xarari يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 07:49 PM
ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنالماسلىقى مۇمكىن، لىكىن تەييا ...
ناھايتى توغرا رەدىيە بەردىڭىز .
ئىۋەن تىپىش. قۇسۇر تىپىش بىلەن بىر مەنىدىكى سۆز . ئىۋەن تىپىشمۇ مەلۇم دەرىجىدە بىلىم تەلەپ قلىدۇ. دۇنياغا داڭلىق دەپ سانالغان ھەر قانداق بىر ماركا ۋە ئىشلەپ چىقىرلغان مەھسۇلاتلار دەل بىلملىك قۇسۇرچىلارنىڭ زىھنىنى ئىشلىتىپ قايتا-قايتا چوڭقۇر كۈزۈتۈش نەتىجىسىدە كىشىلەرنىڭ ئەسسەبىيلەرچە قارشى ئىلىشىغا لايىق مەھسۇلات ۋە ماركىلار بارلىققا كەلگەن.
ئەڭ ئاددىيسى بىز ئىشلتىۋاتقان كومپىيوتۇر بىلەن كوچىلاردا موكىدەك غۇيۇلداپ كىتىۋاتقان ھەشەمەتلىك ماشىنلار دەل بىلىملىك قۇسۇرچىلارنىڭ بۇرۇنقى ماشىنلارنىڭ شەكلى ۋە خاسلىقىدىن باشقىلار بايقىيالمىغان قۇسۇرلەرنى تىپىپ شۇ تىپىلغان نۇقسانلارنى تېخىمۇ ئىجابىي نۇقتىغا كۆتۈرۈپ خاسلىق ياراتىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ .
.... بۇ مۇنبەردە بىر نەرسىگە قارشى پىكىر ياكى ئازىراق تەكلىپ-پىكىر بەرسىڭىز قۇسۇرچى دىگەن قالپاق تەييار .