ئالدىنقى قېتىملىق
ۋىرۇسخور تەۋسىيە قىلاي(پۇشايماننىڭ دورىسى) دېگەن تېمامدا توداشلارغا 360 ۋىرۇسخورىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم: تېما ئادىرىسى :
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-144931-1-1.html ئۇ تېمىدا كۆپلىگەن تورداشلار ياخشى باھا بېرىشكەن ئىدى، يەنە بىر قىسىم تورداشلىرىمىز مۇمكىن بولسا تېخىمۇ يېنىڭ ياخشى بولغان ۋىرۇسخورنى تەۋسىيە قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىدى.
دوستلارنىڭ ئالدىنقى قېتىم يوللىغان تېمامنى قايتا ئوقۇپ ۋىرۇسخور ۋە ۋىرۇس توغرىسىدا ئاز بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋېلىشىنى سورايمەن
بۈگۈن تەۋسىيە قىلماقچى بولغان ۋىرۇسخور يېڭىدىن چىققان ۋىرۇسخور بولۇپ ئىسمى :火绒安全实验室
بۇ ۋىرۇسخور ئارتۇقچىلىقى ناھايىتى يېنىڭ بولۇپ قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ چوڭلۇقى 7.47مېگابايىت كېلىدۇ، چۈشۈرۈپلا قاچىلىسىڭىز كومپىيۇتېرىڭىز قوغداش ھالىتىگە كىرىدۇ، بۇ دېتالنىڭ ئارتۇقچە ئىقتىدارلىرى يوق بولۇپ 360 ۋىرۇسخورىدەك سېستىما قوغداش، سېستىما خاتالىقىنى ياماش دېگەندەك ئىقتىدارلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن ناھىيىتى پاكىزە بولغان كۆرۈنمە يۈزى، ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان ئىگىللىشنىڭ ناھايىتى كىچىك بولىشى سەۋەبلىك سەپلىمىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان كومپىيۇتېرلارغا بەكمۇ ماس كېلىدىكەن، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش جەھەتتە باشقا ۋىرۇسخورلاردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ، سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
دوستلارنىڭ تورلاردىن ئىزدەپ چۈشۈرۈش جەريانىدا ئەخلەت دېتاللىرنىڭ بىرگە چۈشۈرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ دېتالنىڭ نەق، پاكىز چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى يوللىدىم، ئىشلىتىپ كۆرۈپ باققايسىلەر.
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://d1.51gugu.com/133649/1c07c7b806f1152f2d9020c04d26727a/279999.exe
تېمام تورداشلارغا يارىغان بولسا تارتۇقلاپ قويىشىنى سورايمەن