مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tumaris01

ئۆچمەس ئۇستاز ئىزلىرىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

215

يازما

228

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 127042
يازما سانى:
215
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
923
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
114 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-9-23
ئاخىرقى:
2016-3-29
ۋاقتى: 2015-11-11 15:34:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم مەزمۇنلار ئىكەن ، بىلۋالدىم ، رەھمەت !

ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە ... ئۈچۈن !

ئابلىمىت ئوسمان(مەرىپەت ئوغلى)

130

تېما

1833

يازما

1963

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90636
يازما سانى:
1833
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12932
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
912 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-26
ئاخىرقى:
2016-3-20
ۋاقتى: 2015-11-11 15:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلىق سەپىرىمدىن  كەينىمگە باقسام ....
; h1 q/ \% L  m) C" p. Y2 g
! T/ G7 Q- Z2 _, c5 M" S# S- i
-مەرھۇم يازغۇچى،شائىرە ھاياتنۇپۇس مۇھەممەتنىڭ ‹‹قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە ››ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى.
6 Q) b. L- [/ y% |# _

/ B5 ~' V. e- X$ E, ?مەن تۇيغۇلىرى ئاجايىپ قايناق، ئاجايىپ رومانتىك بىر قىزدىن، تۇرمۇش رىئاللىقى ئىچىگە تاشلانغان ئانىغا ئايلاندىم. پەرزەنتىم ۋە ئۇنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ، ئىستىقبالى ھەققىدىكى ئۇرۇنۇش ۋە تەسەۋۋۇرلار مىنى دۇنيادىكى ھەر بىر تور ، سىناق ، تەبىئەتتىكى ھەر بىر مەۋجۇداتقا ئىنچىكىلىك بىلەن تەلەپچان نەزەردە تىكىلىدىغان قىلدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، تۇرمۇش مۇھىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى زەنجىرلەر پەرۋىش قىلىنغۇچى بىلەن پەرۋىش قىلغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ۋارىيانتلىرى ئىدى. مەن دۇنيانى، ئەتراپنى بىر ئانىنىڭ نەزەرى بىلەن كۆزەتكەنسىرى، ھەممە نەرسىنىڭ شۇنچىلىك گۈزەل ، سەبىي ۋە پەرۋىشكە ، كۆيۈنۈشكە، قىزىشقا، تەرەققى قىلدۇرۇشقا مۇھتاجلىقىنى ھىس قىلدىم. ئۈستۈمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى، ۋەزنىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتتىم .
% H# S3 m8 ~6 G- Oئانىنىڭ نەزەرىدىن ئەرلەرگە باقتىم، ئۇلار مىھىرسىرىغان، ئەڭ مىننەتسىز، ساپ مۇھاببەتسىرىغان. ئانىنىڭ نەزەرىدىن پەرزەنتلەرگە باقتىم ، ئۇلار مىھىرسىرىغان، تەربىيسىراپ، نىشان،يىتەكلەشكە، تەلەپچانلىققا موھتاج بولغان. ئانىنىڭ نەزەرىدىن تەبىئەتكە باقتىم، تەبىئەت تالان – تاراجقا ئۇچرىغان، بۇلغىنىۋاتقان. ئانىنىڭ نەزەرىدىن دۇنياغا باقتىم، دۇنيا ئۇچۇرلىشىپ، ئاپتوماتلىشىپ، مىخانىكىلىشىۋاتقان، ئانىنىڭ تۈگىمەس مىھرى- ۋاپا بۇلىقى بولغان مېھىر – مۇھەببىتى، دۇنيانىڭ ئىتىبارسىز بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ئىپتىدائىي، يىغلاڭغۇ ھىسيات ئامىلى سۈپىتىدە تاشلىنىپ قالغان. شۇڭا ئىنسانلار روھى مايسىرىغان ماشىنا غىچىرلاپ ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن ، ئۆزىدىن زىرىككەن، كۆڭۈلسىزلەشكەن كەبى مېھىرسىراپ، مۇھەببەتسىراپ چارچىغان، بېسىم ھىس قىلغان. دۇنيا ئىجتىمائىيەتلىشىپ ، مەنپەئەتلىشىپ كەتكەنلىكتىن، بىراۋنىڭ غالىبىيتى، يەنە بىراۋلارنىڭ ھالاكەتلىك مەغلۇبىيتىنىڭ قەبرە تېشىغا ئايلىنىپ ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يۇتۇۋېلىشنىڭ شەرتىگە ئايلانغان.
; a) B' L# \$ Sمانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە، ئانىنىڭ يىتىمسىرىغان ئاھلىرىنىڭ ، ئاللاھ تەرىپىدىن بىزلەرگە قامچا بولۇپ تىگىشى ئىدى. ئانىنىڭ پۈتۈن جاھاننى سىغدۇرالايدىغان، ئاڭا ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغان قەلبىنىڭ ئېتىبارسىزلىنىشىنىڭ، بىزگە بىرىلگەن جازاسى ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانىنىڭ پەرۋىشىگە، ئانىنى ھېچقانداق بىر بەخىش ئېتىش ئورنىنى تولدۇرالمايدىغان، تەماسىز، ئۈن-تىنسىز، مىننەتسىز بەدەل تۆلىشىگە تەشنا ئىدى. 3 i3 q& P" R# t+ _" Z
ھېلىمۇ ئىنسانلار تولىمۇ ئاددىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىنسانىي سۈپىتىدىن تامامەن ئايرىلىپ ، يىرتقۇچلىشىپ، بىر- بىرىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى، قەدىر – قىممىتىنى تۆكۈۋاتقان، يۇتۇۋاتقان، چۈشۈرۋاتقان، مۇشۇ يەر شارى مۇھىتىدا ئىنسانلار قىرغىنچىلىقى، سەمىمىي ساداقەتسىزلىكى، ئېتقادسىزلىقى، يۈزسىزلىكى، تەبىئەتنىڭ ۋەيرانچىلىقى، زىمىننىڭ پەرۋىشسىزلىكى پاجىئەلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن مەۋجۇدىيتىمىزنىڭ چىركىنلىكى سەۋەبىدىن ھېلىمۇ يەرنىڭ يېرىلىپ بىزنى يۇتۇپ كەتمەي، يەر شارىنىڭ چۆكۈپ كەتمەي تۇرۇشىنى ، ئانىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن پاكلىق ، ئۇلۇغلۇق نۇرى تۆكۈپ ، مۇھاببەت سۆيگۈ تامدۇرۇپ ، يۈرىكىنى مەشئەل قىلىپ ياندۇرۇپ ، ئىنساپ دىيانەت ئىزدەپ ئاق رومالغا پۈركۈنۈپ ئولتۇرۇپ ، زىمىن بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئا تىلاۋەتلىرىنىڭ خاسىيتىدىن ، بىپايان يېزا- قىشلاقلاردىكى پۈتۈن تەقدىرى يەر بىلەن باغلانغان ئالتۇندەك ساپ ئىتقادمەن، ساداقەتمەن خەلقلەرنىڭ زىمىنغا ئاسايىشلىق ، بەخىت، قۇت، ئىنساب،خاتىرجەملىك تىلەپ ئاللاسقا تائەت – ئىبادەت قىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، خىزىر سۈپەت بىلەن گۇناھلىرىمىزنى تىلەشنىڭ خاسىيتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. " m% |5 [9 w2 i& |. ^
ئاشۇلارنىڭ ئادەم ئاشىق- بىقارار بولۇپ، مەۋجۇتلۇقمۇ ئىرىپ كەتكۈدەك كىرسىز ئۇلۇغ قەلبىنىڭ ، ئىنسانلىق سۈپىتىنىڭ، تەقۋادار ساداقىتىنىڭ، مىھىر-ۋاپا ئىتقادىنىڭ خۇدا ئالدىدىكى ئىززەت- ئابرويى بىلەن بەلكىم، قۇم باسقان شەھەرنىڭ بىغەم ، ھەييار، نادان كىشىلىرى بولۇپ مۇشۇ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىۋاتقاندىمىز. % p0 _4 w: T! M( g4 d
«جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا»، دۇرۇس . بىزنىڭ جەننىتىمىز ئانىلارنىڭ ئاسايىشلىق كۆز ياشلىرى ئاستىدا بولىۋاتىدۇ! ئانىدىن ئىبارەت بۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى،پۈتۈن ئۆمرى، پۈتۈن ئارزۇ- ئۈمىدى ، پۈتۈن ئەقىل-ئىدىراك ، زىھنى قۇۋۋىتى، پۈتۈن ئەقىدە ئىخلاسى پەرزەنت ئۈچۈن، قۇربان بىرىشنىڭ، ئېرىپ تۈگەشنىڭ، ئۆزى يوقىلىش بەدىلىگە ئىرىشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇ ئاجايىپ، شەكسىز، چەكسىز مەۋجۇتلۇقنىڭ ، ھاياتلىق مۇھىتىمىزدا بارلىقىنى ئىسىمىزگە سالغىنىدا، پۈتۈن بارلىقىمىزنىڭ، ئىنسانلىقىمىزنىڭ قەددى بىلەن ئىگىلىپ، يەر بىلەن تۈپ- تۇز بولۇپ، ئۇلارغا ئونمىڭلارچە سەجدە قىلىشقا، باش قويۇشقا، ئۇنىڭ روھىنى بىر ئۆمۈر تاۋاپ قىلىشقا قەرزدارمىز! 7 [/ i' E& O! v: n1 B' D1 T
تولىمۇ ئەپسۇس، بىز ئۆز ھەلەكچىلىكىمىز بىلەن سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈك كەبى ئالدىراشمىز. پارچە –پۇرات ئەرزىمەسلىكلەر ئۈچۈن پالاقشىپ يۈرگىنىمىزدە ئانىمىزنىڭ بىزدىن ئەنسىرەپ، بىز ئۈچۈن ئۇخلىماي ، دەم ئالماي، يىمەي- ئىچمەي،كېچە- كۈندۈز دۇئا تىلاۋەتتە ئولتۇرغانلىقىنى، يۈرىكىنىڭ بىر تامچە- بىر تامچىدىن، بىز ئۈچۈن سىرغىپ تۈگەۋاتقانلىقىنى ئىسىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدىكى سىزىمىدا بارمۇ زادى؟ 0 L( H; O  m' M& v7 c# U5 E
ئانا-پەرزەنت ئۈچۈن ياشاپ، ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ –پىشىپ، بىر ئۆمۈر ئۇنىڭغا قانماي، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەنە قانائەتسىزلىك بىلەن تەلمۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تامچە-بىر تامچىدىن ئېرىپ تۈگەپ كىتىدىغان ئاشىق!. ئۇنىڭ ئاشىقلىقى ئانا بولغان دەقىقىدىن باشلانغان. ئۇنىڭ بىر يۈرىكى مىڭلارچە يۈرەك شەكىللىرى بىلەن پەرزەنت ئىھتىياجىنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتا ۋە ئوخشاش بولمىغان ھالقىلىرى ئۈچۈن سۇنۇلۇشقا تەييار تۇرغان ئاجايىپ يۈكسەكلىكتىكى، دۇنيادىكى ئەڭ ساپ مەۋجۇتلۇق! * a2 Z* a# B/ a2 ]6 S6 |4 @1 @
ئانا ۋە ئايالدىن ئىبارەت نام بىلەن ئىنسانىيەت ئالىمىدە مەۋجۇت بولغان بۇ خىل يارىلىش، ئۇنىڭغا ئەڭ تەخىرسىز،ھايالسىز،قۇربان بىرىشلەرنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ نازۇك تۇيغۇلارغىچە سىڭدۈرۋەتكەن. ئۇ مەڭگۈ مۇشۇ ئىمكانلارنىڭ ھەر قايسى دوقاللىرىدا پەرزەنت ۋە ئەر ئۈچۈن قاراڭغۇ كىچىلەردە دانكو كەبى يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ يول باشلىغىلى، مىھىر بولۇپ جەڭگاھلاردا يىقىلسا پەرىشتە كەبى ھاياتى كۈچ بېغىشلىغىلى مەدەت بولۇپ كېلىشكە ھەر قاچان تەييار تۇرىدۇ.7 P7 r& X4 O- j
ئۇلارنىڭ مىھىر-ۋاپا مەنبەسىگە ئايلانغان قەلبى دۇنيانى، ئىنسانلارنى ئىللىقلىققا پۈركەپ، ياشاشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھاياتقا باغلاپ تۇرىدۇ. ئەمما دەۋىر ھەم ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ بۇ خىل بەخىش ئىتىشلىرىنى يەنىلا دەۋىر پۇرىقىغا، زامان روھىغا ئىگە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. دىمەك ئاياللار، ئانىلار ئۆزىدىكى ئاجايىپ ساپ ۋە يۈكسەك بۇ خىل تۇيغۇنى ،روھىنى پەرزەنت ۋە ئەرنىڭ شۇ دەۋىر جەمىيتىدىكى ئورنى ۋە يۇقىرى ئۆرلەش ئىھتىياجىنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا يار-يۆلەك بولۇشى زۆرۈر. ئۆزىنىڭ ئەر ۋە پەرزەنتكە بولغان مېھىر – مۇھاببىتىنى ئىپتىدائىي شەكىلدىكى مىھىر بىلەن ، كۆز يېشى تۆكۈپ تۇرۇپ، تەرلىرىنى سۈرتۈپ قويۇش، تامىقىنى پۈۋلەپ يىگۈزۈپ قويۇش ۋە پۇت- قولىنى تۇتۇپ قويۇش بىلەن ئەمەس، ئۇنى جانلىق، ئۇرغۇتقۇ، ئىستىراتىگىيە خاراكتىرىنى ، دىپلومات ، پىسخىك دوختۇر شەكلىنى ئالغان پەرۋىش ۋە نىشانلار بىلەن ئىپادىلىشى كېرەك. چۈنكى ئائىلىنى ، ئائىلىدىكى پەرۋىش ۋە مېھىرنى بىرلىك قىلغان جەمىيەتتىكى شەخىسنىڭ بارلىق پائالىيتى ئانىدىن باشلىنىدۇ، ئانىغا باغلانغان تەربىيە مېھىر،ئېتقاد، ساداقەت ۋە بارلىق مەنىۋىي پائالىيەتلەرنىڭ باشلانمىسى، راۋاجى، تۈگۈنى ۋە يىشىمى بولىدۇ. شەخىسلەرنىڭ ئېتقادىنى، ئادەمىي پەزىلەت، سۈپەتلىرىنى، مەنىۋى تۈۋرۈكىنىڭ مەھسۇلى بولغان تەپەككۇرىنى ، ئۇنىڭ پەرۋىشچىسى، ئۇرۇق چېچىپ بىخ سۈرگۈچىسى بولغان ئانىنىڭ ساپاسى، ئېتقادىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
# c4 B- x( p0 u# A/ o1 hدۇنيانى ئېتقادلار بۆلىشىۋېلىشقا، سىياسىي ئىقتىسادىي كۈچلۈكلەر يۇتىۋېلىشقا تەييار تۇرغان تۈرلۈك خىرىسلار ئىچىدە تەبىئىيلىك يىتىمسىراپ ۋە ئۆز رەڭگىنى يوقىتىپ ، ئىجتىمائىيلىشىش پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئەندىزىسىگە ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئانىلارنىڭ چەكسىز قۇربان بىرىش روھىنىڭ تەبىئىي ئىپتىدائىي ، ساپ ھالەتلىرىمۇ دەۋىرنىڭ تۈرلۈك خىرىسلىرىغا دۇچ كەلدى. تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تىزلىشىپ كىتىشى، تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنىڭ پايدا مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلىشى، ئىجتىمائىيەتنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرگە ئانىلارنىڭ پەشلىرىدىن تارتىپ ئارامچىلىق بەرمەسلىكى، خىزمەت، تۇرمۇش، مۇناسىۋەت ئىھتىياجلىرىدا يېتىشىپ بولالمايۋاتقان ئانىنىڭ روھىنى تالان-تاراج قىلماقتا.
0 O& B" Z7 c* i" X0 o! B1 kئۆي بىلەن خىزمەت ۋە تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئۆزىنىڭ تەلەپ ئىھتىياجى،مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەتلىرى ئارىسىدا يىتىشىپ بولالمايۋاتقان ئايال ھارغىنلىق ھىس قىلماقتا، گاڭگىرىماقتا.
) A. o2 l" J; Aئەرنىڭ مىھىر-مۇھاببەت ئېھتىياجى ، فىزىلوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق ئىھتىياجلىرىغا نىسبەتەن ۋاپادار ئايال،سېھرىي كۈچكە ئاياللىق سەنئىتىگە باي مەھبۇب، ئەرگە ماسلاشقان يولداش،دىلداش،سىرداش ھەم قابىل يىتەكچى،ئۇنى نوقۇپ، چوقۇپ ئويغاتقۇچى،ئاڭا ئىلھام ۋە تەپەككۇرىدا يىڭىلىق ئاتا قىلغۇچى ماھىر پىسخىك دوختۇر ۋە ساداقەتمەن مەسلەكداش بولۇش ھازىرقى ئاياللارنىڭ دۇچ كەلگەن مەسىلىسى. ! A% l* x- {) K6 B6 P% l2 {* O0 n/ h4 x
پەرزەنتكە ئالدى بىلەن باققۇچى،ئاخىردا تەربىيلىگۈچى، پەرزەنتكە ئەدەپ-ئەخلاق، ئىنسانلىق سۈپەت بېغىشلىغۇچى،ئىنسانلىق رەڭ تۇيغۇسى ئاتا قىلغۇچى، ئۇنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغارغۇچى،ئۇرۇق سالغۇچى، ئانىدىن ئۇنىڭغا ھاياتلىق قەدەملىرىنى ئېلىشنى ئۆگەتكۈچى،بەلگىلىك ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئىگىلەتكۈچى،پەرزەنتىنى ئادەمىيلىك ساپ تۇيغۇ بىلەن زامانىۋىيلىكنىڭ، مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىنىڭ ئەڭ نازۇك ھالقىلىرىغىچە ئەستايىدىل تەربىيلىگۈچى، يىتەكلىگۈچى مەنىۋىي ئۇستاز،زامانىۋىي ئوقۇتقۇچى،ئۈن-تىنسىز قۇربان بەرگۈچى ئانا،تەلەپچان يول باشچى، ئۇرغۇتقۇچى مەدەتكار بولۇشى كېرەك بۈگۈنكى ئانا.
4 G4 u% _0 w" }, f: `- Sپۈتۈن ئائىلە كەيپىياتىنى تەڭشىشى، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىغا ماس ھالدا كۆيۈنۈش ، تەربىيە،يېتەكلەش ئېلىپ بېرىشى ،ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي پائالىيەتلىرىگە ياخشى سورۇن ، تەبىئىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بىرىشى كېرەك بۈگۈنكى ئانىلىق سالاھىيەتتىكى ئايال.
- i' \) B0 ~, f; @بەلگىلىك پەن-مەدەنىيەت بىلىمى بىلەن ئېرى ۋە پەرزەنتىگە ۋاستىلىك ۋە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلىشى،خىزمەت ئورنىدا شاللىنىپ قالماي ، دەۋىر تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان خىزمەتچى بولۇشى كېرەك بۈگۈنكى ئايال. & V( N. x. L4 r- k
ئەر ۋە پەرزەنت، دوست –بۇرادەرلەر بىلەن خىزمەتداشلار، ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن قۇلۇم-قوشنىلار، ئاتا-ئانىلار ئارا مۇۋاپىق ئارلىق ۋە مۇئامىلە بىلەن نورماللىقنى ساقلاپ ،ئۆزى ۋە ئائىلىسى بىلەن چېتىشلىق دائىرلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي،ئۆينىڭ بىزىلىشىدىن، مىھمان كۈتۈشىگىچە ياخشى تەڭشىشى كېرەك بۈگۈنكى ئايال.
" B7 u6 n7 b! F% H. k1 }, O$ [مەنىۋىي كۈچ ۋە پىسخىك دىئاگنوز بىلەن ئېرىنى چۈشۈنۈپ، سىھرى كۈچى ئاياللىق جەزىبە، لاتاپەت ۋە چەكسىز مېھىر بىلەن ئېرىنى ئائىلىگە ،ئۆزىگە باغلاپ تۇرۇشى،سىرتتىكى ئېزىتقۇلارغا تارتقۇزۇپ قويماسلىقى كېرەك بۈگۈنكى ئايال.
1 Z# Y2 i' `6 J' S, `مۇشۇلارنىڭ جىددىيلەشتۈرۈشى، ئۆزىنى تىڭلاشقا،ھىس قىلىشقا،تولۇقلاشقا ئارامچىلىق بەرمەيۋاتقان ئايالنى ھارغۇزۇپ ،چېچىلاڭغۇ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئائىلىدىكى بۇ خىل تەكرار كەيپىياتتىن كېلىپ چىققان مىھىرسىزلىك ،چۈشىنىشمەسلىكمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئەرلەرنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، ئىرەڭسىزلەندۈرۈپ قويماقتا.شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئېڭىدىكى بۈگۈنكى تەرەققىيات ئاياللارنى بىشەملەشتۈرۈپ، ئەرلەرنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يوقالسۇن ئاياللار ئازادلىقى ، ئەرلەرنى قۇتقۇزايلى! دېگەندەك چولتا چۇقاننى كۆتۈرۈپ چىقىشقا تەييار تۇرۇۋاتىدۇ.   i1 Y! ]6 h, |% d. U
ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى سەپرا مىجەزلىكى ياكى بىشەملىكى ئائىلىدىكى ئاياللىق،ئانىلىق مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلماسلىقى،ئاياللار ئازادلىقى، ئەر-ئايال باراۋەرلىكىگە ياكى ئاياللار ئۈستۈنلۈكىگە شەرت قىلىۋېلىش تولىمۇ يولسىز،پۈچەك ، نادان قاراش.
2 ~  C; k8 A" d7 g8 ^/ Lئاياللارنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتناشتۇرۇلىشى، ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئىشلىشى، ئۇلار بىلەن ئوخشاش نەتىجە يارىتىشى،ئەر-ئايال باراۋەرلىكى ۋە ئاياللار ئازادلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئايالنىمۇ ئەرگە ئوخشاشلا ئىنسان قاتارىدا كۆرۈشتۇر. بىراق ئايال بولغۇچى، دۇنياغا ئايال بولۇپ يارىتىلغانكەن ئۆزىنىڭ ئاياللىق سۈپىتى باغلانغان ئاياللىق مەسئۇلىيەت بۇرچىنى، ئاياللىق نازۇك، ئۇياتلىق تۇيغۇسىنى،ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى يوقاتماسلىق كېرەك. ئانا بولۇش، ئايال بولۇش شەرىپىگە ئىرىشكەنىكەن، ئۆزىنىڭ ساپ قەلىب دۇنياسىدىن چىقىپ ئۆزىنىڭ ئىللىق ئائىلىسى، مىھىر تامچىلاپ تۇرىدىغان گۈزەل تۇرمۇشىنى ئۆزى يارىتىشى،ھەرگىزمۇ ئارىدا ئېسىلىپ ئۆلۈك بىلەن تىرىك ئارلىقىدا، ئۆزىنىمۇ ، ئەتراپىدىكىلەرنىمۇ بىزار قىلىپ، مىھىرسىرىتىپ،پەرۋىشسىرىتىپ،مۇھەببەتسىرىتىپ،نىمجان ياشىماسلىقى كېرەك. بۇ خىل ياشاش ئاياللىق ياشا ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىدىن بىشارەت بىرىپ، بۇ ئايال يارىلىپ قېلىپ،ئايال بولۇشنى بىلمەي ئامالسىز يا ئۆلەلمەي، يا تىرىلەلمەي ياشىغا بىلەن باراۋەر. دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق بىچارىلىك بارمۇ ؟
/ r, \9 |% L  r1 [8 ^ھاياتتا، تۇرمۇشتا،ئائىلىدە، چوقۇم ئايال ئايالغا ئوخشىشى،ئەر ئەرگە ئوخشىشى،ھەر ئىككىلىسى ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى ئۆزى قىلىشى،مەسئۇلىيەت بۇرچىنى توغرا تونۇپ، ھىس قىلىپ چۈشىنىشى كېرەك. : H. e7 n( H: R1 c4 a( n9 L
ئاياللارنىڭ تولىمۇ نادانلارچە،ئەرلەرنىڭ زىتىغا تىگىپ تۇرۇپ،ئۆزىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىدىن قېچىپ،ئەرلەر بىلەن تاكاللىشىش،قاراملارچە ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ باراۋەرلىك ھەتتا ئۈستۈنلۈك تالىشىشى تولىمۇ كۈلكىلىك،ئاياللىق ساۋاتسىزلىقى خالاس. سىز قابىل .ايال بولسىڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ چەكسىز ئىللىقلىقى،ئەقلى،قەيسەرلىكى،تىرىشچانلىقى،مىھىر-مۇھاببىتى،تېرەن ساداقىتى بىلەن ئېرىڭىزنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئوبرازىڭىزنى تىكلىسىڭىز،ئۇنىڭ قوللىشىغا ئىرىشسىڭىز،بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىتراپ قىلىنىش بولامدۇ؟ شۇ ئارقىلىق ئائىلىگە،ئۆزىڭىزگە ئاندىن جەمىيەتكە يۈزلەنسىڭىز،ئاياللىق تەبىئىيتىڭىزدىكى مىھىر-مۇھاببەت،ئىنچىكىلىك،سەزگۈر بايقاش ۋە ئەستايىدىللىقتىن چىقىپ قولاپ-قۇۋۋەتلەشكە ئىرىشسىڭىز ئاندىن ھەممە تەرىپىدىن ئىتراپ قىلىنالايسىز.
5 Z, {3 t6 A; T. J* I8 N' R( hئەر-ئايال باراۋەرلىكىنى،ئاياللار ئازادلىقىنى شوئار تەرىقىسىدە،كۆرەڭ، چاكىنا ئىدىيە بىلەن قۇبۇل قىلماي،ئۇنى ئاياللىق تەبىئىتىڭىزگە،ئاياللىق مەسئۇلىيەت بۇرچىڭىزغا،ئۆز ئەمەلىيتىڭىزگە باغلاپ تۇرۇپ،ئۇنى چۈشۈنۈڭ،ئۆزىڭىزگە پەرۋىش،ئىتقاد بىلەن ئەستايىدىل،ئىنچىكە ئاياللىق سىھرى كۈچ،سەنئەت ۋە قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىپ تەدبىقلاڭ. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەقىقى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچچىنىلا كۆرماي يىراقنى كۆرىسىز. ھەقىقىي ئىتراپ قىلىنىشنىڭ نىمىلىكىنى ئاندىن چۈشىنىسىز. چۈنكى ھەربىر ئىنسان ئۆز ئىتقادىي، ئۆز تەبىئىتى نۇقتىسىدىن ئاندىن قەدىرلىك بولالىغان،ئاندىن تاۋلىنالىغان،ئاندىن مۇۋاپپىقىيەت قازىنالىغان. سىز ئالدى بىلەن بىر ئايال زاتىغا تەۋە، ئاياللىق، ئانىلىق نۇقتىسىدىن چىقىڭ، ئۆزىڭىزنى شۇ پەرۋىشچانلىق،مىھىر مۇھاببەتنىڭ مەنبەسىدىن،جەزبە ۋە لاتاپەتنىڭ قەۋھىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ،قەيسەر،تىرىشچان،مەردانە قىلىپ تەربىيەلەڭ،بېيىتىڭ.ئالدى بىلەن مۇشۇ نوقتىدىن ئۆزىڭىزگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ كۆزى،ھازىرقى دەۋىردىكى بىر پەرۋىشچىنىڭ نەزەرى بىلەن ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىتراپ قىلالىغۇدەك بولۇڭ، ئاندىن سىزنى باشقىلار ئىتراپ قىلىدۇ.
4 \4 K$ m8 m6 O: Jدۇرۇس، مۇشۇ نوقتىدىن چىقىپ ھەم ئائىلىگە ھەم ئۆزىگە ھەم دەۋىرگە بايراقدار بولالايدىغان ئايالنىڭ مۇساپىسى،تىرىشچانلىقى ھەقىقەتەن زور،بەك مۈشكۈل ۋە ئىنچىكە. ئەمما سىز دۇچ كەلگەن ىئاللىق مۇشۇ، سىز مۇشۇ رىئاللىقتا ياشاش ئۈچۈن،يەنە ئۆزىڭىزگە خاس ئوبراز بىلەن ياشىشىڭىز ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ مۇشۇ دەۋىردىكى بىر ئانا ۋە ئايال بولغۇچىدا بولۇشقا تىگىشلىك ياشاش ئىقتىدارى.
0 {! J+ L0 B/ H$ I& m: }8 Aياشاش ئىقتىدارى يوق دىگەنلىك،باشقىلارغا يۈك بولدى،تىلەمچىلەر كەبى بىچارە،روھى ئۆلگەن،خىجىل بولۇش تۇيغۇسىنى يوقاتقان ھالدا ياشىشى كېرەك دىگەنلىك.
5 o/ q2 O% [" y( z  bمۇشۇ خىل سىناقلارغا،يۈزلىنىشلەرگە دۇچ كىلىۋاتقان ئاياللار،ئانىلار ھەقىقەتەن ئۆزىنى تاۋلىشى،چېنىقتۇرۇشى زۆرۈر. بۇ كۆپ كۈچ، كۆپ بەدەل، كۆپ تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدۇ،ئەلۋەتتە.
! R" |1 D$ ^" ~, ^% o+ Yھازىرقى ئانىلار،ئاياللار ئالدىدىكى بۇ خىل سىناق، يىتىشىپ بولالمايۋاتقان ئاياللارنى راستىنلا جىددىيلەشتۈرۈپ،كەيپىياتىنى بىنورماللاشتۇرۇپ ھارغىن،چېچىلغاق قىلىپ قويماقتا.
0 k5 O6 j" G0 y, T" Z: X2 fشۇڭا نۆۋەتتىكى مەسىلە ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى،ئاندىن ئەرلەرنى،بالىلارنى قۇتقۇزىۋېلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى ئاياللار ئاجايىپ بىر دەۋىر بۆلگۈچ روھى كەيپىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاۋاتقاچقا،ئۇلارنىڭ روھى تىندۇرمىلارغا توشۇپ كەتتى. 0 e4 J3 {2 }8 l, v: o
مەن ئالدى بىلەن بىر ئايال،ئاندىن ئانا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلارنى چۈشىنىمەن،ئۇلارنىڭ ئۆز قەلبىمگە رەڭداش قەلبىنى تىڭشايمەن،ئۆز كەچۈرمىشلىرىمگە شەكىلداش دۇچ كىلىشلىرىگە تىكىلىمەن. ئاياللارنىڭ دۇنياسى ئۆزى ھىس قىلغان ۋە ئۆزىمۇ ھىس قىلمىغان ھاسىلاتلاردا تىلسىنلارغا توشۇپ كىتىۋاتىدۇ.ئاياللارمۇ مۇشۇ بىر تارىخىي دەۋىرنىڭ گۇۋاھچىلىرى،قاتناشچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئۇلاردىكى بۇ خىل ھالەت چوقۇم قېزىپ چىقىلىشى، خاتىرلىنىشى كېرەك. مىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ تۇيغۇ ،تەپەككۇر ۋە كۆزىتىشلىرىمگە ئاساسلاندى،باشقىچە تەسىرلەرنىڭ بۇ خىل ساپ تۇيغۇمغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن ،ئاياللار تىمىسىدىكى ماقالىلىرىمنى يېزىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىر ماتىريال،پەلسەپىۋىي ئىلىم سىستىمىسىغا مۇراجىئەت قىلدىم. ئەلۋەتتە مەنمۇ مۇشۇ ئۇيغۇر جەمىيتىدە ياشاۋاتقان بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن،مۇشۇ جەمىيەت ۋە دەۋر كىشىلىرىنىڭ روھى ھاسىلات ۋە دۇنيا قاراش،ئېتقاد ئاساسلىرى مەندىمۇ زاھىر،پەقەت قانداق ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە پەرق بولۇشى مۇمكىن. ھەممىمىز ئىزچىل مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقانلارمىز. ( k. Q* S4 M* ]1 t& |- V1 t6 Q
مىنىڭ نەزەرىمدە مۇكەممەل ئايال بولۇش دۇنيادىكى ھەر نىمە بولۇشتىن قىيىن. بىر ئايال دۇنياغا مەشھۇر شەخىس بولۇپ،زور نەتىجىلەرگە ئىرىشسۇن،ئەگەر ئۇ ئاياللىق تەبىئىتىدىن،ئاياللىق تۇرمۇشىدىن مەغلۇپ بولغان،ئايرىلىپ قالغان بولسا،ئۇنىڭغا ئاياللىق نامى بىلەن ئەمەس بىر ئادەملىك نۇقتىسىدىن قاراش كېرەك. ئۇ ئىقتىدارسىز ئايال سانىلىپ بىر ئايال بولۇش ئۈچۈن يەنە تىرىشىشقا توغرا كىلىدۇ. ئايال دىمەك پۈتكۈل دۇنيادىكى جانلىقلارغا قۇياشتىنمۇ بەكرەك كۈچلۈك ھارارەت بىلەن ئىللىقلىق بىرىپ، ئاڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى دۇنيانى مىھىر بىلەن قايتا قۇرۇپ چىققۇچى دىگەنلىك بولىدۇ. 3 p8 B5 {5 U5 k% b8 s# S/ P
دۇنيا ئۇنىڭغا موھتاج، ھەر بىر بوشلۇق، ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاق، ھەر بىر يۇچيق ئۇنىڭ ئىنچىكە نەزەرلىرىدىن، پەرۋىشىدىن سىرتتا قالسا بولمايدۇ. ئۇنىڭ مىھرىدىن ،ھارارىتىدىن ئۆزگەرمەيدىغان ، تەسىرلەنمەيدىغان، پەرۋىشلەنمەيدىغان ھېچ نەرسە يوق. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنى، ئەرنى، بالىنى، ئاندىن دۇنيانى قازغۇچى.
' I' b% E6 A1 U% B6 r
. t, K, P, b7 `8 i
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-11 03:37 PM  
$ v& A+ \8 x2 X8 A, P
4 d& ]- g* z. z4 p, ^& G

10

تېما

324

يازما

334

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97760
يازما سانى:
324
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4371
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
636 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-11
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-11-11 22:30:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمارىس خانىم، مەرھۇم شائىرە ھاياتنۇپۇس مۇھەممدنى ئىسىمىزگە سالغىنىڭزدىن سۈيۈندۈم. ئۇقىسقىغىنا ھاياتىدىكى قازانغان مۇۋاپىقىيتى بىلەن مەندە چوڭقۇر تەسراتلارنى قالدۇرغان ئىدى.

10

تېما

324

يازما

334

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97760
يازما سانى:
324
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
4371
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
636 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-9-11
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2015-11-11 22:39:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت ئوغلى ياخشىمۇ سىز ،تالانتلىق شائىرە ھاياتنۇپۇس مۇھەممدنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ياخشى قىپىسز، بۇ ئەڭ ياخشى ئەسلەش!تېما ئىگىسى تۇمارىس خانمغا، سىزگە تەشەككۈر !

ئابلىمىت ئوسمان(مەرىپەت ئوغلى)

130

تېما

1833

يازما

1963

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90636
يازما سانى:
1833
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12932
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
912 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-26
ئاخىرقى:
2016-3-20
ۋاقتى: 2015-11-11 22:43:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
karawul3 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-11 10:39 PM
6 C5 d0 E& @- [: m4 d: gمەرىپەت ئوغلى ياخشىمۇ سىز ،تالانتلىق شائىرە ھاياتنۇپۇ ...
0 T2 s9 C4 K4 O) \3 k
مەن بۇ مەرھۇمە ھەدىمىز بىلەن بىرقېتىم دىدار كۆرۈشكەن ، ئاللاھ ئىگەم ئۇ دۇنيالىقىنى ياخشى قىلغاي ، پەرىشتىدەك ئىسىل سۈپەت، گۆھەردەك ئەتىۋارلىغۇچىلىكى بار بىلىملىك ، ئەخلاقلىق ، ئۆزى ياش بولسىمۇ كۆپنىڭ ھۆرمىتىگە ، ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن ،ئىستىداتلىق،مەلۇماتلىق ھەدىمىز ئىدى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-11 10:49 PM  + E/ R5 j- q# b9 T8 K; ]
  O) Y+ `1 A4 i

ئابلىمىت ئوسمان(مەرىپەت ئوغلى)

130

تېما

1833

يازما

1963

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90636
يازما سانى:
1833
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12932
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
912 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-26
ئاخىرقى:
2016-3-20
ۋاقتى: 2015-11-11 22:47:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى قىز-ئايال تورداشلارغا تەۋسىيەرىم :
: q( j; H6 F; a. H" s8 V& L7 Q' q  _2 n5 G  h1 n) m$ K
مۇمكىن بولسا مەزكۇر تېمىدىكى ئاساسلىق شەخىس بولغۇچى مەرھۇمە ھەدىمىز ھاياتنۇپۇس مۇھاممەدنىڭ<<قىزلىق دوقمۇشىدىن ئانىلىق سەپىرىگىچە>>ناملىق كىتابىنى بىر قىتىم كۆرۈپ چىقىڭلار ، ئايال زاتىغا خاس يېڭىچە ئىددىيە، ئەخلاق كۆز قارىشى تاپىسىلەر ، بۇ كىتابنى بىر قىتىم نەشىر قىلغانچە قايتا نەشىر قىلمىدى،ھازىر كىتابخانلاردا بارمۇ-يوق ،بىلمەيمەن .
& s+ A. F& U9 @/ g6 ], j2 M( u) Y& m/ B

37

تېما

2842

يازما

2879

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 112242
يازما سانى:
2842
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
7042
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1734 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-1-2
ئاخىرقى:
2016-4-1
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-11 22:49:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maripatogli يوللىغان ۋاقتى  2015-11-11 10:47 PM
0 W  V- s/ [" ^2 c" hمۇنبەردىكى قىز-ئايال تورداشلارغا تەۋسىيەرىم : # j  l5 c1 C# }4 R% L
& g! Z7 K0 q8 H* x8 U  C# y
مۇمكىن  ...
+ H( \9 ~% e3 h$ x3 H) K, p5 z/ t- X' d
كىتابخانىدا بار، قىز- ئاياللارغا مەسلىھەت دېگەن كىتابىمۇ بار، ئۆزۈممۇ بارلىق ئەسەرلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن …

.

0

تېما

110

يازما

110

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 126718
يازما سانى:
110
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
549
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
100 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-9-17
ئاخىرقى:
2016-2-28
ۋاقتى: 2015-11-11 23:27:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قايسى بىرژورنالدىن بۇ ئۇستازنىڭ ۋاپاتى توغۇرلۇق ئوقىغان ئىدىم، مۇبارەك كۈنلەردە ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولسۇن.....امىن

سەن باشقىلاردىن ۋاپا تەلەپ قىلغان ئىكەنسەن، ۋاپانى ئاۋال ئۆزۈڭدە ھازىرلا، قەلبىڭنى ۋاپا بىلەن توشقۇز، شۇندىلا ھەقلىقسەن.

ئابلىمىت ئوسمان(مەرىپەت ئوغلى)

130

تېما

1833

يازما

1963

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90636
يازما سانى:
1833
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12932
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
912 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-26
ئاخىرقى:
2016-3-20
ۋاقتى: 2015-11-12 09:27:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tumaris01 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-11 10:49 PM 7 l* b& T: Y( T' E( N# H" q' n' C+ a
كىتابخانىدا بار، قىز- ئاياللارغا مەسلىھەت دېگەن كىتا ...

1 T& ^  [& F0 T0 q4 v* uساقلاپ قويغان ئەسەرلىرىنى مۇنبەرگە يوللاپ قويىڭە

2

تېما

6

يازما

8

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129532
يازما سانى:
6
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-4
ئاخىرقى:
2015-12-29
ۋاقتى: 2015-11-12 09:41:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابىنى مەنمۇ كۆرۈپ باقسام بولغۇدەك .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 01:46 AM, Processed in 0.139654 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش