tograkmalikisi يوللىغان ۋاقتى 2015-8-17 01:10 PM
- G e p" R/ R% v4 }% F
مەن دېگەن گەپلەرنى چۈشنەلمەي تۇرۇپ تەھىلىل قىلۋەرمەڭ ...
; z* c: \1 u1 k" A$ ?
مەن بۇ گەپلەرنى بىلمەي تەھلىل قىلىۋاتقىنىم يوق.مىنىڭمۇ سىزدەك بەش يىللىق ئائىلەم بولغان.نەق بەش يىل بولغاندا بۇ تۇرمۇش ئاخىرلاشقان.سەۋەبى بولسا كېلىشەلمىگەن.تويدىن ئاۋۋالقى جاڭگالدا بەش يۈز كويلۇق توختاملىق خىزمەتچىدىن توي قىلىپ ئۇقۇتۇپ تەربىيلەپ رەسمىي شىتاتلىق قىلىپ نىنىنى پۈتۈنلەپ قۇيغاننىڭ گۇناھىغا ئاتا ئانىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۆي ئالغاندا ئۇنىڭ نامىغا چىققانلىقىنى بىلىپ بوپتۇ دەپ ئېلىپ،ئاخىردا ئكزىنىڭ ئۇرۇق تۇغققانلىرىنى يېغىپ مېھمان قىلسا،قىينى ئاتا ئانىسىنى يىلدا بىر چاقىرىش يوق بولىۋەرسە،مەن بوپتۇلا،تۈزىلىپ قالار دەپ ئىشلەۋەرسەم،يا قىمار يا ھاراق ئىچىپ يا خەقنىڭ قىزىنى سۆرەپ يۈرمىسەم،ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى مۇنداق بىر ئىش بارتى دەپ بولغۇچە ئاتا ئانامغىمۇ قىلمىغان ئىشنى قىلىپ بەرسەم،خۇتۇن بولغۇچى بۇنى بىلمىسە،ئاتا ئانىسىغا ئىيتسا ئۇلار تىخى پەرۋا قىلمىسا...ئاخىرى سوتقا ئەرىز سۇنۇپ بىر تەرەپ بوپ كەتتىم.ئەمدى بىر ئايچە بوپتۇ،كۈندە تېلىفۇن قىلىدۇ كەلسىڭىز دەپ...سەۋەبىنى دەپ،بىزنىڭ ئۆيگە بارغىن ئەمسە دىسەم ئۇنىمىسا..دەپ كەلسە گەپ دىگەن جىق.ساقچى چاقىرىپ يۈرگەن يەرلىرىممۇ بار .يا ئوتتۇردا بالا يوق.تەكشۈرتسەك ساق.ئۆزى مىشچان،يۇۋاش ككرۈندىغان بۇ قىزنىڭ دىلىنى پۈتۈن قىلاي دەپ يۈرەكلىك بولغىن دەپ ئىشلىگەن خىزمەت ئاخىردا ئۆزۈمگە ياندى،ئىت سېمىرسە ئىگىسىنى ئالور دەيدىغان...شوڭا ئۇنداق ئايلىقچى،مەمۇر دىگەن ئاياللارنى ئۇنچە چوڭ بىلمەيمەن.ھەم ئۆزۈمنىڭ بىشىغا كەلگەن ئىش بولغاچقا ۋاي دەپ كەتمەيمەن.قۇرساقتىكىنى بىل دەپ تۇرىدىغان بۇ ئاۋاقنىڭ خىتىنى بېرىۋەتكىنىمگىمۇ ئىچىمدىن بىر يەرلەر خۇش بولسىمۇ يەنە بىر يەرلەردە ئەسلەپ قالىمەن،شۇنىڭغا قارىغاندا ياىشى كۆرىدىكەنمەن.دۇكانلارغا بېرىپ قالسام ئۇنىڭ بىلەن بىر نەرسە ئالغان ئىشلار يادىمغا يېتىپ قالىدۇ.بىراق ئۇنىڭ ئاتا ئانامنى ھۆرمەت قىلماسلىقى،ئەرنى ئەردەك كۆرمەسلىكى،ئۆزىگە ئۆزى كۆڭۈل بۆلمەي كېسەلنى يۇشۇرۇپ ئۆلۈم كەلگەندە مانا مەن دىيىشلىرىنى ئويلىسام ،تېنىنىڭ بۇ قەدەر ئاجىزلىقىنى بېلىپ تۇرۇپ يەنە .ئۆزىگە پەقەتلا كۈيۈنمەسلىكىنى ئويلىسام...بۇنداق ئون يۇۋاشنىڭ دەردىنى تارتقۇچە بىر ياماننىڭ دەردىنى تارتايچۇ دەپ كىتىمەن...بەزى سۆزلەرنى بىكاردىن بىكار ئىيتمىدىم،باشقا كەلگەچكە ئىيتتىم.نەگىلا بارماڭ،ئەرنى كۆرسە بىشى ئاغرىيدىغان،خۇتۇننى ككرسە ئىچى ئاغرىيدىغانلار كۆپ بۇ زاماندا بىر ئىشلارنى ئىيتىشمۇ خۇش ياقمايدۇ.بەلكىم سىز بۇ كەچمىشلىرىگە :ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس دىيىشىڭىز مۇمكىن،كىيىن باشقا بىرىنى تاپتىم دىگەندە ئانا بالا ئىككىلىسى يالغانچى چىقىپ تۇرىدۇ...ئۇنىڭسىزمۇ جەمىيەتتىكى نى نى ئىشلارنى كۆرۈپ،قۇلاقتا ئاڭلاپ رايى يېنىپمۇ قالىدۇ كىشىنىڭ...ئەر كىشى ماشىنا ئادەم ئەمەستە...بىراق كىيىن ئشلار ياخش بولۇپ كىتەر دەيمەن ئۆزۈمچە.
2 S0 h b2 t/ W- U* ?4 S
7 B$ ^' s7 f+ F3 u
كەسپى ئاياللارمۇ نۇچىلىرى نوچى،ھەم ئائىلىدە ياخشى ئايال،ياخشى كىلىن،ئىدارىدە ياىشى خىزمەتچى بولۇپ تۇرمۇشنىڭ مورىسىدىن ئىس چىقىرۋاتقانلار كۆپكەن.يەنە نۇرغۇن يەردىن ئاڭلىدىم،يېڭى توي قىلغان قىزلار قىينى ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئانەسىدىن چارە ككرۈپ ۋاي ئانام دەپ يۈرگىنىنىمۇ ككردۈم...مىنىڭ نىمە خاتا يېرىم باركىنتاڭ.شۇنىڭغا قاراپ،ئەسلىدە ئەر كىشى خۇتۇن كىشىگە ئىشەنمەي،ئاۋۋال ئكزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئاندىن ىۇتۇن غا ھە دەپ ئۆتسە بولىدىكەن دەپمۇ قالىمەن.