مىسرانىم مۇنبىرى

  • sultannur 1 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    3 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى بىلوگ

  • HALIS1 5 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مايسىرىغان ھارۋا بەك غىچىرلايدۇ-دەيدۇ كونىلار.

  • .tuz. 5 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق قىلىپ ياخشى ئادەم بولدىڭىز ؟ يامان ئىشنىڭ ئەكسىنى قىلىپ........

  • ئەفىفە 6 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى نىيەت يىرىم دۆلەت

  • كاشكارى 7 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەر خىيالدا ياشايدۇ ھەركىم ،ھەقنى سۆزلەش ئۇ مىنىڭ ئەركىم .(ئابدۇۋەلى كاشك.....

  • maripatogli 9 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆزىنى سۆيەلىگەن كىشى باشقىلارنى سۆيۈشنى بىلىدۇ.

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:55 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    مەزمۇنلىرىم بەك كۆپ يوللىنىپ كەتتى ، باشقۇرغۇچىلار ئارتۇقىنى ئۆچۈرۋەتسە...

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:52 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹مىلىيۇن يىل مۇقەددەم› دىگەن ناخشىنى مۇنبەردىن قانداق تاپىمەن؟؟

  • ئىپارە تۈنۈگۈن 10:41 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ مۇنبەر نىمە بولىۋاتىدۇ؟ باشقۇرغۇچىلار سىلەر نەدە؟  ياخشىلانمىسا بولم...

  • fatima تۈنۈگۈن 07:50 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈلگەنگە كۈلگىدەك مۇھەببىتىڭ بولمىسا سائادەت ئىزدىمە!

  • كاشكارى 1 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرلەردە ھازىر ئالتۇن كولىغان نوچى ئەمەس ،قوڭنى كولىغان نوچىكەن .

  • ★umiD 5 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    بەك خۇش بولدۇم ...   "خۇش قىلالىغان نوچى " دەيتىڭىزغۇ ؟ سىز نوچى ^—

  • ئىپارە 6 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىمنىڭ بىرىنجى بولغىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن

  • nawa02 7 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ھايات ئىنسانغا بىر ئۆتەڭ...

  • tirikjassat 8 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

  • 1263318936 18 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىنى قىلىۋىرەي بىلگەنلەرگە ئەقىدە بولسۇن بىلمىگەنگە سەدىقە

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:53 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹مىلىيۇن يىل مۇقەددەم› دىگەن ناخشىنى مۇنبەردىن قانداق تاپىمەن؟؟

  • ئەفىفە تۈنۈگۈن 10:52 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹مىلىيۇن يىل مۇقەددەم› دىگەن ناخشىنى مۇنبەردىن قانداق تاپىمەن؟؟

  • dawakol1 تۈنۈگۈن 10:21 PM [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمە قىلماقچى بولغاننى دىيىش مۇھىم ئەمەس ،نىمە دىمەكچى بولغاننى قىلىش مۇ....

  • ئىپارە تۈنۈگۈن 07:22 PM [ئىنكاس(2)] [...]

    گەپ قىلىڭلار باشقۇرغۇچىلار، مىنىڭ  ئەتىگەن يازغان تېمام نىمىشقاچىقمايدۇ...

كۆرۈش: 143282|ئىنكاس: 488

بودەك قىزنىڭ سەرگۈزەشتىللىرى(پوۋسىت)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

374

يازما

414

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113622
يازما سانى:
374
نادىر تېما :
2
مۇنبەر پۇلى :
3113
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
947 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-26
ئاخىرقى:
2015-12-27
ئاپتورى :تاھىرجان يۈسۈپ(ئوغۇز)


7 w* ^$ i$ b4 E0 G, T2 x- U9 C1 l0 Pمۇقەددىمە# v+ }9 F1 z/ I5 @
) `, c% a7 O2 X
بىزنىڭ ھېكايىمىزنىڭ باش پېرسونازنىڭ ئىسمى ئالىيە،رايونىمىزدىكى مەلۇم بىر يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قىز،ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ ،ئۇنىڭدا،كومىدىيە،ئازاب،تىراگىدىيەلەر ئۆز -ئارا بېرىكىپ كەتكەن.
8 H3 V+ u, j' m6 n% ^1 q3 \
3 U2 h$ h4 |) v0 a# _5 e  D( H3 h/ Pھېكايىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى قىسىملىرىنى بىز ،مېنىڭ ئەمەس ،بەلكى ئالىيەنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ ئۆتەيلى،چۈنكى،ئۆزىنى ئۆزىدىنمۇ بەك چۈشىنىدىغان ھېچقانداق ئىنسان بولمىسا كېرەك،

ھېكايىمىزدىكى ۋەقەلىكلەر رېئاللىقتىن ئېلىنغان،ئەگەر كەچۈرمىشلىرى ئوخشايدىغانلار بولۇپ قالسا ھەرگىز ھەيران قالماڭ،چۈنكى ئوخشاش بىر دۇنيادا ئوخشاش بىر تەقدىر بىلەن كۆرەش قىلىپ ياشاۋاتقانلار ئاز ئەمەس.8 X4 k1 o* w! X" p- `" D5 X& K. L
4 M0 x7 h: n) q7 y4 w+ ~9 b
مەن نېمىشقا سېمىز تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن
6 b/ M# S  [+ ~% g: m: t) E% i4 r" O/ F! {/ \
+ x0 b* A/ L! q/ n
بۈگۈن مەن شۇنداق خۇشال چۈنكى ئاخىرى 7 ياشقا تولۇپ مەكتەپكە بارالايدىغان بولدۇم،ئەمدى مەن خۇددى ئاچامغا ئوخشاش  ھەر كۈنى مەكتەپكە بارالايدىغان ،جىق بالىلار بىلەن تونۇشۇپ دوس بولالايدىغان بولدۇم-دە .
5 x& g" z" U+ f7 A  X, S* z  O2 T4 {) |# g* k  d
ھە راس سىزگە ئائىلەمنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،بىزنىڭ ئائىلىدە ،دادام ئانام مەن ھەم بىر ئىنىم ئۈچىمىز ئىنتايىن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىمىز،دادام ئاچامنى چوڭ بوتىلاق،مېنى كىچىك بوتىلاق دەپ چاقىرىدۇ ،ئىنىمنى بولسا شاپالتاق دەپ ئەركىلىتىدۇ،نېمىشقا دەمسىز؟چۈنكى ئاچام ئىككىمىز سېمىز،ئېنىم بولسا ئۇنىڭ ئەكسىنچە ئىنتايىن ئورۇق،دادامنىڭ دېيىشىچە  قىز بالىلار سېمىز بولسا بەك ئوماق كۆرىنىدىكەن،دېمىسىمۇ ئانام بىزنى سىرىتقا ئېلىپ چىققان چاغلاردا باشقىلار دائىم:بۇ بالىلارنى قانداق باققانسىلەر ،نېمە دېگەن ئوماق ،خۇددى بوتىلاقتەك يۇپيۇمىلاقكەن دەپ مەڭزىللىرىمىزنى چىمدىپ كېتىشلىرىدىن كەينىمىزدىن مەسىتلىكى كېلىپ ئۇزاققىچە قاراپ كېتىشلىرىدىن ،دادامنىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى./ ^& c: y$ ]& |" Y2 F& J
1 D; \- {- }: J
-ئالىيە ،يۈرە قىزىم ،مەكتەپكە بېرىپ تىزىملىتىدىغان ۋاقىت بولدى.5 I4 s+ k  d7 O# h( B! L
$ x; j: B9 |# Z  {* j9 _4 M
ئانام چاقىرىپ قالدى ،ئەمدى مەن دادام  قايسى كۈنى بازاردىن ئېلىپ بەرگەن چىرايلىق سومكامنى ئېسىپ مەكتەپكە بېرىشىم كېرەك ،بۇ مەن ئۇزاقتىن بۇيان كۈتۈپ كېلىۋاتقان گۈزەل بىر ئارزۇ،سىز مەن بىلەن بىرگە مەكتەپكە بېرىشنى خالامسىز؟ئۇنداقتا يۈرۈڭ ،دادام بىلەن ئانامنى ساقلاتمايلى ،مەكتەپكە ماڭدۇق ئەمىسە.
4 q  w2 k% e! r9 F( v6 l! h/ W4 {. @
نېمە دېگەن چىرايلىق ،نېمە دېگەن ئارامبەخىش،نېمە دېگەن مېھرى ئىسسىق قورو بۇ ،مەن بۇرۇن ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىدىغان بۇ چىرايلىق ھويلىغا مەنمۇ ئاخىرى باشقا بالىلارغا ئوخشاش ھەر كۈنى سومكامنى ئېسىپ،يۈگىرەپ تاقلاپ كىرىپ چىقالايدىغان بولدۇم .ئاھ خۇدا مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك ھە؟( h. O& S2 _7 o
* {/ f6 N5 N0 n* Y/ D( \
-ئالىيە قىز يۈرۈڭ

ئۇف ئاخىرى تىزىملىتىپ بولدۇق،يېنىمغا كەلگەن بۇ مېھرى ئىسسسىق ئاپاش كىمدۇ؟ھە بىلدىم .ئۇ چوقۇم مېنىڭ مۇئەللىمىم،بۇرۇن دادامدىن -مۇئەللىم -دېگەن قانداق بولىدۇ دەپ سورىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە ،شۇ چاغدا دادام -بالام مۇئەللىم دېگەن سىزگە ياخشى ياماننى ،ئاق قارىنى پەرىق ئەتكۈزگۈچى،ئۇ خۇددى مەن بىلەن ئاپىڭىزغا ئوخشاش سىزگە كۆيىنىدۇ -دەپ جاۋاب بەرگەن ئېدى ،بۇ ئاپاشنىڭ خۇددى دادام ئېيىتقاندەكلا مېھرى ئىسسىق ئىكەن ئەمەسمۇ؟
2 s7 `# S; r% t( V
! G& R: d- `  E) L5 f$ f+ o-ئالىيە قىز،مەن سىزنىڭ مۇئەللىمىمىڭىز بولىمەن،بۇندىن كېيىن سىز ،يېرىم ۋاقتىڭىزنى ئۆيىڭىزدەئاپىڭىز بىلەن  ،يېرىم ۋاقتىڭىزنى مۇشۇ مەكتەپتە مەن بىلەن ئۆتكۈزىسىز ،ئەمدى مېنى ئۆز ئاپىڭىزدەك كۆرۈڭ بولامدۇ؟
7 h) |6 R7 j$ V  H4 d0 D+ o* s- h  e" p' g* n
-بولىدۇ ،مۇئەللىم.9 p: \& c6 z4 ~  Y- y: W
/ n% h" Q9 c9 f$ A; D' X
-سىز نېمە دېگەن ئوماق.
, O; I9 T$ R9 K" l6 l, U
) r4 u$ _) V0 M& tبۇ ئاپاشمۇ مەڭزىمنى چىمداپ قويىۋاتىدۇ ،قارىغاندا بۇ ئاپاشمۇ ماڭغا ئامىراق بولۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ،مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك ،ئانام مېنى ھەجەپ ياخشى ئوماق بېقىپتىكەن،بىراق بۇ ئەتراپىمدىكى بالىلار نېمىشقا ماڭا بىرخىل كۈلۈپ قارايدىغاندۇ ؟ئۇلار مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقانمىدۇ يا ،كىيىم-كېچەكلىرىم يىرتىلىپ كەتمىگەندۇ؟-ياق ساپساق تۇرىدۇ -ئۇلار نېمىشقا ماڭا قاراپ كۈلىدىغاندۇ؟ - N) Y9 b& V/ K2 V& t4 g
, I2 N. W( u! O& \5 r; @6 x) n; D
-ساۋاقداشلار ،ئەمدى ھەممىڭلار ،مۇشۇ سىنىپتا 6 يىلنى بىرگە ئۆتكۈزىسىلەر،بىر-بىرىڭلار بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ،ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ،خۇددى قېرىنداشلىرىڭلاردەك كۆيۈنۈپ ئۆتۈڭلار،ئەمدى ئورۇنۇڭلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي.
+ }2 D4 |8 Q8 J( p8 F) J
) a0 i7 e' ]0 H. @8 s( [% H9 c0 ?مۇئەللىمىمىز نېمە دېگەن كۆيۈمچان ھە؟ئۇ بىزنى بىر-بىردىن ئەكىلىپ ئورۇندۇقلارغا ئورۇنلاشتۇرماقتا،خۇددى ئانام كەچتە ياتىدىغان چاغدا ئورۇن كۆرپىللىرىمىزنى تۈزەشتۈرۈپ ،چۆڭكەپ قويغاندەكلا.
" V# O* j& G) `; Q. m
  S3 T1 d% P" X8 y1 Q& C-ئالىيە بۇ ياققا كېلىڭ قىزىم،سىز بۇ ساۋاقداش بىلەن بىللە ئولتۇرۇڭ.4 O9 l1 r/ a8 }* h0 s# ~7 \* ?7 v
9 E1 d& ?- H0 @" h3 @, z% P
) I$ X, c% Y6 s% h- A8 U* b
توۋا ،بۇ بالا نېمىشقا يىغلايدىغاندۇ ،ئوغۇل بالا تۇرۇپمۇ يىغلامدىغاندۇ،دادام ئۇكامغا داۋاملىق ،ئوغۇل بالا دېگەن چىدام غەيرەتلىك بولىدىغان دەيدىغان،بۇ بالا ئوغۇل بالا تۇرۇپ نېمىشقا يىغلايدىغاندۇ؟يىغلىغان بۇ بالىنى كىم دەمسىز ؟ئۇ مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرىدىغان بالا،مۇئەللىم مېنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزشىغىلا يىغلاپ كېتىۋاتىدىغۇ ؟ ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟
9 ^# z& I- s7 @% G8 u+ M5 Q8 x( r. C# E* v. Q3 w" v* h4 E
-ئەلقەمجان نېمىشقا يىغلايسىز ؟سىزگە نېمە بولدى؟-مۇئەللىم ئاپىمىز ئۇنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ،ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلىمەكتە ،ئۇ نېمە دېگەن مېھرىبان ھە؟
- E+ H6 _& [- C$ F$ Z: }2 ?$ y9 Y; {( R
-مۇئەللىم،مەن بۇ پوداق بىلەن ئولتۇرمايمەن،ئۇ بەك قورقۇنۇچلۇقكەن،ئۇنى باشقا ئورۇنغا يۆتكەپ قويسىڭىزچۇ؟( ~/ R4 p2 e  S8 S5 E5 b/ k* o

* Y& m& B- O- F; r, o4 z; Mئۇ كىمنى دەۋاتقاندۇ؟مېنى دەپتۇ،چوقۇم مېنى دەپتۇ،پوداق دېگەن نېمە دېگەن گەپتۇ؟ئۇ نېمىشقا مەندىن قورقىدىغاندۇ ؟
, [& B& V' Q5 [; ?3 R* Z" i& @6 a0 V# Y
-بولىدۇ يىغلىماڭ ،مەن ئالىيەنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قوياي،يۈرۈڭ ئالىيە
0 A& Y) Q# U( g6 K) R. X& E
( S- ?8 I. F" Oمۇئەللىمنىڭ ئاچچىقى كەلگەندەك قىلىدۇ،ماڭا ئەمەس ،ئەلقەمگە ئاچچىقى كەلگەندەك قىلىدۇ ،چۈنكى ئۇ ماڭا ئەمەس ،ئەلقەمگە قاراپ ئالىيىپ قويدى،بۇرۇن ئانامنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن چاغلىرىمدا ئۇ ماڭا مۇشۇنداق گۈلىيىپ قوياتتى .
# V1 S6 Y& j. t. _0 [( G- G/ j; ], B. x7 d
-قايسىڭلار ئالىيە بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى خالايسىلەر؟/ ~' Y: c. o5 H6 o, u
& l: N; D4 z  w7 P  q" S8 @
مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرى جاۋابسىز قالدى،قارىغاندا ھېچكىم مەن بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى خالىمايدىغان ئوخشايدۇ؟بىر دەمنىڭ ئىچىدە نەچچە ئورۇن ئالماشقان بولساممۇ ،ھەممىلا بالىنىڭ پوزىتسىيەسى ئەلقەمدىن قېلىشمىغىدەكلا بولىۋاتىدىغۇ؟0 a1 _) S; i- I9 T
  r0 Q9 g6 O4 v9 H' |! P  k. B
-ئالىيە ،بۇ ياققا كېلىڭ ،سىز مۇشۇ ئورۇندا يالغۇز ئولتۇرۇڭ،باشقىلار بىللە ئولتۇرمىسا مەيلى،ئىككى ئادەمنىڭ ئورنىدا يالغۇز ئۆزىڭىز ئولتۇرسىڭىز نېمە دېگەن ياخشى ھە؟
9 T9 N5 o7 J# ^$ N) \. p! i4 d1 A0 _8 Q& k, v' ~1 [7 j
مۇئەللىمنىڭ كۆڭلۈمنى ياساۋاتقانلىقى ئېنىق ئېدى،چۈنكى كۆز جىيەكلىرىمدە لىغىرلاپ قالغان ياش تۆكۈلۈشكە ئازلا قالغان ئىدى.دادام ماڭا -قىزىم قەيسەر بولغان ئالدىراپ باشقىلارغا يېشىڭنى كۆرسەتمە،بولمىسا باشقىلار سېنى داۋاملىق بوزەك قىلىدۇ-دېگەن ئېدى .شۇڭا قەيسەر بولاي ،يېشىمنى تۇتىۋالاي،يىغلىماي،ھەرگىز يىغلىماي،مۇئەللىمنىڭ ماڭا كۆرسىتىپ بەرگەن ئورنى ئەڭ ئاخىرىدا بولغانلىقىدىن كۆڭلۈم خېلىلا خۇشال بولۇپ قالدى ،چۈنكى مېنى مەنسىتمىگەنلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان بۇ ئورۇن مېنى خىجىللىقتىن قۇتۇلدىرالايدىغاندەك قىلاتتى.
" ^  x* |& }% g0 C& J& u0 x3 f- ~* R) Q" w
بۈگۈن دەرىس ئۆتۈلمىدى،ئورۇنلاشتۇرۇش ،ماتىرىيال تارقىتىشلار ئاياقلاشقاندىن كېيىن،مۇئەللىم بىزنى قويۇپ بەردى،مەن مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئاچامنىڭ چىقىشىنى ساقلىدىم،ئەتىگەن تېخى شۇنچىلىك خۇشال ئىدىم ،بىراق ئەمدىلىكتە كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم،چۈنكى ھەممىلا ئارزۇلىرىم كۈپۈككە ئايلاندى ئەمەسمۇ؟بىرمۇ دوست تۇتالمىغاننى ئاز دېگەندەك ،ھەممىلا بالىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىدىم .( b8 L, ?7 U# a# E# A# |

; v  i$ `3 ]: P/ Jئەنە ئاچاممۇ چىقىپ قالدى ،ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ،ئانام ئەتكەن تاتلىق لەغمەننى ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان بولدۇقدە،بىراق ئاچام نېمىشقا يىغلايدىغاندۇ؟ئۇنىڭغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ؟
1 k, F' i+ s  w- f9 L0 ?% l9 w$ k  n$ T. [: d9 B
-ئاسىم بودەك ،يىغلاپ كىتىپسەنغۇ؟ئالىم سېنى يەنە بەتبەشىرە دەپ تىللىغان ئوخشىمامدۇ؟
% F6 W4 f! W* n* ^$ V
1 R8 n$ h. T% _& z2 w) @ئاچام بىلەن تەڭ بولغىنغا قارىغاندا بۇ بالا ئاچامنىڭ ساۋاقدىشى بولسا كېرەك ،بىراق ئۇ زادى نېمە ئۈچۈن ئاچامنىڭ ئاسىمگۈل دېگەن چىرايلىق ئىسمىنى ئاسىم بودەك دەپ چىقىرىدىغاندۇ؟بەتبەشىرە دېگەن ھېلىقى مەن كۆرىدىغان كارتون فېلىمدىكى مەخلۇقلار شۇغۇ ،ئاچامنى زادى كىم مۇشۇنداق دېگەندۇ؟
8 L$ S+ I; a; J! B, P! S( G9 ^- e
-ئاچا ،ساڭا نېمە بولدى،نېمىشقا يىغلايسەن؟
8 D7 |3 i% w& d2 h  }
4 ^4 P- T# o/ {) _0 A5 R-ھېچنىمە بولمىدى،يۈرە سىڭلىم ،ئۆيگە قايتايلى ،مېنىڭ يىغلىغنىمنى دادام بىلەن ئانامغا دېمە ،بولامدۇ؟* v- S! `6 `" R8 G/ N# @
5 t. J6 r' i& Y9 p% l( H0 E" z; ]+ `* N: D
-نېمىشقا ،سېنى بوزەك قىلغانلارنى دادامغا دېسەڭ ،دادام كېلىپ ئەدىپىنى بەرسە ياخشى ئەمەسمۇ؟3 s2 ~$ P, S( \- E
2 @# e4 K+ \: S
-ياق سىڭلىم ،مېنى ھېچكىم بوزەك قىلمىدى،شۇڭا دېمەيلى دېسەك ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.
1 L8 s- ]) k9 n7 ~, k
* Q  a2 f  l$ N! K! O& t-ماقۇل ،ئاچا پوداق دېگەن نېمە دېگەن گەپ؟
* u, I8 o' L1 B3 r  z6 t) p  v: v- Y% ]/ d8 z  B6 V
-كىم شۇنداق دەيدۇ؟سېنى بىرسى شۇنداق دېدىما؟% |- Z; L: }5 f5 N9 ?
% e4 q. G2 e/ c- k8 d+ i
-بايا ھەممە بالىلار مېنى پوداقكەن دەپ بىللە ئولتۇرۇشنى خالىمىدى؟
% l' p: @& m1 X1 i/ P5 S8 \: b* Y* C* U4 D8 {
-بۇ كۈنلەر سېنىڭ بېشىڭغىمۇ كېلىۋېتىپتۇدە بىچارە سىڭلىم.8 W- a7 B$ `3 z* E9 [* |
9 n% P, q, R. n( l; i, m
-قايسى كۈنلەرنى دەيسەن ئاچا.9 @4 ]% B6 Q  a, ~
% V2 q/ f" I, k2 e; C& C
پوداق دېگەن بوتىلاق دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاش سىڭلىم ،ئۇلار بۇندىن كېيىن سېنى پوداق دېسە كارىڭ بولمىسۇن،مېنى داڭلىدى دەپ بىلىپ يۈرۈۋەگىن ،بىللە ئولتۇرمىسا ،يالغۇز ئولتۇرۇۋەر بولامدۇ ؟
- v  C% _( a; P- F0 d0 l# P. L! `-بولىدۇ ئاچا،يۈرە تىزىراق ماڭايلى قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى.
( g/ J8 a% X9 p7 H
$ `. ?; {; d" n4 J. w-ۋۇ ئاچپاقا،ھە راس بۇ گەپلەرنى دادام بىلەن ئانامغا دېمە بولامدۇ؟
4 D3 h0 P- X, e) a- v* J) {0 T2 W( C0 F0 W! f
-نېمىشقا؟
/ I9 A! e  `; B! u  v, F- q% L  J+ Y" J' E0 X
-ئانامنىڭ يەنە يىغلىشىنى خالامسەن؟
" ~1 {0 }% ~* i( }+ c6 c: C5 I) ^8 r2 p4 J" L
-ياق." X  o+ M" k  R& w1 [/ A3 R
. o) u+ Q3 V) d  Q& K
-ئۇنداق بولسا دېمەيمەن دەپ ۋەدە قىل.! c4 Z5 K' ?# D$ {* B- g% j

9 r7 @6 p7 B/ f- Z-ۋەدە قىلدىم،قول بىرىشەيلى.
# g" [) J  j; t6 k6 M1 D0 |3 y! h& g" \; a
ئاچام ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە مانا مۇشۇنداق ئامىراق ،باياتىندىن بېرىقى كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىدىن ئەمدى ئەسەرمۇ قالمىدى،نېمىشقا دەمسىز چۈنكى ئاچام ئىككىمىز يول بويى خۇشال -خۇرام  پاراڭلىشىپ كەلدۇق ئەمەسمۇ؟. {' ~1 I/ W3 l3 A

5 n. F, R4 o, p; b' A2 G7 d/ f-قايتىم كەلدىڭمۇ قىزىم ،مەكتەپ ياخشىمىكەن؟' @0 ~- l8 j' l

+ _: D& ]- B6 i) V; R4 \# m- \ئانامنىڭ مەڭزىمگە سۆيۈپ تۇرۇپ ئېيىتقان سۆزلىرىگە جاۋاب بېرەلمىدىم،چۈنكى مەن بۈگۈن مەكتەپنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلالمىغان ئىدىم.
6 g8 p8 [% S6 K% l+ F0 k$ @; u; t3 t
-نېمىشقا گەپ قىلمايسىز قىزىم ،بىر ئىش بولدىما.
3 W6 o) P  t, b
* Q9 s$ }/ x& k3 g: q8 Xئاچامنىڭ ماڭا قاراپ گۈلىيىشى بىلەن باياتىنقى ۋەدەم ئىسىمگە كەلدى.ۋەدەمدە تۇرۇشۇم كېرەكتە .) j* p: f6 Q% {9 {* i8 k
1 ?8 K2 I' r  _, J  g3 r( q; x0 j$ I
-ياق ئانا مەكتەپ شۇنداق ياخشىكەن.% A, I. y0 ~- s0 \- P

' ~* u5 b# R  P+ U: N3 |* }- iھەممىمىز تەڭلا كۈلدۇق،بىز نېمە دېگەن بەختىلىك ئائىلە ھە،لېكىن كەچتە يوتقىنىمغا كىرگەندىن كېيىن مەكتەپتىكى ئىشلار  يادىمغا كېلىۋېلىپ پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى،ئاخىرى بولماي تازا يىغلىدىم،يىغلاپ،يىغلاپ قاچان ئۇخلاپ قالغىنىممۇ يادىمدا قالماپتىغۇ تاڭ؟
) k; C8 H- k3 C4 X' @" ^9 d, \( J* j- d* }; C
! w7 R0 |* t) t! {; d! v
چوقۇم ئورۇقلايمەن7 }/ Q  o2 X# a# J  M

/ s7 U5 c8 f2 c+ [8 @  e
6 A' N& r& z0 z1 J5 _7 Qئەمدى مەن بىلەن خېلى ئەتراپلىق تونۇشۇپ قالغانسىز ،قالغان ئىشلارنى سورىسىڭىز ،كۈنلەر يەنە ئوخشاش تەرىقىدە ئۆتىۋاتىدۇ،ئەتىسى مەن ئوخشاشلا مەكتەپكە بېرىۋەردىم ،لېكىن ھە دېسىلا ساۋاقداشلىرىمنىڭ زاڭلىق قىلىشلىرى ،مېنىڭ كۆڭلۈمنى بەكلا يېرىم قىلىپ تۇراتتى،ئۆزۈم يالغۇز سىنىپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئورۇندا ،پوداق،بودەك ،سېمىز دېگەندەك گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىككى يىلنى ئۆتكۈزدۈم ،ئاخىرى ئۈچىنجى يىللىققىمۇ كۆچتۇق،بىز ھەر قېتىم سىنىپ كۆچكەندە ھەممە بالىلارنىڭ ئورنىدا ئالمىشىش بولاتتى ،لېكىن،مېنىڭ ئورنۇم يەنىلا شۇ سىنىپنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى يالغۇز ئورۇن ،بۇمۇ بىر ھېسابتا بولغىنى چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزىگە بىر قېتىم ئاز كۆرۈنسەم ،بىر مەسخىرىدىن قۇتۇلۇپ قالىمەن ئەمەسمۇ؟$ l  s) E( D* A- {' Y

0 j& K/ j8 p8 z" x3 K3-يىللىققا كۆچكەندىن كېيىن ،ئەھۋاللاردا ئاز تولا بولسىمۇ ئۆزگىرىش ھەم ياخشىلىنىش بولشىنى ئۈمۈد قىلغان ئىدىم،چۈنكى ھەممە بالىلار مېنى مەسخىرە قىلىپ تۇرسىمۇ،مەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىىسى بىلەن ئۇرۇشمايتىم،ھېچقايسىنىڭ ئەيىپىنى ئاچمايتتىم،سىنپىمىزدا ئالتە قولى بار بىر ئوغۇل بالا بولدىغان ھەممە بالىلار ئۇنى ئاچىماق دەپ چاقىرىشىپ ،ئۇ يوق چاغلاردا دوسكىغا ئاچماق رەسىمنى سىزىپ قويۇپ ،ئۇنى تازا مەسخىرە قىلىشاتتى ،بىراق مەن بىر قېتىمممۇ ئۇنى ئاچىماق دەپ چاقىرىپ باقمىدىم،ئۇ ھەر قېتىم مەسخىرىگە ئۇچىرىغاندا ،ئۇستىلىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئۈستىگە توقۇلغان مەسخىرىلەرنى ،ھېچ ئىش بىلەن كارى بولماي ئەڭ ئاخىرىقى ئورۇندا ئولتۇرغان ماڭا يۆتكىۋېتەتتى ،بىراق مەن ئۇنىڭغا بىر قېتىممۇ قايتۇرما زەربە بېرىشنى ئويلاپ باقمىدىم،چۈنكى مەن ئاقكۆڭۈللىكىم ھەم سەمىمىيتىم بىلەن ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىدىغانلىقىمغا ئىشەنىچ قىلاتتىم.بىراق بۇ ئىشەنچلىرىم ھەر قېتىمقى مەسخىرىلەر بىلەن كۈپۈككە ئايلىناتتى .
7 X9 s) ?. _' W9 R" X0 j1 n, n( _# O/ o3 [0 c: N' L
بىز ئۈچىنچى يىللىقتىن تۆتىنچى يىللىققا كۆچىدىغان چاغ كېلىشى بىلەن تېلىۋوزۇردا سېمىز چاشقان بىلەن ئورۇق چاشقان رول ئالىدىغان شىر پادىشاھ دېگەن كارتون فېلىپ قويۇلۇشقا باشلىدى،شۇنىڭدىن كېيىن،مېنىڭ كۈنۈم تېخىمۇ قىيىنلىشىقا باشلىدى،ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتىماي ،بودەك ،پوداقمۇ دېمەي،شۇ سېمىز چاشقاننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتايدىغان بولىۋالدى،ھەممىلا بالا ئاشۇ كارتون فېلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرىشەتتى،ھەر كۈنى ئەتىگەندە سىنىپتا ئاخشام بېرىلگەن قىسىملىرى توغرىسىدا غولغۇلا بولاتتى ،ئەلۋەتتە مېنىڭ سېمىز چاشقانغا ئوخشايدىغانلىقىم توغرىسىدىكى مەسخىرىلەرمۇ ئاز بولمايتتى،ئۇ كارتون فېلىمنى باشتا بىر قىسىم كۆرۈپ شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ قالغان بولساممۇ ،ئاخىىرىنى كۆرمەي تۇرۇپلا شۇنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتتىم ،بالدۇرراق تۈگىشىنى شۇنچىلىك ئۈمۈد قىلدىم،بىراق بۇ كارتون مەن بىلەن قېرىشقاندەك زادىلا ئاخىرى چىقمايدىغاندەك داۋام قىلىۋەردى ،تېخى بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم كەينى كەينىدىن قويۇلدى.& O+ M- x. D- Q9 b0 P1 j9 Y4 s

/ O& x$ |: P3 b) q  q5 P1 v8 hئارقا-ئارقىدىن داۋاملىشىۋاتقان بۇ ھاقارەتلەر مېنىڭ سەۋرىمنى سىناۋاتقاندەك قىلاتتى،مەن ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىم ،چوقۇم ئورۇقلاشنى قارار قىلدىمدە،تاماقنى ئاز يېيشنى قەتئىي قارار قىلدىم،لېكىن بۇ قارارىم ھە دېگەندىلا ،دادام بېلەن ئانامنىڭ تەنقىدىگە ئۇچىراپ تازا ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتاتتى.
4 j" ~% Y2 Q, j% R6 T* j  f/ ^6 @! C5 y
-بالام تاماق يېگەنگە سەمىرىپ كېتىدىغان،يىمىگەنگە ئورۇقلاپ قالىدىغان ئىش يوق،تاماق يىمىسڭىز كېسەلچان بولۇپ قالىسىز،سېمىز بولسىڭىز نېمە بوپتۇ ، يا سىز ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولمىسىڭىز، كىچىك بالىغا سېمىزلىك ئەيىب ئەمەس جېنىم بالام.
4 X! k3 X" n9 V8 k' d. e
$ Q3 O( C; B4 M# ~مانا بۇ ئانامنىڭ ماڭا ھەر قېتىم تاماق يېگىلى ئۇنىمىغاندا ئېيتىدىغان نەسىھەت سۆزلىرى.لېكىن بۇ نەسىھەتلەر مېنىڭ ئورۇقلاش ئېرادەمنى سۇندۇرالمىدى،ئاخىرى ئانامغىمۇ ئامال تاپتىم،ھەر كۈنى تامىقىمنى ھۇجىرامغا ئەكىرىپ يەيمەن دەپ باھانە كۆرسىتىپ ئالدىن تەييارلارپ قويغان خالتىغا تۆكۈپ،سومكامغا سېلىپ يولدا بىر تەرەپ قىلىۋېتىدىغان بولدۇم، ئۆزەمچە،ئۆزۈمنىڭ بۇ ئاقىلانىلىكىمدىن مەمنۇن بولۇپ يۈرەتتىم ،لېكىن بۇ ئامالىم ھېچ ئۈمۈم بېرىدىغاندەك قىلماي،سېمىز تۇرۇقۇمدا بىرەر ئۆزگۈرۈش بولمايۋاتاتتى.
8 z7 o9 z  w+ ]
' H( a( m7 M$ P0 \" H5 q-قاراڭلار ماۋۇ پوداقنى يىلى  چىكەتكەن توپتەك ئىككى چامدام يۈگۈرمەي تۇرۇپلا يەل قويىۋەتتىغۇ؟
/ k5 h* ~& z' h9 e
+ R* F2 w2 _7 K2 oتەنتەربىيە دەرىسى ۋاقتى ئىدى،100 مىتىرغا يۈگىرەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.10 مىتىرغىمۇ يۈگۈرمەي تۇرۇپ ،بېشىم قاراڭغۇلۇشۇپ يەرگە يىقىلىپ،ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەسخىرە ئارىلاش كۈلكىللىرىنى غۇۋا ئاڭلاپ تۇرۇپ ھوشۇمنى يوقاتتىم." Q* c1 ~5 h8 ~$ {

0 \1 f$ J+ b% A% Yداۋامى بار.......... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oghuz8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-1 02:38 PM  
4 s* r- n# C& {: _5 O; \4 z% h& N* U7 v9 c- D

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +213 يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 213 بەك ساقلاتتىڭىز جۇمۇ

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھىچنىمە دىگۈم يوق

29

تېما

2300

يازما

2329

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 49
يازما سانى:
2300
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6626
تۆھپە :
697
باھا :
523
توردا:
7068 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-20
ئاخىرقى:
2015-12-11
ۋاقتى: 2015-8-2 01:27:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسرلىك ئىكەن، ئالىيەنىڭ تەغدىر قىسمىتىگە قىزىقىپ قالدىم، داۋامىنى كۈتىمەن

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

49

تېما

571

يازما

620

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 96454
يازما سانى:
571
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2311
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
416 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-7-27
ئاخىرقى:
2015-12-27
ۋاقتى: 2015-8-2 10:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى.........................................................................................................................................................................................................................

0

تېما

151

يازما

151

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 110088
يازما سانى:
151
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
669
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
144 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-9-21
ئاخىرقى:
2015-10-22
ۋاقتى: 2015-8-2 11:10:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ساقىلايىمىز

0

تېما

339

يازما

339

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 114645
يازما سانى:
339
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
766
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
132 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-2-23
ئاخىرقى:
2015-12-25
ۋاقتى: 2015-8-2 12:49:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدە تەسىرلىك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىمسانى جەھەتتىكى ئەيىپىنى ئىچىپ يىزىش ياخشى ئىش ئەمەس. ئاۋايلاپ يىزىڭ ھە.

0

تېما

339

يازما

339

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 114645
يازما سانى:
339
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
766
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
132 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-2-23
ئاخىرقى:
2015-12-25
ۋاقتى: 2015-8-2 12:54:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھى ھەم جىسمانى جەھەتتىن ئۆسۈپ يىتىلىشىگە پايدىسىز نەرسىلەرنى ئەڭ ياخشىسى يازماڭ. ھەم مەتبۇئاتلاردىمۇ بۇنداق ئەسەر كۆرۈپ باقمىدۇق. چۈنكى بۇ چەكلىنىدۇ.

0

تېما

285

يازما

285

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 117511
يازما سانى:
285
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
120
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
130 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-4-14
ئاخىرقى:
2015-12-8
ۋاقتى: 2015-8-2 12:56:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇرادەر ئوغۇز8  سىلى يەنە ھېكايە يوللاپسىلىدە . * r; s% M8 C3 r% N
ئالدىنقى قېتىمقىللىرىنىمۇ يېرىم ياتا قويۇپ قويغان ئېدىڭلار . كۆڭلۈڭلىگە كەلمىسۇن .
- ^, ^6 _4 L5 Zبۇ ھېكايىنىمۇ ئوقۇماي تۇرۇپلا ئەڭ ئاستىغا قارىسام داۋامى بار دەپ تۇرىدۇ ... يەنە شۇ ياغلىق قاپاق بولا ....

مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلالايمەن، ۋاز كېچىشنى ئەمەس.

40

تېما

374

يازما

414

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113622
يازما سانى:
374
نادىر تېما :
2
مۇنبەر پۇلى :
3113
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
947 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-26
ئاخىرقى:
2015-12-27
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-2 13:49:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:0 D5 w/ O  p7 ]1 H' k, ?! M, q; t

! L$ S  Y" ~) Z5 Sكۆزۈمنى ئاچقىنىمدا دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن،ئانام،دادام بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ.
$ W' U8 d) h' v
$ V+ _" W5 j8 U6 b2 G-قىزىم ،بىزنى بەكلا قورقۇتىۋەتتىڭ،بۇ زادى نېمە قىلغىنىڭ؟-دادام يىغلامسىراپ تۇرۇپ دېگەن بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ھەممىلا ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى،مەن ھېچقاچان ،ھېچقانداق ۋاقىتتا دادامنىڭ بۇنداق يىغلامسىراپ تۇرغان تۇرقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئېدىم،دېمەك دادامنى بۇ قېتىم راستىنلا بەك قورقۇتىۋېتىپتىمەن.
* Z2 [3 |8 M7 w2 L3 T! d' [- o
, }7 B; l$ T3 ]8 vمۇشۇ قېتىم ياتقانچە بىر ئايدىن ئارتۇق يېتىپ قالدىم،دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ بىر ماۋسۇم مەكتەپكە بارماي ئۆيدە كۈتۈندۈم،دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ۋاقتىمدا ،ماڭا مەسئۇل دوختۇر يېنىمغا كىرىپ-قىزچاق،ئورۇقلايمەن دەپ ،تاماقتىن پەرىز تۇتىشىڭىز ھاجەتسىز،سىزدىكى بۇ سېمىزلىك ئېرسىيەت ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ،تاماقنى ئاز ،كۆپ يېيىشىڭىز بېلەن مۇناسىۋەتسىز،ئەگەر مۇشۇنداق بىراقلا تاماقتىن پەرىز تۇتۇپ ئورۇقلايمەن دېسىڭىز ،سالامەتلىكىڭىزدىن چاتاق چىقىپ ،ھاياتىڭىزغا خەۋىپ يېتىشى مۇمكىن،سىز تېخى كىچىك ،بۇنىڭدىن كېيىن تاماقلارنىمۇ ۋاقتى ۋاقتىدا نورمال يەپ تۇرۇپ ،بەلگىلىك ھەرىكەت قىلىپ نورمال ئېغىرلىقىڭىزنى ساقلىسىڭىزلا كۇپايە،ئەمدى ئورۇقلايمەن دەپ بۇنداق خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى قىلماڭ-دەپ نەسىھەت قىلدى.. O8 \! t/ {3 g) p; p) F

9 R: n- G5 H+ _# i) Z6 A( d* Dئاللىقاچان باشلانغۇچنىڭ 5- يىللىقىغا چىقاي دەپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئېرسىيەت دېگەن سۆزنىڭ ئاتا-ئانامدىن،ئەجدادىمدىن مىراس قالغان دېگەن سۆز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيتىم،دېمەك مەن ئەمدى ئورۇقلىيالمايدىكەنمەن،ھەر قانچە قىلساممۇ ئورۇقلىيالمايدىكەنمەن،مەن نېمە دېگەن بىچارە ھە؟
: Y* P9 L) I% B- x* U$ b7 g4 l( c
! k2 ^5 t2 _* o8 ]" l/ y( o$ {0 Yدادا مېنى كەچۈرۈڭ7 g6 [0 b, A& m4 N
$ e; G: z; d  g
) Y0 S3 l  C% ~$ ^2 U
دوختۇرنىڭ شۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا،نېمىشقىمۇ دادام بىلەن ئانامنىڭ بالىسى بولۇپ قالغاندىمەن،باشقا ئائىلىدە،باشقىلارنىڭ پەرزەنتى بولغان بولسام بەلكىم بۇنداق سېمىز تۇغۇلماس بولغىيتىم،دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم،دادام كىچىكىمدىن ماڭا باشقىچە ئامىراقلىق قىلاتتى،مەنمۇ دادامنىڭ كەينىدىن چىقماي يۈرەتتىم،ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىنى ئورۇنلۇق،توغرا دەپ قاراپ ھاياتلىق مىزانىمغا كىرگۈزىۋالاتتىم ،لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن،مەن دادامغا بىر خىل قارايدىغان ،ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بۇرۇنقىدەك ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالدىم،خۇددى .ئۇنىڭغا نىسبەتەن قەلبىمدە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان بىرخىل ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى باردەكلا ،مېنىڭ سېمىز بولۇپ قېلشىمنىڭ،باشقىلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلاشلىرىمنىڭ ھەممىسى دادامنىڭ سەۋەبىدىن بولىۋاتقاندەكلا.
# j1 v$ ^: R( o4 E( T% e# t0 y6 _
+ a* X. j4 r$ a* P9 k; c2 Hساقايغاندىن كېيىن،يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمىدا مەكتەپكە قايتىپ كىرىدىم،نېمىشقىكىن،پەقەتلا مەكتەپكە بارغۇم كەلمەيۋاتاتتى،ساۋاقداشلىرىمنى مەكتەپتىكى ھېچكىمنى كۆرگۈم يوق ئىدى ،بىراق دادام بىلەن ئانامنىڭ مەجبۇرلىشى بېلەن يەنىلا بېرىشقا مەجبۇر بولىۋاتاتتىم.
$ p; }& x+ [: h" A; z- a  I# T- p, ]' s4 K: F
-كىم،مېنى سىلەرنىڭ بالاڭلار بولۇپ قالسۇن دەپتۇ،باراي ،باراي-دادامنىڭ مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويىمەن دەپ ئالدىرىتىشلىرىغا مانا مۇشۇنداق قوپال سىلكىشلەر بىلەن ئىنكاس قايتۇردۇم.
2 n" Z5 C$ b, U( \/ z7 X' J
# s' U; E5 X, z0 z6 b8 q+ q-قىزىم ساڭا زادى نېمە بولدى،ئۇقۇماي نېمە قىلماقچىدىڭ،نېمىشقا ئوقۇشتىن بۇنچىۋالا سوۋۇپ كېتىسەن،ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ،بۇرۇن سەن ،مەن ياخشى ئوقۇپ چوڭ بولغاندا ئالىم بولىمەن،سىلەرنى ياخشى باقىمەن دېمىگەنمىدىڭ،ئەمدى نېمە بولسى ساڭا،قىزىم مەن سىلەرنى بىزنى ياخشى كۈن كۆرسەتسىكەن ،دەپ ئۈمۈت كۈتمەيمەن،پەقەت،باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار بولمايدىغان،ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئۆزى ئالالايدىغان،ئەل ئۈچۈن ئازىراق كۈچىنى بېرەلەيدىغان بىر ياراملىق ئادەم بولسىكەن دەيمەن،ئەجىبا مېنىڭ ئويلىغانلىرىم خاتامۇ؟/ R0 J* c1 T6 T

& J. e9 w* s6 R, R# @دادامنىڭ بۇ سۆزلىرى يۈرىكىمنى ئېزىۋەتتى ،لېكىن مەندىمۇ نېمە ئامال،يەنە شۇ مەسخىرە ئارىلاش چىرايلار،يەنە شۇ ھاقارەتلىك تىللار،دادام ئېيىتقان مېنىڭ ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرىدىغان شۇ بىلىم باغچىسىدا مېنىڭ كۈتۈپ تۇرىۋاتقان تۇرسا.  l7 n1 u$ a1 `; d" Z. h
/ \6 _9 `: m; U8 a  @' |  `  z3 z
گەپ سۆز قىلماي دادامغا ئەگىشىپ مەكتەپكە كەلدىم.
7 F9 o6 a* }6 ?; D. E: T; r0 m" W1 h. `9 x) L$ v/ e9 h
-ئالىيە ،مەن سىز يوق چاغدا بالىلارغا ئوبدان نەسىھەت قىلدىم،ئەمدى ئۇلار سىزنى بوزەك قىلالمايدۇ،ھەممە ئىشتىن خەۋەردار بولدۇم،نېمىشقا ماڭا بۇ ئىشلارنى دېمەيسىز ،نېمىشقا ئۆزىڭىز يالغۇز چىدايسىز ،سىزگە نېمە جاپا بۇ،ئەمدى يەنە كىم سىزنى شۇنداق ھاقارەت قىلدىكەن ماڭا دەڭ،ئەدىپىنى ئۆزۈم بېرىمەن،يەنە كىم سىزنى شۇنداق مەسخىرە قىلدىكىن قېنى كۆرۈپ باقاي-مۇئەللىمىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بىر خىل ئىشەنىچكە تولغاندەك بولدۇم.يەنىلا ئوقۇتقۇچۇم ماڭا كۆينىدىكەن ئۇ نېمە دېگەن مېھرىبان ،نېمە دېگەن كۆيۈمچان ھە؟/ m1 s6 m% q5 i: F5 h. K$ U

( e4 x9 j. |& q0 W, o-بۈگۈندىن باشلاپ ئالىيە ھەر بىر ئورۇندا بىر ھەپتىدىن بىللە ئولتۇرىدۇ،ھېچقايسىڭلارنىڭ رەت قىلىشىڭلارغا رۇخسەت يوق،ئەگەر قايسىڭلار ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلدىكەنسىلەر ،شۇنى جازالايمەن -مۇئەللىمىم مېنى سىنىپقا باشلاپ كىرىپ جاراڭلىق يوسۇندا شۇنداق دېدى-ئەخمەتجان ،بۇ ھەپتىدە ئالىيە سەن بىلەن بىللە ئولتۇرسۇن،گۈلمىرە سىز ئارقىدىكى ئورۇنغا بېرىڭ.
9 Y6 P9 z6 _/ ?6 R( E% w) G4 b0 S) E$ T, C3 F, ?
مۇئەللىمنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا ئەخمەتنىڭ چىرايى بۇلۇتلۇق ئاسماندەكلا تۇتۇلۇپ كەتتى.ئۇنىڭ ماڭا گۆلۈيۈپ قاراشلىرىدىن شۇ تاپتا مېنى چايناپ پۈركىۋەتكۈسى كېلىۋاتقاندەكلا قىلاتتى.( n/ ~4 e) `: m1 T( p) M% T: ?3 a
+ P& P1 p  A) [2 X1 }! K
-بۇندىن كېيىن ،قولۇڭنى مۇشۇ ئورۇندىن بۇياققا ئۆتكۈزىشىڭگە رۇخسەت يوق ،ئەگەر ئۆتكۈزۈپ قالىدىكەنسەن ئەدىپىڭنى بېرىمەن پور كۆتەك-مۇئەللىم چىكەتكەندىن كېيىن،ئەخمەت ئۈستەلنى ئىككىگە بۆلۈپ، قەلەم بىلەن سىزىق سىزىپ قويدى،قاراشتىنلا ئۇنىڭ ئۆزى تەرەپكە بۆلۈنگەن ئورۇنننىڭ كۆپلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى،مەن شۇنچە سېمىز تۇرسام ،قانداقمۇ ئۇ ئايرىپ بەرگەن ئورۇنغا قولۇمنى پاتقۇزۇپ خەت يازالايمەن ،بىراق نېمە ئامال ،ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشسام سىنىپتىكى ھەممە بالىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىمەن شۇڭا چىدىشىم كېرەك.
% }2 }% ?1 P3 L7 O' T( o) X- D; N7 Z9 A  e7 P. R5 Y: P
شۇنىڭدىن كېيىن ،سېنىپتىكى ھەر بىر ئورۇندا بىر ھەپتىدىن بىللە ئولتۇرۇپ،ئوخشاش ئايرىلغان چىگرانىڭ ئىچىدە قىينىلىپ تۇرۇپ ئوقۇش ھاياتىم باشلاندى.خەت يېزىشىم،كىتاب ئوقۇشۇم شۇنچىلىك قىيىنغا توختىسىمۇ،يازغان خەتلىرىم سەت چىقىپ قالسىمۇ،يەنىلا چىداشقا مەجبۇر بولدۇم،ئەگەر بەدىنىمنىڭ بىرەر يېرى ئۇلارغا تېگىپ قالسا،قولۇم چىگرادىن ئازىراق قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ قالسا قاتتىق بىر مۇش يەپ تولغۇنۇپ كېتەتتىم،لېكىن مەندە نېمە ئامال بار؟
3 m/ u# J; Q- n: u  k6 S
3 q7 R! Z$ X0 O0 c' F-ئالىيە نېمىشقا بۇنداق قىلىسىز،ئۈستەلنىڭ بۇ تەرپىگە تارتىپ يازسىڭىز بولدىغۇ،نېمىشقا دەپتىرىڭىزنىڭ يېرىمىنى يەرگە ساڭگىلىتىپ يازىسىز-مېنىڭ چىگرانى قوغداش ھەرىكەتلىرىم ئاخىرى مۇئەللىمنىڭ دىققىتىنى تارتتى.مەن بىردە يېنىمدا ئولتۇرغان ئەركىنگە ،بىردە ئۈستەلگە سىزىلغان چىگراغا قاراپ تىرنىقىمنى تاتىلاپ تۇرۇپ قالدىم.مۇئەللىم مېنىڭ قاراشلىرىمدىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە ئەركىنگە قاراپ زەردە بىلەن .
/ u0 M6 ?; V* C9 y$ }2 O' K+ h: b
* D1 t/ C# C6 Z* q! Y( A' c; P-تۇرە ئورنىڭدىن،نېمە قىلغىنىڭ بۇ،مەن ھەرقايسىڭنى مۇشۇنداق قىلىش دەپ نەسىھەت قىلدىممۇ؟-دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.% O% M) ]* @# }+ G# W( r1 P
% r+ N& W( i! W- l* T! [
ئەركىن گەپ سۆز قىلماي تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇردى.0 T. {) F7 l9 D5 C1 S
9 \7 y) g1 F* y* M% A. x
-گەپ قىلە ،كىم ساڭا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۈگەتتى ،كىچىككىنە تۇرۇپ نەدىن كەلگەن كاتىۋاللىق بۇ ساڭا-مۇئەللىمنىڭ قايتا -قايتا ئەيىپلەشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئەركىن،ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.
3 Y$ t) e  t4 C' J; h% C0 r
3 h8 d( S4 C. c0 K7 n* K-قاراپ بېقىڭە ھەممە ئۈستەلدە ئاشۇنداق سىزىق بار،يالغۇز مەنلا قىلمىدىم بۇ ئىشنى،تېخى باشقىلار ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقنىڭمۇ چىگرادىن ئۆتۈشىگە يول قويمايدۇ.
8 ]. e+ J- b4 x' z2 u- C' x5 W5 W! t* t. i! k# U9 F. _
مۇئەللىم،ئەركىننىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا،ھەممە ئورۇندۇققا بىردىن-بىردىن قاراپ چىقتى،ئاندىن ماڭا قاراپ كۆزلىرى ياشاڭغىرىغان ھالدا-ئالىيە سىز چىقىپ تۇرۇڭ،يېرىم سائەتتىن كېيىن قايتىپ كىرىڭ -دېدى.
; |+ q* w; x: K$ f3 g# H/ Q% N6 ]- l( h
مەن بوينۇمنى لىڭشىتقىنىمچە سىنىپتىن چىقىپ كېتىپ،ئارقا مەيداندىكى ئادام يوق ئورمانلىققا كىرۋېلىپ تازا يىغلىدىم،ئىچىم ئۆرتۈنۈپ كېتىۋاتاتتى ،بارلىق ئازابىمنى مۇشۇ يىغىللىرىم ئارقىلىق سىرىتقا چىقىرىپ تاشلىماقچى بولاتتى، شۇ تاپتا گۈدەك يۈرىكىمنىڭ قاناۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم.
0 e# j2 X- y4 H# C% f  ?/ }' P7 J+ w2 {+ g& c+ E: W- }8 l" J
يېرىم سائەتتىن كېيىن سىنىقا قايتىپ كىردىم،بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
1 u3 W+ i( h, B8 i' r" }! \; h3 w* S+ n: h5 h& R
-كىرىڭ ئالىيە-مۇئەللىمنىڭ سۆزىدىن كېيىن ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
. d7 s, c9 s0 u. j
$ k' w# z# ]" N+ z; P* c, @ئەمىسە بۈگۈنكى ۋەدىمىز ،ۋەدە بولسۇن،مەن ھەرۋاقىت تۇيۇقسىز كىرىپ تەكشۈرۈپ تۇرىمەن-مۇئەللىم شۇنداق دەپ قويغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى،ئۇنىڭ بالىلارغا نېمە دېگەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن ،لېكىن مۇئەللىم چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ،ھېچقايسى بالا ماڭا قارىمىدى،گەپ -سۆز مەسخىرە بىلەن ئۆچىنىمۇ ئالمىدى.كەچتە كۆڭلۈم خاتىرجەم بولۇپ قالغاندەك مەكتەپتىن قايتماقچى بولۇپ دەرۋازىدا ئاچامنىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتاتتى،تۇيۇقسىز ماڭا ھېچقاچان ئوڭ كۆزىدە قاراپ باقمىغان ئەلقەم -ئالىيە ،بالىلار سەندىن كەچۈرۈم سورىماقچىكەن ،ئارقا مەيداندىكى ئورماندا سېنى ساقلاۋاتىدۇ-دېدى.: a0 o6 l- o0 @6 Q$ x  N

/ |, d. s2 h9 n5 Y& Xقەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولدى،مەن مۇشۇ كۈننى قاچاندىن بېرى كۈتىۋاتقانتىم ھە،ھاياجان ئىچىدە ئ.ۇنىڭ بىلەن بىللە ئارقا مەيدانغا قاراپ يۈگۈردۈم.% I7 O- B6 u% L0 K5 J" W* _* G
7 i% ]" P+ |5 s7 e
-كەلدىڭما ،ۋۇ پور كۆتەك-ئەخمەتنىڭ ماڭا سەت قاراشلىرىدىن بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ كەينىمگە قايتماقچى بولدۇم.
. B! j& k1 Z; e; y
" m3 _9 e( A1 D% M2 ~" h5 ?-توختا ،نەگە بارماقچى سەن-ئەركىن ئالدىمنى توسۇدى.
# o* D% ]( M1 z5 {4 |$ d. l6 c
* C( B) T# I5 w-ئەجەپ نوچى بولۇپ كىتىپسىنا،سەن بىزنى تېخى مۇئەللىمگە چاققۇدەك بولدۇڭما ،ئۇ مۇئەللىم قۇرۇق ۋاتىلداشتىن باشقا نېمە قىلالايتتى،بىزنى ئۇنىڭدىن قورقىدۇ دەپ قالدىڭما،ۋۇ پور كۆتەك ،ئۇرۇڭلار باللا-ئەخمەتنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا بۇرنۇمغا تەگكەن بىر مۇش بىلەن تەڭ ئوقتەك قان كەتتى.
9 J; I3 b& f* C
; G4 O. m) K0 d+ x9 b/ f4 w+ R1 }0 S-قان چىكەتتى،ۋاي ئاللا،قان چىكەتتى،قىزۋالنىمۇ مۇشۇنداق ئۇرامسەن ساراڭ ،مۇئەللىم كۆرۈپ قالسا سېنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيدۇ تېز قېچىڭلار-سىنپىمىزدىكى بىر قىزنىڭ سۆزى بىلەن تەڭ ھەممە بالىلار تەڭلا قېچىشقا باشلىدى.7 a3 H5 K! d9 O
& t( }0 z8 {4 p, u) B) k' f5 u4 q+ a# P
-بۇ ئىشنى مۇئەللىمگە دېگۈچى بولما ،يەنە دەيدىغان بولساڭ ،سېنى ھەرگىز بوش قويىۋەتمەيمەن،يۈگىرەپ خېلى بىر يەرگە كېتىپ بولغان ئەخمەت كەينىگە يېنىپ كىلىپ چېچىمدىن قاماللىغنىچە شۇنداق دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى.ئورمانلىقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشكىچە يىغلىدىم،ئاندىن بۇرنۇمدىكى ،قوللىرىمدىكى قان يۇقلىرىنى يۇيۋېتىپ،ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.) @/ }6 q; f) K" c  c; }* ^& t

# j; f# V7 A7 m+ K: h3 T. a) X-ئۇي،ئۇي-ئۆيگە كىرىشىمگە ئانام يۈز-كۆزۈمنى كۆرۈپ ۋارقىراپ كەتتى-نېمە ئىش بۇ ،نېمە بولدى قىزىم،يۈزۈڭ ئىششىپ كېتىپتىغۇ؟; Y& ?2 |) P0 v- G: J# A0 f* {

' o# x% W4 d" W5 Q" j, A& S$ [ئانامغا گەپ قىلمايلا ھۇجىرامغا كىرىپ كەتتىم،دادام بىلەن ئانام كەينىمدىن تاپ باستۇرۇپ كىردى.
* x) H  i( \( k! A/ S: P7 a$ v) _# m# A7 |* j
-بىرسى ئۇردىما قىزىم،زادى نېمە بولدۇڭ،كىم مۇشۇنداق قىلدى سېنى-دادامنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كېتىۋاتاتتى.ئاچام بىلەن ئانام بىر چەتتە ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قاراپ تۇراتتى.
! x4 I0 ?( m: ~1 U. u$ u. s  t6 d7 N5 V: [! j/ ]
-مەن ھېچنىمە بولمۇدۇم ،يىقىلىپ كەتتىم،كىم مېنى سېلەرنىڭ بالاڭلار بولۇپ قالسۇن دەپتۇ،سىلەرنىڭ بالاڭلار بولغاچقا مەن مۇشۇنداق سېمىز ،پالاكەت تۇغۇلۇپ قاپتىمەن،مېنى نېمىشقا تۇغقان ،نېمىشقا باققان ،نېمىشقا كىچىكلىكىمدە ئۆلتۈرۋەتمىگەن-سۆزۈمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا يۈزۈمگە تەگكەن قاتتىق تەستەكنىڭ زەربىسىدىن يىقىلىپ چۈشتۈم.) |1 z; x: H& ~6 {/ c3 p0 x; p* i
. Z" D6 r  W3 e* X. }9 W2 Z
-چىقىپ كەت-قاتتىق ۋارقىرىدىم،دادام نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەندەك ماڭا قاراپ يىغلاپ تۇراتتى ،مەن كارۋىتىمغا كىلىپ دۈم ياتقىنىمچە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم،بۇ دادامنىڭ مېنى تۇنجى قېتىم ئۇرۇشى ئىدى.
- d6 `$ V$ e0 j( A2 M, F; }  u/ r7 d/ E% y( b! M# ^
ئەتىسىدىن باشلاپ دادامغا گەپ قىلمىدىم،بالىلارنىڭ ئىشىنىمۇ ھېچكىمگە دېمىدىم،مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشۈپ،مېنى بۇرۇنقىدەك يالغۇز ئورۇندا ئولتۇرغۇزۇشنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردۇم،مۇئەللىمممۇ قوشۇلۇپ،ماڭا يەنە سىنىپنىڭ ئاخىرىغا يالغۇز ئورۇندۇق ئۈستەل قويۇپ بەردى.) H" ]( k6 @$ k9 ^" ]) o' l8 ^
3 c/ B' Y8 u( W8 ~& G! H0 ^
مەن شۇ قىيدىغانچە دادامغا بىر ئايدەك گەپ قىلمىدىم،ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغىنىمنى بىلەتتىم ،لېكىن يەنىلا دادامغا گەپ قىلغۇم كەلمەيۋاتاتتى .دادام شۇنداق كۆزۈمگە كىرىپ گەپ قىلسىمۇ،ئۇنىڭ چىرايىغا قارىماي گەپلىرىگە ئىشارە بىلەنلا جاۋاب قايتۇراتتىم.3 S3 `* q" @  U/ s# k6 Z
* A9 k5 F/ j5 g: w1 Y3 G
-يەنە سىيىپ قويۇپسىزغۇ؟بولدى ئەمدى بېرىپ تەكشۈرتۈپ باقمىساق بولمايدۇ،جېنىڭىز سىزگە كېرەك بولمىغان بىلەن بىزگە كېرەك-بىر كۈنى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،دادام بىلەن ئانامنىڭ ھوجىرىسىدىن ئاڭلىنىۋاتقان بوشقىنە ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.بۇ ئاپامنىڭ ئاۋازى ئىدى،تۆۋە دادام يوتقىنىغا سىيىپ قويمىغاندۇ،ھە چوپ -چوڭ تۇرۇپ،كۈلكەم قىستاۋاتاتتى ،لېكىن،ئانامنىڭ غەمكىن ئاۋازى مېنى ھېچ كۈلدۈرمەيۋاتاتتى،بىردەمدىن كېيىن ئاچام ئىككىمىز مەكتەپكە ماڭماقچى بولدۇق،دادام بىلەن ئاناممۇ دوختۇرخانىغا بارماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بىز بىلەن بىرگە چىقتى.
  k$ @4 V- Y4 r* i+ i, G
! T# C/ W) g% B7 t-دادامغا بىر ئىش بولغانمىدۇ ،ئاپامغىمۇ؟-ئاچام يولدا ئەنسىرىگەندەك ماڭا قاراپ قويۇپ شۇنداق دېدى.
  k- N$ E8 C4 e9 ?# c' X7 o1 i  T0 p* o+ X2 s  M) s, ~& C
-ئاچا،ساڭا دەپ بېرەي لېكىن دادام بىلەن ئانامغا دېمىگىن ماقۇلما؟
( l5 \; d: n8 C- p: U% L7 ~9 [- \5 e# V* O+ U9 @& q. e
-سەن بىلەمسەن،دېگىنە ماقۇل ھېچكىمگە دېمەي.
5 ?# Y5 y, T8 ]3 s7 @
. `" a: k8 S& u5 _-دادام يوتقىنىمغا سىيىپ قويۇپتۇ -مەن سۆزۈمنىڭ ئاخىرىىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا كۈلۈپ كەتتى.
: q! O6 g: W4 R) g8 \6 ]0 A0 Z: H. m9 \, O* ^
-ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ئاشۇنداق گەپنىمۇ دەمسەن؟-ئاچامنىڭ ئاچچىقلىشى بىلەن كۈلكىدىن توختاپ قالدىم.$ s7 _5 H1 ~1 p% q  O

6 T( d9 h7 C% |2 M; Z-مەن ئەتىگەن ئۆز قۇلقۇم بىلەن ئانامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولمىسا ساراڭ ئەمەس مەنمۇ دەپ يۈرۈپ-ئاچامغا قاراپ گۈلۈيدىم.  Y% s: C, g0 `

; Z8 L# K5 U# L# u! t& \% u5 Z" a/ V+ n-خاتا ئاڭلىغان ئوخشايسەن ،ئەمدى بۇنداق ماز گەپنى ھېچكىمگە دېمە،خوش مەن مەكتىپىمگە كەتتىم .2 n9 e2 G. e) x( a8 C$ g7 A

. ]& Z, z1 S) W* [" cئاچام سۆزىنى تۈگىتىپ كېتىپ قالدى ،مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ مەكتىپىمگە قاراپ ماڭدىم،ھە راس ،سىزگە دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ھازىر ئاچام تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ،شۇڭا يېرىم يولدا ئايرىلشىمىزغا توغرا كېلىدۇ،ئاچام ھەر كۈنى كەچتە مەكتىپىدىن يېنىپ ،مېنىڭ مەكتىپىمگە كېلىدۇ،ئىككىمىز يەنە بىللە قايتىمىز.
- _. x, H  d- R3 T; P% x2 s2 t, b: \( k! O, R
شۇ ئىشتىن كېيىن ،ھويلىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك دادام بىلەن ئانامنىڭ كىرلىكى ئېسىقلىق تۇرىدىغان بولدى،تېخى بەزىدە ئەتىگەندە كۆرگەن كىرلىك بىلەن كەچتە كۆرگەن كىرلىك باشقا باشقا بولىدىغان بولۇپ قالدى،بۇ ئەھۋاللار باشتا كۈلكەمنى قىستىغان بولسا ،كېيىنچە مېنىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغان بولدى،ئانام بىلەن دادامنىڭ چىرايىدىكى غەمكىنلىك ماڭا بىر شۇملۇقنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.+ S3 {5 Z8 @5 @" L  P, G

2 `8 k( l0 w! r0 I" L-قىزىم بۈگۈن مەكتەپكە بارماڭلار،داداڭلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىمىز-خانىمىڭلارغا مەن  تېلىفوندا دەپ قويدۇم-بىر كۈنى سەھەردە مەكتەپكە مېڭىشقا تەييارلىق قىلىاتساق ئانام يېنىمىزغا كىرىپ ئاچام-ئىككىمىزگە شۇنداق دېدى.
' i( K, r6 n# X  N# A' Q* r' W
% W* s) X( n# Q$ z: r  Z-دادامغا نېمىش بوپتۇ ،ئانا-ئاچام ئەندىكىپ ئانامنىڭ يېنىغا باردى،مەن بىر چەتتە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.+ b- {  `( M# h1 H$ h
1 G3 f) S7 Z* P4 h& m& ~% Q
-دوختۇرخانىغا بارغاندا بىلىسىلەر-ئانام شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ،مەن تېخىچە دادامغا گەپ قىلمىغان ئىدىم،ئەمدىم قانداق قىلارمەن،دادامغا زادى نېمە ئىش بولغاندۇ،ئەمدى ئۇنىڭغا قايسى يۈزۈم بىلەن گەپ قىلارمەن.6 D7 }' s: [- t+ X" l3 ?% h
% F1 ^% C9 H; t4 Q( j
دادام يولدا بارغۇچە ئاچام ئىككىمىزنىڭ بېشىمىزنىڭ سىلاپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.ئاخىرى دوختۇرخانىغا كەلدۇق،دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن،دادامنىڭ بىر خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بۈگۈن ئوپراتسىيە قىلنىدىغانلىقىنى بىلدۇق.; Y/ p  U; o: @& a; y3 T5 h6 s$ p* v
) {& U/ k, U+ p. p9 G3 F7 v9 ]. g
-ئالىيە قىزىم،مېنى كەچۈرگىن،ئەسلىدە سېنى ئۇرمىسام بولاتتى-دادام ئوپراتسىيەگە كىرىش ئالدىدا ماڭا شۇنداق دېدى.دادام نېمە دېگەن ئۇلۇغ ھە،خاتالىقنى مەن قىلغان تۇرسام ،ئۇ نېمە ئۈچۈن مەندىن كەچۈرۈم سورايدۇ., @% E9 W9 V# l7 Y  @
2 ^  e  o" k: j3 Z  S
-ياق دادا،سىز مېنى كەچۈرۈڭ مەن خاتا قىپتىمەن،سىزگە ئۇنداق گەپلەرنى قىلماسلىقىم كېرەكتى-خۇددى دادام مۇشۇ كىرىپ كەتسە چىقالمايدىغاندەك ئۇنىڭغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتىم.
/ |3 U. j# V4 n, t* g
1 z& Q" \* b# [4 D, v% Uدادام ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ،مېنى قايتا-قايتا باغرىغا باستى.
/ @: L- ]$ _/ M
* i% Y* l3 @5 U$ r+ ?0 d, ]-قىزىم سىنى چۈشىنىمەن،ماڭا بىر ئىشتا ۋەدە بەرگىن ،ماڭا چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن ،ئەمدى ئوقۇمايمەن دېگەن گەپنى دېمەيمەن ،دەپ ۋەدە بەرگىن.
. q# R+ ]$ U& y" t
. k% F; t5 c, z1 o-ۋەدە بېرەي دادا،مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن،چوقۇم.....
8 F- A2 K: O$ W
8 r' _1 e3 Z) F) k: s1 o& d  p! Wدادامنى ئوپراتسىيەگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى،بىز يىغا -زارە قىلىپ قالدۇق.شۇ تاپتا دادامغا غايىۋانە پىچىرلاۋاتىمەن:دادا چوقۇم ھايات قېلىڭ،بولمىسا مەن ئۆزۈمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيمەن........
" M& E8 ^" b3 r. e2 _: ]% k; U/ c% L8 U9 u4 m
داۋامى بار............ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oghuz8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-2 01:57 PM  ! I0 `3 O2 y! S1 p

6 P; s! t, E( `" L8 S

40

تېما

374

يازما

414

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 113622
يازما سانى:
374
نادىر تېما :
2
مۇنبەر پۇلى :
3113
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
947 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-26
ئاخىرقى:
2015-12-27
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-2 13:56:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xohdil يوللىغان ۋاقتى  2015-8-2 12:56 PM + G# w3 O& c9 y4 f, l  U
ۋاي بۇرادەر ئوغۇز8  سىلى يەنە ھېكايە يوللاپسىلىدە . ( `0 t5 g! S  p1 I. @* a
ئال ...
9 R, H+ V5 S; _0 P
يېرىم ياتا قالغىنى يوق،بىر ھېكايەمنىڭ بىر بۆلەك قىسمى قالدى شۇنى يېزىۋاتىمەن،يېزىپ بولاپ تەھرىرلەپ ھەممىنى بىر يوللىماقچى شۇڭا يوللىمدىم،رومانغا كەلسەك،ئۇنىڭمۇ داۋامىنى يېزىۋاتىمەن،ئاخىرقى قىسىملىرىدا بىر قىسىم زىدىيەتلەر كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن تۈزىتىپ يوللىماقچى،رومان باشقا زانىرغا ئوخشىمايدۇ شۇڭا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ،ئالدىرماي ئالدىرماي يوللايمەن ئاللا خالىسا،چۈنكى مەن بۇ روماننىڭ مۇكەممەل چىقىشىنى ئۈمۈت قىلمەن،،،،،،،،،يەنە بىر گەپ،،،،،مەن ئىككى ئايدىن ئاشتى دوختۇرخانىدا بولۇپ قالدىم،شۇڭا ھېكايەمنىڭ ئاخىرىنى يوللاشتىن ئاۋال بىر يېڭى ئەسەر ئارقىلىق مۇنبەرداشلارغا سالام يوللاشنى لايىق تاپتىم،ئاللا خالىسا ئۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى بىر قېتىم يوللىساملا تۈگۈيدۇ،،،،شۇڭا مېنىڭ ھەممىلا ئەسىرىم يېرىم ياتىدەك گەپ قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن،20 دىن ئارتۇق تېما يوللاپتىمەن،بىر رومان بىر ھېكايىدىن باشقىسىنىڭ ئاخىرىنى تولۇق يوللىدۇم،،،،،ئۇ ئىككىىسىنىڭمۇ تولۇق ئاياقلاشتۇرىمەن ئاللاھ خالىسا سالامەتلىكىم يار بەرسە.......

0

تېما

220

يازما

220

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 120910
يازما سانى:
220
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
676
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
273 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-6-9
ئاخىرقى:
2015-12-26
ۋاقتى: 2015-8-2 14:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋۋا خۇدايىم  كىچىك باللارمۇ  بەك يامان ھە  .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号

GMT+8, 2015-12-27 07:41 PM, Processed in 0.067517 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش