|
|
|
|
ئوغلۇمغا
بىزمۇ ئىدۇق بىر چاغلار ساڭا ئوخشاش ئوت يۈرەك . بىجىرىم ھەم ساق ئىدۇق ، كۈچلۈك باتۇر ،توم بىلەك .
شۇ چاغلاردا باشقىلار ، دەيتى بىزنى پەقەت بىر . ئۆزىمىزمۇ شوق ئىدۇق ، چېپىشاتتۇق قىرمۇ-قىر .
ئويۇن دىسە قالمايتتۇق ، يېزا-قىشلاق ئارىلاپ . تاڭ ئاتقۇچە ياتمايتتۇق ، توخو –كەپتەر ئوغۇرلاپ .
ئىچىۋالساق يۈز گىرام ، ھۆركىرەيتتۇق شىر كەبى . ئۇچراشقانغا مۇشت ئېتىپ ، قىلىقلىرىمىز بەك بەلى .
مانا ئەمدى قېرىدۇق ، كۈچ يەتمەيدۇ ھىچ ئىشقا . گۆش يىسەكمۇ سانجىلار چۈشۈپ كەتكەن بۇ چىشقا .
قېرىغاندا ئېلىشقا ، پۇشايمانغا چىنە يوق . ئەل-جامائەت ئالدىدا ، بولدى يۈزىمىزمۇ پوق.
شۇڭا ئوغلۇم قۇلاق سال ، مەندىن ساڭا نەسىھەت . مەن قىلغاننى سەن قىلما ، قىلساڭ بولۇر بەكمۇ سەت.
ئالىم ئىلى ( لۈكچۈن ) ئۆز قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا borkut- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 10:21 AM
|
|
|
|
|
|