مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3856|ئىنكاس: 3

نومېنكان ئۇرۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

118

يازما

150

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 106229
يازما سانى:
118
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
448
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
133 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-4-20
ئاخىرقى:
2016-1-23
ۋاقتى: 2015-11-27 18:05:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                        نومېنكان ئۇرۇشى  
                                                 تەييارلىغۇچى : ئىليار كۆرەش

       نومېنكان ئۇرۇشى دېگەن نىمە ؟ ئۇ قاچان يۈز بەرگەن؟ قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا پارتىلغان ؟      
ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن بەلكىم سىز بۇ ئۇرۇشنى ئاڭلاپ باقمىغان ياكى تازا بىلىپ كەتمىگەن بۇلۇشىڭىز مۇمكىن
  ئەمدى بۇيەردە <نومېنكان ئۇرۇشى > تېلغا ئېلنىپ قالدى  ئۇنداقتا بىز  تۆۋەندە  <نومېنكان ئۇرۇش> توغىرىسدا توختىلايلى :   
   نومېنكان ئۇرۇشى 1939-يىلى 5-ئايدا ياپۇنىيە بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا چىگىرا تۇقۇنۇش سەۋەبىدىن يۈزبەرگەن بىر قانلىق ئۇرۇش بۇلۇپ بۇ ئۇرۇش ئاخىرىدا ياپۇنىيەنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيتى بىلەن ئاخىرلاشقان ھەمدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھىتلېر باشچىلىقدىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىنىڭ  (بىرلىن-رىم -توكيو ئوق مەركىزىنى كۆرسىتىدۇ ) مەغلۇپ بۇلۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بىر ئۇرۇش ھېسابلىندۇ .
خوش ، بۇ ئۇرۇش نېمە ئۈچۈن ھىتلېر باشچىلىقدىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن ؟
بۇنى سۆزلەشتىن ئاۋال گەپنى 1904-يىلى ياپۇنىيە بىلەن چار روسىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن دەسلەپكى ئۇرۇشتىن باشلايلى :  بۇ ئۇرۇش 1904-يىلى جۇڭگۇنىڭ شەرىقى شىمالىدا ياپۇنىيە بىلەن چار روسىيە ئوتتۇرىسىدا پارتىلغان ئۇرۇش بۇلۇپ ئۇرۇشتا  ياپۇنىيەنىڭ خۇشال غەلبىسى بىلەن تاماملانغانىدى .
شۇنىڭدىن كىيىن ياپۇنىيەنىڭ خورىكى يوغىناپ تاجاۋۇزچىلىق يولىغا قەدەم قويدى ۋە ئاسىيانىڭ خوجىسى بۇلۇشتەك قارا نىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار 1931-يىلى 18-سىنتەبىر ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ ئەسكەر چىقىرىپ تىزلىكتە جۇڭگۇنىڭ شەرىقى شىمالىدىكى ئۈچ ئۆلكىنى يۇتۇۋالدى ئارقىدىنلا ئەيشىنجۆلۇ فۇيىنى (چىڭ سۇلالىسنىڭ ئاخىرىقى پادىشاھى  1908-1912-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان)  يۆلەپ ئۇنى بۇ ئۆلكىلەرگە باش قىلىپ قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ بەردى .  ئەينى ۋاقىتتا 1921-يىللىرى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كونتىروللىقىدا قۇرۇلغان تاشقى مۇڭغۇلىيە ،  ياپۇنىيەنىڭ كونتىروللىقىدىكى قورچاق مانجۇرىيە بىلەن چىگىرلىندىغان بولغاچقا مۇشۇ رايۇنلاردا ياپۇنىيە بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا  چىگىرا مەسلىسى ۋە ئىختىلاپلار يۈز بىرىپ تۇردى .
1935-يىلىدىن 1938-يىللىرىغىچە چىگىرا تۇقۇنۇش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم  پەيدا بولۇپ ئاخىرى ئىككىلا تەرەپ چىداپ تۇرالماي 1939-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنيانى زىلزىلگە سالغان <نومېنكان ئۇرۇشى> پارتىلىدى .
تۆت ئايغا سۇزۇلغان بۇ جەڭدە سوۋىتتىن 57مىڭ ئەسكەر ئۇرۇشقا قاتناشقان بۇلۇپ بۇلاردىن 7000كىشى ئۆلىدۇ ، 1000ئادەم يۇقاپ كىتىدۇ 16 مىڭ كىشى يارىلىندۇ .
ياپۇنىيە تەرەپتىن بولسا 58925 ئەسكەر ئۇرۇشقا قاتناشقان بۇلۇپ   7696 كىشى ئۆلىدۇ،8647 كىشى يارلىنىدۇ،1021كىشىنىڭ ئىز دىرىكى بولمايدۇ .
شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئۇرۇش ياپۇنىيەنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىق روھىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرىدۇ ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋىت ئىتتىپاقىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالماس قىلىپ قۇيىدۇ .  سىتالىنمۇ يىراق شەرقتىن ئۇزاققىچە خاتىرجەم بۇلۇپ 1941-يىللىرى ھىتلېر قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشقا قارىتا يىراق شەرقتىن نەچچە يۈزمىڭلىغان ئەسكەرلەرنى ياۋرۇپا ئۇرۇش مەيدانىغا بىخەتەر يۆتكەپ يىراق شەرقتىكى ئەسكەر سانىنىڭ ئازىيىپ كىتىشىدىن ، ياپۇنىيەنىڭ سوۋىتقا شەرق قىسىمدىن ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپمۇ كەتمەيدۇ . ياپۇنىيەنىڭ ئىددىيسىدە زور بۇرلۇش بۇلۇپ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ چېشىغا تېگىپ قويماسلىق ئۈچۈن كىڭەيمىچىلىك قىلىش سىياسىتىنى  < شىمالغا يۈرۈش قىلىشتىن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشقا > ئۆزگەرتىدۇ .
2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھىتلېر كۆپ قېتىم ياپۇنىيەنى يىراق شەرقتىن سوۋىت ئىتتىپاقىغا قىستاپ ھۇجۇم قىلشنى  قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ياپۇنىيە بۇنىڭغا قەتئىي قۇشۇلمايدۇ ،  چۈنكى ياپونىيە كۈچلۈك دۆلەتكە تىگىش قىلىپ زىيان تارتقاندىن كۆرە ،  كۈچى يېتىدىغان ئاسىيانىڭ جەنۇبىدىكى ئۇششاق دۆلەتلەرگە تىگىش قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇ شۇڭا ھۇجۇم نىشانىنى پەقەت ئاسىياغىلا قارىتىدۇ .
شۇ ۋەجىدىن ھىتلېر باشچىلىقدىكى ئوق مەركىزى دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇپ بۇلۇشىغا سەۋەپ بۇلۇپ قالىدۇ .


                             مەنبە  :  بىرقسىم تارىخىي ماتىرىياللاردىن پايدىلنىپ يىزىلدى .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

8

تېما

621

يازما

629

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 74080
يازما سانى:
621
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6176
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
1059 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-27
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-11-28 21:42:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە تارىخنى ئەسلىتىپ ئۆتكىنىڭىزگە رەھمەت. ھەممەيلەن تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
ئالدىنقى ئەسىردە ياپۇنلار ئەجدادىنىڭ ئۇرۇشخۇمار، ۋەھشىيلىك نامى جاھانغا پۇر كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپۇنلار ئەدەپ-ئەخلاق، ساپا ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە بەك تەرەققىي قىلىپ كەتتى دەيدۇ... بىر قىسىم ماتىرىياللاردىمۇ شۇنداق كۆردۈم. لېكىن مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەچكە بۇ راستمۇ ئەمەسمۇ ئېنىق بىلمەيمەن.

26

تېما

157

يازما

183

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 123296
يازما سانى:
157
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
789
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
442 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-7-16
ئاخىرقى:
2016-1-24
ۋاقتى: 2015-11-29 03:57:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇرۇشنىڭ تەپسىلاتىنى «ھەقىقى خاتىرىلەر» پىروگىراممىسىدىن كۆرگەنتىم،بەك تەپسىلىكەن.

ئەي ئوغلۇم ، مەندىن ئۈگۈت – نەسىھەت ئال ، پەزىلەت تىلە ، ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بولۇشقا تىرىش ، تاكى ئەل ئىچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ، ئەدەپ ۋە ئىلىم – ھېكمەت تارات .

22

تېما

1503

يازما

1525

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 29519
يازما سانى:
1503
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
9600
تۆھپە :
392
باھا :
293
توردا:
1052 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-2-7
ئاخىرقى:
2016-1-21
ۋاقتى: 2015-12-8 12:24:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئاڭلاپ باقمىغان ئۇرۇش ئىكەن ،ياپۇنيە بىلەن سوۋىت ئىتپاقىنىڭ ئۇرۇشىنى ئاڭلىغان ،لىكىن بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىكىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا رەزىل ئوق مەركىزى دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولىشىغا سەۋەپ بولغىنىنى بىلمەيدىكەنمەن .رەھمەت

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 06:42 AM, Processed in 0.036804 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش