mercury يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 09:55 PM
تىمىدىكى مەسىلىگە تىمىدا جاۋاب بەرگۈچىنىڭ نۇقتىسىدا ...
بۇرادەر سىز-بىزگە ئۇ چوكاننىڭ ئىچ-قارنىنى يىرىپ قەلبىدىكىنى بىلىش ئىقتىدارىمىز بارمۇ ؟ خۇددى سىز ئۇ بوۋاينىڭ ئۇ چوكانغا ئۇۋال قىلغاننى كۆررگەندەك بىلگەندەك گەپ قىلدىكەنسىزغۇ ؟
مەنمۇ ئاغىرماس بىشىمغا ئالتە تاياق دەپ ، قىزىمغا كۆيمەيدۇ، كىچە-كىچە ئۆيگە كىرمەي ئىچىپ-چىكىپ يۇرىيدۇ. تاكسى شوپۇرى دىگەننىڭ ئاشنىسى كۆپ بولىدىكەن. كۈندە ئۇردىدۇ دەپ قار يامغۇر يىغلىسا ۋاي بىر قىزى بولسا نىمە بوپتۇ. چوكان بولسا نىمە بوپتۇ دەپ ئەل-ئاغىللىرىم توسسا ئۇنماي مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ دەپ ھە مانا ئىچمەيدىغان .چەكمەيدىغان ، يۇمۇر چاقچاقتا بار. خىرىستىيان دىنى دەمسىز. ئىسلام دىنى دەمسىز .فىرانسىيە ، گوللاندىيە دىنى دەمسىز ...ئىشقىلىپ قايسى دىنغا لازىملىق بلىىم دىسىڭىز سىزنى يىتەكلەپ ماڭغۇدەك ئادەمنى تىپىپسىز . ئۇ دەل مەن بىز توي قىلايلى دەپ بىر قىزى بار ئايال بىلەن توي قىلغان. مەن تېخى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام مەنمۇ مۇشۇ جەينامازغا چىقىپ ...مەسچىتلەرگە بىرىپ بولالمايمەن بۇ ىوتۇن بولسىمۇ ئۆيدە قىلغىلى ئىش بولمىغاندىن كىيىن ھەقاچان مۇت تەقۋادار بولۇپ كىتەر دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۆيۇمدە قىلغىلى ئىش يوق دىسەم يالغان بولىدۇ. يوق ئەمەس ئەمدى تازلىق. تاماق ئىتىش ، ھەپتىدە بىر-ئىككى قىتىم كىر يۇيۇش دىگەن بولىدىغۇ بىر ئائىلىدە. ئېتىز-ئىرىق ئىشلىرىغۇ قىلاي دەپمۇ تاپالمايدۇ ئۆيىمىز سەھرادا بولغان بىلەن. باش بار بىراق خوتۇن خەق باغ باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ. ھەممۇ باققا ئۆزۈمدىن باشقا ئادەم كىرسىمۇ كۈدەشلىگىم يامان كىلىدۇ
باغنى ئۆزۈم بىر قوللۇق چىرايلىق ۋە تازلىقىنى پاكىز تۇتۇىمەن. ئۈچ يىلدەك سۆرۈشۈپ ئاجىراشتىم. ئامما لىكىن ئۇنىڭغا مىنى جازالاشقا قويۇپ بەرسە يەتمىش پۈشتۈمغىچە قوشۇپ ئۆلتۈرسىمۇ دەردى چىقمايدۇ. ۋۇجۇن ۋۇجۇن ئەتتىگىنى تورغاي چۇچۇلىماستا ئورنۇمدىن قوپۇپ بىر ئىش قىلغىلى تۇرسام كۈن ئولتۇرۇپ يىرىم كىچە بولغاندە ئىشتىن توختايمەن. تازلىق قىلىۋاتقان .تاماق ئىتىۋاتقان كىر يۇيۋاتقان . بەللىرىم ئاغىرىپ دىگەن ....دەپ بىر سۆزلىگىلى تۇرسا ‹‹ سۇ بويدا ›› روماندەك روماندىن ئۈچ رومان پۈتىدۇ. ئامما ئۇ ئايالىمنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە دوسلىرى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئىشەنمىدى ئاخىردا. سودىگەر ئاياللار گەپ-سۆزدە شۇنداق يامان كىلەمدۇ يا بۇنى بىلمىدىم. ( ئايالىم سودىگەر ئىدى ) سۆزلىگى تۇرسا سىغىزخانمۇ ئىغىزىغا قاراپ بىر-ئىككى ئاي تۇرۇپ قالىدۇۇ.
بىر ئادەمنىڭ يىغىسىغا قاراپ ئىچ ئاغىرتىشنى ھەرگىز قىلماڭ . ھازىرقى زاماندا بىرسى دىۋانە. ئىككىنجىسى لىۋىيەلىك مۇساپىرلاردىن باشقىغا ئىچ ئاغىرتىشنىڭ ئورنى يوقلىغىنى ھىس قىلدىم. نۇرغۇن پۇلنى سەرىپ قىلىپ بىر ھېكىمەتنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. ھىچ بىر ئادەم ياخشى خوتۇننى قويۋەتمەيدىكەن . ئىرىم ئۇرغان. كۆتۈمگە تەپكەن. خىزمىتىڭ يوق دەپ ، ئىدارە خادىم قىسقارتىمىز دەپ خىزمىتىمدىن ھەيدىۋەتكەن.....ئىدى خىزمىتى يوق خوتۇننى باقمايمەن دەپ خىتمىنى بىرۋەتكەن دىگەندەك ئاقماس گەپلەرنى قىلغان ئاياللارغا ئىگەكىم تۈفى دەيدىغان بولدۇم ھازىر.
..ئويلىسام ئويلىسام تىرناقچىلىق ئەقلى بار ئادەم ئۆزىدىكى ياخشى نەرسىنى ھەرگىزمۇ قولدىن چىقارمايدىكەن . چىقىرۋەتتى دىگەندىمۇ ئامال بار ساقلاپ بىقىشقا ، ئىلىپ قىلىشقا ....تىرىشىپ بىقىپ چىدىغۇچىلىگى قالمىغاندا يا ئا جىرشىدىكەن. يا ساتىدىكەن يا تاشلاپلا قۇتۇلىدىكەن. .
ئەمدى گەپ سىزگە دىسەم بۇرادەر ھىلىقى چوكاننىڭ زۇۋانى بولغاندىن كىيىن بوۋاي توي قىلايلىمۇ دەپ كىرگەندە ياق سىز قىرىكەنسىز كۈندۇزى قوسقۇم بىلەن ئۇچامنىڭ ھوددىسىىن چىقالىغان بىلەن كىچىسى يوتقاندا ھۆددەمدىن چىقالمايسىز يىلپىز ياخشى بولمسا جەرەننى بوغالمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش موماينى ئىلىڭ . مەنمۇ ياشراق بىرسىگە تىگەي . ئەر چىقمىسا ئاشخاندا قاچا يۇيۇپ. تازلىق قىلساممۇ كۈنۈمنى ئالالايمەن دەپ تەگمەسلىك كىرەك. ھەقاچان ئۇ چوكاننى ج خ ئىدارىسنىڭ ساقچىللىرى پۇت-قولىنى باغلاپ ئۇ بوۋاينىڭ ھارۋىسىغا تاشلاپ بەرمىگەن بولغىيدى. ئاش-نان . تۈز .كىيم-كىچەك بەرگەن ئادەم ئاشۇنداق خوتۇن قىلىدۇ. مەن قىرىمەنكەن بۇ چىچەك چوكان قىچىپ كەتمىسۇن جەۋىرى قىلىپ قويسام دەپ ئاپىرىپ كاتنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇپ ھەسەل-ھەرىلەر پادىشاھنى باققاندەك باقارنىڭ ئورنى يوق. دىسەم دىمىسەم ئۇ چوكانمۇ بوش ئەمەس. تەلەپ قويۇپ كەلسە مۇنداق قاراپ باقسا بوۋاينىڭ ئۈستى-باشلىرىدىن ھاللىق چىقىپ تۇرغان .ھە بولىدىغان قىرىكەن تىگىپ قولۇمنى ئەگرى قىلماي ياشايدىكەنمەن دەپ تەككەن بولغىيدى بەلىكم .
..سىزگە دىسەم بارغۇ بۇرادەر دۇنيادا ئەڭ بىلملىك جانلىق شەيتان دىيلىدۇ. بىراق مۇشۇ جانلىققا دەرىس بىرەلەيدىغان ئۇستاز بولالايدىغان بىردىنبىر ئادەم ئاياللار . قىز-ئاياللارنىڭ كۆزى بەك يامان بىلەمسىز. قىز-ئاياللار شەيئىلەرنى كۈزتۈشكە باك ماھىر ئۇلار بىز ئەرلەر بايقىيالمايدىغان نەچچە يۈز خىل رەڭ ۋە پىسىخىك مىجەز ۋە ئىجابىي-سەلبى يىتەرسىزلىكلىرىمىزنى .....قىلنى قىرىق يىرىپ بىلۋالدىكەن. ناھايتى پۇلدار بىر ئادەم چاچ-ساقاللىرنى ئۆستۈرۈپ كىيىملىرى مەينەت رەسۋا ھالدا بولۇپ قالسىمۇ ئاياللار ئۇ كىشنىڭ ھەركىتنى بىر ئاز كۈزتۈپ ئۇنىڭ باي كىشىلەردىن ئىكەنلىگىنى بىلۋالىدۇ . ھەممۇ ناھايتى نامرات ئادەم ھەر قانچە ئېسىل كىيىم-كىچەكلەر بىلەن ئۆزىنى نەچچە رەت يۇيۇپ-تازلاپ تاراپ ئالدىغا بارسىمۇ ئۇنىڭ ھامان نامراتلىقىنى بىلۋىلىپ ئالدىغان رولنى شۇنىڭغا قاراپ تەڭشەيدۇ. بۇنداق يىغڭلاڭغۇ چىراي ئاياللارنىڭ يىغىسىغا ھەلا دەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇلار مۇنبەرردە، تۇرغان-ماڭغانلىرىدا....ئۆزىنى ئىرلاندىيە كۆلىدىكى رىۋايەت ئاققۇلىرى قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن توقۇمايدىغان پوپايكا ( گەپ-سۆز ) توقۇمايدىغان يالغان-گەپ قالمايدۇ.....بۇلارنىڭ ئۇ ھەممە گىپى قىزىل راقتىكى چۈشتەك . ياكى مىڭ بىر كىچە رومانىدىكىدەك قىپقىزىل بىر رىۋايەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.