ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئېكران سىنغا ئالىدىغان بۇ دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان. ئىگە تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇر تىلىنى قوشۇپ قالسا ئېلان قىلارمەن دېگەن، لېكىن ئىگە تەرەپكە ئېلخەت يوللاپ ئالاقىلىشىش غەلىبىلىك بولماي قالدى. كومپيۇتېرىمدا توپا بېسىپ قالمىسۇن، لازىملىق تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
دېتال ئىسمى: ئېكران سىن ئالغۇچ ھەقسىز نەشرى
Cute Screen Recorder Free Version
چۈشەندۈرۈش: كومپيۇتېردا بىلگەنلىرىمىزنى باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئاۋۋال شۇلارغا بىر قېتىم قىلىپ كۆرسىتىپ قويساق ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ. شۇنداق چاغدا بەزىدە سۈرەتلىك بەزىدە سىنلىق دەرسلىك ئىشلەشكە موھتاج بولىمىز. بۇ دېتال سىن دەرس ئىشلەش، يەنى كومپيۇتېر ئېكرانىنى سىنغا ئېلىشتا ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ. سىز كەسپىي دەرس سۆزلەيدىغان ئادەم بولسىڭىز ئېكران سىنغا ئېلىشتا قايسى دېتالنىڭ ياخشىلىقىنى دېمىسەممۇ بىلىسىز. بۇ دېتال يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە سىن دەرسكە ئانچە يۇقىرى تەلەپ قويمايدىغانلارغا ماس كېلىدۇ.
تىلى: كۆپ تىللىق، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
نەشرى: 3.608
ئىجرا مۇھىتى: Winxp/vista/win7/win8/win10 مەن win8 دا سىناپ باقتىم.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت، مەن 32 بىتتا سىنىدىم.
ئىقتىدارى: كومپيۇتېر ئېكرانىدا قىلىۋاتقان مەشغۇلاتنى ھەر خىل فورماتتا سىنغا ئېلىش ۋە قوشۇمچە ئىقتىدارلار.
ئىگە تەرەپ بېتى:
http://www.videotool.net/screen-recorder-free-version.htm
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى:
ئاۋۋال دېتالنى تەمىنلىگەن ئادرېستىن چۈشۈرۈپ قاچىلايسىز. قاچىلاش بولىقى ئېچىلغاندا سەل ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن. يەنە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىمۇ بىللە چۈشۈرۈشنى ئۇنۇتماڭ.
قاچىلاپ بولۇپ مەن تەمىنلىگەن تىل بولىقىنى دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىگە كىرىپ، language (تىل) دېگەن قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرىسىز. ئالماشتۇرامسىز دېگەن ئەسكەرتىشكە ھەئە دەپ ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ. (ئادەتتە خەنزۇ تىلى بولىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلى بولىقىنى ئالماشتۇراتتىم، بەزى تورداشلارنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇيغۇر تىل بولىقىنىڭ نامى فىرانسۇز تىل بولىقىنىڭ نامىغا توغرىلاندى. يەنى سىز فىرانسۇز تىلى بولىقىنى ئۇيغۇر تىلى بولىقىغا ئالماشتۇرىسىز)
دېتال تۇنجى قېتىم قوزغالغاندا ئىنگلىزچە كۆرۈنىدۇ، ئۈستىدىكى language (تىل) دېگەن تىزىملىكتىن français (فىرانسۇزچە) دېگەننى تاللىسىڭىز ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
ئالدى بىلەن سىنغا ئالىدىغان رايوننى تاللايمىز. «تەييار» دېگەن يەردە ئۈچ تاللاش بار. Customize دېگىنى ئۆزىمىز رايون بەلگىلەشنى، full screen دېگىنى تولۇق ئېكراننى، center دېگىنى ئېكران مەركىزىنى كۆرسىتىدۇ. شۇ يەردىن خالىغاننى تاللايمىز.
ئۆزىمىز رايون تاللىغان بولساق تاللاپ بولۇپ، رايوننى كۆرۈش دېگەننى باسساق تاللىغان رايوننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ۋە ماس ئۇچۇرلار ئېگىزلىك، كەڭلىك دېگەن رامكىلاردا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
رايون تاللاپ بولۇپ سىن فورماتىنى تاللايمىز. بىز كۆپرەك ئىشلىتىدىغان فورماتتىن flv,mp4,wmv قاتارلىقلار بار.
ئاندىن سىن سۈپىتىنى تاللايمىز. سۈكۈتتىكى ھالەتتە 6 دە ( نورمال ھالەتتە) تۇرىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق، سۈزۈك چىقسۇن دېسىڭىز 0 نى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئاۋاز تاللانمىسىغا چېقىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئەمدى ياندىكى تۇتۇش تەڭشىكىدىن مائۇس ئىسترېلكىسىنى سىنغا ئېلىش-ئالماسلىق، سىن ئېلىش ۋاقتىنى بەلگىلەش قاتارلىقلارنى بەلگىلىيەلەيسىز.
يەنە سۇ باسما تەڭشىكىدىن سىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا خەت (يۇنىكود قوللىمايدىكەن) ۋە سۇ باسما رەسىم (png فورماتتىكى)، ۋاقىت دېگەنلەرنى قىستۇرالايسىز.
بۇ جايلارنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن سىنغا ئېلىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. مائۇس ئىسترېلكىسىنى باشلاش، تورمۇزلاش دېگەن كۇنۇپكىلارنىڭ ئۈستىگە ئاپارسىڭىز تېز ئىجرا كۇنۇپكىلىرى ئەسكەرتمىسى كۆرۈنىدۇ. شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
سىغىمى: 6.39 مېگابايت
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا يۇنىكود خەت نۇسخىلىرى قاچىلانغان بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئىگە تەرەپتىن بىۋاسىتە چۈشۈرۈش:
http://www.videotool.net/download/screenrecorderfree.exe
بۇ قاچىلاش بولىقىدا ئۇيغۇر تىلى يوق. مەن تەمىنلىگەن زاپاس ئادرېستىن ئىككىسىنى بىللە ياكى تىل بولىقىنى ئايرىم چۈشۈرۋېلىڭ.
زاپاس ئادرېس:
قاچىلاش بولىقى ۋە تىل بولاق بىللە:
سومكامدىن:
http://www.somkam.com/3e5
باشقا تور دىسكا:
http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZS05lH
تىل بولىقىنى ئايرىم چۈشۈرۈش:
http://www.somkam.com/3e6
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-7-3 09:36 PM):
بەزى كومپيۇتېرلاردا سىن ئالغاندا ئاۋازى ئېلىنمايدىكەن. سەۋەبىنى بىلمىدىم