مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1843|ئىنكاس: 26
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىردەم مۇڭدىشامدۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 121265
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2015-6-14
ئاخىرقى: 2015-6-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش
ئالدى بىلەن مۇشۇ تىمىنى چىكىپ كىرىپ، مەن بىلەن توردىن ئىبارەت مەۋھۇم بۇ بوشلۇقتا بىردەم بولسىمۇ  مۇڭدىشىش خىيالى بىلەن مۇشۇ بەتكە كىرگەن ھەر بىر تورداشلارغا سالامىم بولسۇن! رەھمەت سىلەرگە...
خەت يىزىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى، لىكىن كونۇپكا تاختىسىنى بىشىسقا باشلىشىم بىلەنلا كاللام قۇپقۇرۇق بوپ كەتتى، داۋاملىق شۇندا زادى...ئىچىمدە ئۇنى دەيمە بۇنى دەيمە دەيمەنيۇ، شۇندا سادايىمنى چىقىراي دىگەندە يوقلام بوپ كىتىدۇ گەپلىرىم...سىلەردىمۇ مۇشۇنداق غەلىتىلىك بامۇ؟ گەپ باشلاشتىن بۇرۇن نۇرغۇن گەپلە كاللىدا قاينايدۇ، شۇنداق گەپ باشلىدىمۇ بولدى، لوگىكا دىگەن قالايمىغان، سۆزلەر ئالىتاغىل، ئۆزىچە تاغدىن باغدىن چۈشۈپ گەپ قىلىپ، يا ئۇ گەپلەرنىڭ بىر يەلىرى قەتتى قولاشمىغان زادى...ھەي....مەن مۇندا قاراپ باقسام ناتىق بولۇشمۇ بىر ھۈنەركە جۇمۇ...سۆزلەرنى رەت رىتى بىلەن مارجاندەك تىزىپ تىزىپ ئىغىزدىن چىقىرىشمۇ بىر قوساق ئۇماچ كىتىدىكە، ناتىقلىق بىلىمكە ئەمەسمۇ؟...
لىكىن...ۋاي بولدىلا، ئويلىغىنىمنى يىزىۋىرەيچۇ، بەرىبىر سىلەر مۇندالا ئوقۇپ قويدىغان بوغانكى...
شۇنداق قىلىپ مۇشۇ مەزگىللەدە قاراڭلا، مەن ھەر كۈنى چۈشتىن كىيىن دىگۈدەك كۇتۇپخانىغا كىتاپ ئوقۇغىلى بىرىۋاتىمەن. يىڭىلىق بولغىنى شۇكى، مەن بىرىۋاتقان ئۇ كۇتۇپخانا شەخسىنىڭ كۇتۇپخانىسى. نەزىرىمدە ئۇنداق ئىسىل ئىش تىخى ماكانىمدا تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا، مەن دەسلەپتە بەك قىزغىنتىم برىشقا، كىيىن بىرىشقا سەل قىرىق بولدۇم، نىمىشقا دىسەڭلا كۇتۇپخانا ئۆيۈمدىن يىراق، لىكىن تۈپ نۇقتىسىنى دىسەم ئۆزەم ھورۇنلۇق قىلدىم. بىرىش خوش ياقمىدى... گەرچە ئۇ يەرنىڭ مۇھىتى شۇنچە ئازادە، شۇنچە پاكىز، شۇنچىلىك بىرخىل ئىسىللىق پۇراپ تۇرىدىغان ئازادە بىر كۇتۇپخانا بولسىمۇ، لىكىن ھورۇنلىقىم تۈپەيلى كۇتۇپخانىغا بىرىشنى قەتئىي ئىزچىل ھالدا داۋاملاشتۇرالمىدىم. بارالمىغان كۈنلىرى ھىچقانداق ئالدىراش ئىشىم يوق بولمىسا، لىكىن ئارلىق يىراق بوغانكىن قاچاندا بىرىپ بولامە دەپ ھورۇنلۇق قىلدىم. ۋاي شۇندا قانچىلىك يىراقتى خىنىم؟ دىسەڭلا، كوچا ئاپتۇزدا ئولتۇرسام ساق 40 مىنۇت (كوچا ئاپتۇزنى ساقلاشقا 20 مىنۇت كىتىشلىرىچۇ، يۈركەمنى سىقىپ)كىتىدۇ مىنىڭ شۇ كۇتۇپخانىغا بىرىشىمغا. بىر ئىككى ھەتتا ئۈچ كۈن شۇنداق زولاپ بامىدىم، خوش ياقمايچۇ؟ لىكىن بامىغان كۈنلەدە كۆڭلۈمنى تىڭشىسام، كۆڭلۈمنىڭ بىر يەلىرى بىرقانداق، پەقەت ئۆزۈم ئەمەستەك كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم. «كىتاپ ئوقۇشتىنمۇ يالتايغاندىكىن، تۈگەپسە ھايات!» دەپ بىرسى قۇلقىمدا جاراڭشىۋاتقاندەكلا بەك بىئارام بولدۇم. ھەقىقەتەن بىئارام بولدۇم! «ۋاي ئارىلىق يىراقكە، پىژ-پىژ ئىسسىقتا تالاغا چىقىش خوش ياقمايدىكە ماندا! يولغا بىرمۇنچە ۋاقىت كىتىدىكە...دەپ ئۆزەمنى بەزلەپ، ئاخسا بىژخىل باھانىلەرنى مارجاندەك تىزىپ باقساممۇ، بۇ كۆڭلۈم دىگەن بىژمە پەقەت قۇلاق ساممىدى. «پاھ! باھانىلىرىڭدىن ئۆرگىلەي!» دەپ مېنى زاڭلىق قىلدى. نىمىسىنى دەي؟ ھەر كىمنى ئالدىغىلى بولىدۇ، ھەتتا خۇدانىمۇ! لىكىن ماۋۇ كۆڭۈل دىگەن بىژمىنى قەتتى ئالدىغىلى بومايدىكە ئەمەسمۇ!! كۆڭلۈم مېنى يەڭدى.
شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە بىرىشنى باشلىدىم. قۇلاقتا نائۇشنىك، كۆزلەر تالادا...يولدا كۆرگەن بىلگەن ھەرخىل سەرخىل مەنزىرلەر، كىشىلەر، شۇلارغا ئەگەشكەن ھەرخىل ھىسياتلار، ھىس قىلىشلار...ھەممىسىنى بىرە قۇر كۆرۈپ ئويلىنىپ، ھىس قىلىپ دەڭسەپ بولغىچە بارار كۇتۇپخانامغا بىرىپ بولدۇم. ۋوي، كىلىپ بوپتىمەنغۇ دەپ بىرخىل كىچىك ھاياجان بىلەن تۇنجى كىتابنى ئوقۇشنى باشلىۋەتتىم. چۈنكى دەسلەپ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ بارغان ۋاقىتلىرىمدا پەقەت ژۇرنال ئوقۇغان ئىدىم. چۈنكى مەن ئادەتتە ژۇرنال ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئەمما بۇ قىتىم كىتاپ ئوقۇشنى لايىق تاپتىم، مەقسىتىم ھورۇن ۋە بىكىنمە بولغان ئۆزۈمگە ئازراق بولسىمۇ بىسىم پەيدا قىلىش ئىدى، چۈنكى تومراق كىتابنى مىنىڭ ئادەتتە مەجبۇرلاش كىسىلىم بويىچە بوغاندا، چوقۇم ئوقۇپ تۈگەتمىسەم بولدى قىلمايتىم، شۇنىڭ بىلەن بىرسى كۈندە كۇتۇپخانىغا بىرىشىمغا سەۋەپ پەيدا بولاتتى، يەنە بىرسى بولسا كۆپرەك سىرتقا چىقىپ سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىشىمغا شارائىت ھازىر بولاتتى. ئەمما مەن بەكمۇ تەلەيلىك ئىكەنمەن. ھەممە نەرسىگە قىزىقسىنىدىغان خۇيۇم بولغاچقىمىكىن، شۇ نىشان بىلەن قولۇمغا ئالغان تۇنجى كىتابىمنىڭ نەق مەندەك بىر ئۆزگۈرۈشكە مۇھتاج بولغان ئاددى بىر ئىگىسى تەرىپىدىن تېخى تۇنجى قىتىمدىلا نەق بايقىلىپ قولىغا چىقىپ قىلىشى ئەقلىمنى لال قىلدى! ئىشەنمەيلا قالدىم! مەن دەل شۇ خىل روھقا مۇھتاج بولغاندا بۇ كىتابنىڭ نەقلا قولۇمغا چىقىشىغا ئىشىنەلمەيلا قالدىميۇ، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا «تارتىش كۈچى قانۇنى»نىڭ ھەقىقەتەنمۇ شۇنچىلىك زور كۈچىنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم ۋە كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا تەستىق سالدىم!
قولۇمغا چۈشكەن «تېرە پۈتۈك» ناملىق ئامېرىكىلىق ئوگ ماندىنونىڭ بۇ ئەسىرى گويا بىر كاۋىكى تىپىلمايدىغان نەپىس قەسىرگە ئوخشايدىكە!
نادىر ئەسەر
كىتابنىڭ ئەسلى مەزمۇنى ئىسىل بولسىمۇ، بىراق مېنى تىخىمۇ قايىل قىلىپ جەلىپ قىلۋالغىنى مەزكۇر كىتابنىڭ تەرجىمانى بۇ كىتابنى شۇنچىلىك قالتىس تەرجىمە قىپتۇكى، مەن «ئۈگىنىش ئىنقىلابى» دىگەن تەرجىمە كىتابىدىن كىيىن ئەڭ بەك قايىل بولغان كىتاپ دەل «تېرە پۈتۈك» بولدى. بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى تىزىلىشىدا شۇنچىلىك رەتلىك، سۆزلىرى شۇنچىلىك ئاددى ھەم چۈشىنىشلىك، ئىپادىلەش ئۇسۇلى تولىمۇ نەق چۈشكەن. قەتتى ئارتۇق-تۆشۈك گەپ-سۆز يوق. تىيىزلىقتىن ئاستا-ئاستا چوڭقۇرلاپ كىرگەن بىر نەپىس ئەسەر ئىكەن. ئاراڭلادا بەلكىم بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغانلار با. بىراق مەن بۇ كىتابنى ئەمدى ئوقۇپتىمە. قارىسام كىتاب 2013-يىلى نەشىر قىلىپ بولغان كىتابكە بولمىسا، مەن مەتو ئەمدى كۆرۈپتىمە...
بىز داۋاملىق ئۇنداق قىلساڭ بومايدۇ، مۇنداق قىلساڭ بومايتى، ئاشۇنداق قىلساڭ بولامدۇ...لارغا ئەگەشكەن تەنقىد تاپا-تەنە سۇئاللار دۆۋىسىگە پىتىپ قالىمىز ئادەتتە. ئارىمىزدىن ئونىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ تۆتىلا مۇنداق قىلساڭ، ياكى ئانداق قىلساڭ ئاندىن توغرا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق دەپ بىراۋنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيەت ئىشلىرى ۋە خاتا پىكىرلىرىنى رەھىمسىزلەرچە سىلكىمەستىن، سەۋر تاقەت بىلەن توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ. ئەمدى بۇ كىتاب سىزنىڭ شۇنداق ئىلھاملاندۇردىغان كىشىڭىز بولمىسا دەل شۇنداق توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىنىڭ رولىنى ئۆتەپتۇ. خۇددى سىز ئۈچۈنلا يىزىلىپتۇ. كىتابتا سىزنىڭ نىمىشقا تاكى ھازىرغىچە ھەر قانداق ئىشتا بەزىدە مەغلۇب بولۇپ بەزىدە غەلبە بولۇشلىرىڭىزنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى خۇددى بىر سىزنى چۈشىنىدىغان مويسىپىتتەك بىردىن-بىردىن يىشىپ ئىزىپ چۈشەندۈرۈپ قويۇپتۇ، ئۇلاپلا بۇنداق تۇتۇرۇقسىز مەبلۇبىيەت ۋە غەلبىلەرنى قانداق قىلغاندا تۇتامىغا چىققۇدەك ۋاڭ-ۋاڭ جاراڭلاتقۇدەك قىلغىلى بولىدىغانلىق ھەققىدە بىرمۇ-بىر ئىزىپ ئۈچۈرۈپ چۈشەندۈرۈپتۇ...
مەن شۇنداق قىلىپ بۇ 600 بەتكە يىقىن كىتابنى ئالتە كۈندە ئوقۇپ بولۇشنى ئۆزۈمگە پىلان قىلدىم، بۈگۈن 3-كۈنى، كىتابنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدىم. تېخى ئاخىرى چىققىنى يوق؛ بىراق شۇ ئوتتۇرىغا كەلگۈچە بۇ كىتاپ ماڭا تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك قىزغىن ۋە ھاياجان ئىلكىدە مۇشۇ باش ئاخىرى ماسلاشمىغان تۇنجى يازمامنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەقسىتىم، بۇ كىتابنى مەندەك بىر ئوقۇپ باقمىغانلارغا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە، ئارىمىزدا بىرە قۇر ئوقۇپ بولغان دوستلار بار بولسا، ئىرىنمەستىن ئۆز تەسىراتىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر.
ئاخىردا تاغدىن-باغدىن يىزىلغان بۇ يازمامنى شۇنچە تاقەتلىك بىلەن تاكى مۇشۇ قۇرلارغىچە كۆڭۈل قويۇپ ئوقىغىنىڭلار ئۈچۈن چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتتار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ «رەھمەت سىلەرگە» دىگەن سۆزۈم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.

ھاياتنىڭ يازمىسى، 27-ئىيۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hayatsiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-27 01:48 AM  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86474
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 914
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-7-4
2#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
كىتاپنى سېتىۋىلىپ ئۆيىڭىزدە ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ،بەك ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئەمەسمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112249
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-7-3
3#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مەنمۇ كىتاپخانىغا كىرگەندە ئۇشبۇ كىتاپنى ئۇچۇراتقانتىم،ۋە مۇندەرىجىسىگە بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپلا بولدى قىلغانتىم،،قارىغاندا سىز دېگەندەك راسلا ئىسىل كىتاپ بولسا بىرنى سېتىۋېلىپ ئوقۇسام بولغۇدەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1498 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-7-4
4#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
بەئەينى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ئاكىمىز بىلەن چوڭ ئەيسا رولىدا چىقىدىغان خالمۇرات ئاكىمىز رولغا چىققان بىر ئىتۇت بارغۇ تۇنجى قار دەپ....شۇ تۇنجى قاردىكى كىتابخۇمار باغۋەن بالىدەكلا ئوخشايسىز....

شۇ ئىتوتتىن دىئالوگ:بۇ بالا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئوقۇپ كىتىدۇ،كۈندە كىلىدۇ بۇ بالا...
مۇشۇنداق ئۇقۇپ كىچە قىلىۋىتىدىغان بولدى دە،ئۇنىڭدىن ئۈيىگە ئىلىپ كىتىپ ئوقۇسىچۇ...

مۇشۇنداق ئوقۇپ قىشنى يازغا ئۇلىۋىتىدىغان بولدى دە....

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33406
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4909
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 744 سائەت
تىزىم: 2011-3-11
ئاخىرقى: 2015-7-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
سېتىۋېلىپ ماڭا سوۋغا قىلغان بولسىڭىز ھە، مەن سىزدىن ئىككى كۈن بالدۇر يەنى 4 كۈن ئىچىدە ئوقۇپ تۈگىتىۋېتەتتىم.

سىز ئالدىرماڭ سىزگە كىلۇر،ئاستا ئالدىرماڭ تىز كىلۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96034
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1075
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-7-3
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
تېمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،كۆڭلىڭىزدىكى چىن سۆزلەر ئىكەن،مىنىڭچە سىز كتابخۇمار،ھىسياتچان،ئىچ مىجەز قىز ئىكەنسىز،ئاپىرىن سىزگە تېمىڭىزنى مەن ياقتۇردۇم  ،مۇشۇ تېمىڭىز بىلەن قەلمىڭىز تىخىمۇ تىز يورغىلغاي.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115121
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1326 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-7-4
7#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇقۇپ باقمىغان كىتاپ ئىكەن كۈتۈپخانىغا بارسام ئاللا خالىسا چۇقۇم ئۇقۇيمەن.

ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر،
ھاياتتا كىرەكتۇر ۋىجدان ۋە غۇرۇر.
يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ئوتمىگىن ھەرگىز.
دىيارىڭ شىنجاڭدۇر مىللىتىڭ ئۇيغۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115121
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1326 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-7-4
8#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇقۇپ باقمىغان كىتاپ ئىكەن كۈتۈپخانىغا بارسام ئاللا خالىسا چۇقۇم ئۇقۇيمەن.

ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر،
ھاياتتا كىرەكتۇر ۋىجدان ۋە غۇرۇر.
يېلىنىپ يالۋۇرۇپ ئوتمىگىن ھەرگىز.
دىيارىڭ شىنجاڭدۇر مىللىتىڭ ئۇيغۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109295
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6137
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2014-8-19
ئاخىرقى: 2015-7-4
9#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
يازمىڭىزنى ساقلاپ قويۇپ كېيىن ئۇقاي

. ئۆزىنى كەمسىتىش: باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۆزىنى ھاقارەتلەشتۇر.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3629
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32540
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3810 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-7-4
10#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
   مۇڭداشساق مۇڭداشتۇق ، مۇڭداشمىغىلى نىم بوپتىكەن ،
   مەنمۇ بىر كىتاپ خۇمار ، لىكىن مەن كۈتۈپخانىدا ئەمەس ، كىتاپنى سىتىۋىلىپ ئۆيدە ئوقۇيمەن ، ۋاختىم قىس بولغاچ شۇنداق قىلىمەن ، مىنىڭ يەنە بىر ئادىتىم بىرسىگە پەقەت كىتاپ ئارىيەت بەرمەيمەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش