! D6 m! `2 K! C8 H, y2 Q8 j9 r/ S: h9 i/ d/ F) C
مىنى ئاياللىققا چاقىرىۋاتقان كىم؟
1 n8 t/ l) d5 f' W* C6 T" x
ساجىدە سۇلايمان
% R9 r! D( i& X
مەن ئاڭلىدىم، مېنى ئاياللىق كوچىسىغاچاقىرىۋاتقان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم، كۆزلىرىم روشەنلىشىشكە باشلىدى، ئاجايىپ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ يورۇقىنى بويلاپ ئاياللىق كوچىسىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن، ئەي…ئازغۇنلار! قەلبىمنى قامال قىلغۇچى بولۇشما! مەن ئاياللىقىمغا قايتىمەن! مەن ئالەمنى بىنا قىلغۇچى ئايال ھەۋۋانىڭ قىزى ئىدىم، مەن ۋەتەننى توغقان، مەن مىللەتنى تۇغقان، يەنە مىڭلىغان باتۇر ئوغلانلارنى، ئىپپەت ئۈچۈن جان بەرگەن بەرنا قىزلارنى تۇغقان ئىدىم.
ئانام ھەۋۋا پانىيغا چۈشكەندە ئاتام ئادەمگە ئەگىشىپ ئەلەمنى قۇرغان ئىكەن، پاكلىقى ھەم مۇقەددەس سۆيگۈسى بىلەن ئۇنىڭغا كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئەر قىلغان ئىكەن، ساداقەت گۈلشەنىدە سەرخىل چىمەنزارلارنى بەرپا قىلىپ، ئۆزى شۇ چىمەنلەرنىڭ سۇلتانى بولغان ئىكەن، ئاتام ئادەم ئۇنى ئاۋايلاپ چېكىسىگە قىسىۋالغان ئىكەن، ئانام ھەۋۋا ئۇنىڭ چېكىسىدىكى تەختىدە ئولتۇرۇپ ئالەمگە پاكلىق ھېدىنى چېچىپتۇ، ھېدلىرىنىڭ سېھرىدىن ئالەمگە گۈزەللىك تاراپتۇ، ئانام ھەۋۋا مېنى ئاشۇ چىمەنزارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تېرىپ قويۇپتۇ ھەم ئىسمىمنى «ئايال» دەپ ئاتاپتۇ، مەن ھايالشىمايلا بىخ سۈرۈپ ئۆسۈشكە باشلاپتىمەن، ئاندىن بەرق ئۇرۇپ ئېچىلىپتىمەن، بۇنى مەنمۇ ھېس قىلغانىدىم، ھېدلىرىم ئالەمگە تاراشقا باشلىدى، ھەممىنىڭ كۆزى مەندە ئىدى، ھەممىسى مېنى چېكىسىگە قىسىشقا ئالدىرايتتى، غوللىرىمدىن رەڭگارەڭ گۈللەرنى ئېچىلدۇرسام، ئۇلار كېلىپ ئۈزۈپ ئېلىپ چېكىسىگە قىسىشاتتى.
ـــ بۇلار ئاتام ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى ئەمەسمىدى؟
ئۇلارگۈللىرىمنى خالىغاندا چېكىسىدىن ئېلىپ مەينەت ئېتىزلارغا تاشلىدى، مەن مەينەت ئېتىزلاردىمۇ، بېنەم يەرلەردىمۇ، تەكچىلەردىكى تەشتەكلەردىمۇ، ئېگىز ساپ ھاۋالىق تاغ باغرىدىمۇ يىلتىز تارتىپ ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم، ئەۋلادلىرىم كۆپىيىشكە باشلىدى.
ـــ ئاتام ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ مېنى چېكىسىگە قىسقان ئەرلەردىن نېمىشكە ئاتامنىڭ ھېدىنى پۇرىيالمايمەن؟
ئانام ھەۋۋا مېنى تېرىغان ۋاقىتتا جۇدۇنلارنىڭ سوقۇپ خازان قىلماسلىقى ئۈچۈن ئېتىقاد پەردىسى بىلەن تىنىمنى دالدا قىلىپ قويغان ئىدى.
ـــ قايسى شامال بۇ پەردىنى ئۇچۇرۇپ كەتتى؟
كېيىن مەن بۇ پەردىنى ئاتام ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى ئوغۇرلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، ئۇلار نېمىشكە ئۆز قېرىندىشى بولغان مېنى جۇدۇنلارنىڭ خازان قىلىشىغا تاشلاپ قويىدۇ؟
مەن ناتىۋانلىقىمدا تىڭىرقاشقا باشلىدىم، ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭ گۈللىرىمنى قوپاللىق بىلەن ئۈزۈپ ئېلىپ، ماڭا تونۇش ئالقانلىرىدا مۇجۇپ ئېزىپ، ئېزىلىشتىن ئېقىۋاتقان قانلىرىمنى ھوزۇر ئىچىدە سۈمۈردى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئادەتكە ئايلاندى، چۈنكى ئۇلار گۈللەرنىڭ بىرسى خازان بولسا، يەنە بېرى ئېچىلىۋېرىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى، ئۇلار خازان بولغان گۈللەردىن ھوزۇرلىنىشنى ئادەت قىلدى، گۈللىرىممۇ ئۆزىنى ياپراقلىرىنىڭ دالدىسىغا ئېلىشنى ئۇنۇتتى، گۈللەرنى قوغداش ئۈچۈن يارىتىلغان كىچىككىنە تىكەنلەرمۇ ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا دال بولالمىدى.
مەن غەپلەت ئۇيقۇسىغا ئەسىر بولۇپ قانچە ئۇزۇن ئۇخلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، سۈبھى ۋاقتى بىلەن بىر قول مېنى قاتتىق تۈرتۈپ ئويغاتتى، مەن تونۇدىم، ئۇنىڭ ھېدىنى پۇرىدىم، ئۇ ئۇزۇندىن بېرى مەن يوقىتىپ قويغان ئاتام ئادەمنىڭ ئوغلىنىڭ ھېدى ئىدى، ئۇ ئاسماندەك چوڭ ئالقانلىرىنى ئېچىپ، مەن يۈتتۈرۈپ قويغان ئېتىقاد پەردەمنى چىقاردى-دە، يەنە ئاۋايلاپ يۈزلىرىمگە تارتىپ قويدى، شۇ ھامان كۆزلىرىم تېخىمۇ روشەنلەشتى، ئۇزۇندىن بېرى گاس بولۇپ قالغان قۇلىقىم ئېچىلىپ، ئىمان كۈيلىرىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدى، بۇ كۈيلەر ئىچىدە مەن ـــ ئايالغا ئوقۇلغان مەدھىيەلەرمۇ بار ئىدى، ئۇ كۈيلەرنىڭ ئىچىدە يەنە مەن ئانام ھەۋۋانىڭ ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىدىم، ئۇ ماڭا مۇقەددەسلىكى ئالەمدىن ئۇلۇغ بىر كىتابنى بەردى، مەن ئۇقۇدۇم،ئۇقۇدۇم، توختىماي ئوقۇدۇم، دىلىم بىردىنلا يورۇپ، توساتتىنلا يولۇمغا زەر نۇرلارچېچىلىپ كەتتى، مەن يالتىراپ تۇرغان جامالىمنى ئالەمگە تۇتتۇم، ھەممە مەندىن ھېيىقىپ، ئالدىمدىن ئېگىلىپ تازىم بىلەن ئۆتەتتى، مەن مېنى تۈرتۈپ ئويغاتقان ئاتام ئادەمنىڭ ئوغلىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم، ئۇ مېنى ئەڭ مۇقەددەس بىر جايغا باشلاپ كەلدى، مەن:
ـــ ئەي ئاتامنىڭ ئوغلى، ئېيتقىن، بۇ قەيەر ئىدى؟ـــ دەپ سورىدىم.
ـــ بۇ سېنىڭ ئاياللىقىڭ، ئۆزۈڭگە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەردىم، ــ دېدى ئاتامنىڭ ئوغلى.
ـــ ئۇزۇندىن بېرى سەن قەيەردە ئىدىڭ؟
ـــ سەن ئۇخلىغان يەرنىڭ ئاستىدا ئىدىم، سەندىن سەل بۇرۇن ئويغاندىم، پەقەت مەنلا سېنى ئويغىتالايدىغانلىقىم توغرىسىدىكى تۇيغۇم مېنى خانەڭگە باشلاپ باردى، شۇنىڭ بىلەن سېنى ئويغاتتىم.
ـــ ھە، شۇنداقمۇ؟ مەن ئاياللىقىمدا قاچانغىچە تۇرىمەن؟
ـــ يۈزۈڭدىكى ئېتىقاد پەردىسىنى قايرىۋەتمىسەڭلا مۇشۇ ئاياللىقىڭدا مەڭگۈ قالىسەن.
ـــ سەنچۇ؟ سەن قەيەرگە بارىسەن؟
ـــ مەن ئەمدى ھېچ يەرگە كەتمەي، سېنى جۇدۇنلاردىن قوغدايمەن.
ـــ نېمىشقا؟
ـــ چۈنكى سەن مېنىڭ ھەۋۋا ئانام.
ـــ ھە……
7 R& G% [- K' N5 M! u( w5 a, t, O2 q4 D, v
يېشىل ئارال يېزىقچىلىق مۇنبىرىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur~turk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-24 12:35 AM
+ D- F, [$ o' N# r& z
9 Z; E( I8 M/ m/ a