سۈيۈملۈك قىزلاردىن بۇلۇشنى خالامسىز؟
رىزىۋانگۈل ئوبۇل
1.كۈلۈمسىرەشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۈلۈمسىرەشنىڭ رۇلىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ،سىزنىڭ بىر قېتىملىق سەمىمى كۈلكىڭىز سىزنى ئۈزىڭىز ئويلاپمۇ باقمىغان ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشتۈرىشى مۇمكىن،سىز ئىللىق كۈلكىڭىز ئارقىلىق باشقىلارغا خۇشاللىق،ئازادىلىك بېغىشلىيالايسىز،ھېچكىممۇ چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان،قوپال،سۆرۈن تەلەت قىزلارنى ياقتۇرمايدۇ،سىزمۇ شۇنداقتۇرسىز بەلكىم،شۇڭا ھايا ۋە پەردىشەپنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇنغان سەمىمى كۈلكىڭىزنى ئەتراپىڭىزدىكىلەردىن ئايىماڭ.
2.تۇرمۇشتا سەمىمى بۇلۇڭ.
سەمىمىيلىك كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بارىلىق ياخشى پەزىلەتلەرنىڭ يارقىن جۇلاسى،سىز سەمىمىيلىكىڭىز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيسىز،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزنى تىكلىيەلەيسىز،ھېلىقى بىر پادىشاھنىڭ بالىلارغا قاينىتىۋېتىلگەن گۈل ئۇرۇقىنى تارقىتىپ بىرىپ،كىيىن تەشتىكىدە بىر تالمۇ گۈل ئۆستۈرەلمىگەن بالىنى ۋارىسلىققا تاللايدىغانلىقىغا ئائىت ھېكايىنى ھەممىمىز بىلىمىز،بەزىدە سەمىمىيلىك بىلەن قىلغان بىر قېتىملىق ئىشىمىز بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن،شۇڭا سۈيۈملۈك قىز بولاي دىسىڭىز سەمىمى بولۇڭكى كۆز بويامچىلىق قىلماڭ،كۆز بويامچىلىق قىلىپ بىر-ئىككى قېتىم سىناقتىن ئۆتىۋالغان بىلەن،سىزنىڭ بۇ قىلغىنىڭىز ئاشكارىلىنىپ قالغاندا ئۈزىڭىزنى قويارغا يەر تاپالماي قالىسىز.
3.باشقىلارنى ماختاشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.
ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بىر ئۈمۈد بار بولىدۇ،ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشىش،قىزلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا باشقىلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ماختاشنى ئۈگىنىۋېلىش كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ئەنگۈشتەر،ماختاش ۋە قوللاش باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان،كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان ۋە ئۈزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدىغان بىر خىل كۈچ، ئۈزىنى قوللايدىغان ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ چىن كۆڭلىدىن ماختىيالايدىغان كىشىنى كىممۇ ياخشى كۆرمىسۇن دەيسىز؟شۇڭا سۈيۈملۈك قىزلاردىن بولاي دىسىڭىز قورسىقىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ،ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرگەندە ئۇلارنى چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ تۇرۇپ ماختاڭ،مەدىھلەڭ.
4.ئۈمىدۋار بولۇڭ.
ئۈزىگە ئىشىنىدىغان،يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە،روھلۇق كىشىلەرگە ھەممە كىشى ھەۋەس قىلىدۇ،شۇنداق كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغۇسى،دوسىت بولغۇسى كىلىدۇ،مەسلىھەت سورىغۇسى كېلىدۇ،قاچانلا قارىسا روھسىز،ئەتراپىدىكى ئادەملەردىن،جەمىيەتتىن،ئاتا-ئانىسىدىن زارلاپلا يۈرىيدىغان،باشقىلاردىن قۇسۇر تېپىشقا ئامراق،باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاشنى ياخشى كۈرىدىغان قىزلارنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ،ھەممە ئادەمنىڭ دەردى ئۈزىگە يىتىپ ئاشقۇچە تۇرىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە كىممۇ سىزنىڭ ئۈمىدسىز ھالىتىڭىزنى،باشقىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ ھەممە نىمىدىن زارلاپ يۈرۈشلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا خۇشتار دەيسىز،شۇڭا سۈيۈملۈك قىزلاردىن بولاي دىسىڭىز روھى كۈچىڭىز ئورغۇپ تۇرسۇن،باشقىلار سىزنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۆزلىرىڭىزدىن ھازىرقى زامان ياشلىرىغا خاس جۇشقۇنلۇقىنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن. 5.باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ماھىر بولۇڭ.
باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىغا ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل،كىشىلىك ئالاقە جەريانىدا باشقىلارنىڭ سۈزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش،بولۇپمۇ كەيپىياتى ناچار،سىزگە دەردىنى تۆكىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ جاۋاپ قايتۇرۇش بىر ئادەمنىڭ ساپاسى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ،شۇڭا باشقىلارنىڭ سۈزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى ئۈگىنىۋېلىڭ،بۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە سىزنىڭ باشقىلارنى قانچىلىك ھۆرمەتلەيدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
6.باشقىلارغا كۆڭۈل بۈلۈشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.
ئەگەر دوستىڭىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ بۇلىشىنى ئويلىسىڭىز باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۈگىنىۋېلىڭ،باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا قۇلىڭىزدىن كەلسىلا يارىدىمىڭىزنى ئۇنىڭدىن ئايىماڭ،ئەمەلىيەتتە باشقىلارغا يارىدەم بەرگەنلىكىڭىز ئۈزىڭىزگە يارىدەم بەرگەنلىكىڭىز بىلەن باراۋەر،دوسىتلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىدە،ئاغرىپ قالغان ۋاقىتلاردا،ھېيىت-بايراملاردا،بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە،مۇۋاپىقىيەت قازانغاندا ئۇلارغا تېلىغۇن قىلىپ ئۇلاردىن ھال-ئەھۋال سوراپ قويسىڭىز،تەبرىكلەيدىغاننى تەبرىكلەپ،تەسەللى بېرىدىغانغا تەسەللى بىرىپ قويسىڭىز ئۇلار سىزدىن مىننەتدار بولۇپ قالىدۇ.ھەم بۇنداق كۈنلەرنى ئۈزىڭىزنىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ دىيەلمەيسىز،شۇنداق چاغلاردا ھېچكىم سىزگە كۆڭۈل بۆلمىسە،سىز بىلەن كارى بولمىسا سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىز يېرىم بولار؟شۇڭا سۈيۈملۈك قىزلاردىن بولاي دىسىڭىز باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۈگىنىۋېلىڭ،باشقىلارنىڭ ھىسياتىغا،مەنپەئەتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قىزىقىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ماھىر بولۇش مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئاياللار ھازىرلاشقا تىگىشلىك ساپا،باشقىلارغا شەخسىيەتسىز،سەمىمى،ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلۈش ھەقىقى دوسىتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشتىكى زۆرۈر ۋاستە. مانا مۇشۇ خىل خسلەتلەرنى ئۈزىڭىزدە يىتىلدۈرەلىسىڭىز،سىز تەبئىيلا باشقىلارنىڭ ياخشى كۈرىشىگە نائىل بولالايسىز ھەم تېخىمۇ سۈيۈملۈك قىزلاردىن بولالايسىز،
/ e3 C( H$ I9 v7 f6 M5 S