مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5674|ئىنكاس: 6

يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس ۋە بېشىمدىكى دوپپا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابلىمىت ئوسمان(مەرىپەت ئوغلى)

129

تېما

1788

يازما

1917

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 90636
يازما سانى:
1788
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
12744
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
849 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-1-26
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-11-25 02:44:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
20130724035846291.jpg


يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋۋەر شەخس ۋە بېشىمدىكى دوپپا

ئالىم ئەھەت


بېيجىڭغا كېلىشتىكى بىرىنچى ئىش يىغىن ئۈچۈن ئىدى، بۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىك كەنتى قۇش چاڭگىسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان دۆلەت يىغىن زالىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىن مۇنەۋەر شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادۋۇكات، كارخانىچى، يېڭىلىق ياراتقۇچى،…دېگەندەك شەخسلەر بار ئىكەن. مەن بۇ قېتىم «جۇڭگونىڭ پەخرى. 12-نۆۋەتلىك جۇڭگو دەۋىردە يېڭىلىق ياراتقان 10 مۇنەۋەر شەخس» دېگەن (خەنزۇچە) خەت يېزىلغان لوزۇنكىنى بەدىنىمگە ئوراپ، بېشىمغا چىمەن دوپپا كىيىپ، يېڭىلىق ياراتقانلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقىپ باشلىقنىڭ قولىدىن گۇۋاھنامە تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ قېتىم دوپپا كىيىپ سەھنىگە چىققان بولغاچقا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تەكلىپ قىلغان رىياسەتچى مېنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قويدى. زادى دوپپا دېگەننىڭ پايدىسى كۆپ ئىكەن-جۇمۇ؟ بېشىمدىكى ئۇيغۇر دوپپىسىغا كۆپ رەھمەت ! بولمىسا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ بىر قىسىم مۇخبىرلار ئىسىم كارتۇچكىسىنى تەڭلەپ، مەن جۇڭگو ياشلار گېزىتىدىن، مەن ئىقتىساد گېزىتىدىن زىيارەت قىلىۋالساق دەپ تۇرىۋالدى، ئەمما، رىياسەتچى پائالىيەت تېخى تۈگىمىدى-دەپ، ۋەكىللەر سەھنىنىڭ يېنىدىكى چوڭ رەختكە ئىمزا قويۇڭلار دەپ تەكلىپ قىلدى، مەن بېرىپلا ئۆزەمنىڭ ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە يېزىپ قويدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆينىڭ كەينىدىكى دەرەخكە ئىسمىمنى جىجىلاپ قوياتتىم. مانا ئەمدى جۇڭگودىكى ئەڭ كاتتا زامانىۋى يىغىن زالى-دۆلەت يىغىن زالىدىكى رەختكە ئىسمىمنى يېزىپ قويدۇم.

20130724035818643.jpg

بۇ مۇكاپاتنى تەشكىللىگۈچى ئاساسىي ئورۇن جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى، جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، نوپۇزلۇق شەخسلەر ژۇرنىلى،…قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھەر قايسى جەمئىيەتلەر بولۇپ، ئىلگىرى 11 قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئىلگىرى ئەلى بابا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۇن ئەپەندىمۇ بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ قېتىم ماڭىمۇ بۇ شەرەپنى بەردى، ئىلگىرى مايۈنمۇ «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋەر ياش»نىڭ بىرى بولغان ئىدى. مەنمۇ كەينىدىنلا باھالاندىم، قارىغاندا مايۈننى قوغلاپلا يۈرۈپتىمەن. قارىغاندا بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە مايۈننىمۇ ئىزدەپ باقايمۇ-يا؟

ئالىم مۇئەللىم مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپلا قالماستىن، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ «دۆلەت يىغىن زالى»غا كېنىشكىسى يوقلارنىڭ كىرىشى بولۇپمۇ خالىغانچە رەسىم تارتىدىغانلارنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ، سىنئالغۇغا ئېلىش ۋە رەسىم تارتىش ئىشلىرىنى يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردۇق-دېگەن تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، سىنئالغۇ ۋە رەسىم ئاپپاراتلىرىنى ياتاقتا تاشلاپ قويۇپ بارغان ئىدى. لېكىن، بەزى يولداشلار يانچۇقلىرىغا ئاپپاراتلارنى سېلىپ، دۆلەت يىغىن زالىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن قانداق ئۆتكەندۇ؟ ھەيران قالدىم. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئاپپاراتلىرىدا ئانچە-مۇنچە رەسىمگە چۈشتۈم، كېيىن ئۇلاردىن سوراپ ئالغاندىن كېيىن يوللاپ قويارمەن، ھازىرچە يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزەمنىڭ تېلېفونىدا تارتقان، يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى يوللاپ قويدۇم. ئاۋۇ رەسىملەرنى باسسىڭىز، يەنە ئازىراق چوڭىيىدۇ.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم قىسىمغا بارىدىكەنمىز، جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ماھارەتلىرىنى كۆرىدىغان ئوخشايمىز. ۋەتەننى بىز قوغدايمىز، سىلەر خاتىرجەم تىرىشىپ ئىشلەپ، داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىڭلار-دەپ ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئەتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىغا بارىدىكەنمىز. قارىغاندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن رەسىمگە چۈشىدىغان ئوخشايمىز.
ئادىل مىجىت ئاكىمىزمۇ 10 يىل بۇرۇن تېلېۋىزىيەدە، بۇ يىل بېيجىڭدىكى نورۇزدا ئوينىغان «دوپپا» دېگەن ئىتوتنى ئوينىغان بولسا، بەلكىم، چوڭ يىغىنلاردا ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ يۈرەركەنمىز. دوپپا بازىرىمۇ ھازىرقىدەك ئانچە كاسات بولماسكەن. يۇمشاق دېتال بازىرىمۇ دەل شۇنداق، ھازىرچە بېشىمدىكى دوپپىغا يەنە بىر رەھمەت!

مەنبە : ئالىم ئەھەت بىلوگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   maripatogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-25 06:19 AM  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

47

يازما

47

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 115045
يازما سانى:
47
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
872
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
131 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-3-8
ئاخىرقى:
2016-1-26
ۋاقتى: 2015-11-25 16:19:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

6

تېما

613

يازما

619

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 97199
يازما سانى:
613
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1516
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
337 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-8-23
ئاخىرقى:
2016-1-29
ۋاقتى: 2015-11-25 17:33:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرىمەن

ئۈزەڭنى ئەڭ قەدىرلە،بولمىسا باشقىلاردىن ئىززەت كۈتۈپ ئاۋارە بولما

0

تېما

29

يازما

29

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 118649
يازما سانى:
29
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
226
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
198 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-5
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-11-25 17:41:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن

11

تېما

704

يازما

715

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21530
يازما سانى:
704
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8939
تۆھپە :
450
باھا :
341
توردا:
903 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-12-9
ئاخىرقى:
2016-1-31
ۋاقتى: 2015-11-25 19:10:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ئەسەرنىڭ تىلى بەك راۋان چىقىپتۇ، ئالىم ئاكام لۇغەتنى ئېلىكتىرونلاشتۇرۇش جەريانىدا تىل جەھەتتىن چوڭ ئىلگىرىلەپتۇ جۇمۇ، بەك قىزىقىپ ئوقۇدۇم. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

بۇ دۇكاندا كىيىم كېچەك ۋە باشقا ماللار بەك ئەرزان https://shop141825732.taobao.com/?spm=a1z10.1-c.0.0.RGwges

11

تېما

1373

يازما

1384

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 94037
يازما سانى:
1373
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2836
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
451 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-3-29
ئاخىرقى:
2016-1-26
ۋاقتى: 2015-11-25 22:55:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى يېقىشلىق، چىن، سەمىمىي، چۈشىنىشلىك بوپتۇ. مىللىتىمىزدىن ئالىم ئەھەتتەك  تەبىي پەن ئالىملىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن ئۇيغۇردىن پەخىرلىنىمەن.

ئاياللىق ئەخلاقىڭ بولسۇن

7

تېما

165

يازما

172

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 102720
يازما سانى:
165
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
18 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-24
ئاخىرقى:
2016-1-9
ۋاقتى: 2015-11-28 02:48:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ يارالغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم . قەلبىمدە ئوتتەك قىزغىن تۇيغۇ ،پەخىرلىنىش بولدى ، ئالىم ئەپەندىنىڭ كىيىنكى ھاياتىغا زەپەر تىلەيمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەقىدە520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-28 02:49 AM  


[color=navy]ئاياللىق ئىپپىتىڭ ، شەرمىي-ھايا بولمىسا گۈلدەك نازاكىتىڭ بولسىمۇ بىكار .[/color]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 02:23 PM, Processed in 0.049774 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش