قەشقەر دېسەم...
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
«قەشقەر» دېسەم، بال تامىدۇ تىلىمدىن،
چۆمۈلىمەن ئالەمچە كەڭ غۇرۇرغا.
«قەشقەر» دېسەم، ئۇرغۇپ سۆيگۈ دىلىمدىن،
يامراپ كېرەر قىيان ھەر بىر تومۇرغا.
«قەشقەر» دېسەم، پۇلاڭلايدۇ ئاق بىلەك،
كېتەر ئويناپ يۈرەك، يايراپ تەنلىرىم.
«قەشقەر» دېسەم، ئېرىپ تېنىم سىمابتەك،
بولار چەكسىز كېڭەيگەندەك ئەنلىرىم.
«قەشقەر» دېسەم، ئانام قۇچاق ئاچىدۇ،
قۇلان تايدەك سەيلە قىلىپ يايرايمەن.
«قەشقەر» دېسەم، گۈللەر پۇراق چاچىدۇ،
بۇلبۇل بولۇپ ئىشقىدا شاد سايرايمەن.
«قەشقەر» دېسەم، تولۇپ كۆزۈم پاك نۇرغا،
تۈس بېرىدۇ قۇياش ئاپپاق تېڭىمغا.
«قەشقەر» دېسەم، چىلگە پۇراپ بۇرنۇمغا،
ئىشىك ئاچار گۈزەل باغلار ئېڭىمغا.
«قەشقەر» دېسەم، ئۇسسۇلۇقۇم قانىدۇ،
سۈمۈرگەندەك مۇز دۇغ ھېجىر چىنىدە.
«قەشقەر» دېسەم، يۈرەكتە ئوت يانىدۇ،
يارغا يانداش يۈرگەندەك تۈن- كېچىدە.
«قەشقەر»دېسەم، خىيال قۇشۇم شۇڭغۇيدۇ
يىراق ئۆتمۈش پايانىغا پەر قېقىپ.
«قەشقەر» دېسەم، ئىسسىق قېنىم ئۇرغۇيدۇ،
سۆيۈشكەندەك يار لېۋىگە لەۋ يېقىپ.
«قەشقەر» دېسەم، ئۇرغۇپ چەكسىز ئىپتىخار،
كۆز ئالدىمدا تۈمەن دوپپا ئاقىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، كېلىپ ئالەم ماڭا تار،
ئىلھام قۇشى باشتا قانات قاقىدۇ...
«قەشقەر» دېسەم، تەڭدىشى يوق بىر مۇزېي
ماڭا قاراپ كۈلۈپ قۇچاق ئاچىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، ئىقبال تىلەپ مەھمۇدتەك
تالاي ئالىم يولۇمغا نۇر چاچىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، ۋاراقلىنىپ تارىخىم،
مەدەنىيەت گۈللىرى ھىد چاچىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، جىلۋىلىنىپ ئارخىپىم،
كۆز ئالدىمدا نۇرانە يۈز ئاچىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، ئايان بولۇر ھېيتگاھتەك
مېمارچىلىق سەنئىتىنىڭ گۈلتاجى.
«قەشقەر» دېسەم، بۇ قەدىمىي بازارنىڭ
كۈلۈپ باقار بۈگۈنكى ئۇز راۋاجى.
«قەشقەر» دېسەم، جانغا راھەت بېغىشلار
كىچىكىمدە سۈمۈرگەن خۇش ھاۋاسى.
«قەشقەر» دېسەم، قۇلىقىمغا ئۇرۇلار
دۇتارغا جور بۇلبۇللارنىڭ ناۋاسى.
«قەشقەر» دېسەم، «شادىيانە»، «تاشۋاي»دەك،
سىرلىق كۈيلەر دولقۇنىدا ئاقىمەن.
«قەشقەر» دېسەم، مىسلى ئوۋچى بۈركۈتتەك،
ئاسمىنىڭدا ئەركىن قانات قاقىمەن.
«قەشقەر» دېسەم، لەۋلىرىمنى تامشىيمەن،
جان ئانامنىڭ كۆكسىدىن سۈت ئەمگەندەك.
«قەشقەر» دېسەم، خۇشاللىقتىن لۆمشىيمەن،
جانانىمنىڭ ۋىسالىغا يەتكەندەك.
«قەشقەر» دېسەم، دىلنى شادلىق قۇچىدۇ،
قېرىنداشلار كېرىشكەندەك كەڭ قۇچاق.
«قەشقەر» دېسەم، ئەقلىم ئۇيۇپ قاتىدۇ،
پولاتنى چىڭ تاۋلىغاندەك پىچ- ئوچاق.
«قەشقەر» دېسەم، يېڭى سىيىت نوچىلار
كۆكرەك كېرىپ دۈشمەنگە تىك باقىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، نۇزۇگۇمدەك جانانلار
ياۋ بېشىدا ئۈچكە، ياڭاق... چاقىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، مىسلى ئۆركەش بۇلاقتەك،
يۈرىكىمدىن پۈتمەس سۆيگۈ تاشىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، ئىرادەم شاش ئۇلاغدەك،
تالاي قىيىن ئۆتكەللەردىن ئاشىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، گويا «ئانا» دېگەندەك،
تەن- ۋۇجۇدۇم پۈتمەس كۈچكە تولىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، يايراپ ھەسەل يېگەندەك،
قولۇم ئۇزىراپ، توققۇزۇم تەل بولىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، ئوت ئالىدۇ يۈرىكىم،
ئاشۇ ئوتنى سەمەندەردەك سۆيىمەن.
«قەشقەر» دېسەم، ھاسىل بولۇپ تىلىكىم،
يېڭى ئارمان ئوتلىرىدا كۆيىمەن.
«قەشقەر» دېسەم، كاتتا شەرەپ قۇچقاندەك،
ھاياجاندىن قىن- قىنىمغا پاتمايمەن.
«قەشقەر» دېسەم، قانات قېقىپ ئۇچقاندەك،
ئىلگىرىلەيمەن، چۈش ئىلكىدە ياتمايمەن.
«قەشقەر» دېسەم، چۇلغاپ ئوتلۇق ھاياجان،
كۆڭۈل بېغىم سەرخىل گۈلگە تولىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، تارقاپ قارا چاڭ- تۇمان،
قەلبىم كۆكى سەييارىگە تولىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، تومۇرۇمدا ئۆركەشلەپ
مۇھەببەتنىڭ سەل- قىيانى ئاقىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، مېنى ھامان شەرەتلەپ
يۈرىكىمگە ئارمان ئوتى ياقىدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، خىزىر سۈپەت بىر بوۋاي،
مېھرى بىلەن باشلىرىمنى سىلايدۇ.
«قەشقەر» دېسەم، كەل مۇساپىر بالام، دەپ،
كېچە-كۈندۈز ئۆز باغرىغا چىللايدۇ...
دېمەك، ئۆزۈم ئۆزگە يۇرتتا يۈرسەممۇ،
قەشقەر، ساڭا سۆيگۈم سۇدەك ئاقىدۇ.
زىكرى قىلىپ مەڭگۈ ئۇلۇغ نامىڭنى،
خىيال قۇشۇم كۆكىڭدە پەر قاقىدۇ.
( «قەشقەر» نىڭ 2009- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-24 01:15 PM