مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7941|ئىنكاس: 18

8-مارت ئاياللارنىڭ سوۋغا-سالام كۈنى ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

يازما

2

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 115002
يازما سانى:
1
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
29
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
0 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-2-7
ئاخىرقى:
2015-3-7
           ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ’ئاياللىق‘ ئىجتىمائىيلىشىشى قەيەردىن كەلگەن  
* D6 Q* U7 h* a
                                       زىۋىدە ئابدۇكېرەم   

  C7 h7 _6 s0 U: i
” 8-مارت ئاياللار بايرىمى“ ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقى كۈنى سوۋغا-سالام كۈنى ئەمەس.
ـــ فىرانسىيە سىتاراسبورگ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق دوكتۇرانتى دىلنۇر رەيھان: [* l* ^4 n8 F/ K' D& ~
ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئەرگە بىغىشلاپمۇ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بەختسىزلىك كەچمىشلىرى، مېنى قەلەم ئېلىپ ئاياللىرىمىزغا بايراملىق سوۋغات سۈپىتىدە مەزكۇر ماقالىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى. مېنىڭچە بىز ئەرنى سۆيۈشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى سۆيسەك، ئۆز-ئۆزىمىزگە روھى ۋە ئىقتىسادى تۈرۈك بولالىساق، ماددىي بۇيۇملارنىڭ جەلپكارلىق ئورنىنى مەنىۋى توقلۇققا بوشىتىپ بېرەلىسەك، ئاندىن كۆز ياشلىرىمىزنىڭ ئورنىنى بەخت كۈلكىلىرى ئىگىلەپ، پەرزەنتلىرىمىزگە دۇنيانىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى ئۆزىمىز ئارقىلىق ھېس قىلدۇرالايمىز. % ^: @% K+ `. c# P: {/ H- D
ئوخشىمىغان دەۋر ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئوخشىمىغان تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ‹ئاياللىق› خۇسۇسىيىتىگە ئوخشىمىغان ماركىلارنى چاپلاپ كەلمەكتە، بۇنى ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئاياللار، ئانىلارنىڭ نەزىرىدىكى قىزلا ۋە ئاياللارنىڭ نەزىرىدىكى ئاياللار قاتارلىق تەرەپلەرنى دەۋر ئۆزگىرىشى بويۇنچە تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.2 v  |: f/ o3 w9 \( k" |
ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا قارىساق تاكى نەۋايى دەۋرىگە قەدەر ئاياللار ئوبرازى ئەر يازغۇچىلارنىڭ قەلىمىدە يارىتىلغان، بۇ ئوبرازلار يارىتىلىش جەھەتتىن بېقىندى ئوبرازلار قاتارىغا كىرىدۇ. يەنى ئەرلەر (ئەر يازغۇچىلار) ئاياللارنى پەقەت ئۆز چۈشەنچىسى ۋە ئۆز ھۆكۈمرانلىق ئىدىيەسى بويۇنچە ياراتقاچقا، ئۇلار تەرىپىدىن يارىتىلغان ئاياللار ئوبرازى ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولغان.
  ـــــ غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى ئامانگۈل ئىمىن رۇسلان9 m( x6 u3 G( {6 p$ g0 \
    W8 A0 u% _$ Q
گۈلجامال مەمتىمىننىڭ  «ئۇيغۇر فىمىنېزم ئەدەبىياتى توغرىسىدا»  دېگەن ئەسىرىگە كۆز يۈگۈرۈتسەك كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى: ئاياللار ئادەم ئاتىنىڭ قوۋرىغىسىدىن بەرپا بولغان شۇڭا تايىنىشچان، قۇربان بېرىش روھى ئۈستۈن؛ئاياللار تاشقى گۈزەللىكىنىڭلا سىمۋولى؛ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىيەلەش ئاياللارنىڭلا مەجبۇرىيىتى؛ئاياللار جەڭگە ماس كەلمەيدۇ، ئەگەر جەڭگە ئەۋەتىلىپ قالسىمۇ قالايمىقانچىلىق چىقىرىدۇ دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئاياللار يەنە چۆچەكلەردە دائىم جادىگەر مومايلىق رولىنى ئېلىپ، ئەقىللىق بىراق پەزىلەتسىز تەسۋىرلىنىدۇ؛ئاياللار ئادىمىيلىك ئېڭىنى ۋە غۇرۇرىنى يوقاتقان ئاجىزە، مۇستەقىللىقى ۋە ھوقۇقى يوق، ئەرگە تايىنىپ ياشايدىغان، ئەرلىرىنى ئىككىنچى خۇدا دەپ قاراپ، نەچچە خوتۇنى بارلارغىمۇ تېگىدىغان، ئەرلەرنىڭ تالاق قىلىۋېتىش ھوقۇقىدىن قورقۇپ ئەرلەرنىڭ تەلىپى بويۇنچە ياشايدىغان، ھەتتا ئەرلەرنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزىشىنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئاياللاردىن كۆرىدىغان تەسۋىرلىنىشلەرنى ئوڭايلا بايقىيالايمىز. 9 k. G# R+ F/ D2 t- P
ھەتتا بىزنىڭ ئۇلۇغ ئالىم، مۇتەپەككۇر، پەيلاسوپىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» دىن ئىبارەت دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان ئەسىرىدە، ئاتىلىق نۇقتىدىن قىز-ئوغۇلنى ئوخشاش، تەقۋادار ھەم گۈزەل ئاياللار ئەرلەرگە بەخت ئەكېلىدۇ، ئەخلاق ئاياللارنىڭ زىننىتى دېگەندەك نۇرغۇن ئىلغار ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيغان بولسىمۇ، نىكاھ ئائىلە مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن ئاياللارنى پۈتۈنلەي ئىشەنچسىز دەپ قارايدىغانلا، ئاياللارنى ھەر جەھەتتىن ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرۇش كېرەك دېگەندەك بىر تەرەپلىمە ئىددىيەلەرنىمۇ كۆپ ئۇچىرىتىمىز.
2 |4 c+ _7 v: t( \. y7 }" wھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئاياللار قولىغا قەلەم ئالغاندىن كېيىن، مۇستەقىل ئېڭى بىلەن ياشىيالايدىغان ئاياللار، قەھرىمان ئاياللار، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاۋاتقان ئاياللار (خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئوربىتا» ئەسىرىدىكى ئاسىيە ؛زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىتنىڭ «يېگانە» ئەسىرىدىكى ساجىدە قاتارلىق ئوبرازلار) ؛ئاياللىق ئۆزلۈكىنى ئىزدەۋاتقان ئاياللار، ئەرسىز ياشاۋاتقان ئاياللار ھەرگىز جەمئىيەتنىڭ داشقىلى ياكى تاشلاندۇق ’تۇل خوتۇن‘ بولماستىن بەلكى تالاق ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ساپاسى يوق ئەرلەرگە جەڭ ئېلان قىلغان ئاياللار قاتارلىق ئوبرازلار يارىتىلىپ، ئەرلەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى’ئاياللىق‘ تەسۋىرى تەرىپىدىن گېپنوز قىلىۋېتىلگەن ئاياللار روھى ئازاد قىلىنىشقا باشلىدى.
6 i; Q) z; M- }ئاياللىرىمىز ھەر خىل ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى پەقەت ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئايال نوقتىسىدىنلا ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇپ ئاڭسىز ھالەتتە تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقاچقا، ئانىلىق سالاھىيەتتە تۇرغاندىمۇ’قىزبالا دېگەن ئەرنىڭ ئادىمى‘دەپ قاراشتىن چىقالماي، ئۆزى’دوزاختا‘ تۇرۇپمۇ قىزلىرىنى ’دوزاخقا‘ تارتىدىغان، ’پەقەت ئەرلەر ياخشى كۆرىدىغان ئايال بولغاندىلا ئاندىن ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ‘ دېگەن قاراشتا قىز تەربىيەلەيدىغان خاھىش ئېغىر. ئوغۇل بالا تەربىيەسىدىمۇ ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك نوقتىسىدىكى’ئايال‘ قارىشى بىلەن ئەرلىك نوقتىسىدىكى’ئاياللىق‘قارىشىدا زور دەرىجىدە پەرق ۋە لوگىكىلىق خاتالىقلارنى شەكىللەندۈردى. مەسىلەن، ئانىلار قىزلىرىغا’ئەر رازى خۇدا رازى‘، ’ئەر دېگەن يېرىم خۇدا‘ سۆزلىرى بىلەن ئاياللىق تەربىيەسى بېرىۋاتقاندا، ئەرلەرگە شەرىتسىز ھۆرمەتلىنىش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇلارنىڭ پەقەت جىنس سەۋەبىدىنلا ھۆرمەتلىنىدىغان مەنتىقىسىز ئېھتىياجىنى قوزغاپ قويۇپ، نۇرغۇن ئادىمىيلىك توغرىسىدىكى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ھېس قىلالماي قېلىشىغا سەۋەب بولدى؛’ئانىغا تىكىلىپ قاراشمۇ گۇناھ قارىشى‘ بىلەن’ ئايال كىشى دېگەننى ئىككى كۈندە بىر دۇمبالاپ تۇرمىسا بولمايدۇ‘قارىشى، ئەمەلىيەتتە شۇ زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقان ئانىنىڭ بىزنىڭ ئانىمىز بولمىغان بىلەن پەرزەنتىمىزنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلدۇردى، ۋەھاكازالار.
ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاياللىق ئۆزلىكى ۋە كىملىكى توغرىسىدا چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغاچقا ئەك ئەپسۇسلىنارلىق بىر تەرەپلىمىلىك قاراش بولسا، ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ جىنس ئايرىمىسىنى ئۆزى تۆۋەن كۆرىشىدۇر. بىز دائىم ئاياللارنىڭ بىر-بىرىگە’قانداق قىلىپ ئەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئايال بولۇش‘، ’ئايال بولغاندىكىن ھازىرقى قىسمەتلەرگە تەن بېرىش‘، ’ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى ھەرقانداق نەرسىدىن ئۈستۈن تۇتۇش‘ھەتتا ئەر بولغاچقا ئۇلارنىڭ تالاغا قاراپ قېلىش، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىش قاتارلىق ئىنسانىيەت ماھىيىتى ۋە ئەخلاقىدىن چەتنىگەن خاتالىقلىرىغا يول قويۇش توغرىسىدىكى پەندى نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنى’ئايال تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشىنى‘دېگەندەك ئەيىپلەشلىرىنىمۇ ئۇچۇرىتىپ تۇرىمىز. بۇ خىل ئەرلەرگە شەرت قويۇلمىغان‹ ئاياللىق›تەربىيەسى ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا جەمئىيىتىمىزدىكى ئەرلەرنىڭ ئادىمىلىكىدىن يىراقلاپ، ھايۋانىيلىقىنى كۆپلەپ قوزغاپ قويۇشنىڭ تۈپكى سەۋەبى ئىكەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.
قۇدرەتلىك ھەم چىداملىق ئاياللارنى ئاسانلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ، بۇنداق ئاياللار بىر-بىرىنى ئىتتىرىپ يەرگە يىقىتماستىن بىر-بىرىنى يۆلەپ تەڭ ئىلگىرلەيدۇ.
+ L* V  ?# i0 A4 h1 B/ Oـــ ئامېرىكا مىشېگان ئىشتاتى يۇمشاق دېتال شىركىتى مالىيە بۈلۈمىنىڭ مەسئۇلى گۈلشەن قاھىر0 o" }' e- b0 b" ~# b( Y

$ k1 G; ^0 i$ L6 s4 zدۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئاياللار مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئەرلەرگە تاپشۇرۇپ بېرەرمۇ؟ئۆزىنىڭ ئاياللىقىنى ئەرلەرنىڭ تەلىۋىدىن ئىزدەرمۇ؟ھەممە ئاياللار مۇشۇنداق كۆز ياش ئىچىدە ياشارمۇ؟ * e5 B6 X2 O. Z' `
     ياپونىيەدىكى ئەرلەر ئاياللىرىنى قەلبىدىن ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان دەپ قاراپ بارلىق ئىقتىسادى، ساداقىتى ۋە مىننەتدارلىقىنى ئاياللارغا تاپشۇرغاچقا، ئاياللار ئالى مەكتەپنى ھەتتا ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇقنى تۈگىتىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ پەرزەنتى ۋە يولدىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى تاللايدۇ.   % c; T1 ]2 |) r1 `1 H. h0 ~
  ــــ ياپونىيە ئىكىئېكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى سەلتەنەت ئىبراھىم
. b- j9 W8 b  G0 g3 |7 I
2 ^2 u, F* s. M' l& rتوردىن ئەرەب ئەللىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ شۇنچىلىك يۇقىرىلىقى بايان قىلىنغان ماقىلىنى كۆردۈم، ”ئامېرىكىدا ئاياللار ئوخشاشلا يىغلايدۇ، بىراق خۇشاللىق ياشلىرى كۆپ ھەم ئەرلەر ئاياللىرى باشقا سەۋەبتىن يىغلىغاندا تەسەللىي بەرگۈچى رولىنى كۆپ ئوينايدۇ“ دېدى ئامېرىكىدىكى گۈلشەن. ” مېنىڭ باشلىقىم ئايالى ئۆيىدە ھەپتىدە ئىككى ۋاخ تاماق ئېتىپ قويسا شۇنچىلىك مىننەتدار بولۇپ كېتىدۇ، ئايالىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ، بەكلا مەسئۇلىيەتچان“ دېدى ئامېرىكىدىكى زەينۇرە. ”ياپونىيەنىڭ ئەرلىرى ئۆيىدە پەرزەنت تەربىيەلەۋاتقان ئايالىنى تالادىكى ھەرقانداق گۈزەل مەلىكىگە تەڭ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى نۇرغۇن يۇقىرى قاتلامدىكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ رولىدىن ئۈستۈن بىلىدۇ“ دېدى ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان سەلتەنەت. ” شىۋىتسارىيىدە بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئەگەر ئەرلەرنىڭ تاپاۋىتى ئاياللاردىن تۆۋەن بولسا، ئەرلەر ئىشتىن توختاپ بالا باقىدىغان ئائىلىلەرمۇ كۆپ“ دېدى شىۋىتسارىيىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان باھارگۈل.
' q& C- |/ L. Q0 jمەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاياللار مانداق بولۇش كېرەك، ئانداق بولۇش كېرەك دېگەندەك سۆزلەرگە پەقەت كۈلۈپلا قويىمەن. ئاياللار بۈگۈنكى دەۋردە ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇشقا موھتاج ھەم ئۆزىنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى چۈشىنىشكە موھتاج. مېنىڭچە ئەرلەر ئاياللارنىڭ مېھرى-مۇھەببەتكە تويۇنغاندا ئاندىن مۇھەببەت بىرەلەيدىغىنىنى بىلىشى كېرەك.$ c" ~! W' b+ k& @
  ـــــ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى گۈلنار تىيىپ
4 V# w$ j7 x: ?+ f0 U7 S4 m
# }+ ^2 [- ]4 K8 k  V& p8 Dئىجتىمائىي توپ نۇقتىسىدىن قارىغاندا:
/ Q. g4 O( o( Z! i, U4 V9 R' z3 L" hئۈندىداردىن ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى دولقۇن قادىر ئەپەندىنىڭ 2015-يىلى بېيجىڭدىكى تېلېفون ساھەسىدىكى كۈچلۈك نوكىيا شىركىتىنىڭ سانائەت دەۋرىدىن ئىنتېرنېت دەۋرىگە ماسلىشالماي تاقىلىپ قالغانلىق مەسىلىسىدە توختىلىپ، بۇ ھادىسىنى بىر مىللەت ۋە شەخسكە تەدبىغلىندىغىننى ئاڭلاپ، بۇ مەسىلىنى ئاياللار مەسىلىسىگە ئېلىپ كىرىپ  تەھلىل قىلغۇم كەلدى. سانائەت دەۋرى ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋر ھەقىقەتەن ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ئورۇن تۇتۇپ تەرەققىي قىلىشىغا فىزولوگىيىلىك ياكى پىسخىكىلىق جەھەتتىن پۇرسەت بەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئىنتېرنېت دەۋرى ئاياللارنى باغلاشقا ماھىر بولۇش، ئىنچىكە ئەستايىدىل بولۇشتىن ئىبارەت خاسلىققا ھەم كۈچ بىلەن ئەمەس ئەقىل-پاراسەت بىلەن نەتىجە قازانغىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىكىگە ماس پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتتى. قارايدىغانلا بولساق ئاياللار تور دۇنياسىدا ئۆگىنىش، سودا-سېتىق بىلەن شۇغىللىنىش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى شىددەت بىلەن باشلىۋەتتى. ئۇلار ئەمدى، مەقسەتلىك يېزىلغان ئەرلەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئاياللار ئوبرازىغا، ئەن-ئەنىۋى ئانا تەلىماتىغا، ھەتتا ئاياللارنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى بىلجىرلاشلىرىغا پاسسىپ بويسۇنۇپ ئىجتىمائىلىشىدىغان تارىخقا خاتىمە بېرىشكە باشلىدى ھەم ئۆزىگە مەقسەتلىك خاتا چاپلانغان ماركىلىرىغا تەن بەرمەيدىغان بولدى. بۇ نۇرغۇن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاكتىپ ۋە پاسسىپ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ دەۋردىن قانداق ئايال بولۇش توغرىسىدا يېڭى پوزىتسىيە ۋە قاراشلارنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى.
$ v$ _, u" i$ iئاياللار جىسمانىي كۈچ جەھەتتە ئەرلەرگە يەتمەيدىغىنى راست، ئەمما ئەقىل-پاراسەتلىك، چىدام-غەيرەتلىك، ئىنچىكە ۋە سەزگۈرلىكى بىلەن ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە. ئاياللار خاراكتېردىكى نازۇكلۇق ۋە مۇلايىملىق ھەرگىز ئۇلاردىكى ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى بۇ دەل ئاياللاردىكى يۇمشاق كۆچ ھەم نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان قۇرال. ھەي ئايال ئۆزۈڭدىكى ‹ئاجىزلىق›ماركىسىنى ئەمدى تاشلىۋەت.
ــــ شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى تىلشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرانتى زۆھرە ئابلىمىت . i1 H9 l& P$ o9 Z+ y! @
" S! m5 f1 Q. J, r% x+ `" q# X
ئاياللار ئۆزىنىڭ دۇنياۋى لاياقەتلىك پۇقرالىقىنى، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيىتىمىزگە ئاكتىپ ۋارىسلىق قىلغۇچى ھەم تارقاتقۇچىلىقىنى، مېھرىبان لاياقەتلىك ئانا ۋە كۆيۈمچان مەسئۇلىيەتچان ئاياللىقىنى يوقاتمىغان ئاساستا، ئۆزىنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالماسلىقى كېرەك. ئەرلەر بولسا ئاياللارنى قايتىدىن تونۇشقا تىرىشىپ، ئۇلارغا مېڭىش-تۇرۇشتىن تارتىپ ئولتۇرۇپ قوپۇشىغىچە ئۆلچەم بەلگىلەپ بېرىشكە سەرپ قىلغان ۋاقتىنى ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش، ئۆز مەسئۇلىيىتى ئۈچۈن ئىزدىنىشكە ئىشلىتىش كېرەك. شۇندىلا ئەرلەر ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولىدىغان ھاياتىنى باشلىغان ئاياللار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ ھەم قەلبىدىن چىققان چەكسىز ھۆرمەتتىن ھەقىقىي ئەركەكلىكىنى تاپىدۇ. ھازىرقى دەۋر ئاياللىرى ئاياللىقىنى ئۆزىنىڭ قەلبىدىن ئىزدەيدۇ، ئەرلەر سۆزى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزلىكى بىلەن ئاياللارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشقا تىرىشسىلا، بۇ قەلبىدىن چىققان ئاياللىق ئەرلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟/ K9 U2 G) w6 W/ m
    توختىماستىن پىسخىك مەسلىھەت بېرىپ خەلق ئارىسىدىكى نۇرغۇن نىكاھ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان تاراتقۇلارنىڭ، ئاياللارنىڭ زارلىنىۋاتقان ۋە خورلىنىۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئۇلارنى قانۇن يولى بىلەن ھەل قىلىشقا ئۈندىمەي، چىداشقا، ياخشى كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىقا يېتەكلەپ، تاراتقۇنىڭ ئىجتىمائىي رولىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ كۆز يېشىنى ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنىڭ نامايەندىسى قىلىۋېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر .; V3 G! \: M4 {) Y# Z" Z7 O
ئاياللار مەسىلىسى دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي مەسىلە، قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش ئاياللار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. مەسىلەن، شىۋىتسارىيىدە ئاياللار پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن بالىسى 3 ياشقا كىرگىچە ئىشتىن توختايدۇ ياكى پىرسەنتلىك ئىشلەيدۇ (ئىشلىگەن سائىتىگە قاراپ ھەق ئېلىش).ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان ئاياللار ئەرنىڭ خاتالىقىغا مېنىڭ يۈزۈم چۈشىدۇ دېمەستىن، مەيلى خاتالىق ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆتكۈزمىگەن بولسا، ھەرقانداق تەن جازاسىنى قانۇنى يول بىلەن ھەل قىلىدۇ.; _' B) h  M( A) {. L
ـــ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلامشۇناسلىق ۋە شەرقشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى باھارگۈل ھامۇت# k$ P9 ~+ n6 d% D5 h

; v% }0 q  w' S( m8 U' zئاياللار ئۆزىدىكى مەسىلىنىڭ پەقەت شەخس قاتلىمىدىكى مەسىلە بولماستىن، نۇرغۇن شەخسنىڭ مەسىلىسى بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ھاسىل قىلىدىغىنىنى، پەقەت ئىجتىمائىي قاتلامدىكى قانۇن-تۈزۈم ۋە ئەخلاق، شەخسى ساپا بىلەن ئورگانىك بىرلەشكەندە ئاندىن ئادىل ئىجتىمائىي مۇھىت شەكىللىنىپ، شەخس مەسىلىسىنىڭمۇ ھەل بولىدىغىنىنى چۈشىنەلىشى كېرەك. شۇڭا ئاياللاردىكى نادانلىق ۋە ئاددىي تەپەككۇرىمۇ ئۆزىنىڭ خورلىنىشقا خۇمارلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبىنىڭ بىرىدۇر.   
ئادەم ئاتىنىڭ قوۋرغىسىدىن يارالغان ئاياللار جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ تاكامۇللاشتۇرۇپ ئاللاھ بۇرۇن بىر مۇستەقىل گەۋدىگە ئايلاندى، ئۇلار ئائىلىدىكى ۋەزىپىسىدىن باشقا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ قەيسەرانە روھى بىلەن ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى روياپقا چىقارماقتا. مېنىڭچە ئەرلىرىمىز بۇ رېئاللىقنى مەردلىك بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان، ئاياللارنىڭ رولىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىدىن سۆيۈنۈپ ھۇزۇرلىنالايدىغان ئىچكى ساپانى ھازىرلىشى كېرەك.6 s9 q) n0 O: f
ـــ شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى تىلشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ماھىرە ھاجى ئەكبەر % ^* n6 H; d9 y2 M
  
جەمئىيەت ھەرقانداق ئىجتىمائىي توپتىن سەرخىللىق ئىچىدىكى ئۆز-ئارا ھۆرمەت، ئايرىمىلىققا ھۆرمەت قىلغان باراۋەرلىك ھەم ئوخشاش مەسىلىگە ئىككى خىل ئۆلچەم بولماسلىقنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دەۋرگە ماس تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۆلچىمىمۇ بولالايدۇ دەپ قارايمەن. ئاياللار ھاياتىنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانى بولغان پەرزەنت تەربىيەسى ۋە ئائىلىدىكى مەسئۇلىيىتىنى روھى مۇكەممەل ھەم بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەندە ئاندىن ئەڭ ياخشى ئادا قىلالايدۇ، ئەكسىچە قەلب زەخمىسى ھەم كۆز يېشىغا تولغاندا بۇ مەسئۇلىيەت جەريانىدىن ئوخشىمىغان مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2 i. y- q; ^( i" C3 `ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ كۆز يېشى كۆپىيىپ كېتىدۇ.  4 [  ?. Z3 ?' t1 X9 M9 r( j
  ـــــ نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
9 I% w7 H' ~3 c0 {6 t' N
9 ?: L% j" x- I7 P# Kشەخس نوقتىسىدىن قارىغاندا:
تۇرمۇش ئۇ بىر كەچمىش، ئۇ مەيلى گۈزەل ياكى جاپالىق بولسۇن ئۇنى قوش قوللاپ قۇچاقلايدىغان ھەم ئۇنى سۆيىدىغان ئايال ئاندىن باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلەلەيدۇ.  Z1 \$ |# R' C7 k: s
  ـــــ ئامېرىكا تېكساس بالىلارنىڭ يۈرەك كېسىلىنى جىددىي قۇتۇلدۇرۇش بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى زەينۇرە سابىر      
بۇ قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلۇپ-ئۆسۈپ ئالى مەكتەپنى شەرىقى جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىدە تاماملىغاندىن كېيىن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلغان، رۇسىيەنىڭ پېتىربورگ شەھرىدە يولدىشىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىگە تۇرمۇش جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئىچىدە ئۆزىنى تاۋلاپ ئۆلچەملىك ئانا ۋە لاياقەتلىك ئايال بولۇپ سۆيىلىۋاتقان زەينۇرە سابىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلغان سوۋغىتى. بۇ ئىبارىلەرنىڭ ئىلھامىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا دەۋرگە ماس بولغان پىسخىك ساپا ھازىرلاش توغرىسىدا ئىككى كەلىمە توختىلىشنى توغرا تاپتىم.
4 J0 y, l% X- z( ~/ h/ H! r& G: gئەڭ ئاۋۋال، ئاياللار قەلبىدە نۇرغۇن كەچمىش تۇيغۇلىرى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ تۇرالىشى، ئۇلاردا دۇنيادىكى مۇھەببەتلىك تۇيغۇلارغا مۇھەببەتلىك قارايدىغانلا، نەپرەتلىك نەرسىلەرگە نەپرەتلىك قارايدىغانلا، ھەقىقەت تارازىسىدىن مۇستەسنا بولمىغان قەلب كۆزنىكى بولۇشى كېرەك. قەلب تازىلاش بىلەن تەڭ غۇرۇرىنى بىراقلا تازلىۋىتىپ، ئەرلەر ۋۇجۇدىدىكى شەيتانغا بىمالال ئۇسۇل ئوينايدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىكى كېرەك.. V( m8 J% ~7 O, R3 J9 |$ H1 ]
ئاندىن، ھەر-بىر ئايال ئۆزىدىكى پىسخىكىلىق مەسىلىنى ئۆزى ھەل قىلىدىغان قابىلىيەتكە ھەم تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-تاتلېقلىرىنى يېڭەلەيدىغان پىسخىكىلىق ئىممۇنىتېت كۆچكە ئىگە بولۇشى كېرەك. پىسخىك ساغلاملىق بىلىملىرى پەقەت مۇشۇ ساپاغا ئىگە بولىدىغان قۇرال، پىسخىك مەسلىھەت بولسا پىسخىك ساپا بىلەن بەرداشلىق بىرەلمىگەندىن كېيىن پەيدا بولغان پىسخىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىدىغان جەريان.
* z% t) [' G3 \( t& X' U" Oئىلىمگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ قىسقا يولى-كىتاب. مەيلى ئاياللارنىڭ روھى جەھەتتىكى پىشىپ يېتىلىشى بولسۇن، ياكى پەرزەنت تەربىيەسىدىكى قىيىنچىلىقلار بولسۇن كىتابقا خىتاب قىلغاندا چوقۇم ئۇنىڭدىن ئەڭ توغرا جاۋاب چىقىدۇ.# V& w8 C6 K- }
  ـــــ نەزىرە مۇھەممەد سالىھ  ' T1 |7 X3 v3 O: K( h
" g, J4 N; B7 R2 @5 {
ئۈچىنچىدىن، ئاياللارنىڭ روھى ساغلاملىقىنىڭ ئەڭ قىسقا يولىمۇ، توغرا كىتاب تاللاپ ئوقۇپ ۋە ئۇنى توغرا پوزىتسىيە بىلەن ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئالىيجاناب خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىدىن ئىبارەت.- I3 ^4 y+ C: y
     دېمەك، دۇنيادا نۇرغۇن ئىجتىمائىي توپلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئوخشاشلىقىدىن پەرقى چوڭ بولغاچقا تۈرلەرگە ئايرىلىشى نورمال، بىراق بىر تۈپنىڭ يەنە بىر تۈپنى سانى، كۈچى، ئوخشىماسلىقى ياكى باشقا سەۋەبتىن تۆۋەن كۆرۈشى، پايدىلىنىشى، باراۋەر مۇئامىلە قىلماسلىقى ياكى پەرقىگە ھۆرمەت قىلماسلىقى ھەممىسى ئىنسانىيەت ئەخلاقىغا خىلاپ. ئاياللار ئەرلەردىن پەرقلەنگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيا گۈزەل، ئاياللار ئۆزى سۆيگەنلەر تەرىپىدىن سۆيۈلگەنلىكى ئۈچۈن كائىنات ئىللىق، ئاياللار ئۆزىنى ئاتىغانلار تەرىپىدىن قەدىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن تەبىئەت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغان بولىدۇ./ P2 t% C( t. T5 [" g- n2 o
/ Y$ G- E. P3 g* o
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 07:51 PM  6 Z4 Y( L4 Q9 O; z# p! V

: U% M* q3 t; l# {0 }

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
mastana888 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11

تېما

580

يازما

591

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96441
يازما سانى:
580
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6743
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
322 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2016-3-11
ۋاقتى: 2015-3-7 18:04:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھالەت پەقەت ئايال كىشىدىن قورقىدۇ.چۈنكى ،ئايال كىشى ئۆگەنسە ،بالىلىرىغىمۇ ئۆگىتىدۇ. شۇڭا ئايال كىشىنىڭ تەربىيىلىنىشى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە!* |& w; T# Q% T! S
-ئەمىنە سۇپچىن

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

299

تېما

4858

يازما

5157

جۇغلانما

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 3246
يازما سانى:
4858
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
44632
تۆھپە :
949
باھا :
1185
توردا:
16724 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-7-3
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2015-3-7 18:53:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
# E* n  S! @* N0 z: H' E; Q5 J0 B5 t! ~. h! E8 I6 h" N
زىۋىدە خانىمنىڭ مىسراىنىم مۇنبىرگە قەدەم تەشرىپ قىلغىننى قىزغىن ئالقىشىمىز بىلەن قارشى ئالىمىز ! شۇنداقلا ، ئەخلاق شەربەتلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىسىل يازمىلىرىغا تەشنامىز ~~
; h8 K( e$ J* p8 |ئاددى خەلقى ۋە جەمىيەتنىڭ ئىجتىمايى ئەخلاقى ئۈچۈن توغرا پىسخىكا جەھەتتىن يىتەكلەپ مىڭىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز .

ساختىپەز دۇڭ زىيان تارتىدۇ ..

0

تېما

54

يازما

54

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 114306
يازما سانى:
54
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
263
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
138 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-2-12
ئاخىرقى:
2016-3-8
ۋاقتى: 2015-3-7 22:26:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىۋىدە خانىمنى مىسرانىم مونبىردە ئۇچراتقىنىمدىن خۇرسەن بولدۇم داۋاملىق تىما يوللىشڭىزنى ئوموت قىلمە ،

ئىقدىسادىدىن ئايرىلغان مىللەت باشقىلارنىڭ بىر پەشۋا ئىتىشىغا يارمايدۇ ،لىكىن ئىتقادىن ئايرىغان مىللەت ياتل

20

تېما

1509

يازما

1534

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 72959
يازما سانى:
1509
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4795
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
290 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-11
ئاخىرقى:
2016-3-5
ۋاقتى: 2015-3-8 15:59:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم 2 i8 z& ], P' ^' |9 u# l
مەنىۋى ئەھمىيتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان بىر تىما يوللاپسىز .
+ Q6 O) b. u. O+ O1 {1 X/ e5 Rئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر ; ?( F- L/ s$ e+ ~& c

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

0

تېما

226

يازما

226

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 28259
يازما سانى:
226
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5443
تۆھپە :
290
باھا :
265
توردا:
200 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-1-29
ئاخىرقى:
2016-4-2
ۋاقتى: 2015-3-8 19:16:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا پىكىر ،توغرا ئىدىيىلەرمۇ خېلى باركەن .

نېمىلەرنى ئويلا

14

تېما

2162

يازما

2176

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 33034
يازما سانى:
2162
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11982
تۆھپە :
343
باھا :
339
توردا:
1715 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-3-7
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-3-8 19:25:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنىڭ ئىگىسى زىۋىدە خانىممۇ ؟

جاھان

0

تېما

54

يازما

54

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 114306
يازما سانى:
54
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
263
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
138 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-2-12
ئاخىرقى:
2016-3-8
ۋاقتى: 2015-3-8 20:36:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yurkimzida يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 07:25 PM7 e% h7 A- W1 X6 j
بۇ تىمىنىڭ ئىگىسى زىۋىدە خانىممۇ ؟
) {8 c( {5 v8 s* C9 r
شۇنداققۇ

ئىقدىسادىدىن ئايرىلغان مىللەت باشقىلارنىڭ بىر پەشۋا ئىتىشىغا يارمايدۇ ،لىكىن ئىتقادىن ئايرىغان مىللەت ياتل

6

تېما

486

يازما

492

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 65837
يازما سانى:
486
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4718
تۆھپە :
150
باھا :
158
توردا:
1934 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-11-19
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-3-8 21:19:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئۇقۇدۇم بۇ ماقالنى يازغۇچى زىۋىدە خانىمنى يىقىنقى ۋاقىتتا گنپنۇز توغرىسدا ۋە ئەلى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيىسى ئارقىلىق تۇنىغان تىمىنى يازغۇچى يۇقرى بىلىم سەۋيىسىگە ئىگە مەنددىن نەچچە ھەسسە يۇقرى بىلىمگە ئىگە ئىستدات ئىگىسى لىكىن بۇ يازمىنى ئۇقۇپ ئۇيغۇر جەمىيىتمىزدىكى ئەر- ئايال باراۋەلىكىگە نارازىلىقى ھەمدە بۇندىن نەچچە يۈز يىلىنىڭ ئالدىدىكى داڭلىق ئەدىپلىرىمىزنىڭ بۇ باراۋەرلىككە سەل قارغانلىقىنى ئىپادىلەپتۇ مەن بۇ ئەر ئايالنى باراۋەر ئەمەس دەپ قارماقچى ئەمەس لىكىن ئاياللارنىڭ ئاجىزلىقىغا (ئاجىز دىگىنىم مىيىپ ياكى كىرەككە كەلمەيدۇ دىگەندەك سەلبىي مەنىدە ئەمەس)ھەممە قايىل ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت مەيلى دۆلىتىمىز بولسۇن ۋە ياكى غەرىپ ياۋرۇپا بولسۇن ھەر قاندىغى قانۇن ۋە تەشۋىقاتتا ئەر ئايالنىڭ باراۋەرلىكىنى ئاغزىدىن كۈپۈك چىقىرىپ داۋراڭ سالسىمۇ ئەمىلىيەتتە دۆلەت ئەلباشى بولسۇن ياكى شۇنىڭدەك يۇقرى قاتلامدىكى سەزگۈر قاتتىقلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ھەر قانداق ئورۇندا ئەر كىشى باش بۇلۇپ تۇرۇقلۇق،ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھلىقى ۋە كۇرىيىنىڭ ئايال ئەلباشىدىن باشقا ، بۇنداق دىگىنىم ئايال كىشى بۇنداق ئورۇنغا لايىق ئەمەس دىگىنىم ئەمەس پەقەت ئەر كىشىنىڭ قانداقلا  بولمىسۇن ئايال كىشىدىن بىر بالداق يۇقرى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن دەۋاتىمەن بۇ ئەر ئايال باراۋەر ئەمەس دىگەننى چۈشەندۈرمەيدۇ،پەقەت ئاپتۇرنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ئەر-ئايال باراۋەر ئەمەس دىگەندەك چۈشىنىشگە بىر ئاز ياردىمى بۇلامىكىن دەيمەن جەمىيىتىمىزدىكى ئەر-ئايالنىڭ باراۋەر ئەمەستەك بۈلۈندۈرىۋاتقان بەزى مەسىللەر پەقەت ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدىلا ئەمەس پۈتۈن يەر يۈزىدە ئوخشاش يۈز بىرىكلىك،ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن كۆپ قىسىم ئەرلەر سىز دىگەن نۇقتىغا دىققەت قىلماي ئەرلەرنى ئەزىزلەپ ئاياللارنى تۈۋەن كۈرىدىغان خارلايدىغان ئىشلار ئاز ئەمەس شۇڭا ھەممە ئىشلارغا تەڭ قارىشىڭىزنى پەقەت بىزنىڭ ئۇيغۇرىمىزلا شۇنداق دەپ ئۆزىمىزگىلا ئاتماي پۈتۈن يەر يۈزىدىكى تەڭسىزلىكىنى دەپ كىلىپ ئۆزىمىزىدكىن چىڭراق قامچىلىسىڭىز بەك توغرا بۇلاتتى

11

تېما

549

يازما

560

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 35
يازما سانى:
549
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8201
تۆھپە :
354
باھا :
293
توردا:
987 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-19
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2015-3-8 21:40:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن يىزىلغان ۋە تورداشلار ئېھتىيات بىلەن ئۇقۇغان تېما بولدى . پوزۇتسىيەمۇ ناھايىتى ئېغىر بېسىق .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 04:58 AM, Processed in 0.131841 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش