بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 k( M6 W# J9 n! D$ m- G" Kدىيارىمىز ئېغىز بوشلۇقى مىدىتسىناسىدىكى تەۋەررۈك سىيما-ئادالەت ئەخمەتجان قاسىمى بۇ رەسىمدىكى ئانا دىيارىمىز ئېغىز بۇشلۇقى مىدىتسىناسىدىكى ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان سىيمادۇر.بۇ ئانا دىيارىمىز ئېغىز بوشلۇقى مىدىتسىناسى ئۈچۈن سەركىلىك رول ئوينىغان دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.ئۇ دىيارىمىز ئېغىز بوشلۇقى كەسپى بىلەن شوغۇنلانغان تىببىي خادىملار ئۈچۈن تالاي قىتىم رىيازەت چىكىپ،ئۇلارنىڭ غىمىنى ھازىرغىچە ئىسىدىن چىقارمىدى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.ئۇ ھېلىھەم ئېغىز بوشلۇقى مىدىتسىناسىنىڭ ئالدىنقى فىرونتىدا دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.بۇ ئانا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى،بۇ ئانا ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئارزۇلۇق قىزى-ئادالەت قاسىم. مەن بۇ ئانىمىز ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىشكە ئاجىزلىق قىلساممۇ،ئەمما بۇ ئانىمىزنى تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلىشى ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتتىم. ئادالەت ئاپپاي ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق ئېغىز بوشلۇقى پەنلىرى دوكتورى.ئاپپاي ھىلىھەم شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىتى قارمىقىدىكى1-دوختۇرخانا ئېغىز بوشلۇقى بۆلىمىدە ئىشلىمەكتە. مەن تۈۋەندە ئاپپاي توغۇرلۇق ئېرىشكەن بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى كۆپچىلىككە سۇندۇم.ئادالەت ئاپپاي 1946-يىلى غۇلجا شەھىردە تۇغۇلغان.1977-يىلى شاڭخەي2-تىببىي ئۇنۋىرستىتىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى مىدىتسىنا فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ،سابىق شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتۇتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىنغان.ئاپپاي 1987-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئۆسمە كىسەللىكلەر تەتقىقات مەركىزىدىكى دوكتور ئاسپرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ،جاپالىق ئۆگىنىش ۋە ئەجىر بەدىلىگە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشىپ،ئەينى چاغدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى بارماق بىلەن سانىۋالغىدەك دوكتورلارنىڭ بىرى سانالغان.ئاپپاي شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىدە بىر تەرەپتىن كىسەل كۆرگەچ،بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس ئۆتتى.ماگىستىر ئاسپىرانتى،دوكتور ئاسپىرانتى تەربىيلىدى.بۇ جەرياندا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا 40پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. ئادالەت ئاپپاي ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ،شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى،ئېغىز بوشلۇقى ئېڭەك-جاغ تاشقى بۆلۈم مۇدىرى،شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىتى ئېغىز بوشلۇقى مىدىتسىنا فاكۇلتىتى دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى،شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇنىڭدىن باشقا،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق داۋالاش ھادىسىلىرىنى تېخنىكىلىق باھالاپ بىكىتىش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مېيىپ،يېتىم بالىلارنى ئوپراتسىيە قىلىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى ئالىي ئۇنىۋان باھالاش كومىتىتىنىڭ ئەزاسى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېغىز بوشلۇقى مىدىتسىنا جەمىئيتىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.2010-يىلى9-ئايدا خەلىقئارا ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولدى. ئادالەت ئاپپاي ھازىرغىچە 30دىن ئارتۇق ماگىستىر ئاسپىرانتى،5دوكتور ئاسپىرانتى تەربىيلەپ چىقتى.ھازىر ئاپپاي مۇتەخەسىسلەر ئامبىرىدا كىسەل كۆرۈشتىن سىرىت،شىنجاڭ(ئەھيا)ئېغىز بوشلۇقى تېخنىك مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى.شىنجاڭ (مەرىپەت)ئايال كارخانچىلار تەربىلەش ئورنىنىڭ مەسلەھەتچىسى. ئاخىرىدا ئادالەت ئاپپاينىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلىشىنى،ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى تىلەيمىز. ئەسلى مەنبە:يىپەك يولى چىش دوختۇرلىرى كۇلۇبى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 u) Y7 `1 @! P2 ~
|