نوروز كەلدى
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
**
نورۇز كەلدى،يەر-زىمىننى ياشنىتىپ كەلدى،
كۈلكە،شادلىق،نەغمە-ناۋا،ياڭرىتىپ كەلدى.
**
يېڭى يىلدا باش باھارنىڭ سەلكىن شامىلى،
جانلىقلارنى غەپلەتلەردىن ئويغىتىپ كەلدى.
**
يېڭى باھار،يېڭى سوغا،يېڭى شان بىلەن،
نۇرلاندۇرۇپ كۆزىمىزنى چاقنىتىپ كەلدى.
**
ئېتىز-دالا،باغ-ۋاراننى گۈلگە تولدۇرۇپ،
خۇش ئاۋازلىق بۇلبۇللارنى سايرىتىپ كەلدى.
**
كۆك ئاسماندىن مەھەللەمگە ھېكمەت ياغدۇرۇپ،
پاقلان يىللىق كۆڭۈللەرنى يايرىتىپ كەلدى.
**
دېھقان تاغام بۇيىل ئامەت پۈكتى كۆڭلىگە،
دات باسقان جۇپ كەتمەنلەرنى قاڭلىتىپ كەلدى.
**
پوتلا بىرىپ تېرەكلەرگە،يەرگە يېشىللىق،
ئېرغاڭلىتىپ چوكانتالنى شاخلىتىپ كەلدى.
**
تال-چىۋىقتىن ئات چاپتۇرۇپ پاتماي قىنىغا-
شوخ ئوينىغان ئوماقلارنى تاقلىتىپ كەلدى.
**
مەھەللەمدە يالقۇنجىغان تەبرىك يالقۇنى،
خاسىيەتلىك نورۇز ئېشى قاينىتىپ كەلدى.
**
نورۇز كۈيى بۇ ۋەتەندە مەڭگۈ جاراڭلاپ،
شادلىقىنى كەڭ جاھانغا ئاڭلىتىپ كەلدى.
****