مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 20

مەن بىر تۈپ شېئىر دەرىخى(شېئىرلاردىن پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

mmexport1413286156460.jpeg


ئىشلىتەلمىگەن بىلىم

(نازىگۈل)


بىلىم باردۇر كىتاپ ئىچىدە،

ئەتراپىمدا،

تەبىئەتتە.

گەر ھالقىسا

كىتاپلاردىن ئىدىيەم،

قاقسا يەنە ئەركىن قاناتلار،

بەك ئىشىنىمەن

بىلىم كۈچ دىگەنگە.

***

لېكىن مەن تېخىچە

كىتاپ ئىچىدە.

***

ئىسمىم يەنە كىتاپ خالتىسى.

كىملەر قولىدا ھەقىقەتنىڭ پالتىسى؟!

تەنلەر ئېغىر،

روھىيەت يېنىك.

تەمتىرەشتە نىشان يىراق،

يەلكىدە سېلىق.

***

مەن كېتىمەن

ئاستا-ئاستا

ئايلىنىپ توپىغا.

***

كېتىمەن يەنە

ئايلىنىپ،

نامسىز ئاسارە-ئەتىقىگە،

تارىخىمنى يېزىپ قۇم ئۈستىگە.

***

يا بەلكىم

ئايلىنىمەن بىر تال ئۇرۇققا،

كۈن چىققاندا،

كۆكلەش ئۈچۈن

قايتا

سۇسىز قۇملۇقتا.

mmexport1415814994073.jpeg

a3.jpg


***


``63.jpg

مەكتەپ ئىچىدىكى ھاياتلىق


مەكتەپ قوينى بەك ئاۋات

بېرىپ تۇرار ھەر ساۋات.

***

مەكتەپ ئىچىدە

كۆرۈپ تۇرىمىز

ھەرخىل چىرايلارنى.

***

سۈرۈپ تۇرىمىز

ھەرخىل خىياللارنى.

***

ئۈگۈنۈپ تۇرىمىز

ھەر خىل بىلىملەرنى.
***

تىكلەپ تۇرىمىز

ئۈمىد-ئارزۇ

غايىلارنى.

***

شۇڭا

كۈندە يوقلاپ تۇرىمىز

تۆت چاسا سىنىپ،

تۆت چاسا پارتىنى.

***

كۈندە سېرىپ تۇرىمىز

سۇ قاچىلانغان،

تاماق قاچىلانغان،

نام-ئابروي قاچىلانغان،

تۆت چاسا كارتىنى.

***

بىز ياشايمىز رامكا ئىچىدە،

تۇغۇلۇپلا

تۆت چاسىغا

كىرىش ئۇدۇمدەك.

غايە ئىسىل

چېپىش دۇلدۇلدەك.

***

بىز ياشايمىز كارتا ئىچىدە،

رامكا ئىچىدە...

چۈنكى

ياخشى خىزمەت دېپلوم ئىچىدە.

ھەممە ھەممە تۆت چاسا ئىچىدە.

``74.jpg





مەن بىر تۈپ شېئىر دەرىخى


مەن بىر تۈپ شېئىر دەرىخى

تۆت پەسىلدە ياپ-يېشىل تۇرىدىغان.

يوپۇرمىقىم مېھىرلىك مىسرا،

يىلتىزىم مۇھەببەتتىن سۇغۇرۇلغان.

a1.jpg

******



تۈنۈگۈننى ئۇزۇتۇش


تۈنۈگۈن شادلىققا تولغان،

ئازابمۇ يانداش.

***

مەن تېخىچە

تۈنۈگۈن ئىچىدە.

***

ئاۋارىمەن

يۇلتۇز بېقىپ كېچىدە.

***

ئۇزاتقۇم بار تۈنۈگۈنىمنى،

چۆكۈپ تۇرۇپ

بۈگۈن ئىچىگە.

***

ئارمانلىرىم

قەدەم ئالسا ئەتە ئورنىغا،

ئىشەن،

مەن پارتلايمەن

چوقۇم ئەتىدە.

پارلاپ چىققان قۇياش چېھرىدە.

q11.jpg


مەنبە: ئەركىن خىياللىرىمنىڭ يېڭىياچى تەرمىلىرىدىن پارچە.

2015.3.6

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 02:35 PM  


mmexport1417658144532.jpeg
پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 2363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9009
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3401 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 02:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ خىل شېئىر شەكلى مېنى قىززىقتۇرىدۇ،بەلكىم يازالمىغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق قىززىقتۇرامدىكى ئۇقمۇدۇم.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق،تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن قېرىندىشىم.

مەن قۇرغان نەزەرباغ تور بىكىتى !www.nazarbah.com

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 02:06:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام تورداشلار بۈگۈن مەن سەلەرگە ئىنتىرنېت تورىدىكى بارلىق ناخشا كېنو فىلىملەرنى بىمالال چۈشۈرۈش دىتالىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلماقچى پەقەت ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىڭىزنىڭ ئىسمىنى كىرگۈز سىڭىزلام بىمالال چۈشۈرەلەيسىز
ھەسىز  چۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://share.weiyun.com/f9769bcd7fe8de5052d8987005b63709

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 02:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 03:36 PM  


پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4318
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 02:21:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېرىڭىز غا رەسىملەر بەكلا ماسلىشىپ تۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 02:44:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
TATLIHIM يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 03:00 PM
مۇشۇ خىل شېئىر شەكلى مېنى قىززىقتۇرىدۇ،بەلكىم يازالمى ...

ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت!
ھەممە ئىش قىزىقىشتىن باشلىنىدۇ، مەنمۇ قىزىقىپ يېزىشنى يېڭى باشلىشىم، قىزىقسىڭىز سىزمۇ يازسىڭىزلام باشلاپ كېتەمسىز تېخى...

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 02:46:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۆمۈتۋار يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 03:21 PM
شىئېرىڭىز غا رەسىملەر بەكلا ماسلىشىپ تۇ

رەسىملەرنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8257
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 03:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇل بالىدەك يىزىپسىز ، بەك ياخشى چىقىپتۇ . مۇشۇ مۇنبەردە سىزدەك ئاياللار بەك ئاز جۇمۇڭ .
ئىجادىيىتىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ھارماڭ ؛


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 bak mahtiwetipsiz,rahmat lekin

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 03:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ .....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 !yakturginigizga rahmat

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6698
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1833 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 04:05:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مىسرانىم ئەھلى  :   ماۋۇ تور بەت  ئېلان چەكلەش دىتالى توغرۇلۇق   ئېلاننى مەن يوللىغان ئەمەس.    بىرسى  مىنىڭ نامىمدا كىرىپتۇ .  يەنە كىلىپ ھەممە تېمىغا ئوخشاش  ئىنكاس يىزىپتۇ...  ئالىدىنقى قىتىم مەن  بۇ ئىشنى مىسرانىم باشقۇرغۇچللىرىدىن  :  مارشال، تۇز، قارلۇق،... قاتارلىقلارغا ئىنكاس قىلغان ئىدىم ..   بىراق  ئىش ھەل بولمىدى .  تۇز بىر مەزگىل چەكلەپ قويغان بىراق كىم ئىچەتتىكى ئىچۋىتىپتۇ.    مىسرانىمغا تىلفۇن قىلىپمۇ ھەل قىلالمىدىم  .    بۈگۈن سىرتتىن كۆرۈپ تۇرۇپ تۇيۇقسىز يەنە مىنىڭ نامىمدا يوللانغان ئىنكاسنى كۆرۈپ قالدىم.      
     مەن ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىمنىڭ  پارولۇمنى ئۆزگەرتىپ بىرىشنى ياكى مىنىڭ مەڭگۈلۈك چەكلىۋىتىشنى   ئۈمۈد قىلىمەن ..   ئەگەر بۇ ئىشىم يەنە ھەل بولمايدىكەن .     مىنىڭ مەخپىيەتلىكمنى قوغىدىمىغان  مىسرانىمغا ھەرگىز  قەدەم باسماسلىق بىلەن بىرگە ( ئەلۋەتتە مىنىڭ كىرمىگىنىمگە مىسرانىم  توختاپ قالمايدۇ ).   مۇشۇ سەۋەبتىن كىلىپ چىققان ھەرقانداق  ئىشقا  مەن مەسئۇل بولمايمەن .  مىسرانىم مۇنبىرى  ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ ..   
   
     
  تېما ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سورايمەن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 wuy qaklinipsizgu,nimix bolganti

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش