ياخشىمۇ
(يازغۇچى،شائىر ئابدىقادىر سادىر ئاكىغا )
تۆتتاش
ئەي ئاكا،نەھالىڭىز؟تەنلەر سالامەت ياخشىمۇ؟
ئۆيدە جىمجىت ئولتۇرۇپ سۈرگەن ھالاۋەت ياخشىمۇ؟
ھەركۈنى مۇنبەردە كۈتسەم كەم دىدارغۇ ئەمدى سىز ،
يا قەلەمدىن ياتلىشىپ تاپقان دارامەت ياخشىمۇ؟
يۈردىڭىزمۇ باغچىلاردا جۈپ بولۇپ رەنا بىلەن؟،
ئاخشىمى بەزمە ئارا يىگەن زىياپەت ياخشىمۇ؟
تەلپۈنۈپ جۇتتا باھارغا، تۇرنىلارغا جۇر بولۇپ،
گۈلچىمەن باغلار ئارا سەيلى- ساياھەت ياخشىمۇ؟
نە سەۋەپ بولدى ئاكا، تەنھا كىيىكتەك يۈرگىلى،
يا دېڭىزنىڭ تەكتىدىن تاپقان تاپاۋەت ياخشىمۇ؟
قايدا يۈرسەم نەزمىڭىزنى سېغىنىپ ياد ئەيلىگەچ،
ئەنسىرەپ قالدىم بورۇنقى ئوت- ھارارەت ياخشىمۇ؟
قالدى تۆتتاش ئىنىڭىز ئاھ كۈيسىراپ، نەزمەسىراپ،
نەزمىگە ئاشىق يۈرەكتە چىن ماھارەت ياخشىمۇ؟
توقسۇ