مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

قاسىم سىدىق: شىرە ئۈستىدىكى نۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22109
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10093 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 04:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2015-3-20 02:40 PM
بىر موھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.بۇ ھەقتە مۇھاك ...


مەنچە ئايلىنىش سۈرئىتى كۆرۈش چاستوتىسى بىلەن بىردەك بولسا سۈرەت ئەسلى ئورنىدا شەكلىمۇ ئۆزگەرمىگەن ھالەتتە كۆرۈنىشى مۈمكىن. بۇ خۇددى كىنو كۆرگەندىكىدەك ھالەت شەكىللىنەمدىكىن دەپ ئويلايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-20 04:49 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6265 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 05:10:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Uyghun يوللىغان ۋاقتى  2015-3-20 04:48 PM
مەنچە ئايلىنىش سۈرئىتى كۆرۈش چاستوتىسى بىلەن بىردەك  ...

مەن ئايلىنىش تېزلىكى يېتەرلىك چوڭ بولغاندىكى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتتۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6265 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 11:44:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2015-3-20 02:37 PM
2.يانتۇلۇق دەرىجىسى كىچىك بولغان يانتۇ تەكىشىلىكتە نۇ ...

2.يانتۇلۇق دەرىجىسى كىچىك بولغان يانتۇ تەكىشىلىكتە نۇر قالدۇرغان ئىللىپىسىمان سىفرال ئىزلار:



سول تەرەپتىكىسى نۇر قېتىپ-ئۇيۇپ مەلۈم ۋاقىتتىن كىيىن ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ئاستىلىغاندىن كىيىن قېتىش نۇقتىسىدىن تەرىجى يىراقلاپ قالدۇرغان سىفرال ئىزلار.ئوڭ تەرەپتىكىسى نۇر دەسلەپتە تەكشىلىككە چۈشكەندە قېتىش نۇقتىسىغا ئىنتىلىپ قالدۇرغان سىفرال ئىزلار.

_____________________




رەسىم مەنبەسى:

http://www.astronomy.com/magazin ... black-holes-collide


تېمىدا يۇقۇرقى شەكىلنى زامان-ماكان تەۋرىنىشىگە،تارتىش كۈچى دۇلقۇنىغا ئالاقىدار رەسىم دەپ قىستۇرۇپتۇ.
مەن ئىرىشكەن ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان شەكىل بولسا يەككە نۇرنىڭ ھەركەت شەكلىدىنلا ئىبارەت.سىپىنغا ۋە مۇئەييەن ئوربىتىغا ئىگە زەررىچىلەر توپى يۇقۇرقىدەك ئىزلارنى قالدۇرۇشى تەبىئى.مىنىڭ دولقۇننى ھەركەت شەكلى دىگەن تەشەببۇسۇم قارىغاندا ئورۇنلۇقتەك قىلىدۇ.

            

NASA超级计算机模拟得到的黑洞双星开始合并的情形
NASAدەرىجىدىن تاشقىرى ھىساپلاش ماشىنىسى بىلەن ھىساپلاپ كەلتۆرۆپ چىقارغان قار ئۆڭكۆرنىڭ قوش يۇلتۇزلارنى بىرىكتۇرۆش جەريانىنىڭ تەقلىدى تەسۋىرى

地球的重力波模拟图
يەر شارى تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ تەقلىدى رەسىمى
http://edu.cnr.cn/list/201402/t20140208_514803286.shtml



تارتىش كۈچى دولقۇنى دېيىلگەن بۇ دولقۇن تېخى بايقالغىنى يوق.بۇلتۇر بايقالدى دېيىلگىنى بۇ يىل چاڭ-تۇزاڭ بولۇپ چىقتى.مىنىڭچە بۇ يىلقىسى راسىت.بۇ ئۈچ رەسىم ئالدىنقى قە ۋەتتىكى نۇر ئىزلىرى قالدۇرغان رەسىم بىلەن شەكىل نۇقتىسىدىن ئورتاقلىققا ئىگە.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى،ئىككى نۇر ئارىسىدا ئاللىقانداقتۇر يۇقۇرى ماسسىلىق تارتىش كۈچى مەنبەسى بولمىسىمۇ ئۇلار مۇئەييەن شەرتىلەر ئاستىدا بىر-بىرىگە يېقىنىلشىپ سوقۇلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئىزى يۇقۇرقى رەسمدىكىدەك بولىۋىرىدۇ.بۇنداق يېقىنلىشىش ۋە سوقولۇشقا ئاللىقانداقتۇر تارتىش كۈچى دولقۇنى ئەمەس،بەلكى 29-41-تىئورمىچە ئېغىش سەۋەپ بولىدۇ.بۇنداق ئىزلارنى ۋە جەريانلارنى شىرە ئۈستىدە يىتەرلىك نۇرلارنى ئويناش ئارقىلىق كۆزەتكىلى ۋە قالدۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-21 11:48 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6265 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 12:09:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 11:44 AM
2.يانتۇلۇق دەرىجىسى كىچىك بولغان يانتۇ تەكىشىلىكتە نۇ ...



波可视为简谐运动

دولقۇننىڭ ئاددى ھەركەت سىماسى



دولقۇننى چۈشەندۆرۆشتە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئاددى بىر دانە سىنوس ئەگرى سىزىغى بىر دانە سىپىنغا ئىگە زەررىچىنىڭ يىتەرلىك ۋاقىت ئىچىدە قالدۇرغان ئىزىدىن ئىبارەت.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىردانە سىنۇس ئەگرى سىزىغى سىپىن تېزلىكى ۋە سىزىقلىق تېزلىكلىرى باراۋەر بولغان يېتەرلىك ساندىكى زەررىچىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا شەكىللەندۆرىۋاتقان ھالىتىدىن ئىبارەت.ئالدىدىكىسى يىتەرلىك ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ،كەينىدىكىسى يىتەرلىك زەررىچە سانى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ قاراش شەكىل نەزەريىسىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان مۇقەررەر يەكۈن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9609
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 544
توردا: 1372 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 01:18:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەپسىز غۇ ؟ ئالمىنىڭ گىپىنى  ، بۇرۇن سىز ئالمىنىڭ يەرگە چۇشۇشنى ،يەرشارىنىڭ تارتىش كۇچنى 0 دەپ پەرەز قىلىپ  بىر تىمىنى چىقرىپتىكەنسىز ،مەن خىلى قىزززققان لىكىن سىز ، داۋملىق تىما يۇتكەپ   مەركىزى ئدديەلەر چېچلىپ كەتتى  ، 1. رەسمىڭىزدىكى ئالما نىمىشقا يانتۇ چۇشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پىرقۇرغۇچنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6265 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 05:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
badil يوللىغان ۋاقتى  2015-3-21 01:18 PM
مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەپسىز غۇ ؟ ئالمىنىڭ گىپىنى   ...

ئۇ سوئالىڭىز قايسى تېمىدىكى قانداق سوئالتى؟
مەن بۇ تېمىدا ئالمىنى يانتۇ چۈشىدۇ دېمىدىم،سىز ئىككى خىل چۈشۈشنىڭ قايسىنى تاللايسىز؟ دېدىم.
نۇرنىڭ تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىنىڭ چەكلىمىلىكلىگىنى ئىسپاتلاشتا ياردىمى بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-21 05:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6265 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-31 01:10:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر قانچە خىل تەجىربىلەرنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا شۇنى بايقىدۇقكى،چاقلارنىڭ ئىلگىرلىشى بىلەن 29-تىئورما زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن.بوشلۇقتا ياكى يانتۇ تەكشلىكتە نۇر(چاق) ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىپ ھەركەت قىلسا،بۇ چاق يەر يۆزىگە،يەنى قاتتىق يۆزگەچۈشكەندە يەنىلا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئىلگىرلەيدىكەن.پەقەت ئىككى خىل ئەھۋالدا ئىلگىرلەش-ئېغىش يۆنىلىشىدە پەرىق كۆرۆلىدىكەن.سائەت سىتىرلكىسى يۆنىلىشى بۇيىچە ئايلىنىۋاتقان نۇر (چاق) بوشلۇقتا ياكى يانتۇ تەكشلىكتە سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى تەرەپكە -ئوڭ قول تەرەپكە ئاغقان ھالدا تۆۋەنلەپ ،يەرگە-قاتتىق يۆزگە چۈشكەندە ئۇزىنى ئايلىنىش يۆنىلىشى ئۆزگەرمىگەن ھالدا سول قول تەرەپكە قاراپ دۇمىلاپ ئىلگىرلەشكە باشلايدىكەن.بۇ ھالدىمۇ 29-تىئورما ئوخشاشلا قانائەتلىنىدىكەن.پەرىق شۇكى ،بوشلۇقتا چاقنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتقان يېرىمى يۇقۇردا بولسا،قاتتىق يۆزدە تۆۋەنگە ئالمىشىدىكەن.

مۇشۇكەمگىچە گويا بەزىلىرىمىز چاق دومىلىغان تەرەپكە قاراپ ئىلگرلەيدۇ،دېسەك،بەزىلىرىمىز ئىلگىرلىمەيدۇ،دەپ تالىشىپ كەپتۇق.دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ كاتتا يومۇر بولماس!


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6265 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-2 01:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چاقنىڭ ئىلگىرلىشىنىڭ ئۆزىمۇ 29-تىئورمىچە ئېغىشنىڭ ئىسپاتى،دىگەن تەشەببۇسقا نىسبەتەن ئوخشىمىغان قاراشلار بولسا قارشى ئالىمەن.ئالاقىدار تېما ئۆلىنىشى:

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=154750


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6265 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-2 04:14:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بىز ماياتنىك تەجىربىسىدە قولغا كەلتۆرۆلگەن 29-تىئورمىچە ئېغىش كۈچىگە ئالاقىدار سانلىق قىممەتلەرنى تارتىش كۈچىىگە تەدبىقلاپ كۆرسەك تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرىگە ئىنتايىن پايدىسىز نەتىجە كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.ھازىر كەسكىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدىغان يەكۈن 29-تىئورمىچە ئېغىش كۈچى ئەڭ كەم دىگەندىمۇ تارتىش كۈچىگە ئالاقىدار ھازىرقى پارامىتىرلارغا زۇر ئۆزگەرتىش كىرگۆزىۋىتىدۇ.بۇ پەقەت تارتىش كۈچى ھەقىقەتەن مەۋجۈت بولغان ئەھۋالدىكى مۇقەررەرئەھۋال.

بىز ھازىرتەجىربىدە ئىرىشكەن ئېغىش كۈچىنىڭ قىممىتى تارتىش كۈچىدىن چوڭ بولۇپ، ئالاقىدار پاكىتلارنى تولۇق نەزەرگە ئالغان ھالداتەپسىلى ھېساپلاشلار ئېلىپ بېرىلسا تارتىش كۈچىنىڭ 0بولۇپ چىقىش ئېھتىماللىغى چوڭراق تۇرىدۇ.نەتىجىسى ۋە تەدبىقلاش ئۇسۇلى ھېساپلاشلار ئاياقلاشقاندىن كىيىن ئايرىم خەۋەر قىلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18711
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6265 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-4 11:13:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىلاسسىك قاراشلاردا زەرەتسىز،ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىغان زەررىچىلەردە خالىل ئىففىكىتى يۆز بەرمەيدۇ،دەپ قارىلىپ كەلگەن.ھالبۇكى،2015-يىلى4-ئاينىڭ  4-كۈنى «فىزىكلار ئورگىنى»تورىدا«New experiment reveals clues to their discontent»(يېڭى تەجىربە تەجىربە قىلغۇچىلارنى مەمنۇن قىلالمايدىغان نەتىجىنى كۆرسەتتى)سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.ماقالىدە زەرەتسىز،ماگىنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىغان زەررىچىلەردىمۇ خالىل ئىففىكتى يۆز بەرگەنلىگى تەجىربىدە بايقالغانلىغى خەۋەر قىلىنغان.
مەن 2014-يىلى 7-ئايدا «مىكرو دۇنيادىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش» ماۋزۇلۇق يازما يېزىپ،ھەقىقى بوشلۇقتا ،تاشقى كۈچ تەسىرى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ 29-ئېغىشنىڭ يۆز بېرىدىغانلىغىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە بۇنداق ئېغىشقا ئالاقىدار بەزى تەجىربە نەتىجلىرىنى تونۇشتۇرغان ئىدىم.بۇ قېتىمقى بايقاش مىنىڭ تەشەببۇسۇمنىڭ ئورۇنسىز ئەمەسلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەجىربە پاكىتلىرى بىلەن تەمىنلىدى.

خالىل ئىففىكىتى (Hall effect)ئۆتكۈزگۆچلەر ماگىنىت مەيدانىغا قويۇلۇپ  توك ئۆتكۆزۈلسە،ئۆتكۈزگۈچتىن ئۆتىۋاتقان زەرەت  توشۇغۇچى زەررىچىلەرنىڭ لورىنتىس كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئېغىشىدىغان،بۇ جەرياندا ئىلىكتىر بىسىمى(خالىل ئىلىكتىر بىسىمى)پەيدا قىلىدىغان ھادىسىدىن ئىبارەت.

بىز ماكرۇ جىسىملاردا بىر قانچە خىل تەجىربىلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق 29-ئېغىشنىڭ تاشقى كۈچ تەسىرى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ يۆز بېرىدىغانلىغىنى،شۇنداقلابۇنداق جىسىملارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىش يۆنىلىشىگە بىسىم پەيدا قىلىدىغانلىغىنى بايقىغان ئىدۇق.4-ئاپىرىلدىكى يۇقۇرقى خەۋەر ۋە ئىلگىرىكى ئالاقىدار بايقاشلارنىڭ ھەممىسى ماكرۇ دۇنيا بىلەن مىكرۇ دۇنيادا ھەركەت شەكلى نۇقتىسدا پىرىنسىپال پەرىقنىڭ يوقلىغىدىن،كىلاسسىك فىزىكا بىلەن كۋانىت فىزىكىسىنى ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن بىرلىككە كەلتۆرۈشنىڭ مۆمكىنلىگىدىن بېشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ.

___ قاسىم سىدىق

2015.4.4


پايدىلىنىش:



Frustrated magnets: New experiment reveals clues to their discontent
http://phys.org/news/2015-04-frustrated-magnets-reveals-clues-discontent.html


__

قاسىم سىدىق:مىكرو دۇنيادىكى 29-تىئورمىچە ئېغىش



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-4 12:08 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش