مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

نىيوتۇن گالىلېنى ئىنكار قىلماقتا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 05:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەركىن چۈشكەن جىسىملارنىڭ نوقۇل سىزىقلىق تېزلىكى نەزەرگە ئېلىنغاندا ماسسا ئويلىشىلمسىمۇ بولىدۇ.لىكىن،بۇ دىگەنلىك ھەرگىز تېزلىكنىڭ ماسسا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،دىگەنلىك ئەمەس. پەقەت ماسسا پەرقى ئويلۇشۇلماي تۇرۇپمۇ تېزلىكنى،تېزلىنىشنى  ئىپادىلىگىلى بولىدۇ،دىگەنلىك.يەنى بۇ جىسىمنىڭ ماسسىسى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئى نەزەر تېزلىكى،تېزلىنىشى مۇنچىلىك دىگەنلىك.ماھىيەتتە، ماسسىدىن ئايرىلغان تېزلىك ۋە تېزلىنىش ئەسلا مەۋجۈت ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 10:59:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىسبىلىك نەزەريىسىدە 4ئۆلچەملىك ھەركەت مىقدارى بار ئىكەن تېخى:

四维动量 - 维基百科,自由的百科全书

كىلاسسىك ئۈچ ئۆلچەملىك ھەركەت مىقدارىغا زاماننى ۋە ئىنىرگىيەنى قېتىپ 4قپتۇ.كىلاسسىك ھەركەت مىقدارىنى 3ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى ۋېكتۇر دەپتۇ.مىنىڭ ھەجىمنى ئېلىپ كىرىش تەشەببۇسۇم ۋە شەكىل نەزەريىسىدىكى مۇتلەق ھەجىم ئۇقۇمى كىلاسسىك قاراشلارغا ئۇيغۇنكەن.
بۇ ئۇقۇملار بىلەن پىششىغراق تونۇشۇپ چىقىش لازىمدەك قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-15 11:12 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 01:49:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن فىلىمدىكى تەجىربىنى تارتىش كۈچى يوق،دەۋاتامدۇ-نىمە دىگەندە بەزى ئاساسلىرىم بار.مىنىڭ تارتىش كۈچى يوق دىگىنى تۇرغىنىمغا خېلى ۋاقىت بولدى.بۇ، بىر مۇنچە تەھلىللەردىن كېلىپ چىققان پەرەز.بەزى قاراشلىرىمنى بۇرۇنمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
1.ھەر قانداق شەكىلدە ئىپادىلىنىۋاتقان ھەركەت مىقدارى،مەيلى تېزلىنىش ياكى تەكشى تېزلىك شەكلىدە ئىپادىلەنگەن بولىشىدىن قەتئى نەزەر، جىسىم ئۇزىگە يەنى جىسىم تەركىۋىدىكى ماددىغا-ماسسىغا خاس مىقدار.نىمە ئۈچۈن ئەركىن چۈشكەندە تارتىش كۈچىگە تەئەللۇق مىقدار بولۇپ قالىدۇ؟ئۇنداقتا جىسىم ئۆزىنىڭ ھەركەت مىقدارى نەگە كەتتى؟ ئەسلىدە بۇ يوقالمايدىغان،ساقلىنىدىغان مىقدار ئىدىغۇ؟
2.تەكشىلىك،يانتۇ تەكشىلىكتە ھەركەت مىقدارى جىسىم ماسسىسى بىلەن بىرلەشتۆرۈپ تەھلىل قىلىنىدۇ،بىرگە ئويلىشىلىدۇ.ئەركىن چۈشكەندە نىمە ئۈچۈن ماسسا ئويلۇشۇلمايدۇ؟.
3.يۇقۇرقى فىلىمدە تېزلىنىش ماسسا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك مىقدار دەپ يەكۈن چىقىرىلىپتۇ(بۇ تەجىربىنى ئىشلىگۇچى تېزلىنىش ماسسا بىلەن تەتۆر تاناسىپ بولىدۇ،دىگەن يەكۈننى چىقارغان).تەجىربىمۇ شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.بۇ يەردە سۆركىلىش كۈچى بار دېيىلىشى مۆمكىن.ئوخشاش ماسسىلىق ھارۋىلارنى ئوخشاش ماسسىلىق جىسىملار سۆرىسە تېزلىنىش ئوخشاش بولىدۇ،دەپ پەرەز قىلالايمىز.ھارۋىنىڭ تېزلىنىشى ماسسا بىلەن بىرگە ئويلىنىلىدۇ،ئېسىلغان جىسىمنىڭ تېزلىنىشىدە ماسسا ئويلۇشۇلمىسىمۇ بولىدۇ،دېيىلسە بۇ بىر زىدىيەت ئەمەسمۇ؟
4.كۈچ ماسسا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق مىقدار.يەنى،.ئۇنداقتا تارتىش كۈچىنىڭ ئۇزىنىڭ ماسسىسى قانچىلىك؟يەرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ ئوخشىمىغان ماسسىغا ئىگە ئەركىن چۈشكەن جىسىملارغا بولغان تەسىرى نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولىدۇ؟.بۇ بىر زىدىيەت ئەمەسمۇ؟.يومۇرلۇق ئېيىتساق،ھەرقانداق بىر جىسىمغا پەقەت يوق نەرسىنىڭ "تەسىرى"لا ئوخشاش بولىدۇ.
5.  29-تىئورمىچە ئېغىشتا ئاغقۇچى جىسىم تارتىش كۈچى نەزەريىسىدە بەلگىلەنگەن ئېغىرلىق كۈچ يۆنىلىشىگە بۇي سۇنمايدۇ.ئېغىرلىقنىڭ جىسىم ماسسىسىغا خاس مىقدار ئىكەنلىگىنى،ئۇنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى ۋاڭ ياپىڭنىڭ ئالەم بوشلۇغىدىكى ئالەم كېمىسىدىمۇ 74كىلوگىرام كەلگەنلىگى ئىسپاتلايدۇ.بۇلارنىڭ ھەرئىككىسى تارتىش كۈچى نەزەريىسىگە پايدىسىز پاكىتلار.بۇلار ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى دىگەن بۇ مىقدارنىڭ جىسىم ئۆزىگە خاس مىقدار،يۆنىلىشنىڭ جىسىم ئۆزى تاللىغان يۆنىلىش ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.بىر جىسىم بىرلا پەيىتتە ھەم 29-تىئورمىچە ئىنىرىتسىيىلىك ئېغىشقا ھەم تۆز سىزىق بويىچە ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى ھەركىتىگە قاتنىشىدۇ،دىسە كىم ئىشىنىدۇ؟
6.نىيوتۇن تارتىش كۈچى تەسىرىگە ۋاقىت كەتمەيدۇ،دەپ قارىغان.مەن چوڭ،كىچىك ئىككى باتارىيەنى قاپ بىلىدىن بىر ئۇزۇن يىپقا باغلىدىم.مەن بۇ ئىككى باتارىيەنى  نۇۋەتلەشتۆرۆپ بىرسىنى بوشلۇقتا تۇتۇتۇپ تۇرۇپ،يىپ چىڭ تارتىلغاندا ۋە تەۋرىنىش ئاساسەن توختىغاندا قويۇپ بەردىم.نىيوتۇنچە بولغاندا يىپ يەنىلا چىڭ تارتىلغان ھالدا تۆۋەنگە باتارىيىلەر بىلەن چۈشىشى كىرەك ئىدى.لىكىن،ئۇنداق بولمىدى.يىپ بوشاپ كەتكەن ھالدا باتارىيىلەر تۆۋەنگە چۈشتى.تارتىش كۈچى ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپ دېيىلگەنلىگى ئۈچۈن يىپ ئەسلا بوشاپ كەتمىسە بولاتتى.بۇ ھالەتمۇ تارتىش كۈچى نەزەريىسىگە پايدىسىز پاكىت.كىملا بولسۇن،ماسسىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى جىسىمنى ئۇزۇنراق يىپقا ئوتتۇرىدىن باغلاپ،بىرسىنى بوشلۇقتا تۇتۇپ تۇرۇپ،قويۇپ بېرىپ سىناپ باقسا بولىدۇ.

(يەنە بار)

动量- 维基百科,自由的百科全书

加速度动量


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 01:53 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش