقىنى كىيىن ئاتا-ئانىسى بالىسنىڭ چىكىدىغانلىقىنى سىزىپ قالغانلىقىنى . تەربىيە قىلاي دىسە ئاللىقاچان كىچىكەنلىگىنى ....بالىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن جىقراق پۇل بەرسەك ئاق ئىلىپ چىكىپ قالمىسۇن دەپ پەقەت شۇ بىر قاچا ئادەتتىكىدەك تاماق كەلگۈدەك پۇلنى قويۇپ قويۇپ چىقىپ كەتكەنلىگىنى ....شۇ ئون يۈۋەن پۇلدىن بىلۋىلىشقا ئىشارە قىپتۇ .
دىمەك كىتاپنى كۆپ ئوقۇسا ئادەمنىڭ بىلىملىك بولۇپ قالدىغانلىقىنى . ئاشۇنداق پىچاق. چەيدۇ ...لاردىن ئىبارەت خەتەرلىك قوراللار ئالدىدا ئاشۇ كىتاپتىن ئالغان بىلىم بىلەن جىنى قوتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ھەممەيلەننىڭ ھىلىقى قىزىل پاختلىق چاپان كىيۋالغان قىزدەك ھارماي-تالماي تاكى بىرسى ئىشىكنى چەككۈچە مىدىر-سىدىر قىلماي كىتاپ ئوقۇغۇنىدەك كىتاپ ئوقۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە . يەنە بىرسى نادان ياشلارغا پىچاق . چەيدۇ ....قاتارلىقلارغا ئوخشاش ھەر قانچە خەتەرلىك ھەر قانچە قورقۇنۇشلۇق قوراللارنىڭمۇ 100 نەچچە بەتلىك كىتاپچىلىك قۇدۇرتى يوقلىغىنى . بۇندىن كىيىن ئادەم بۇلىماقچى ....يامان ئىش قىلماقچى بولغانلارنىڭ پىچاق...ئىشلەتمەي پىچاق ئورنىغا كىتاپ ئىشلەتسە پىچاقتىن...يامان كارغا كىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەك ئۈچۈندۇر
كىچىككىنە فىلىمنىڭ مەزمۇنى چۇۋىسام نىمانچە كۆپ مەزمۇن چىقىپ كەتتى ھەي ئۇف !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-20 10:37 PM