aytulun يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 06:16 PM
مېنى ئۇنتۇپ كەتمىگىن جېنىم
otkax0903
سۆزلىرىڭنى ئەپ كەلدى شامال،
ئاڭلاپ ئۇنى ئىزىلدى دىلىم.
سەن مەن ئۈچۈن كۆكتىكى ھىلال،
مېنى ئۇنتۇپ كەتمىگىن جېنىم.
سېنى كۈيلەپ ئۆتەر كۈنلىرىم،
تاشتىن قاتتىق سەنسىز كۈنلىرىم،
بۇ مېنىڭكى بىلسەڭ چىن سۆزۈم،
مېنى ئۇنتۇپ كەتمىگىن جېنىم.
سۆيگىنىمزنى كۈيلە كۆكلىسۇن،
ئىشقىمىزنىڭ ئوتى ئۆچمىسۇن،
جۈپ يۈرەكلەر كۈلسۇن، ياشنىسۇن،
مېنى ئۇنتۇپ كەتمىگىن جېنىم.
ئېيتقىن ئۇنتۇش شۇنچە ئاسانمۇ؟
يا كۆڭلۈڭنى بىرى ئالدىمۇ؟
ئاياغلاشسۇن جۇدالىق دەردىمۇ؟
مېنى ئۇنتۇپ كەتمىگىن جېنىم.
بۇ سۆيگۈمگە قىلىپ خىيانەت،
ئۇنتۇساڭ گەر مېنى جىنايەت،
ياغار ساڭا مەڭگۈ ئاھانەت،
مېنى ئۇنتۇپ كەتمىگىن جېنىم.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otkax0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-17 07:30 PM