ئۆزىنى بەزلەش
ئىشىق ئۇ بىراۋغا باغلىش چېغى ،
كۆڭۈل دەپ بارىڭنى بەرمىسەڭ تېخى.
چۈشەنسە قەلىپنى ئۇنىسى مەيلى ،
گەر خازان بولسىچۇ مۇھەببەت بېغى .
مەن شۇنداق بەندىمەن ئاشىق مىسالى .
مۇھەببەت بابىدا ھەتتا زىيالى.
شۇندىمۇ كۆڭۈلنى شاد دەپ يۈرىمەن،
بولسىمۇ ئاشىقىم شۇنچە خىيالى .
كۆڭۈلچەك كۆڭۈلنىڭ بىر يېرى ئوچۇق،
شۇ سەۋەپ ھەمىشە يۈرەكلەر پۇچۇق.
ئاشىقلىق روھىمنى قىلغاچقا قامال،
سۆيۈشۈم روشەندۇر سۆيۈلۈش تۇتۇق.
قول بەردىم بىر ئۆمۈر تۇتۇپ ماڭاي دەپ،
گۈل بەردىم دەردىنى يۈتۈپ ماڭاي دەپ.
توۋا مەن شۇنچىلىك گول بىر بەندىمەن ،
پۇل بەردىم كۆڭلىنى ئۇتۇپ ماڭاي دەپ .
كىم دەيدۇ تۆمۈرنىڭ ئېرىشى قىيىن ،
كۆڭۈلمۇ بىر كۈنى يۇمشىشى مۇمكىن .
ئۆتمەكتە كۈنلىرىم بەزلىنىش بىلەن ،
سۆيەرمەن ئۇ كۆڭۈل بەرمەسكەن لېكىن .
ئەپچىلەم ئىجادىيىتى