xamxar114 يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 11:27 PM
ھەقىقەتەن ئىچىڭز كەڭرى ئادەمكەنسىز. ئۆزۈملا بىلسەم ب ...
قانچە يىلدىن شارائىتىمىز ياخشى بولمىغاچقا تەبئى پەنلەردە بەك چىكىنىپ كەتتى. شارائىتى سەل ياخشىلانغالار ئەۋجىگە چىققان قاتار چايغا يىتىشىپ مىڭىشى كېرەك، يەنە ئازراق ياخشىلانغانلار ماشنا سىتىۋالمىسا تىخى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتىۋارلىق بالىلار تۇپىغا يىقىنلاشسىمۇ بولمايدۇ. دائىم ئۇنى قىلما، بۇنى قىلما دەپ چەكلەپ تۇرغاچقا باللېرىمىز ئوينايدىغان ئۇيۇنلارمۇ ئاز...
مەن يوللىغانلېرىمغا كەلسەك كۈپىنچىسى بىزنىڭ بۇ يەرلەردە مۇرەككەپ تۇيۇلغان بىلەن دىڭىز ياقىلېرىدا ‹‹مەن تېخنىك›› دىيەلىگۈدەكلەر ئۈچۈن ئاممىۋى بىلىم ھىساپلىنىدۇ، خەنزوچە چ چ توپى ۋە مۇنبەرلەردە ھەر كەسىپلەر بۇيىچە مۇنازىرە قىلىش دائىملىق ئىش.
تەرەققى قىلغان ئەللەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا 60-70-يىللاردىكى ئىشلار، نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى تېخنىكىسىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرگە يەككە ئۈزەكلەر ئارقىلىق كود يىزىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇدىغان قىلىپ كىرگۈزىدۇ.
ئەمما ھازىر يەنىلا تەدرىجى تەرەققىياتنىڭ ئىزنالېرى بار بولغاچقا يىتىشۋىلىش پۇرسىتى بار، ئەگەر 2050 يىللېرى تەرەققىيات ئۇ بۇلىدۇ، تەرەققىيات بۇ بۇلىدۇ دىگەندەك دەۋىرلەرگە يەتكەندە بەزى دۆلەتلەر 0دىن باشلاپ تەرەققىياتقا يىتىشىمەن دىسە ھازىر ئىشلىتىدىغان نۇرغۇنلىغان ئۇششاق يەككە زاپچاسلار يوق ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويسا شۇ تەرەققى قىلغان ئەللەر بەرمىسە بىر دانە توك مەنبەنى ياساپ چىقىشمۇ بەك تەسكە تۇختايدىغان بۇپ قالىدۇ.
بىزنىڭ بۇ يىزىقنى بىزدىن باشقا ئادەم تۇنىمىغاندىكىن، بىلگىنىمچە يىزىپ قۇيۇشۇمدا ئۇرۇغ-تۇققان، قۇلۇم قۇشنىلېرىمدىن باشقا ئۆزەمنىڭمۇ بالام بار، كىيىنكى ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ياخشى بولسا شۇ باللارمۇ تىخىمۇ ئىلگىرلەپ بىلىم ئىگەللەشكە ۋە ئەمىلى كۈچى ئارقىلىق زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرۇپ ئويلىغىنىنى ئئىشقا ئاشۇرۇپ ياشىيالىسىمۇ ياخشى دەپ ئويلىدىم. ھىچ بولمىسا باللېرى سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە ئەسقىتىپ قالسىمۇ ھىساپ...