مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nur~turk

ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

41

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129836
يازما سانى:
41
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-12-6 23:27:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ ئابدۇقادىر داموللام
4 ?" `; q1 n- a/ l6 Y7 z" e) K
ئاپتورى: يالقۇن روزى
8 k" B6 M( h3 [/ P  e% U

1 I. B% a- U+ q  s0 x. Bﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ 18- 19- ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻣﯩﺴﻠﯩﺴﯩﺰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺩﻩﯞﺭ ھېسابلىنىدۇ. ﭼۈﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮﯓ ئېمپىرىيە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ تۈرك ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ئېمپىرىيىسى ﺑﯩﻠﻪﻥ تۈرك ﻣﻮﻏﯘﻝ ئېمپىرىيىسى كۈنسېرى ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﻪﺩﻩﻣﻤﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﮬﺎﻻﻛﻪﺗﻜﻪ يۈزلەنگەن ﮬﻪﻡ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ھېسابتا ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﺎﯞﻩﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪﮬﺮ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﺍﻥ ئېگىزلىكىدىكى ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺯﮬﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺪﺋﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﯓ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ–ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﺳﻮﭘﻰ- ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭ گۇروھى ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺠﯩﺪﻩﻙ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺳﻪﮬﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺧﺖ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ- كۈرەش ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﻰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﺳﯘﺱ، ﺋﻪﻗﯩﻞ كۈچى ﺯﻩﺋﯩﭗ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ مۈجمەل، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ تۆۋەن ﺋﺎﯕﻘﺎﯞ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺧﺎﺭ- ﺯﺍﺭﻟﯩﻖ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﭗ-ﺳﻮﻗﯘﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﮬﺎﺭ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻮﺭﯗﻥ، ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ، ﺑﻮﺷﺎﯓ، ﻗﺎﺷﺎﯓ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﺎﺗﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. دېمەك، ﺋﯩﺴﻼﻣﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻰ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ چۈشكۈنلىشىشى ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ يۈزلىنىش ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺩﻩﻝ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ كۈنسېرى ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ، كۈچىيىپ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﻰ ﻣﯩﺴﻠﻰ كۆرۈلمىگەن ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭖ-ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ ﻳﻪﻟﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰ–ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﻛﯧﺰﯨﭗ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ-ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ زېمىنلارنى ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ، ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ئېمپىرىيىسى ﺑﯩﻠﻪﻥ چارروسىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ ﺑﻪﺱ-بەس ﺑﯩﻠﻪﻥ زېمىن ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﺍﻥ تۈزلەڭلىكىدە ﻛﻪﻳﻨﻰ- ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ دۇچار ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ، ئۆزىنىڭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ دۈشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ قوبۇل ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ كۈلپەت ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺷﺎﻥ-شۆھرىتىنى، مىللىي ﺋﻪﺭﻙ-ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ كەلتۈرۈش ئۈچۈن ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ كۆرسىتەلەيدىغان ﺷﯩﺮ يۈرەك مىللىي ﺩﺍﮬﯩﻴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺕ يۈرەك ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ كۈلپەتتىن ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ئۈستىدە ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ يۈرگۈزىشىنى ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئۈزۈپ ﺗﺎﺷﻼﭖ، ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، مىللىي ﺋﺎﯕﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﯩﻠﻰ، ﺧﺎﺭﻟﯩﻖ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺑﻮﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﻗﺎﺷﺎﯕﻠﯩﻖ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻠﻰ، كۈچەيگىلى، ﺯﻭﺭﺍﻳﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ مىللىي ﺩﺍﮬﯩﻴﻼﺭ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ جىددىي ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ، ﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺋﻮﺕ يۈرەك ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ، ھۆرىيەتپەرۋەر ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 20- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻱ- ﺋﺎﺭﺯﯗﺩﯨﻜﻰ ﮔﯩﮕﺎﻧﺖ ﺯﺍﺕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍﺵ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ، ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ تېۋىپ ھۈسەينخان ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﮬﻪﺯﺭﻩﺗﻠﯩﺮﻯ (1856- 1925) ﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻧﺎﺯﯗﻛﻠﯘﻗﺘﺎ ﺭﻭﮬﻘﺎ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺗﺎﻏﻘﺎ، ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ( «ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ»- ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ، 2000- ﻳﯩﻠﻰ، 104- ﺑﻪﺕ) ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﯟﺍﺭﯨﺲ، ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ «ﻏﺎﺯﻯ» ﺋﯩﺪﻯ. «ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻯ» دېگەن ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﮭﻪﺩﻛﻪ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﻏﺌﯧﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ (ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ «ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﯞﻩ <ﻣﯩﻔﺘﺎﮬﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﺏ>» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰ ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﮬﯩﺠﯩﺮﯨﻴﻪ 1278- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1854-1855-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ) ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ 1985- ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ تۈركىي» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1881- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ كۆرسىتىلگەن. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ-ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻛﯩﺘﺎﺏ-ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﻘﯘﭼﻪ 1862- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 62- ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺷﯧﮭﯩﺪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.) ﻣﻪﺷﮭﻪﺩ- ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺳﺎﻣﺎﻧﻰ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺟﺎﻱ. ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ئۆتكەن ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ئۆلىمالار ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﻧﻪﺳﯩﺮ ﺳﺎﻣﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ھۆرمىتى ئۈچۈن، ﻗﻪﺑﺮﯨﮕﺎﮬ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ، ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ، ﺧﺎﻧﯩﻘﺎﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ «ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ» ﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﻳﯧﺸﻰ 15ﻛﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ئالىي ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ «ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ» ﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ. چۈنكى، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﯞﻩ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ «ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺳﻪﻳﻘﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﻪﻡ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ» ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ «ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ» ﺳﯩﺪﻩ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﺪﻩ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ ئۈچۈن ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ «ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺌﻪﺯﯨﺰﺧﺎﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ» ﺳﯩﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ تۈرلىرى ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ، ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ، ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﻧﺘﯩﻖ، ھېساب ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭﺱ، ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﺩﺍ ﻣﻪﯞﻻﻧﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺯﺍﻗﻰ، ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﻣﯘﻓﺘﯩﺴﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﻪﯞﯨﺰ ﺧﻮﺟﻪﻧﺪﻯ، ﻗﻮﻗﻪﻧﺪﻧﯩﯔ ﺷﻪﻳﺨﯘﻟﺌﯩﺴﻼﻣﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺋﯘﻟﯘﻏﺠﺎﻥ تۆرەملەردىن ﺩﻩﺭﺱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﻠﻪﻛﺪﺍﺵ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﺰﺍﺋﯩﺪﺩﯨﻦ ﭘﻪﺧﺮﯨﺪﺩﯨﻦ، ﻣﯘﺳﺎ ﺟﺎﺭﯗﻟﻼ، ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﭘﻪﺭﯨﺪﻯ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ ئۆگەنگەن، ﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ئۈستىدە ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮ يۈرگۈزۈشكەن. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ، ﺋﻮﻓﺎﻻﺭﺩﺍ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ كۆزدە ﺗﯘﺗﯘﭖ «ﺋﺎﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﻭﺭﯗﺭﯨﻴﻪ»، «ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ تۈزۈپ ﺋﻮﻓﺎﺩﺍ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ قەشقەرگە ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ، ﻗﺎﺯﺍﻥ، ﺧﻮﺟﻪﻧﺖ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ- «ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺪ» ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﻰ- «ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ» ﺩﯨﻦ كۆپ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﮬﻪﻡ ئۈنۈملۈك ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ «ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺪ» ﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ كەلتۈرۈشتە ﯞﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯩﺮ ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ كۆپنى كۆرگەن، ﺳﯧﺨﯩﻲ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﺎﻱ- ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺳﻮﺩﺍ- ﺳﯧﺘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ئۈستىدە كۆپ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻘﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ چۈشەنگەن. 1893- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ، ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪﺗﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﮭﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﺴﻰ، ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺒﯧﻚ ﻏﺎﺳﭙﯧﺮﺍﻟﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 20ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺯﺍﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﯘ ئۆزىنىڭ ﺋﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ سۆزلەپ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ زۆرۈرلىكىنى ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ. ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ئۇنىڭ سۆزىنى ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ. ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯧﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ئۈستىگە ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﺒﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئۈستىگە ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﺎﻛﯘﻟﯘﻙ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪﺟﯩﺪ ﻏﻪﻧﯩﺰﺍﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ پۈتكەندىن ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ «ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺪ» ﭼﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺩﻩﺭﺱ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺩﻩﺭﺱ ئۆتۈلۈپ ﻗﯩﺮﯨﻖ كۈنگىچە ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻨﺎﻕ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ئاپىرىن ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ «ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺪ» ﭼﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯩﺮ ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﺋﻮﺭﯨﻨﺒﻮﺭﮒ، ﻗﺎﺭﻏﺎﻟﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺭﻗﺎ- ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﻪﺩﯨﺘﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﯞﻩ ئۈنۈملىكلىكىنى ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻏﻪﻧﯩﺒﺎﻱ ﺟﻪﺩﯨﺘﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ پۈتكۈل ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ئۈچۈن 1902- ﻳﯩﻠﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ كۈرەش ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﺭ كۈچى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯧﯖﻰ ﻣﯩﺴﻠﻰ كۆرۈلمىگەن ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ 1900-ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ئۆتۈپ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ زېمىنلىرىنى ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ پۈتۈنلىكىگە ﯞﻩ ماددىي ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻼﭖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﺭ مىللىي ﺧﻪﯞﭖ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ئۈچۈن ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﺮ تۈركۈم ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺭﻭﻳﺎﭘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻣﯩﺴﻠﻰ كۆرۈلمىگەن ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺋﯧﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ، ﻧﻪﺷﺮ بۇيۇملىرىنىڭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ- ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺯﯨﻠﺰﯨﻠﻪ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ. 1905- 1906- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ تۆۋەن ﻧﻮﯞﯨﮕﻮﺭﺩ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﻜﯩﺖ ﭘﯧﺘﯩﺮﺑﯘﺭﮔﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ئۈچ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ قۇرۇلتىيى ﺑﯘ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺩﻩﻝ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ئۆزلىرىنىڭ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، نۆۋەتتىكى ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﻏﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﻏﻪﻟﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ كەلتۈرۈش ئۈچۈن ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺷﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ. 1906- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﮬﯩﺮﻩﺩﻩ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﮔﻮﺳﭙﯧﻞ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ئومۇميۈزلۈك ﺧﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ كونتروللىقىنىڭ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﻰ كۈچىيىشىگە ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، غەرب ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ جىددىيلەشتۈردى. ﻣﯩﺴﯩﺮﺩﺍ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ئۈچۈن ﻏﻪﺭﺏ ﻣﯩﺴﺴﯩﺌﻮﻧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﯩﺮﻏﺎ تۈركۈملەپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ئىشلارنى ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﺯﮬﻪﺭ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ئۈچۈن ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ «ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﻜﻰ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ، ﺋﯘﻻﺭ دۆلىتىگە ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﻮﺳﭙﯧﻠﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ» ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ جىددىي ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ «ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻰ» ﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻼﺭﺩﺍ كۈرەش ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ چۈشەنگەنىدى. ﺋﯘ ئۆزىنىڭ ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ، ﺋﻮﻓﺎﻻﺭﺩﺍ ﻣﯘﺩﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ سۈپىتىدە تۈزگەن «ﺋﺎﻗﺎﺋﯩﺪ زۆرۈرىيە»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: - ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭ ﯞﻩ ﺯﻩﺑﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺋﯩﺲ (ﺳﻪﯞﻩﺏ) نېمىدۇر؟ – ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺮﻯ، ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺗﻪﭘﺮﯨﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭘﺘﯘﺭ. - ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ، ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ نېمە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ – ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ، كۆزىتىش ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ھېسابتا ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ كۈلپەتلىك ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﺵ ئۈچۈن ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﯩﻦ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﺵ زۆرۈرلىكىنى ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ- ﺟﻪﺩﯨﺘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺋﯘ 1907- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. كۆپ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ يۈرگەن ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩﻙ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ تۈتەكلىرى ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﺭﻣﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ئۆز ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﺍﻟﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﻮﭘﯘﺯ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ، ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ئۈستىگە ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻣﯘ كۆپ، ﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻣﯘ كۆپ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻪ دېگەندىلا ﻧﻮﭘﯘﺯ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻍ ﺩﻩﻝ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﺒﺘﯩﺪﺍﺋﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﺎﻧﺪﺍ-ﺳﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ-ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻍ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ تۈركىيە ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ، ﺟﻪﺩﯨﺘﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻻﻥ ﺋﺎﻛﺎ- ﺋﯘﻛﺎ ﻣﻮﺳﺎﺑﺎﻳﻮﻓﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ مۈرىنى-مۈرىگە ﺗﯩﺮﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﮔﻤﺎ ﺗﻪﻟﯩﻢ- ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ئۇسۇلىنى، ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﻳﺎﺩﻻﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ، ﺩﻩﯞﺭ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﻪﺩﯨﺘﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ يۈرۈش ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ «ﺳﻪﺭﭖ- ﻩﮬﯟﻯ» (ﻣﻮﺭﻓﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺳﯩﻨﺘﺎﻛﺴﯩﺲ)، «ﺗﻪﺳﮭﯩﻠﯩﻞ ﮬﯩﺴﺎﺏ» ( ﮬﯩﺴﺎﺏ ﺋﯩﻠﻤﻰ)، «ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﺋﯩﻠﻤﻰ»، «ﺋﺎﻗﺎﺋﯩﺪ ﺯﻭﺭﯗﺭﯨﻴﻪ» ( ﻧﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭ)، «ﻣﯘﺗﺎﻟﯩﺌﻪ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ» (ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘﻕ)، «ﺑﯩﺪﺍﻳﻪﺗﯘﺱ ﺳﻪﺭﭖ» (ﻟﯩﻜﺴﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ)، «ﺑﯩﺪﺍﻳﻪﺗﯘﻥ ﻧﻪﮬﯟﻯ»، «ﺗﻪﺋﻠﯩﻤﯘﺱ ﺳﯩﺒﻴﺎﻥ» (ﮔﻮﺩﻩﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ)، «ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ ﺗﯘﺭﻛﯩﻲ»، «ﻣﯩﻔﺘﺎﮬﯘﻝ ﺋﻪﺩﻩﭖ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ تۈزۈپ ﺗﺎﺵ ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪﺩﻩ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ- ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ. ئۆزى ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﻏﯘﺟﺎ ﭼﻮﯕﻨﯩﯔ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ئۆزبېكلەر ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﮕﻪ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺷﺌﯧﺮﯨﻖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻻﻳﭙﻪﺷﺘﺎﻕ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﺩﻩﺭﺭﯨﺴﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺳﺎﺑﯩﺖ: «ﺋﯩﻠﯩﻢ ئۆلمەيدۇ، ئالىم ئۆلمەيدۇ»، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1999- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮﻯ، 6- ﺑﻪﺕ). ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﯧﻘﯩﻨﻐﺎ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻻﻳﭙﻪﺷﺘﺎﻕ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﮬﯧﻴﺘﻜﺎﮬ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﺋﺎﺧﯘﻥ ﮬﺎﺟﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﻗﺎﺯﺍﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﯞﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﺑﺎﮬﺎﯞﯗﺩﯗﻥ مۆھتەرەم ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﺩﻭﺭﻏﺎ ﺑﻪﮒ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﻧﺎﺟﻰ ﮬﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﻛﻪﻧﺠﻪ ﮬﺎﺟﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ، ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ 200 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﺎﻟﯩﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ، ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ، ﭘﯩﻜﺮﻯ ئۆتكۈر، ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ، ﻧﯘﺗﻘﻰ ﭘﺎﺳﺎﮬﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﺯﺍﻕ ئۆتمەي ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ پۈتكۈل ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺯﺍﺗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﻪﺩﯨﺘﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﻯ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. «ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻧﻨﻰ بىرلەشتۈرۈش، ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ كىرگۈزۈش، ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺟﻪﺩﯨﺘﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻣﯘﺗﺎﺋﺎﻟﻰ ﺧﻪﻟﭙﯩﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ. ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ كۈچەيتكەن. ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ئۈستىدە كۆپ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ-ﻧﻪﺯﻩﺭ ﻏﻮﺟﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﻪﻣﻪﺗﻮﻑ ئۆزىنىڭ «ﻳﻮﺭﯗﻕ ﺳﺎﮬﯩﻠﻼﺭ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﯘﺯ ﺋﺎﺕ ﺩﺍﯞﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ كۆرۈپ: «ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ، ﺗﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﺩﯨﻢ. ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﺎﻗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﻓﻼﺭ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻼﺭ ﺑﺎﺭﻏﯘ ﺩﻩﭖ ئۆزىمىزگە ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﯗﻕ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ كۆرىمىز. ﺋﻪﻣﻤﺎ، 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺑﺎﮬﺎﯞﯗﺩﯗﻧﺒﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺳﺘﯘﻥ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ– «ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﮭﺎﺩﻯ(ﮬﻪﺑﯩﺒﺰﺍﺩﻩ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ)ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻰ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻟﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ئۆلىمالار ﯞﻩ ﺑﺎﻱ- ﺑﺎﻳﯟﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯘﺭﯗﮬﻘﺎ بۆلۈنۈپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺯﯦﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﯨﮭﺎﺟﯩﻢ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﺎﺟﯩﻢ، ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻱ، ﻧﻮﺭﯗﺯﺯﺍﺩﻩ ﮬﺎﺟﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻰ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻤﺨﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ، ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺯﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﮬﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬﻨﻰ، ئۆمەر ﺑﺎﻱ، ﺳﯧﻠﯩﻢ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬ روس ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯘ كۈرەشتە ئۈستۈنلۈك ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ «ﺑﻪﻳﺴﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻗﻤﺎﻗﺘﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﺎﻟﯩﻖ سۆزلىرى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ئۆچۈرمەكچى ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻣﻪﺷﺌﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺶ ئۈچۈن كۆپ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ» (ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻝتۈركىيە) «ﭼﯩﻦ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ھېسابتا ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، «ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﮭﺎﺩﻯ» ﺗﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﮬﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ئۈستىگە ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ 1- ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ، ﺑﻮﻟﺸﯩﯟﯨﻜﻼﺭ روسىيە ﺗﯩﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ئۈستۈنلۈك ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻣﯘ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻗﯩﻨﻰ كۈچەيتىۋەتكەن. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1918- ﻳﯩﻠﻰ ﮬﻪﺝ ﭘﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎﮬﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ، ﺷﻪﻣﻪﻱ، ﺋﯘﻓﺎ، ﻗﺎﺯﺍﻥ، ﺋﻮﺭﺍﻝ، ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪ، ﮬﯩﺠﺎﺯ، ﻣﯩﺴﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ- ئۆلىمالار ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﻼﺭﻏﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. تىرەن ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺗﻪﻟﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯘﻟﻐﯩﺪﻯ. «ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ سۆھبەتتە ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ئۆز ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ھۆكۈمران ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ مەڭگۈ ﻗﯘﻟﻠﯘﻗﺘﺎ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ھېچ ﻳﻪﺭﻧﻰ كۆرمەي، ھېچ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ چۈشەنمەي، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﯞﻩﺭ ﻳﺎﺷﺎﯞﻩﺭﺳﻪ، ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ، ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ، ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻪﺑﻪﺩﻯ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ھېس ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ پۈتكۈل ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻥ-ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ كۆتۈرۈشنى، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻨﻰ، ئۆز-ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ، مىللىي ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ كۈچەيتىپ، ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺷﻨﻰ ئۆزىنىڭ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ شۇئارى ﯞﻩ كۈرەش ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘ 1920- ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ- ﺗﻪﺭﻯ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺳﻠﯩﻤﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ، ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺕ ﮬﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﻜﺎﺭ ﺳﻮﭘﻰ- ﺋﯩﺸﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﺋﺎﭺ كۆز ﺑﺎﻳﻼﺭﻏﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ كۈرەشنى ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ : «ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ كۆزى، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ، ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻜﻪ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، پۈتكۈل ﺋﯩﺠﺘﯩﮭﺎﺩ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ مۆھۈر ﮬﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، كۈندە چۈشكەن ﺗﻪﯕﮕﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﺭﻩﺯﮔﻪ كۆمۈپ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯘﺧﻼﺷﺴﯩﻼ، ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻ؟ ﺑﯩﺰ ئۆز ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﯘﻕ… ﺗﯧﺨﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺟﺎﺯﺍ ﭼﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺩﻩﺭﺕ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺭﺍﮬﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯗﺭﻣﻪﻛﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، كەلگۈسى ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﺎﺗﻘﺎ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، لەنەت- ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻜﻪ كۆمۈلىشىمىز ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ ﮔﻪﭖ» دېگەن ﺧﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ئەسەبىيلىك ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ئۈستىگە تۆھمەتلەر ﺗﻮﻗﯘﺷﺘﻰ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻠﻼﻡ ﺗﻮﻗﺎ- تۆھمەتلەرگە ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ – ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺶ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ، ھۆرلۈك ﺋﯧﯖﯩﻨﻰ ﺳﻪﮔﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﺎﮔﯩﺮﺕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﮬﻪﺭ كۈنى ناماز ﺩﯨﮕﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﮬﯧﻴﺘﻜﺎﮬ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺩﻩ ﺋﻪﻣﺮﯨﻤﻪﺭﯗﭖ، ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﯞﻩﺯ- ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ئۈزلۈكسىز ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ، ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ. «ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ: «ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ سەزگۈرلۈك ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯗﺭ! ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯗﺭ. ﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺑﯩﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﯗﺭ. ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﯩﻢ- ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﺪﺍ ﮬﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘﭼﯘﭖ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺳﯘ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘﺎ يۈرگەندەك ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ئۈزۈشمەكتە. ﺑﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﻤﺎﻗﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻳﻘﯘ ئۆلۈمنىڭ ﺑﯘﺭﺍﺩﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎﻕ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ئۆلۈم ﻳﻮﻟﯩﺪﯗﺭ! ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﺎﺭ. ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻲ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻮﭼﯘﻗﺘﯘﺭ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ئۈمىدسىزلىك ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ ئۆگىنىشنى ﯞﻩ ﻛﻪﺳﯩﭗ (ﮬۈﻧﻪﺭ-ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ئۆزلىكىدىن ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯗﺭ. ﺑﻪﻟﻜﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ كۆرسىتىش ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻴوﺭﯗﻗﯩﺪﯗﺭ. «< ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ > دېگەن ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮔﯘﯞﺍﮬ-ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﺘﯘﺭ» (ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ: «ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺗﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ»- ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ 2000- ﻳﯩﻠﻰ 1- ﺳﺎﻥ، 71- ﺑﻪﺕ). ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ كۆرسىتىشى ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ پۈتكۈل ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ئۈستىدە ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، سۆزلىشىدىغان ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ھۈسەينخان ﺗﻪﺟﻪﻟﻠﻰ، ﺷﻪﻣﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﺒﺎﻗﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻰ، ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺷﻪﯞﻗﻰ، ﺑﺎﮬﺎﯞﯗﺩﯗﻧﺒﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺷﺎﮔﯩﺮﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻰ 1920- ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ چاروسىيە، ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ بولغان ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻗﺎﺭﺍ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ئۆزلىرىنىڭ ﺗﻪﺳﯩﺮ دائىرىسى ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯘﺭﯗﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ كۈتمىگەن ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺯﯨﻞ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﻛﺎﻟﺘﻪ ﭘﻪﻡ، ﺑﯘﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﺎﻱ- ﺋﻮﻟﯩﻤﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﺍﮬﯩﻴﺴﻰ، ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ، ﺋﻮﺕ يۈرەك ﺟﻪﺩﯨﺘﯩﺰﯨﻤﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1924- ﻳﯩﻠﻰ 8- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14- ﻛﯘﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺯ ئۆيىدە ﻳﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺳﺘﻠﻪﭖ ئۆلتۈرۈلگەن. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ئۈچۈن ﺯﻭﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ھېسابلانغان ﺑﯘ ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ پۈتكۈل ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ پۇر ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﺎﯞﺍﻡ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﻐﯘ-ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻜﻪ چۆمگەن، ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭ ﺋﺎﺯﺍﭘﻠﯩﻖ ھېسسىياتى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎﻥ. ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺷﭽﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺳﯘﻳﻘﻪﺳﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ، ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ مەڭگۈ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﻪﻧﺪۈرىدىغان تارىخىي تېرورلۇق ئىدى.! ]' m/ l7 @! D6 Y

بۇلبۇل ناۋاسى - ئۇيغۇر موقامى

4

تېما

41

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129836
يازما سانى:
41
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-12-6 23:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر داموللام ئۈگۈتلىرى
& t; @9 ?- g8 T& b

6 ^0 Y0 y7 J1 v3 a& V1 . ئەيىبلىك كىشىلەرنىڭ ئەيبى بىلەن ، پەزىلەت ئىگىللىرىنىڭ پەزىلىتىنى خەلىق بىلمەمدىكىن دەپ قالما . چۈنكى خەلىق ئەڭ ئادىل نازارەت قىلغۇچى كۆزەتكۈچىدۇر . , I5 y' h0 N" @# Z4 x" u8 ^* m: V
2 . ئىنساندىكى ئەڭ يامان ئىش ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئۇنتۇپ قىلىش ۋە قىرىندىشىدكى يىپىلىپ قالغان ئەيىپلەرنى تىلغا ئىلىپ يۈرۈشتۈر . ئەگەر ، ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغان بولسا ، ئۆزىگە قارىسا يىتەرلىك ئەيىبلىرى تۇرغان يەردە باشقىلارنى ئەيىبلىمىگەن بولاتتى .
3 . بېخېللىق ، نامەردلىك ، ھىممەتسىزلىك ، ساخاۋەتسىزلىكلەر ئاللاتائالانىڭ بېخىل بايلارغا بەرگەن ئالىي جازاسىدۇر . ئۇنداقلار ئۆمۈرۋايەت پۇل - مالغا ھېرىس بولۇپ ، شۇنىڭ كويىدا ، شۇنىڭ غىمىدە ، شۇنىڭ تەشۋىشلىرى ئىچىدە ئازاب چىكىپ ئۆتىدۇ .

: @) {- K) x$ d" D8 @' D
ئاقىل شۇكى ئۆز ئەيىبىنى كۆرەر ئالدىن ،
يوق ئۆزگۈگە ئازار يەتمەك دەل شۇنىڭدىن .
4 . دۇنيادا ئىتتىپاقلشىپ ، بىر ياقىدىن باش چىقارغان ئەل كۆزلىگەن مەقسەتكە مۇقەررەر يىتىدۇ .
5 . مۇشەققەتلەردىن كىيىن ئارزۇلارغا يىتىش مۇقەررەردۇر .
6 . تارىخ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا ، بەدەۋىيەتتىن مەدەنىيەتكە ، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا ، قاباھەتتىن گۈزەللىككە قاراپ راۋاج تاپقان .
7 . داۋالاش قىيىن بولغان كېسەلگە سەۋىر داۋا بولىدۇ .
8 . ياخشىلىقنى ئادەت قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق قول بولىشى كىرەك ، ئوچۇق قول كىشى ئىززەتتىن نىرى بولالمايدۇ .
9 . ئەقلىڭدىن مەسلەھەت سورا ، ئەقىلدىن باشقىسىنى كېرەكسىز ھىسابلا .
10 . خارلارنىڭ خار تۇرمۇشقا رازى بولىشى ئۇلارنى تىخىمۇ خارلاشتۇرىتىدۇ .

بۇلبۇل ناۋاسى - ئۇيغۇر موقامى

4

تېما

41

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129836
يازما سانى:
41
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-12-6 23:27:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىرداموللام
/ a) m: l& X0 l, @, u
نەشرگەتەييارلىغۇچى: مۇھەممەتتۇرسۇن سىدىق

$ R4 I/ o* H- m+ h4 I' w* X" M) mئابدۇقادىرداموللام ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى. خەلقپەرۋەر، مەرىپەتچى شائىر ئابدۇقادىر داموللا 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىداتۇغۇلۇپ ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابدۇقادىر داموللا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئىلىم–پەن بىلەن خەلقنى ئاقارتىش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شۇئارى ئاستىدا بارلىق ئەقىل–پاراسىتى ۋە كۈچ–قۇدرىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىچە ئىلىم –پەن ۋھ مەدەنىيەتنى گۈللەندۇرۈشكە سەرپ قىلىپ، «ئاممىغا نەسىھەت»، «زۆرۈرئەقىدىلەر»، «گۆدەكلەرگە تەلىم»، «ھەقىقەت جەۋھىرى»، «ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى»، «ئىلمىي ھېساپ» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە ئىلغار دېموكراتىك خاھىش سىڭدۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .
* w  T. K* ^) P; `: x6 ^4 h
1 s) e* E( m; a' E/ B/ `
يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى
* M9 |& r  o8 U; z! J3 @2 o9 E, L
سوغۇق راسائەۋجىگە چىققان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئابدۇقادىر داموللام ھاممام كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ھاممامنىڭ (مونچا) ئوچىقى ئەتراپىدا كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان بىر توپ سەرگەردان بالىلارنى كۆرۈپ قالىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ باش–كۆزلىرى كۈل بىلەن بۇلغىنىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن، ئۆسۈپ – چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى گەدىنىگەچۈشكەن، يېلىڭ–يىرتىق كىيىملىرىدىن قورايدەك ئورۇق بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ، ئۇلار كۈندۈزى ناۋايخانا ۋە ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدا تىلەمچىلىك بىلەن قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن، ئاخشىمى سوغۇقتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردەتۈنەيتتى .
4 Z$ p' B( |, N# Y
0 }9 `/ Y6 Y' W9 Cكۆزلىرى قۇمچاقتەك ئويناپ تۇرىدىغان بۇ ئىگە–چاقىسىز نارەسىدىلەرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ،يۈرەك–باغرى ئېزىلگەن داموللام : _ جېنىم بالىلىرىم، قەشقەردەك بىر چوڭ شەھەردەھالىڭلار مۇشۇ كۈنگە قالدىمۇ؟ يۈرۈڭلار، مەن سىلەرنىڭ قورسىقىڭلارنى تويغۇزۇپ، مۇزلىغان بەدىنىڭلارنى ئىسسىتاي!_دەپ، بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئەكىتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئايالى نائىلە خېنىم يېتىم بالىلارنى بۇ ھالدا كۆرۈپ، كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ ۋە ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇلارنى ئىسسىندۇرۇپ يۇيۇندۇرىدۇ. ئاندىن تاماق تەييارلاپ، ئېچىرقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ. داموللام بۇ باشپاناھسىز بالىلارنى ئۆزى مۇددەرسلىك قىلىدىغان مەدرىسنىڭ بىكار ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇلارنى بېقىپ، ئۆز شاگىرتلىرى قاتارىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ .
# B* X8 _% T9 Y0 x, H
% p( U7 `5 P/ S' j4 \6 @9 K
ئاممىغا نەسىھەت
بىر مۇنچە تالىپبالىلار قەشقەر كوچىلىرىدا كىشىلەرگە تەشۋىق ۋەرەقى تارقىتىپ يۈرەتتى. ئۆتكۈنچىلەر يولدىن توختاپ:<ماڭا بىرنى!>، <ماڭا بىرنى!>دىيىشىپ، بالىلارنىڭ قولىدىكى قەغەز پارچىلىرىنى يۇلۇۋېلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەت ئوقۇيالايدىغانلىرى ھۆسنخەت شەكلىدە دانىمۇدانە يېزىلغان ۋە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان مۇنۇ قۇرلارنى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇشاتتى: < …………بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر ، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر. سەئى ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر، سۇسلۇق-بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر. باشقا خەلقلەر ئىلىم–مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە. بىزلەر بولساق ھامان غەپلەت ئۇيقۇسىدادۇرمىز . ئۇيقۇ_ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر . بۇتەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەتتۇر. ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر ……….> تەشۋىق ۋەرەقىسىگە يېزىلغىنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ <نەسىھەتىئامما> (ئاممىغا نەسىھەت) دىگەن ئەسىرى بولۇپ، داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى بىر نەچچە يۈز نۇسخا كۆچۈرۈپ چىققانىدى. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ <نەسىھەتى> گويا قاراڭغۇ روجەكلەردىن بۆسۈپ كىرگەن قۇياش نۇرىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل قەسىرىنى نۇرلاندۇردى. ئۇلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ، كۈرەشچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا چەتئەل جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى خەلق كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.
6 a5 b4 M+ N& ~  [$ ]% ?% b6 W, c0 p) Z) V6 \" ?$ }* d4 ~4 @; H

) k  S3 v9 M* w7 G; A

' q" q0 f1 H4 l" R  ~, i) e  yئالىمنىڭ ئۆلۈمى
; O& }, F  M/ p( D6 ]
$ F! q* |' C6 |
1924-يىلىنىڭ يەر-جاھاننى زۈلمەت قاپلىغان بىر كېچىسى ئابدۇقادىرداموللام ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئىلمىي مۇتائىلە قوينىغا چۆكۈپ كەتكەنىدى. توساتتىن بىر شەپە ئاڭلانغاندەك بولدى–دە ، داموللام: <كىم؟> دېگەن سۇئال بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۈلگۈرمەستىنلا شام يورۇقىدا ۋال-ۋۇل قىلغان بىر زەھەرلىك پىچاق ئالىمنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى. داموللام سۇسقىنا ئىڭراپ، ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىگە يىقىلدى. ۋەتەن–مىللەت ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيگەن يالقۇنلۇق يۈرەك بۇ ئەجەللىك زەربىدىن قانسىراپ، ئاستا–ئاستا سوقۇشتىن توختىدى! ………
4 u* _: x( r/ U" Z2 _5 ], N+ Q% J
# x8 {1 S: |) w  y, X5 ?بۇ_چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى، مۇتەئەسىپ روھانىيلار ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىرلىكتە پىلانلىغان رەزىل سۇيقەستنىڭ ئۇلارغا ياللانغان ئىت يۈرەك خائىن تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىدى. بۇ شۇم خەۋەر بىر پەستىلا شەھەر–يېزىلارغاپۇر كەتتى. قەشقەردىكى مۇددەرس–ئالىملار ، ياش تالىپلار، ھۇنەرۋەن-كاسىپلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كىرگەن دېھقانلار ۋە يېتىم–يېسىرلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز قايغۇ–ھەسرەتكە چۆكتى. خەلقنىڭ يىغا–زارى ئاسمان–پەلەككە كۆتۈرۈلدى. ھېيتگاھ مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. پۈتۈن ئەل-يۇرت مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىۋاقىت ئېقىپ كەتكەن بۇ يولچى يۇلتۇز (قۇتۇپ يۇلتۇزى) غا ماتەم بىلدۇردى!…….
# S2 z; }( V( |) @
2 V9 p6 W7 s* D7 r+ `$ D" i9 Yخەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى يادلاپ، ئۇنىڭ شەنىگە مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ چىقاردى:$ p: w8 A- B- t3 L9 H

, A3 B4 c9 T/ f" t6 [$ A. _2 o7 qتاغۇ تاشلار تەۋرىنىپ،7 t6 I- e/ o0 j' R
قاتتىق چاقماق چاققانمۇ ؟* m9 I1 A0 Y3 f, O
تۈمەن دەريا سۇلىرى
- w9 s$ Z  c0 u7 k' Yبۇگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟
: H$ K; w) w" j% @1 }; w+ cئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز ،
2 j- |: ?2 [9 aكۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز .) ~3 |1 L6 d& j$ t- J9 s& t, [
داموللامغا دەيۈزلەر* q( I! C4 g/ o* y
قەست قىلالماس دەپتىمىز .
# [1 u, v& c1 ?# X% P: `" O0 wداموللام شېھىت بولدى،
6 c; @1 y7 n$ g  Y7 }. z; k) b! xياتار جايى بېھىش بولدى.
0 C3 _7 A0 Z/ eداموللامغا قەشقەرلىك4 p4 }( [- N7 ?4 A6 e$ Z- K+ q
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى…..
! _' z. g$ G) h! L8 m. j
. F, e0 ]7 {4 k& l' T- vبۇ قوشاقلار مەيدانغا كېلىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇشتەك قانات چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ كەتتى.6 O0 B& I7 W2 H- O$ Z+ T4 \

/ L1 b" h1 d9 R3 y" ]1 k
8 y) u& P  A0 P. O+ D
ئابدۇقادىرداموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانما
' V  ]( X. o* O6 H: T

$ w* w% ~! K) T8 T, X) t
1. ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيتىگە باغلىق.1 ]7 y) x9 p. }) t) Q2 o% E

5 v; S1 T% z+ Q% R9 Y2. زاماننىڭ ھاتەلىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان، دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ھەق سۆزنى ئېيتقان كىشلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر.8 G, u8 w" w: n3 t9 D# }5 M
1 d( O# ~6 D+ W/ x
3. ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنت-شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتتى.! D4 M4 [5 V( S# s" H

, l" i: Y: X% N' q) F- Q. A4. ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال: غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نېمىدىگەن ياخشى؟ بىر مىسال باركى، كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت، مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەر.
7 C% {' o) N: t0 [  R% [& ?# f* r
4 {2 _/ P5 {  r% r* J! n* H4 ]5. ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ بولۇپ،ئۇنى «يېيىۋەتتى» دەپ باشقىلارنى ئەيىپلىسە، ئۇ ئەخمەقتۇر. چۈنكى، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا باشقىلارنىڭ قەلبى قانداق سىغدۇرالىسۇن؟!% ]7 @: h3 `. y/ x8 T
' Y# V( k6 O0 c; R2 Q8 ]. N
6. توغرا سۆزگە ئىشەنمەي، خاتا سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان قەۋم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش قىيىن.1 `6 _6 Y2 F& j  v+ _( e! a+ x$ @
" h( U, b2 h8 R( D  J. v
7. گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن، ياخشىلار قەيەرگىلا تېرىلسۇن، زايە كەتمەيدۇ. ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ.: |7 ~: C5 V4 {2 B+ f. F% b3 W
3 b  j( I5 `1 t$ I$ ^
8. كىتاپ ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي، كىتاپنىڭ شەرھ-ئىزاھلىرىغىلائېسىلىۋالسا، گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.* W/ J8 u) E& r4 v, U% B
) @4 F* r  t8 W5 A9 E) N; ~
9. كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا، ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن.
1 R5 L) k: U+ z8 f/ ]1 m
, F  S; K7 z, h# d9 b2 Z# Z10. چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ؟ يەمەندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ؟" R$ ~5 k$ w1 ?& h/ W# b" ?
" J( J; J0 M: D2 w0 j
11. كىچەيۇ-كۈندۈز مېھنەت بىلەن بولۇپ، ئۆز ئابرويىنى ساقلىسا، مۇنداق كىشى ئەلدىن ئازار كۆرمەيدۇ، ھېچ زامان خار بولمايدۇ./ S# r6 I% v; N4 `0 q' u" ]

7 C7 L: x5 o* \0 d! Y12. پەسەندىلەرگە ھەرگىزمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمە، ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويىسەن. قوپاللىق قىل، ئىتائەت قىلىپ باش ئەگكەن ھالدائالدىڭغا كىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغاپۈتۈن دېڭىز سۈيىنى قۇيساڭمۇ يۇمشىمايدۇ.
: O* C4 r, H* v5 Y
/ P9 r- {6 g: R13. ئەگەر سەن سۈيۈڭنى 《ئەخلەت چۈشكەن》 دەپ ئىچمىسەڭ، ئۇسسۇز قالىسەن. قانداق كىشىنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى ساپ بولغان؟ يەنە قانداق كىشىنىڭ ھەممە ئىشى دۇرۇس دەپ قارالغان؟ كىشىنىڭ ئەيىپلىرىنىڭ سانالغانلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر:
: m0 `% T6 Z) lھەرقانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم،
" I. i% ?: K" Z! Q  v8 P4 d% Jيوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم./ X9 Y, Y! C1 ^( K1 A% t% z, k' i

& W+ b& v2 y! M) u1 D& n+ g14. نەپس شۇنداق بالادۇركى، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا، ئۇ ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۈرۋېتىدۇ. خۇدا، نەپس بالاسىدىن ساقلىغايسەن.!!!  l2 Q7 A+ ?$ j& B8 C' n% H

8 H8 _8 P  M$ D3 U! c: `15. بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا-قايتا تېتىپ كۆردۈم. لېكىن، مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىنمۇ تەمى ئاچچىق نەرسە يوقكەن. مېنى قايغۇغا سالغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شادلىقىدىن باشقىسنى تاپالمىدىم.
+ N' }) k" ~+ A' c* w( u5 X. \* N9 `" n, K4 [
16. ئالىم شاگىرتلىرىغا ئىلىم ئۆگەتكەندە، غەرەزدىن خالىي بولۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل قاراتسا، زامان ئەھلى نەزىرى تار موللىلاردىن قۇتۇلىدۇ.
  Z  k* j3 L3 c" @9 Z6 l2 t
5 F  C; L: p. `17. ئىلىم-مەرىپەتنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت ئەھلى شۆھرىتى يوقىلىپ، خارۇ-زارلىققا يۈزلىنىدۇ.
7 X! y/ O4 @; N1 z& x6 w
* I) X" k8 F  U0 A: Z/ r+ ?* O18. غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق- يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر.
  b* P: g+ Q0 \/ i4 Z6 ^. _# i' s( W" i/ A7 h
19. كىشلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى دائىم ھەجۋىي قىلىدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ھەجۋىي بىلەن يارا قىلىدىغانلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ ھەجۋىيسىگە تۈكۈرمەك كېرەك.3 u# p2 ~- G4 d  D  i5 [
8 w1 Z# J) M) F3 G* {- T7 \) s
20. ياخشىلىققا يات، مال-دۇنياغا مايىل بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ياخشى يولدا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلاردۇر. ئۆز مېلىدىن ئۆشرە-زاكات ئايرىمىغان بايلار خىيانەتكارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ قولىدىكى مال ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۆزىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار ئۆلىدۇ. مېلى قالىدۇ.$ ?) X- D2 n1 ]( H
- ^7 D9 N2 L) G- I
21. دۇنيادا نىيەت-ئىقبالى دۇرۇس، كۈچ-قۇۋۋىتىمۇ يېتەرلىك نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتكەن. ئەمما ئۇلار دائىم ئارزۇلىرىغا يېتەلمىگەن. يەنەنۇرغۇن زەئىپ، ئاجىز كىشىلەرمۇ ئۆتكەن. ئۇلار ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە قېنىپ، مۇرادى دېگۈدەك ھاسىل بولۇپ ئۆتكەن.9 b% c% x! f5 z8 e9 r

* ], S* i% O! v1 G/ n5 ^. _. ~& ~22. سۆز زىننەتتۇر، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سۆزلىمە. مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىم مۇ پۇشايمان يېمىدىم. ئەمما، سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يېدىم.
9 v4 |  y* s0 N7 t( g0 O: T
# F" l6 ]+ w" }% D23. ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت-سائادەت ۋە شاراپەتلىرى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
6 G, ~% C% g. J+ w, y5 P% r' Y9 T) y; x# Z3 F2 Y5 _/ a" @
24. بىلىڭلاركى، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر. جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر؛ سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت-ئىجتىھات ۋاقتىدۇر., V" n( V5 j% B& Q* t* j$ |8 V

) v3 K8 U# t8 d7 I5 L" V# ]25. گۈل شۇنچە باراقسان ھەم خۇش پۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى توزۇپ چېچىلىشتىن خالىي بولالمىدى. ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىدىن توزۇغانچىلىك ۋاقىتتۇر. مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلمەي، كۆڭۈللەرنى ئورۇنسىز رەشىك-ھەسرەت زەردابلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نېمە پايدا بار؟
$ D' g1 T+ G" h" D' y9 ?% Z; K0 v7 ~0 r1 ^5 V
26. ئىلىم بىلەن نىجات تاپ، مەڭگۈ ياشنايسەن.
, b, x5 ]5 p  {0 G; N1 c6 t5 `* U! f; r* V1 `5 C  i
27. ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى كىشلەر ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقنى ئىرغىتىپ تاشلاپ، مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشىدۇر. ئەگەر قادىر بولالىساڭ، كىشىلەرئارىسىدا ياخشى ئىشلاردىن باشقىنى قىلما، بارلىق يىراق ئىشلاردىن يامان بول.
* O& G* p; b& m8 g+ P# B- A3 m5 a9 x2 F
28. ھەركىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىغا ئۆزىنىڭ پېئىل-ئېتىبارى سەۋەپچىدۇر.+ k- \3 p* C) c" J& r2 I' T5 z+ B2 m

6 F7 h9 n% [' ?29. ئىتتىپاق-بۆلۈنمەسلىكتۇر. ئىلگىرىلەش-چېكىنمەسلىكتۇر.
. M' C3 I4 a* E! v
- H, B5 K( L& n% O, g30. سۇئال: ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئۇلۇغلۇقى نېمە بىلەن بولىدۇ؟0 W1 V& y) k0 b9 @8 S0 E! \; h
جاۋاپ: ھەقىقەت ۋە راستچىنلىققا ئەگىشىپ ئەمەل قىلماق بىلەن بولىدۇ.
1 X1 e; n5 y8 d! O3 }5 g9 @
: v; M* e' X/ S4 b) b$ A/ w31. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغۇچى بولما. دوستلار سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شۈبھىىسزكى، خارلىق دېگەن كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماقتۇر. گەرچە سېنىڭ سورىغىنىڭ 《يول نەدە؟》دېگەن سۇئال بولسىمۇ.. H+ t: I' L2 j6 I" r
3 b; k! ]4 M' \- y0 R9 ?; g
32. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلىرى ھىممەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئەمگەكچان قوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان. شۇڭا، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈزەللىكى ئۈچۈن بولىشى كېرەك.  P+ A6 ]* Q/ o
- L% m1 z( K+ A/ z
33. ھەرقانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا، ئۇ قىلچە پايدابەرمەيلا قالماستىن، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ.' l* Y4 g" j! r' U" R

3 }4 M" ?5 @# ^, Z34. سۇئال: مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمىدۇر؟; x" I5 r8 b( [+ D  U4 E: Q  l
جاۋاپ: ئىككى نەرسىدۇر: بىرى، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق؛ يەنە بىرى، تەپرىقىچىلىك ھەم ئىختىلاپتۇر.4 J) t3 ]) Z) N: r
- k* v- P3 C( t+ b1 A3 o
35. نىيەت قانچە ياخشى بولسىمۇ، پايدىلىق ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، كامالەتكە يېتەلمەيدۇ.8 K7 q3 b1 k; Z1 I
% f% G' u9 l7 m8 X0 E+ e) B
36. قانائەت ئەھلى ئەل ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئەلالىرىدىن سانىلىدۇ. ھەرقانچە ئىززەتلىك، ئېسىلزادە كىشى بولسىمۇ تەمەخور بولسا، ئىززىتى نابۇت بولىدۇ. ئېتى 《ئەنقا》ئاتىلىدىغانلارنى زامانداشلىرىمىزدىن كىم كۆرۈپتۇ؟!… دېمەك، قانائەت ئەھلى ئەنقا كەبى يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر.$ x6 J* M$ V/ i, {

* Z8 ~# G3 y( p3 {; I6 O37. ئەقىل، بىلىم ۋە ئەخلاق خارلانغان جايدا نەپس نادانلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇقەررەر.
: r2 a2 t: U. b0 }( M; }
$ ^7 ?5 Z& a2 w6 p- u& e38. بىز ئۈچۈن قىممەتلىك نەق بايلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆمرىمىز ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئايىغى چىقمايدىغان رەشىك-خۇسۇمەتلەر ئىچىدە ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. بىز بولساق، بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارغا پىسەنت قىلماي، غەپلەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز.
) ~5 r: D) ^: N! A7 n3 I% M2 x4 }! D% v. y9 Z0 \1 I9 I
39. دۈشمىنىڭدىن بىر قېتىم ئېھتىيات قىلساڭ، دوستۇڭدىن مىڭ قېتىم ئېھتىيات قىل. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالسا، زىيان سېلىشتا دۈشمەندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ.% E3 ~3 y; S; _7 {
8 m% A; _5 P% ~# Y. Z  ]
40. مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر. مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سېخىيدۇر.
* s" L# `$ m1 z* ^& T) L3 C
9 C' b* Y, [" X5 @41. ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە، سەن كۆزۈڭگە 《باشقىلارنىڭمۇ كۆزىنى بار》دېگىن. ئەگەرئەقىل ئىگىسى بولساڭ، باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ. ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىپنى كۆرەلىسەڭ جىم بولاتتىڭ.- T3 R+ T7 t. ]' K$ O# J* `% ?

6 c5 e1 \. B. a% j42. مۇھەببەت ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇھەببەت ئەھلىگەگۈزەل، ئەخلاقلىق، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىلەردىن باشقىسى كېرەك ئەمەس.
9 b4 j4 W! C9 U6 [4 D* M) j& E( J1 M+ ^  H; ]; d
43. ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ.
* o9 m! m; U( U5 k: E* [- O7 t& b0 M: e; e5 ]: n
44. قوشنىلارغا پىشكەللىك يەتسە، ياردەم بەرمەسلىك قوشنا ھەققىنى ئادا قىلمىغانلىقتۇر:
8 k! d" j8 N8 |( iدوست دېگەندەك ساماندەك سەيلىدە، باغدا
7 g* S* k8 i7 w% Lئايرىلۇر دوست-دۈشمەن ئەڭ قىيىن چاغدا.
3 m! T5 ]7 j2 l0 j4 t
4 l$ X. G- X" u8 B45. بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى يىغىىسى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى نەرسىلەرنى بىلدۈرگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بوۋاقنىڭ قورساقتىن كەڭرى جايغا چىقىپمۇ يىغلىغىنىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بالا دۇنيانى كۆرۈپلا دۇچ كېلىدىغان ئازاپلارنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغاندەك يىغلاپ كېتىدۇ.. n  x" T# |7 ^! C* G# a, K, u

  m; m7 h7 Y* f0 q' K9 `46. دەۋر بىرخىل ھالەتتە تۇرمايدۇ، بەزىدە ئارقىسىنى قىلىدۇ. ئەگەرئۇ سېنى سەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئۇچراشتۇرسىمۇ سەۋر قىل. چۈنكى دەۋر سەۋر قىلمايدۇ.
& k6 `" f9 T$ v1 x# j- c. z, ]' J9 i. P8 `% x2 v- @3 w3 \6 h
47. قەلەم ئەھلىنىڭ ئاچكۆز بولغىنى ھەممىدىن يامان. ئۇنداقلار نەپىسنىڭ خاھىشى بىلەن بىرنى يىغلاتسا، بىرىنى كۈلدۈرىدۇ. بۇنداقلاردىن قايتا-قايتا ھەزەر قىلماق كېرەك.- g  d0 k: }1 w, b1 H1 J& q
7 @1 @4 F& n) \% w5 t8 J
48. قەلەم ئەھلىنىڭ ئەدل-ئىنساپلىق بولغىنى (بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمگە ئەلەم يەتمىسە) ھەممىدىن ئەلا." b1 b  ^/ ^1 j& V5 l# C

. m9 S$ C- M8 v% y# [" M49. بىراۋنىڭ ۋەسفىنى قىلغان شائىر شۇ كىىشنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەقىقىي سۈپەتلىرىنى مەدھىيلىگەن بولسا، شۇ شائىر دوستلۇققا يارايدۇ. بۇخىلدىكى شائىرلار ھەقىقىي ئەقىل ئىگىلىرىدۇركى، ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدائەيىپ-نۇقسان بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى تۈگىتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.
9 P. I! e2 h* P* {9 f3 _. y- R9 A+ O7 S2 |
50. سۇئال: ئىززەت-ئابروي ۋە كۈچ-قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟
# _" ~# ^( v. D1 xجاۋاپ: ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ:
  b" r& k* S' J9 D; qتەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى، ئىلىمدۇر بىباھا، قازسا پۈتمەس كان.' _, B& T' E! g1 ?# C2 e
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى. ئىلىمدىن باشقىسىكىمگە ئەسقاتقان.
+ w/ t! u& x/ W3 `1 zئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى، ئىلىملار نىجادلىق بىرەرمەڭگۈلۈك،- C9 x* X0 x" N9 _$ E& E  R1 b
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى. بىلىملىك ھاياتتۇر،جاھىللار ئۆلۈك.6 ~4 d( j3 ~; G, v0 Y3 R
پەزىلەت كۆپ ئىرۇر بۇ ئالەم ئارا، ئى ياش بىل، جاھىللىق نۇمۇستۇر بىشەك.2 r( Q# [& g1 k& P
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەلىيۇلئەلا. نادانلىق زۇلمىغا رازىدۇرئىشەك.
( {  i2 ~* K4 C
* E' r$ H3 C+ \) F. c& U51. كىمكى ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن دۇنيانى ماختىسا، قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ. ئەگەر دۇنيانىڭ قولدىن كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ھەسرىتى بولسا، كەلگەنلىكى ئۇنىڭ غېمىنى كۆپەيتىدۇ:4 K6 W  w* Q! t2 v" Y
0 \# u2 B! _# Q3 X5 m
بەزىلەر بار 《گەرچە گۇناھ مەندە تۇرۇپ، خورجۇننىڭ ئالدىنىلا كۆرۈپ، لېكىن قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟》دېمەيدىغان. 《ئارقا كۆز نە بار؟》 دەپ غەميېمەيدىغان.
. H/ C7 k- \# d/ K4 b' X. N; q: A1 h, o2 b. \
52. ئەمالارنى 《دۆت》 دەپ ئەيىپلىمە. بۇ مەسىلىدە دانالارنىڭ سۈكۈت قىلىشى توغرىدۇر. سەن قارىغۇلاردىن ھايا كۈتمە. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى ھايانىڭ ئورنى خاراپتۇر.; P: O+ V* ?: o4 z+ F1 \& U

& B9 n9 g- c3 A) q+ X- k5 u5 k+ n2 G53. خار ھاياتتىن ئۆلۈم گۈزەلرەك. چۈنكى، بەزى نومۇسسىز ئىشلارنى ھېچقانداق كىشى ئۆچۈرەلمەيدۇ:: [. x% ^7 j  e3 W% z/ q2 h
پەيتى كەلسە ياخشى مالدىن كەچسەڭ بىراق،5 X( w2 R' W4 U% }- O6 C9 i8 t2 A, l
ئابرويۇڭ مەڭگۈ سېنىڭدىن كەتمەس يىراق.
) T5 q2 \1 s8 ^8 C; K9 |* T( Y, K5 Z/ L, X0 Y5 |: a# V
54. ئەگەر مەن بىرەر نەرسىدىن ھەيران قالدىم دېسەم، ياشلارنىڭ قەدىر-قىممەتسىز ئىش ھەرىكەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولىدۇ.
4 F6 ^6 k8 _+ E, d, N$ m3 }" b3 d2 r! P( w, e' q4 l% r
55. بۇۋاقنىڭ تۇغۇلغاندا ئالقىنىنى يۇمۇۋالغانلىقى ھاياتلىقتىكى ھېرىسمەنلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. ئۆلەر ۋاقتىدا ئالقىنىنى ئېچىپ قويغانلىقى بولسا، 《ئاگاھ بولۇڭلار مەن دۇنيادىن ھېچ نەرسە ئالماي كەتتىم》دېگىنىنىڭ بېشارىتىدۇر:" J3 H: z# p  r5 \- f. b" ]: Z7 }
) [/ ^; t# x1 m$ W
باق ئوغلۇم خەلقىڭگە ئىللىق كۆز بىلەن، كىچىككە رەھىم قىل، چوڭىغا ئىززەت،
- {% D7 Z0 z- q& s4 t  |ھەم كۆرسەت مېھرىڭدىن لۇتفى ئىنايەت. خەلق ئەتكەن ھەققىگە قىلما خىنايەت." q/ c* h3 m! Y# G0 O

. l$ O! q& i: L56. ئەگەر سەن ئەقلىڭنى توغرا ئىشلەتسەڭ، ياتقان ئورنۇڭ كېچىدىمۇ ئەقىل نۇرى بىلەن دائىم يورۇپ تۇرىدۇ.6 U/ X6 p0 y" @. s
* G' c8 \5 W. K. v& p
57. بىر قەۋمدا ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىققا يېتەكلىگۈچى مەنىۋى رەھبەربولمىسا، بۇ قەۋم كىشىلىرىنىڭ چېچىلغىنى چېچىلغان.
! e5 w& [2 I- X+ R/ w( J% ?
/ I* p# C$ c( S58. ئەيىبلىك كىشىلەرنىڭ ئەيىبى بىلەن پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ پەزىلىتىنى خەلق بىلمەمدىكىن دەپ قالما. چۈنكى، خەلق ئەڭ ئادىل نازارەتقىلغۇچى(كۆزەتكۈچى)دۇر.4 u0 [% ^" Y3 X: d+ l" ?
) X7 a$ u8 X/ `3 y3 L  i$ D
59. ئىنساننىڭ ئەڭ يامان ئىشى ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئۇنتۇپ قېلىش ۋە قېرىندىشىدىكى يېپىلىپ قالغان ئەيىبلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈشتۇر. ئەگەر ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغان بولسا، ئۆزىگە قارىسا يېتەرلىك ئەيىبلىرى تۇرغان يەردەباشقىلارنى ئەيىبلىمىگەن بولاتتى.
; I* g' m! V6 u, |
: Y; A, b. D" ~* `, ^60. دۇنيادا ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغان ئەل كۆزلىگەن مەقسەتكە مۇقەررەر يېتىدۇ.
, U% o& Y9 a9 e3 V7 e4 X0 ?
' m7 ]3 a6 M2 i  C' i" J- ?8 R61. مۇشەققەتلەردىن كېيىن ئارزۇغا يېتىش مۇقەررەردۇر.
# |  Q. V) U+ V8 E9 Y/ D8 i  ]% `2 Q; l& \! G' r4 I4 {
62. تارىخ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، بەدەۋىيەتتىن مەدەنىيەتكە، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا، قاباھەتتىن گۈزەللىككە قاراپ راۋاج تاپقان.
& q$ \% k9 o# N  U
) Q& z7 p( w7 d& [63. داۋالاش قىىين بولغان كېسەلگە سەۋر داۋا بولىدۇ.
# h# X* H! V# K, y. r' }* g# n: p; `& A( L* D- t' x
64. ئۆمرىدە مېلىغا ئاپەت تەگمىگەن، دۆلىتى زىيادە بولغان سودىگەرلەر ئۆز مېلىدىن ۋاقتىدا ئۆشرە-زاكات ئايرىيالىغان، غېرىبلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرالىغان، ئاچلارنى ۋاقتىدا تويغۇزالىغان، يالىڭاچلارغا تون ياپالىغانلاردۇر./ `4 ?) O* a/ O, v0 x
: ]6 P& D, v0 w# n: L
65. زامان ئەھلى ھەرقاچان ئاگاھ بولمىقى لازىمدۇر، كىشىنىڭ تېنىدە ئەقىل بىلەن نەپس دائىم ئېلىشش ئۈستىدىدۇر. نەپس ئادەمنى ھۇزۇر-ھالاۋەتلەر، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالار قىززىپ تۇرغان غاپىللىق يولىغا تارتسا، ئەقىل ئادەمنى زاماننىڭ ناشايان ھالاۋەتلىرىگە بېرىلمەسلىككە، ھەرقاچان غاپىللىقتىن ھۇشيار تۇرۇشقا تارتىدۇ. كىمدە ئەقىل غالىپ بولسا، ئۆمۈر بويى پۇشايمان نادامىتىدىن خالىي ھالدا شاد-خۇراملىققا ھەمراھ بولۇپ ئۆتىدۇ. نەپسى غالىپ بولغان كىشى ئاخىرىغىچە تەمە خارلىقى بىلەن ئۆتىدۇ.
8 Y% N$ ]! {7 o+ u" `" f! }( \6 S$ G8 g4 z; ^6 X3 a; t! n& g
66. ياخشىلىقنى ئادەت قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق قول بولۇش كېرەك. ئوچۇق قول كىشى ئىززەتتىن نېرى بولالمايدۇ.; |( W- V6 l: ]& R

' P. b1 w! [7 Q/ H67. ئەقلىڭدىن مەسلىھەت سورا. ئەقىلدىن باشقىسىنى كېرەكسىز ھېساپلا.! L; H3 p7 ^2 E# }
# Y$ e! x1 ~1 _6 L9 w9 |0 l  f8 \
68. خارلارنىڭ خار تۇرمۇشىغا رازى بولۇشى ئۇلارنى تېخىمۇخارلاشتۇرىدۇ.) T& k; H1 Y" J9 T0 V, Y" [# U
3 v* F6 b' z4 `
69. دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇلۇغ كىشى دۇنيادا باشقىلارغا تايانمايدىغان كىشىدۇر.3 V( T7 s5 C! U& ?7 b* H

! b' h5 S* Q7 K7 O+ B70. دانىشمەنلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىدۇ. ئولتۇرۇشلارنىڭ تۆرى ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن زىننەتلەنگەن بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسىلىلەرنىڭ يۈزى غۇۋالىشىپ قالسا، ھەق يولنىڭ يۈزى ئۇلار بەرگەن جاۋاپ بىلەن نۇرلىنىدۇ. ئۇلار سۈكۈتتە تۇرسا، باشقىلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرىشىغائورۇن قالمايدۇ. گەپ قىلسىمۇ باشقا گەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئورۇن قالمايدۇ.
5 O; O$ v- U, s- G% l7 o) w, |9 y7 X& J
71. مەن قەيەردە بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر كۆڭلۈم خۇشال ياشايمەن. قانداقلا بولسۇن ئاپەت، زىيانلاردىن قورقۇپ قالمايمەن.
9 |/ X8 d- {0 h; h4 y6 k" l9 R2 i  n( a* f: I
72. مۇھەببەت ئەھلى بولمىغان كۆپ كىشىلەر مۇھەببەت دەۋاسى قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇھەببەتتىن بەكمۇ يىراق. مۇھەببەت دېگەن قورقۇنچاق ۋەئەخمەقلەرگە نەدە تۇرۇپتۇ. سېيماسى تولۇن ئايدەك مەھبۇبقا پەم-پاراسىتى يۇقىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر ئاشىق بولۇپ، مۇھەببەت دەردىدە ئۆرتىنىدۇ.* b+ s8 u6 _8 m, J- E- K
: h; I! w' M$ Z- K# r
73. ئاي ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقى بىلەنلا ئۇلۇغلۇققا، ئالىي مەنزىلگە ۋە گۈزەللىككە ئىگە تولۇن ئايغا ئايلانغان.( Y' y3 z) T( f; Z: L: \2 N. s

; g/ J$ l) v* l1 ?74. سۆزنى گرامماتىكا بىلەن گۈزەللەشتۈر. چۈنكى، سۆز قائىدىسىدىن مەھرۇم بولغان كىشى سۆزنى بۇزىدۇ.
) z* f& V# a0 B2 R1 g4 P
) X% }0 t" V# ~; V  X75. سۆزلەيدىغان ئورۇننى تاپساڭ، چوقۇم كەڭتاشا سۆزلە. ئەگەرسۆزلەيدىغان ياخشى سۆزنى تاپساڭ، ئايىماي سۆزلە. چۈنكى، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋەقابىلىيتىگە يارىشا ئۇ سۆزلەردىن توغرا چۈشەنچە ئالىدۇ.
) y/ z" Z6 ^" W/ `, a9 K$ X$ T" t& s2 b; M) w
76. ناۋادا رازى بولسام، دوستلىرىمنىڭ ئەيىبىنىڭ ھەممىسىنى ۋەئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىم ئەيىبلىرىنىمۇ كۆرمەيمەن. خۇددى نەپرەت كۆزى ئەيبتىن باشقىنى كۆرمىگەندەك. دوستلۇق كۆزى ئەيبلەرنى كۆرۈشكە ئاجىزدۇر.
* I$ [3 n/ P2 ^4 t/ B, d2 K! @3 y, V" h# I
77. ئۇ ئاشىقلارغا تەبەسسۇم قىلغان پېتى كۆرۈنىۋېدى، پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭ گۈزەل جامالىغا ھەيرانۇ-ھەس بولدى. مەن ئۇلارغا زىلەيخانىڭ ئۆزىنى ئەيبلىگۈچىلەرگە قارىتا ئېيتقان:《سىلەر مېنىڭ ئاشۇنداق گۈزەل ئالدىدا ئېزىققانلىقىمنى ئەيىبلىدىڭلار》دېگەن سۆزنى دېدىم.
( h  s" a6 E" j# g
3 z) ^0 s4 A' g% I! t78. ئېرىنىڭ پەرمانىدىن چىقماي ھەم مۇسۇلمانچىلىق، ھەم روزىغارخوتۇنلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بولغان ئاياللارنى ئىنسان ئەمەس، بېھىشنىڭ ھۆرى دەپ بىلمەك كېرەك. بۇ خىلدىكى خوتۇنلارغا ئەر بولغانلارنىڭ ئىقبالى ھەرقاچان يورۇقتۇر.
( E/ _6 c$ g# p6 T/ t  Y8 G& j2 n' @  m! T" n! r% k$ T( I
79. قاچانكى، كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىرى بوزۇلسا، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقسان يېتىدۇ. ئىتتىپاقلىق يۇقىلىدۇ. ھۇرۇنلۇق، بىكارچىلىقلار، زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلىكلەر كۆپىيىدۇ. ئىلىم-مەرىپەت كېمىيىپ، شان-شۆھرەت خارۇ-زارلىققا ئالمىشىدۇ.
% ?. _8 P2 b$ G* A; x  e; a3 k) f& D6 D9 E
80. قايغۇ-ھەسرەت يېقىنقى خۇشاللىقتىن بېشارەت بېرىدۇ.2 L* `4 ]1 u: J# U9 O

/ k$ z" @7 a$ }81. بەزىلەر مېنىڭ ئۇ مەھبۇبنى ياخشى كۆرگىنىمنى ئەيىبلەشتى. بۇ مالامەتلەر مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشىق-مۇھەببىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مېنى مالامەت قىلغۇچىلار ئۇ مەھبۇبنىڭ تال-چىۋىقتەك قەددى-قامىتىنىكۆرگەندە، ماڭا ئۆزرە ئېيتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ تەبىئىتى نازۇكلۇقتا ۋە ئەخلاقى ئېسىللىكتە زاماننىڭ تەڭداشسىزىدۇر.
4 ]/ j1 {1 l6 S; Y7 y( Q; s, N% R1 v7 B+ F2 J
82. مەن شۇنداق كىشىمەنكى، سەمىمىيلىك ۋە ئەدەپ-ئەخلاق مېنىڭ تەبئىتىمدۇر. ئارتۇقچىلىق، ئەخلاق ۋە ھىممەتلەر مەندە باردۇر. سېخىيلىقىم كاتتىلىق شەرىپىمنىڭ دەلىلىدۇر. خىسلەتلىرىمنىڭ ئەڭ ئەقەللىيسى خەير-ئېھسان ۋەسېخىيلىق قىلىشتۇر. دانالىق، ئېھتىياتچانلىق، ئىشەنچ، بىلىم ۋە ئىشتىياق،ئىلىم-ئېرپان ۋە ھېكمەتلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ.4 ~" T1 z3 I+ n/ a  s$ V

) q: p0 l) K$ }! k/ z6 v2 }2 f( ^( Q# t
مەنبە: بولاق ژورنىلى 2007-يىللىق 4- سان

بۇلبۇل ناۋاسى - ئۇيغۇر موقامى

4

تېما

41

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129836
يازما سانى:
41
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
75
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
2 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-8
ئاخىرقى:
2016-1-6
ۋاقتى: 2015-12-6 23:30:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20 – ئەسىردىكى ئىسلاھاتچى – ئابدۇقادىر داموللام 5 U8 S, |& Q5 |9 _8 Z
, l8 l4 ^- f  b: P4 o  y+ U# ]

0 Q$ U2 j7 P. A
8 O5 \$ D- o5 d
ئىسلاھات ئىنسانىيەت تارىخدىكى يورۇق تېما. ئىسلاھات-ياخشىلاش، تۈزىتىش، ئۆزگەرتىش دىمەكتۇر.يەنى، ۋاقتى ئۆتكەن كونا تۈزۈم، كونا مەدەنىيەت ۋە كونا ئىدىيەلەرنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ، تۈزىتىپ، گاھىلىرىنى ئۆزگەرتىپ ھاياتى كۈچكە باي يىڭى تۈزۇم، يىڭى مەدەنىيەت ۋە يىڭى ئىدىيەنى يارىتىش ياكى ئومۇملاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلاھات شەكىل كۆپ خىل، ئۈنۈمى پەرقىلىق بولسىمۇ بىراق ئورتاقىلىقى شۇكى، بارلىق ئىسلاھات ئىنتايىن مۈشكۈللۈك ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا ئىسلاھاتچىلار ئالدى بىلەن قۇرقماس جاسارەت يىراقىنى كۆرەر پاراسەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇنداق تۈپ ساپانى ھازىرلىمغان كىشىنڭ ئىسلاھاتچى بۇلالىشى مۇمكىن ئەمەس.ئىنسانىيەت تارىخدىكى بارلىق داڭلىق ئسلاھاتچى دەل مۇشۇنداق ساپاغا ئىگە مۇنەۋەر ئەزىمەتلەردۇر.
20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى ، مەشھۇر ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللام دەل مۇشۇنداق تۈپ ساپاغا ئىگە زات ئىدى.' h  j3 O! C; Y+ s. ]
ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھاياتى، ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئىسلاھاتچىلىق پائالىيەتلىرىنى تەتىقىق قىلش 20-ئەسىرىنىڭ باشلرىدىكى مىللى ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىنى يۇرۇتۇشىمىزدا مۇھىم ئەھىمىيەتكە ئىگە. مىسالەن، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە جەدىتلىك ھەرىكىتى قاچان، قانداق باشلانغان؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتى تاتارمەرىپەتچىلىرى قوزغىغان جەدتىلىك ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇپ ئىدىيۋى ئىقىم پەيدا قىلالىغانمۇ- يوق ؟ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جەدىتىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە مەنىۋى يولباشچىلاربارلىققا كەلگەنمۇ -يوق ؟
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ شەكىللىنشى قانداق تەسىر ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقان ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئىڭى ۋە مىللىي ئىڭى قاچاندىن باشلاپ ئۇيغانغان ؟ بۇ بىر قاتار مەسىلە بىزنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئىدىيە، ئەدەبىيات، تارىخمىزغا مۇناسۋەتلىك مەسىللىلەردۇر. مەن بۇ ماقالەمدە ئابدۇقادىر دامۇللامىنڭ ھاياتى، ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنشى ۋە جەدىتىلىك پائالىيەتلىرىنى بىر قەدەر مەنتىقىلىق رەۋىشتە بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىنقىسز مەسىللىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تىرشتىم.مىنڭچە، ئابدۇقادىر دامۇللام دەۋىرى بولغان 1910-يىللردىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكەتلەرنى يورۇتقاندا بۇ مەسىللەرگە بىر قەدەر رۇشەن جاۋاب تاپقلى بولىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىسلامىيەت تارىخىدا 18-ۋە 19ئەسىرلەر مىسلىسىز پاجىئەلىك دەۋىر ھىساپلىنىدۇ.
- f+ I) q$ O2 Iچۆنكى، بۇ ئەسىرلەردە ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دۇنياۋى ئىككى چوڭ ئىمپىرىيە بولغان تۈرك ئوسمانلى بىلەن تۈرك موغۇل ئىمپىرىيەسى كۈنسىرى ئاجىزلىشىپ، قەدەممۇ –قەدەم زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ھەم ئاخىرقى ھىساپتا بىرى يوقىتىلىپ، بىرى لىڭىشىپ قالغان. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى، ئافغانستان ۋە ئىران ئىگىزلىكى ئۇششاق ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ ھالىمۇ ئوخشاش قىسمەتكە مۇپتىلا بولغان بۇ ئەسىرلەردە ئىسلەمىيەتنىڭ ئىچىكى قىسمىدا ئۇزاقتىن بىرى يامراپ كىلىۋاتقان ھەرخىل دىنى مەزھەپىنڭ بىدىئەت قاراشلىرى ۋە چاكىنا تەشەببۇسىلرى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە –ئىتىقادلىرىنى ئىزىدن چىقىرۋەتكەن، بولۇپمۇ سۇپى –ئىشانلار گۇرۇھى ئىسلام ھۆكۈمرانلىرىنىڭ سەلتەنىتگە سالجىدەك چاپلىشۋىلىپ، ئۇلارنىڭ رېئال دۇنيا ھەققىدىكى جەڭگۋار قاراشلىرىنى چىرىتىۋەتكەن، تەركى- دۇنيالىقىنى ئەڭ ئالىي ئەخلاق دەپ داۋراڭ سىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ھايات سەھنسدىن بەخىت ئىزدەش غايىلرىنى سىرلىق خىيالى تۇيغۇرلىرىدىن قانائەت ئىزدەيدىغان ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇىشلارغا بۇرىۋەتكەن. سۇپى-ئىشانلار گۇرۇھنىڭ قايمۇقتۇرۇش كۈچى زۇر تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ئىزدىنىش ۋە كۈرەش جاسارىتى كەمچىل مەرىپەت روھى سۇس، ئەقىل كۈچى زەئىپ، ئىمانى مۈجىمەل، ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن ئاڭقاۋ (نادان) جامائەتكە ئايلاندۇرۋەتكەن، تەركى-دۇنياچىلىق كەيپىياتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۋاتقان بۇنداق شارائىتتا ياشىغان كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى بارا-بارا خارۇ-زارلىق كوچىسىدا قىقىلىپ-سوقىلىپ ياشاشىنى ھار ئالمايدىغان بىپەرۋا جامائەتكە ئايلانغان. قسىقىسى، سوپى –ئىشانلانىڭ تەركى –دۇنياچىلىق تەشەببۇسلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپنچسىنى ھۇرۇنلۇق، چىچىلاڭغۇلۇق، بوشاڭلىق، قاشاڭلىق، ئىللەتلىرنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۋەتكەن.«بۇ سوپىلار دەۋىردە ئىسلامىيەت دۇنياسى تامامەن ئۇلارنىڭ بوياقلرى بىلەن بويۇلۇپ كەتكەن، قەيەردە شەھەر ياكى يىزا بولدىكەن.ئۇ يەردە سوپىلار بار ئىدى».
دىمەك ئىسلامى ھاكىميەتلەرنىڭ زەئىپلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ چۆشكىنلىشى، ئىسلام ئىتىقادىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەھكۇملىققا يۈزلىنىشى ئېغىر تارىخى يۈزلىنىش بولۇپ قالغان مۇشۇ دەۋىرلەردە ھاكىم مىللەتلەر ھىساپلىندىغان ياۋرۇپا ئەللىرى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە كۈنسىرى قۇدرەت تىپىپ، كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ مەرىپەت روھى مىسلى كۆرلىمىگەن دەرىجىدە ئويغىنىپ، رىقابەت ئىقتىدارى ئىشىپ، ھەر جەھەتتىن قۇدرەت تىپىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ توپ –زەمبرەكىلىك كىمە –پاراخۇتلىرى دىڭىز –ئوكيانلارنى تىنىمسىز كىزىپ، زامانىۋى قۇشۇنلىرى سەلدەك يامراپ، يىڭىدىن –يىڭى موستەمىلىكە زېمىنلارنى ئىزدىمەكتە ئۇلارغا نىسبەتەن تولىمۇ سىرلىق ھەم سىھىرىلىك ھىساپلىندىغان شەرق ئۇلارنىڭ بۇيسۇندۇرۇش، تالان –تاراج قىلش نىشانى ئىدى. ئۇلار شەرقىنى بۇي سۇندۇرۇش ۋە تالان-تاراج قىلشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتكە يىتىش يولىدا بىر -بىرى تىنىمسىز بەسلىشەتتى. بولۇپمۇ قارام نىيىتى تىشىپ تۇرغان بىرىتانىيە ئىمپىرىيسى بىلەن چاررۇسىيە ئىمپىرسىنىڭ بەس-بەستە زىمىن كىڭەيتىشى نەتىجىسدە ئىسلامىيەت دۇنياسى شىمالى ئافىرىقا، ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا زىمىندا كەينى-كەينىدىن پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇپ، قۇللۇق كىشەنلىرى بىلەن چەمبەرچاس زەنجىرلىنىپ ئۈمۈد چىرىقى بارغانسىرى خىرەلىشىپ ئۆزلىرنىڭ تارىخى دۆشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ھەسرەت ئىلكىدە قۇبۇل قىلشقا مەجبۇر بولماقتا ئىدى.1 B% r$ ?5 _% H& `! p
مانا مۇشۇنداق ئىغىر تارىخى كۈلپەت ئىسلامىيەت دۇنياسنىڭ تارىخى شان-شۆھىرىتى، ئىسلام ئەللىرىنىڭ مىللىي ئەرك –ھۇقۇقى ۋە مەرىپەتچىلىك رۇھىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۆچۈن پىداكارلىق كۆرسىتەلەيدىغان شىر يۈرەك مىللى داھىلار بىلەن ئوت يۈرەك موتەپەككۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈلپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشىنى تەقەزار قىلدى.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىرىمدا بارلىققا كەلگەن ئىسلاھات رۇھىغا ئىگە ئىسلامىيەت دۇنياسىنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇتىش قوڭغۇرىقىنى چالدى.
1 o9 o' z! h1 m' n9 O! K1 s
شۈبھسىزكى، ئىسلاھات روھى كۈچلۈك ئىسلامىيەت مۇتەپەككۇلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەلىماتى يىقىنقى زامان ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى موھىم تۈرىتكە ھىساپلىنىدۇ. خۇددى زامانىمىزدىكى خەنزۇ تەتىقىقاتچى سەي دېگۈي ئىيتقاندەك :«ئىسلام مىللەتلىرى ئاجىزلاشقان ۋە قۇل قىلشقا ئۇچىرىغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ مىللەتنىڭ جاسارىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۇردى»، «ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىدىيەسى ۋە تىنماي كۈرەش قىلش رۇھى شەرق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يىقىنىقى زاماندىكى گۈللىنىشكە يىتەكچى بولىدۇ». تىخىمۇ توغرىراقى، «ئۇلارنىڭ تەلىمى تالاش – تارتىشسىز ھالدا شەرقىتىكى ئىدىيە گۈللىنشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.» 19-ئەسىردە ئىسلام دۇنياسغا كۆرسەتكەن تەسىردىن ئىيتقاندا،ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ دۇنياۋي موتەپەككۇر ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار «بىرەر ئىسلام دۆلىتىگە بارسا، شۇ دۆلەتنىڭ زىمنىدىكى چىرىك ھۆكۈمرانلارغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىنقلاپ يالقۇننى تۇتاشتۇرۋىتەتتى.»ئۇلارنىڭ ھاياتىدا كىشلەرگە قالدۇىرىغان گەۋدىلىك ۋە چوڭقۇر تەسىرى ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئىتپاقلىش ۋە ئويغۇنىشىنى ئارزۇ قىلش ھەم موستەملىكچىلكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسى ھەمدە مۇشۇ يولدا باش ئەگمەي باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلش رۇھىدىن ئىبارەت. ‹‹مۇشۇ تەشەببۇس ئاساسىدا، ئۇلار سىياسى، ئىجتىمائى ۋە دىننى ساھەسىدكى بىر قاتار چوڭ مەسلىدە پەيلاسۇپىنىڭ مەنتىقى چوڭقۇرلىقى ۋە باتۇرلىقىنى، سىياسەتچىنىڭ يىراقىنى كۆرەرلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى، دىننى ئىسلاھاتچىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە ئوچۇق-يۇرۇق خسلىتىنى ئىپادلىدى.»
1 K0 e" \2 o! w4 p. R4 H& Tئۇلار مەسىلىنى رەت قىلغۇسىز دەرجىدە ئىنق، چۈشنىشلىك ئوتتۇرىغا قوياتتى.ئۇلار، تەبىئى پەنلەر رۇھى تامامەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئىسلامىيەت دۇنياسىدا تەبىئى پەنلەر رۇھىنى ئۇيغىتىش ئۆچۈن «خۇدا ئىككى كىتاب ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ بىرى (قۇرئان )، يەنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىبارەت. بىر موئەللىپ يازغان بۇ ئىككى كىتاب بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، شۇنىڭ ئۆچۈن تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئۆگىنش لازىم »دىگەن.

! z5 }8 G- C) ^/ y
ئۇلار يەنە مۇنداق قارىغان :«كىيىكى كۈنلەردە ئىسلام دىنىڭ قاتارىغا ھەرخىل تەركىبتىكى كىشلەر كىرىپ، ھەرخىل ئىدىيە فۇرماتسىيەسىنىمۇ ئىلىپ كىرىپ، ھەرخىل غەيرى ئەقىدىنى شەككلەندۇرۈپ، كىشلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمقانلاشتۇرۇپلا قالماستىن، كۈچلۈك تەسىر ۋە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئىسلام دىننى ئەسىلدىكى ئەقىدە ۋە پىرىنسىپلاردىن چەتلتىۋەتتى. دىندا پائال كۈرەش قىلىدىغان رۇھ تۈگىدى. كونىلقققا يىپشۋىلىش، پاسىپلىق بىلەن كۈتۈش مۇسۇلمانلارنىڭ (نىسىۋىسى) بولدى. ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرشى بىلەن دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقان ئىقىمىدىن ئايرىلىپ قالدى.» شۇڭا ئۇلار «ئىسلاھاتنى دىندىن باشلاپ، كىشلەرنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىدىئولىگىيەسنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاش كىرەك، دەپ قاراپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دەۋىرنىڭ ئالغا بىسۋاتقانلىقىنى تونۇشقا، بۈگۈنكى دۇنيادا قاتار تۇرماقچى بولىدكەن، جاپالىق ئىشلەش، تىرىشىپ ئىجاد قىلش ۋە قۇرۇشقا، ئۆتكەنكى شان-شۆرەتنى مەدىھلەش بىلەن مەمنۇن بۇلۇپ يۈرمەستىن، ھازىرقى زامان پەن مەدەنىيتىنى قۇبۇل قىلشقا چاقىرىدى؛ دىن بىلەن پەنىڭ، دىن بىلەن سىياسىنىڭ مۇناسۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلشىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلدى. ئۇلار يەنە پەن بىلەن دىن زىت ئەمەس، دىن پەننى ئىنكار قىلمايدۇ، پەننمۇ دىننى ئىنكار قىلمايدۇ، دەللىلەش پىرىنسپى ۋە قانۇم چىقىرىش پەرقلىندۇ، يەكۈنى ئوخشاش. شۇڭا مۇسۇلمانلار پەن بىلەن دىننى قارمۇ –قارشى قىلىپ قويماي، ھازىرقى زامان پەن-تىخنىكسىنى ئۆگىنىشى لازىم، دەپ قارىدى.»

. R( ]3 ]% }2 r  a: w% D+ V+ Q6 `4 v9 x
ئسلامىيەت دۇنياسىدىكى ئاڭ ئۇيغىنشىغا ماس قەدەمدە تۈركى خەلىقلەر ئارسىدىمۇ ئىسلاھات ئىدىيەسى شەككلەندى. بۇ خىل ئىدىيە جەدىتچىلىك دەپ تەرىپلەندى. جەدىتچلىك زامانىۋىلىشش، يىڭلاش ھەرىكىتى بولۇپ، ئۇ ئىسلاميەتنىڭ قىممەت قارشى ئاساسىدا، ياۋرۇپانىڭ ئىلغار پەن-مەدەنىيتىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى مىللى مەدەنىيەتكە خىزمەت قىلدۇرۇشىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىدى. جەدىتچلىك ھەرىكتىنىڭ بايراقدارلىرى رۇسىيەنىڭ قىرىم ھەم ئېدىل- ئۇرال بويلىرىدىكى تاتارلار ئارسىدىن چىققان مەشھۇر موتەپەككۇر ئىسلاھاتچىلار ئىدى. ئۇلار تۈركى دۇچ كەلگەن تارىخى كىرزىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ قىرىم يىرىم ئارىلى ئۇرال ئېدىل بۇيلرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكلىرىدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدى. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرى ئاڭ جەھەتىىكتى ھەقىقى ئۇيغۇتشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ كىمنىڭ دوست، كىمىنىڭ دۆشمەنلىكىنى، نىمىنىڭ زالالەت، نىمىنىڭ سائادەت ئىكەنلىكىنى پەرىق ئىيتەلمەيدىغان نادان خەلىققە كىلەچەكىنىڭ داغدام يولىنى كۆرسەتكلىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىدە ئىپادىلەندى. ئۇلار رۇسىيە مۇسۇلمانلىرنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە قايغۇرۇپ، چاررۇسىيە ھاكىميىتى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتن تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قىلشىغا سەۋەب بولدى، دەپ قارىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مەۋھۇم خەلىقتە زۇلۇمىنى ھىس قىلىدىغان ئاڭ بولمىسا، ئۇلار زۇلۇمىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئادەتتكى مەزمۇنى سۈپتىدە ھىس قىلىپ كىتىۋىرەتتى.
& R. K* `% ^! w$ Y
زادى قانداق قىلغاندا كىرىزىس ئىڭىنى ئۇيغىتىپ، زاماننىڭ زۆرۈرىيەتلرىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى، مىللى ئاڭىنى ئۇيغىتىپ، ھۆرىيەت رۇھىنى شەكللەندۇرگىلى، خۇراپاتلىققا خاتىمە بىرىپ ئەقىدىنى ساپلاشتۇرغىلى، نادانلىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ مەرىپەت روھىنى تىكلىگىلى، خارلىق، ئىتپاقسىزلىق، بۇشاڭلىق، قاشاڭلىق ئىللەتلرىنى تۈگىتىپ گۈللىنىش يولىغا قەدەم قۇيۇپ، ئاخىرىدا قۇللۇق كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغىلى بولىدۇ ؟ مانا بۇ ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى دىننى مۇتەپپەككۇرلار بىلەن مىللى داھىيلار پىداكارلىق بىلەن ئىزدىندىغان، ئويلىندىغان جىددى مەسىلە ئىدى.
# X& M# ?+ R# D' m20-ئەسىرنىڭ 10-يىللىرى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا قانات يايىغان مىللى ئۇيغىنىش ھەرىكتىنىڭ بايراقدارى، مەشھۇر جەدىتچى ئالىم ئابدۇقادىر دامۇللا ئىبنى ئابدۇۋارىس كاشغەرى (ئەزىزى) خەلىقمىز ئارسىدىن چىققان ئەنە شۇنداق ئوي- ئارزۇدىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى موتەپەككۇر ئىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن زامانداش مەشھۇر شائىر، ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھۆسەيىن خان قۇتبىددىنشاھ تەجەللى ھەزىرەتلىرى ( 1925-1856) نىڭ تىلى بىلەن ئىيتقاندا : ئابدۇقادىر دامۇللام نازۇكلۇقتا روھقا، ئىرادىسنىڭ، مۇستەھكەملىكىدە تاغقا، ئىلىنىڭ موللۇقىدا دىڭىزغا ئوخشايتى. ئەپسۇسنارلىقى، مىللى ھاياتىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويىنغان ئىجتمائى ئىسلاھاتچى ھىساپلىندىغان ئابۇقادىر دامۇللام ھەقىقدە ھازىرغىچە ئىلان قىلنغان بارلىق چوڭ كىچىك ئەسەردە ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ھايات پائالىيىتى مۈجىمەنلەشتۈرۈۋىتلگەن، دەۋىر ئارقا كۆرنشى تەھىلل قىلنمىغان، ئسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ شەكللىنش باشقۇچلىرى رۇشەن يورۇتىلمىغان. شۇڭا سىستىملىق باغلىنش يوق بوپقالغان. بىر ئىدىيەنىڭ شەكلىنىشى مۇئەييەن ئارقا كۆرىنىش ۋە موئەييەن باشقۇچىنى بىسىپ ئۈتۈشتىن خالى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەن ئىزدىنش، دەللىلەش، مۇھاكىمە قىلش ئارقىلىق ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ پائالىيىتى، ئىدىيەسىنىڭ شەككلىنشىدىكى ئارقا كۆرنۈش ۋە باسقۇچىلارنى سىستىمىلىق بايان قىلشقا تىرشتىم.3 [8 W' K. l1 Z, S
ئابدۇقادىر دامۇللام 1870-يىلى قەشقەر ئاتۇشىنڭ مەشھەدكە تۇتاش باغئرىق كەنىتىدە ئابدۇلۋارىس ئىسملىك دىھقان ئائلسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەشھەد – قارىخانىلار خانلىقىنىڭ ئۇلۇغ خاقانى ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلنغان مەشھۇر جاي. تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەت ئىلگىرى بىلەن ساخاۋەتچى بايلار سولتان ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم بىلەن ئەبۇنەسىر سامانىنىڭ ھۆرمىنى ئۆچۈن قەۋرىگاھ يىنغا مەسچىد ، مەدرسە، خانقالارنى تەمىر قىلغان. ئابدۇقادىر دامۇللام دەسلەپكى مەلۇماتنى مانا مۇشۇ يەردىكى «ھەز(ھەزر ىتى) سولتان مەدىرسەسى» دە ئالغان. يىشى 20لەرگە ئۇلاشقاندا قۇقانغا چىقىپ ئوقۇغان.

$ B0 x5 k, i4 g$ X" y% J
ئەيىنى يىللاردا بۇخارادا ئوقۇش ئەللامە بولۇشىنىڭ يولى ئىدى.چۈنكى، 15-ئەسىردىن كىينىكى بۇخارا ئىسلام دىننى ئىلمى بويىچە نوپۇزلۇق ئالىملار ۋە مەشھۇر مەدرسىلەر توپلانغان جاي ئىدى.شۇڭا، «سەمەرقەند سەيقىلى ئالەم، بۇخارى قۇۋىتى ئىسلام» دەپ ئۇلۇغلانغاندى.
9 T% V# Y8 o; s1 `  ]9 T2 k  N
ئابدۇقادىر دامۇللام ئاتۇش ۋە قۇقاندا ئىگەلىگەن بىلىملىرىگە قانائەت قىلماي، ئىلىمدە قانائەتكە يىتىش ئۆچۈن بۇخاراغا بىرىپ، ئۇ يەردىكى «ئابدۇلئەزىزجان مەدرسەسى» گە ئوقۇشقا كىرىپ، دىنى ئىلىمنىڭ ھەرقايسى بۇيىچە ئەتىراپلىق مەلۇمات ھاسىل قىلپلا قالماستىن، ئەدەبىيات تارىخ، ئىلىمى مەنتىق، ھىساپ ۋە ئەرەب، پارىس تىللىرىنى پۇختا ئىگەلىگەن. ئۇ، بۇخارادا مەۋلانە ئابدۇررەززاقىي، بۇخارا مۇپتىسى ئىۋەز خوجەندىي، قۇقاننىڭ شەيخۇلىئسلامى دامۇللا ئۇلۇغخان تۆرەملەردىن دەرس ئالغان. ئابدۇقادىر دامۇللام 1907-1909 –يىللاردا بۇ ئوستازلىرىنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەلىرىدە ئۇلارنى يۈكسەك ھۆرمەت ۋە قايىللىق ھىسىياتى بىلەن مەدھىيەلىگەن، بۇخارا شەھىرى ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىم –تەربىيەۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەنىدى. مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى باھاۋدىن نەقشىبەندىي بەرپا قىلغان نەقشىبەندىيە ئېقىمىنىڭمۇ مەركىزى ئىدى.. شۇڭا ئىسلام دۇنياسىدا «بۇخارى شەرىف» دەپ ئۇلۇغلىناتتى، بۇ تارىخى ۋە ئىجتىمائى جەريانىدا بۇخارادا مەدرسە مۇدەررىسلىرى بىلەن دىنى ئۆلىمالار يىتەكچىلىكدىكى كۈچلۈك بىر قەدىميىچىلىك ئەقىدىسىنى شەكىللەندۇرگەندى. بولۇپمۇ بۇخارى ئەمىرى ئابدۇللاخان زامانىدا شەيىخۇل ئۆلىمالىققا تەكلىپ قىلنغان مىرزاجان شىرزاىي دۇنياۋى پەنلەرنى ئوقۇتۇشىنى چەكلەش جەھەتتە سەلىبى ئۈلگە تىكلىگەن. مۇتەئەسىپ خاراكتىرىگە ئىگە بۇ ناچار ئۈلگە ئۈچ ئەسىر جەريانىدا كەڭ ئومۇملاشقان. شۇڭا قىرىم ۋە ئۇرال-ئېدىل بويلرىدىكى تاتارلار ئارسىدا تېز ئۇلغىيىپ جەدتىچىلىك پىكىر ئېقىمى بۇخارادا كۈچلۈك قارشلىققا ئۇچرىغان، بۇ مەتەئەسىپ قەدىمىيچىلەر جەدىتچلىكىنى ئىسلامغا قارشى بىر ھەرىكەت شەكىلىدە كۆرەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇخارادىكى ئىسلام مائارىپى كىينكى ھاغلاردا كۆپنچە مىڭىنى چىرتىدىغان بىلملەرنى ئۆگىتدىغان قالاق مائارىپ بوپقالغان. بۇخارا مەدرىسلىرى ئىلغارلىق ۋە تەرەققىياتىنى جان –جەھلى بىلەن چەتكە قاقىدىغان ئىديەنى تارقىتىش بىلەن تونۇلغان. ئابدۇقادىر مۇنداق قالاق مائارىپىنىڭ زىيانلىق تەسىرىدىن قانداق قۇتۇلغانلىقىنى 1916-يىلى ‹‹شۇرا» ژۇرنىلىغا يازغان «ئەدەبىي بىر مۇساھىبە» دىگەن ماقالىسىدە مۇنداق باياب قىلغان :«ساپ ۋىجدانىمىنىڭ ۋە بەزى ھەقەقەتچى زاتلارنىڭ، سۆز-سۆھبىتى ھەم يول كۆرستىشلرى بۇخارادا ئىلىم تەھسىل قىلش جەريانىدا ھاسىل بولغان خۇراپاتلىق ۋە گۇمانخۇرلۇق زۇلۇمدىن، شۇنداقلا مەنتىق، كالام، پەلسەپە كىتاپلىرىنىڭ شەرھ – ھاشىيەلىرى، قاتمۇقات ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپسەتلىرىدىن ھاسىل بولغان خۇراپات زەنجىر- كىشەنلىرىدىن ئەقىل-پىكرىمىنى ئازاد قىلدى.»
/ ]9 h/ `- \0 Y
ئابدۇقادىر دامۇللام بىلەن سۆھبەت قۇرغان ھەم ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەن «ھەقىقەتچى زاتلار» كىم بولۇشى مۇمكىن ؟ بۇ ھەقىقەتچى زاتلار ھەقىقدە ئابدۇقادىر دامۇللام ئىنىق قىلىپ مۇنداق يازغان : «بۇخارادا ھاشىيە خانلىقتىن زەھەرلەنگەن ئەقىل ۋە پىكىرىمىنىڭ شىپا تاپماقلىقىغا يەنە بىر سەۋەب : بۈيۈك ئالىملاردىن ئىبىنى تەيىميە، ئىبىنى قەيىم جەۋزىي، جامالدىن ئافغانى ۋە شەيخ مۇھەممەت ئابدۇ ھەزرەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى موتالىئە –مولاھىزە قىلماق ۋە ھازىرقى زاماندىكى ‹تەرجىمان › ‹ۋاقىت›، ‹شۇرا› كەبى پايدىلىق گىزىت ۋە ژۇرنال مەسلەكلىرىگە ئەگشمە بولىدى» بۇ نىڭدىن كۆرۋىلشقا بولىدۇكى، ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ ئىسلاھات ئېڭى ۋە جەدىتىلىك ئىدىيەسى بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ قايىتىپ كەلگەندىن كىيىن شەكللىنشكە باشلىغان.
9 `4 K; V+ ?# ~, \' Rئابدۇقادىر دامۇللام بۇخارادىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ 20-ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا قەشقەرگە قايىتىپ كەلگەن، تۇنجى نىكاھى كۆڭلدىكىدەك بولماي، ئىككىنجى قىتىم نائىلە ئىسىملىك قىزىنى ئەمرىگە ئالغان. 1902-يىلى ئاۋغۇستىكى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن كىيىن بىر يىل ئۆتكەندە ، يەنى 1903-يىلى 33يىشدا تۇنجى پەرزەنتى ئابدۇلئەزىزى مەخسۇم دۇنياغا كەلگەن، ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇشىنى يىڭىدىن تۈگىتىپ كەلگەن ياش دامۇللام بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەردىكى ئومۇمى ئىقىم ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ، بىخ ھالىتىدىكى يىڭى قاراشلرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەسىر پەيدا قىلشقا پىتىنالمىغان. چۈنكى «ياۋرۇپا ئەللىرىدە مائارىپ-مەرىپەتچلىك ئىشلىرى تازا يۈكسىلۋاتقان شارئىتتا، ئۇغۇر جەمىئىيتىدە بۇنىڭ دەل ئەكسىچە جاھالەت، يەنى ئاڭ، بىلىم، پىكىرىدە قاراڭغۇلۇق ھۆكۈم سۈرۋاتاتتى.» ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە بىر مەزگىل مۇدرسىلىك قىلغاندىن كىيىن، ھەج پەرزىنى ئادا قىلغاچ چەتئەللەردىكى ئىسلاھات ئەھۋالىنى بىلىپ كىلش مەقسىتدە 1906-يىلى مەككىگە بارغان، ھەجىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئىستانبۇلدا ئىككى ئاي تۇرۇپ مىسىرغا بارغان. ئۆزىنىڭ يېزشىچە، مىسىردا تاتار تالىبلارنىڭ ياردىمىدە داڭلىق يىڭلىقپەرۋەر مۇتەپەككۇر شەيىخ رەشىد رىزا، «ئەللىۋا» ژۇرنىلنىڭ باشلىقى مۇستاپا كامىل، تەھزىرىيە مەدرسىنىڭ مۇدىرى سەيپىدىن مۇھەممەد ئەپەندى قاتارلىق زاتلار بىلەن پىكىرلەشكەن، ئىسلاھات رۇھىغا باي ئەدىب – ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ. ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ، مىسىردا ئىككى ئاي تۇرۇپ، ئاندىن ۋەتنىگە قايىتقان. ئۇ بۇقىتىم غەيرەت قىلىپ قەشقەر ئاھالىسىنى تەرەققىيات ۋە جەدىتچىلىك ئىسلاھاتىغا دالالەت قىلشقا كىرشكەن. ئۇنىڭ ياشلارغا خاس قىزغىن ھېسىيات بىلەن قىلغان بۇ دالالەتلرى خۇراپاتلىق نادانلىق، قاششاقلىق ۋە ئۇچىغا چىققان مۇتەئەسپىكلىنىڭ قاتمۇ-قات چاڭ تۇزانلرىغا كۆمۈلۈپ قالغان قەشقەر دىيارىدا ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن،

' S1 e1 w3 K' M
مۇتەئەسىپ ئۆلىمالار ئۇنىڭغا بىردەك ئۆكتە قۇپقان. ئىككى ئوتتۇرىدكى تۈپ زىدىيەت مەدرسە –مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مېتودى – ساۋاق ئۇسۇلى ۋە ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاش، يىڭلماسلىق مەسىلسىگە مەركەزلەشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ ئەھىميىتنى تونۇپ يەتكەن ئىلغار زات ئىدى. ئۇ، مەشھۇر تاتار جەدىتچلىرىنىڭ ئىدىيە-تەشەببۇلرىدىن خەۋەردار ئىدى. كونىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال بولغاچقا جەدىتچىلەر قەتئى ئىسلاھات قىلشىنى تەلەپ قىلاتتى. داڭلىق تاتار جەدىتچى ئالىم رىزائىدىن ئىبىنى فەخىردىن (1858-1937) ‹‹ساۋاق (دەرس) ئۇسۇلىغا رىئايە ) دېگەن ماقالىسىدە كەسكىن قىلىپ «ساۋاق ئۇسۇلى ۋە تەربىيە قائىدىسى بۈيۈك ۋە شۇ نىسبەتتە مۇبارەك بىر پەن. ساۋاق ئۇسۇلىغا رىئايە ئەتىمىگەن مۇئەللىم ئۆز ئىتىبارسىزلىقى سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ زېھنىلىرىنى ئەزىمەكتىن ئۆزگە بىر پايدا كەلتۈرمەس. بالىلار مۇنداق مۇئەللملەرگە بەرگەندىن كۆرە، ئۆزلىرىنىڭ تەبىئى ھاللىرىغا قالدۇرىغان ياخشىدۇر. ھازىر تەلىم رەۋشلىرى ( ئۇسۇللىرى، شەكللىرى) نى ئۆزگەرتىپ يىڭلاشقا زامان بىزلەرنى تەقەززار قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇزاق ئۇقۇتۇش مەزمۇننى يىڭلاشنىڭ زۆزۈرلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىگەن : «رۇس ۋە پەرەڭلەر ( ياۋروپالىقلار) دە بولغان ئاجايىپ ئىختىرالارنىڭ بارچىسى پايىدلىق ئىلملەر تەلىم ئىتىلمەك سەۋەبىدن مەيدانغا كەلگەندۇر. ئۈستمىزدىكى كۆڭلەكلىرىمىز ، ئاستىمىزدىكى كۆرپىلىرىمىز، چانايۇ –ھارۋىلىرىمىز ھەتتاكى ساياھۇ- قەغەزلىرىمىز، قىسقىسى، يالىڭاچ تىنىمىزىدىن باشقا نېمىمزى بار بولسا، بارچىسى شۇلار قولىدىن ئىشلىنىپ چىققانلىقى، ئۇلاردا تەربىيە دۇرۇس بۇلۇپ، بىزلەردە دۇرۇس بولمىغىنى ئۆچۈندۇر. لىكىن بىزلەر قاچانغىچە ئەل- ۋەتەنىڭ رۇناق تىپىشى ئۆچۈن زەرىچە پايدا كەلتۈرمىگەن كىتاپلاردىن ساۋاق بەرمەك بىلەن بالىلارنىڭ زىھنىلرىنى زەھەرلەپ، ئىستقباللىرىنى بەربات ئىيتۇرىمىز ؟! »
! H- m0 E  R% u% S) x/ R
ئەمما قەشقەر ئۆلىمالىرى ئىسلاھات دىگەن ئاتالغۇغا بۇخارا مەدرسىلرىگە ئوخشاشلا سۇغۇق قارىغاچقا ئابدۇقادىر دامۇللامىنى قاتتىق چەتكە قىقىپ يىتىم قالدۇرغان نەتىجىدە ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەردە تۇرالماي، 1909-يىلى يەنە قۇقان، تاشكەنت، بۇخارا تەرەپلەرگە يول ئالغان.

' [% |4 u$ x9 H9 X) \
ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىگە بارغاندىن كىيىن بۇ جايلاردىكى يىپيىڭى جاللىنىش مەنزىرسىنى كۆرگەن قىرىملىق مۇتەپەككۇر ئىسمائىل غاسپرالى قۇزغىغان جەدىتلىك ھەركىتى بۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلنۋاتاتتى جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ سانى تېز سۆرئەتكە كۆپىيۋاتاتتى «تەرەققى›،، «خۇرشىد» دىگەن گېزىتلەر نەشىر قىلنۋاتاتتى. مۇنەۋەر قارى ئابدۇ رەشىدخان ، ئابدۇللا ئەۋلانى، مەھمۇد خۇجا بەھبۇدى قاتارلىق جەدىچىلەر سەپىنىڭ ئالدىدا رۇل ئويناۋاتاتتى. ئابدۇرەئوف فتىرەت باشچىلىقدىكى جەدتچىلەر بۇخارى ئەمىرلىكى تەۋەسىدە بۇخارى ئەمىرىنىڭ تۇسقۇنلىقى ۋە بىسملىرىغا قارىماي ئوقۇتۇش ساھەسىگە ئوخشاش، سىياسى ساھەلىرىدىمۇ ئىسلاھات ۋە ئۇيغىنىش ۋەزىيىتىنى يارتىشقا تىرشماقتا ئىدى. قازان، ئورىنىۇرگ، ئوفا قاتارلىق شەھەرلەردىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى بۇ مەزگىلىدە ئاللىبۇرۇن دەۋىرىنى يىتەكلەيدىغان ئالاھىدە تەسىرىگە ئىگە زىياللار قۇشۇنى بۇلۇو شەكللىنىپ بولغان ئىدى. ئۇلار ئالى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، گىزىت- ژۇرناللارنى چىقىرىپ، كىتاپلارنى نەشىر قىلىپ جەدىتىلىك يۇقىرى دۇلقۇنغا كۆتۈرۈپ بولغان ئىدى. ئەھمەد ھادى مەقسۇدى، رىزائىدىن ئىبىنى فەخردىن، يۈسۈف ئاقچۇرا، موسا جارۇللا، ھەسەن سەبىرى، قاتارلىقلار داھى سۈپەت جەدىتچىلەرگە ئايلانغان ئىدى. بەختىكە يارىشا، ئابدۇقادىر دامۇللام بۇخاراغا بارغان مەزگىلىدە بۇخارى ئۆلىماللىرى ئىدىيەدە مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزگىرىش ياسىغان بولۇپ، ئىلگىرى «ئۇسۇلى جەدىت ھارام، ئۇنى ئۇقۇغۇچى دەھرى» دىگەن پەتىۋا ئورنىغا «ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىب، ئۇنى ئوقۇش زۆزۈر» دېگەن پەتىۋانى مەيدانغا چىقارغان ئىدى. بۇخارا تاجىكلىرى ئارىسىدن چىققان جەدىتچى ئەدىب سەدردىن ئەينىنىڭ يېزىشچە، ئىسمائىل غاسپىرالى 1908-يىلى بۇخارا ئەمىرلىكىگە زىيارەتكەن كەلگەندە جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش مەسلىسنى موزاكىرە قىلش ئۆچۈن ئۆلىمالارنى چاقىرىغان. مۇزاكىرىدە مۇللا نىزامى دىگەن كىشى بۇخارا ئەمرى ئابدۇلئەھەتتىن مەكتەپ ئىچشقا مەخسۇس ئورۇن كۆرسىتىپ بىرشىنى ئىلتىماس قىلغان. مۇزاكىرىگە قاتناشقانلار مەكتەپنىڭ ئىسمىنى «ئىسمائىلىيە» قۇيۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئىسمائىل غاسپىرالى بۇنى مۇۋاپىق كۆرمەي، بۇخارا ئەمىرنىڭ دادسى مۇزەففەرىددىننىڭ ئىسمى بۇيىچە «مۇزەففەرىيە» قۇيۇش تەكلىپىنى بەرگەن مانا بۇنڭدىن جەدىتچە مەكتەپ ئىچىش بۇخارا ئەمىرلىكى تەۋەسىدە ئۆلىمالار ۋە ئەمىزنىڭمۇ ئىدىيەسىدىن ئۆتۈپ، ئومۇمى قىزغىنلققىا ئايلانغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.
) E, X0 V3 E+ \) ?
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ شەھەرلەردە جەدىتلىك ھەرىكتنىڭ بۇنداق تېز جانلىنشىغا 1905-يىلىدىن 1908-يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە تۆت يىل ئىچىدە چاررۇسىيە، ئىران ھىندىستان ۋە ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىدە يۈز بەرگەن ئىنقلابلار سەۋەب بولغان ئىدى.
. R( P6 g0 y3 J0 D
1904-يىلى پارتىلغان چاررۇسىيە بىلەن پاپۇنىيە ئوتتۇرسدىكى ئۇرۇشتا رۇسىيە مەغلۇپ بۇلۇپ، خەلىقئارادا ئىغىر ئاھانەتكە قالغان. شۇ سەۋەبتىن چار پادىشاھىنىڭ مۇستەبىتلكىدىن نارازى بۇلۇپ كىلۋاتقان پىتىربۇرىگە ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدىكى زىياللىلار ۋە ئىشچىلار 1905-يىلى ئىنقلاب قۇزغىغان. بۇ قىتمىقى ئىنقىلاب ئارقىلىق چار پاھىشاھ نىكۇلاي (2) شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ‹‹ئۆكتەبىر باياناتى» نى ئېلان قىلىپ دۇما تۈزۈمى، سۆز ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى، ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۈچ يىلچە داۋام قىلغان بۇ خىل دىمۇكىراتىك سىياسى مۇھىت رۇسىيەنىڭ زۇلىمىنى چىكىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلىقلەرنىڭ مىللى ۋە سىياسى ئىڭنىڭ شەكلللىنشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. نەتىجىدە، ھەرخىل ئىجتىمائى، سىياسى تەشكىلات بارلىققا كەلگەن. رۇسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىردە شۇ يىلى پىرىسيە، يەنى بۈگۈنكى ئىراندا بۇرژۇئا ئىنقىلابى قۇزغالغان. تېھىران خەلىقى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ ساتقىن باش ۋەزىرنى ۋەزىپسدىن قالدۇرۇشىنى، ،ئسلاھات ئىلىپ بىرشىنى تەلەپ قىلغان. خەلىقىنىڭ بىسىمى ئاستىدا پىرىسىيە پادىشاھى 1906-يىلى ئىيۇلدا خەلىقىنىڭ ئىشەنچسىدىن قالغان باش ۋەزىرنى ۋەزىپسىدىن قالدۇرىغان ھەم مىللى پارلامېنىت تەسس قىلشقا قۇشۇلغان. 1906-يىل 7-ئۆكتەبىردە پىرىسيەنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك بۇرژۇئازىيە قانۇننى ماقۇللانغان. ئۇنىڭدا پىرسىيە پادىشاھلىق ئاساسى قانۇنلۇق دۆلەت، پارلامېنىت ئەڭ ئالى ھۇقۇقلۇق ئورگان، پۇقرالارنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، مەتبۇئات، سۆز ئەركىنلىكتىن ۋە مائارىپتىن بەھىرىمان بولۇش ھۇقۇقىغا ئىگە، خۇسۇسى مۈلۈك دەخلىسىز ؛ ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىسلامىيەت دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئىسلاھاتتىن بۇرژۇئازىيە سىنىپى شەكللىنىپ بولغان مىللەت ۋە رايۇنلار كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇزاقتىن بىرى بىرىتانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دەردىنى تارتىپ كىلۋاتقان ھىندىستاندا گەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە 1905-يىلى مىللەتچى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان ئاپتۇنۇمىيە ئىتپاقى»قۇرۇلغان . 1906 –يىلى دىنى سىياسى تەشكىلات ‹‹ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتپاقى قۇرۇلغان»، ئاغاخان رەئىسلىككە سايلانغان، ھىندىستاندىكى بۇ ئىنقىلابى تەشكىلاتلار تۈرلۈك يول بىلەن بىرىتانىيە مۇستەنلىكچىلىرىگە قارشى ھەىكەتلەرنى قانات يايدۇرغان. بۇ، تەبىئى ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىجتىمائى ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرىشغا قىزغىن ئىلھام بەرگەن. 1908-يىلى لىڭىشىپ قالغان ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ مەركىزى ئىستانبۇلدا «بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيتىنى» قۇزغىغان. ‹‹مۇستەبىت سولتان» دەپ نام ئالغان ئابدۇلھەمىد پارلامېىت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىنقىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى خەلىقلەر ئىچىدىكى ئىلغار كۈچلەرنىڭ قەلبىنى زەرەتلىگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىى غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە 1905-يىلدىن 1910-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىسلاھات ئۆزگىرشلىرىدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالغان.

! |+ Y& H6 Y) |+ i) p3 s% T5 K
ئابدۇقادىر دامۇللام قوقان، تاشكەنت، ۋە بۇخارادا بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلاھاتچىلرىنىڭ جەدىتچلىرىنىڭ ئىسلاھات تەجىربىلرى، جەدىتلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن يىقىندا تونۇشقاچ ‹‹جاۋاھىرۇل –ئىيقان»، «مىفتاھۇل- ئەدەب» («ئەدەبىيات ئاچقۇچى») نامىلىق كىتابلرىنى پۈتكۈزگەن، «مىفتاھۇل – ئەدەب» 1910-يىلى سىراجىدىن مەخدۇمىنىڭ كۆچۈرگەن قوليازمىسىغا ئاساسەن تاشكەنتىكى «غۇلامىيە» مەتبەسىدە بىسىلغان. شۇ جەريانىدا ئابدۇقادىر دامۇللام يەنە تاشكەنتىلىك موراد خوجا پارىسچىدىن تەرجىمە قىلغان «تۈركى گۈلىستان» ناملىق كىتابقا تەكلىپ بىلەن شېئىرىي تەقرىز يازغان. ئابدۇقادىر دامۇللام پىكىرى ئۆتكۈر، بىلىمى مول، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۈستۈن، ئارزۇسى كۈچلۈك كىشى بولۇش سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت شەكىللەندۇرگەن. ئۆزىنىڭ ئىسلاھات نىيىتى، جەدىتچە مەكتەپلەرنى ئىچىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۆچۈن «بىدايەتۇس-سەرپ»، «بىدايەتۇن –نەھۋى»، «تەسھىلۇل –ھېساب» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ قەشقەرلىك تەرەققىپەرۋەر سودىگەرلەر نوززرادە ھاجى مۇھەممەد ئەلى، ئابدۇرېمئاخۇن، مەھمۇد ئاخۇنلارنىڭ ئىقسادى ياردىمى بىلەن قازان شەھىرىدىكى «مىللەت» مەتبەسىگە بېسىپ بىرىش ھەم قەشقەرگە ئەۋەتىپ بېرشىكە تاپشۇرۇپ بىرشىكە تاپشۇرۇپ بەرگەن، ئۇ تاشكەنىتىكى مەزگىلىدە تۈزگەن «مىفتاھۇل- ئەدەب» نامىلق كىتابىنىڭ مۇقەددىمسىدە سەمىمىيلىك بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدىكى تۈركى خەلىقلەرنىڭ ئىقتىدارلىق كىشلىرىگە «ئىلگىرى ياخشى ئالىملارنىڭ يولىدا مېڭىپ، مەنپەئەتلىك ئالىم ۋە ئالى مائارىپىنى قولغا كەلتۇرۇشكە ترىشقايلا» دەپ مۇراجىئەت قىلغان. بۇ پاكىتلاردىن بىز ئابدۇقادىر دامۇللانىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىرىدىكى ئابرۇيلۇق ئۆلىمالار ۋە جەدىتچىلەردىن بىرى بولۇپ قالغانلىقىدىن ھىس قىلالايمىز. دېمەك ئۇ ئانا ۋەتنىدە تاپالمىغان ئابرۇي ئىناۋەتنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلرىدە تاپقان. ئەمما، ئۇنىڭ تۈپ غايسى ئانا ۋەتىندىكى جاھالىيەت تۈتۈكلىرى ئىچدە تىمسىقلاپ يۈرگەن مەزلۇم قىرىنداشلىرىنى ئادەمدەك ئاڭ ۋە ئارزۇ بىلەن ياشاش يولىغا باشلاش ئىدى. ئابرۇي –ئىناۋىتى ئېشىپ، ئىشەنچىسى كۈچىيىپ، غايسى پىشىپ يىتىلگەن ئابدۇقادىر دامۇللام تەرەققىيات ۋە يىڭىچە مائارىپىنى يولغا قۇيۇش جەھەتتە شىنجاڭ بۇيىچە ئالدىدا كىتىۋاتقان شەھەر – غۇلجىغا 1911-يىلى ئالما-ئاتا ئارقىلىق كەلگەن. بۇ يىللاردا غۇلجىدا ئاكا –ئۇكا مۇسابايېفلار ۋە غۇلجا تەۋەسىگە يىڭىدىن كەلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ئاچقان يىڭچە مەكتەپلەر دەسلەپكى قەدەمدە شەكللەنگەنىدى. ئابدۇقادىر دامۇللام غۇلجىغا ئىلغارلىققا داڭلىق ئۆلىما ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەم بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭغا جەدىتچىلىكىنى تەشۋىق قىلغان. «ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ دىن بىلەن پەننى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇتۇشقا بىرقىسىم دۇنياۋى پەننى كىرگۈزۈش، ئۇسۇلى جەدىتنى يولغا قويۇش تەشەببۇسلرىنى ئابدۇمۇ تائالى خەلىپەمىنىڭ ئىشەنچىسنى تىخمۇ ئاشۇرغان. نادانلىق ۋە جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ، خەلىقىنى ئۇيغۇتىش پائالىيەتلرىنى تىخمۇ كۈچەيىتكەن.»
1 k4 n+ M$ A6 I" l
ئابدۇقادىر دامۇللام بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم شەھەرلەردە ئىلىم زىيارىتىدە بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاتار مەرىپەتچىلىرى يولغا قويغان يىڭىچە ئوقۇتۇش مېتۇدى -‹‹ئۇسۇلى جەدىتى» (ئۇسۇلى سەۋتىيە )نىڭ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى -«ئۇسۇلى قەدىمىي ) دىن كۆپ ئىلغار ھەم ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. بۇ قىتىم ئۇنىڭ جەدىتچىلىك ئىدىيەسى ھەقىقى مەنىدە شەكىللىنىپ، بۇ خىل يىڭى ئىسلاھاتنى قەشقەردە ئىككىلەنمەسىتىن يولغا قويۇگش ئىرادىسىگە كەلگەن ھەم 1912-يىلى قەشقەردە ئۆزى باش بولۇپ جەدىتچە مەكتەپ ئاچقان.
, V$ k8 A7 c- O- \* |  S  o
قەشقەر گەرچە تارىختا ئىلىم –مەرىپەت سۈپىتىدە دۇنياغا شۆھرەتلەنگەن مەشھۇر شەھەر بولسىمۇ، كىيىكى كۈنلەرگە كەلگەندە گويا كۆز تەگكەندە، جاھالەتتە قالغان شەھەرلەر قاتارىدا سانىلىدىغان بولۇپ قالغان، تاتار زىيالى نۇشېرۋان يائوشىفنىڭ سۆزى بويىچە ئىيتقاندا، «تارىختا ئىلىم –مەرىپەت نۇرى بىلەن يەر-كۆك ئارىسىنى نۇرغا چۆمۈلدۇرگەن» بۇ شەھەر شۇ يىللاردا «مەدەنىيەت قۇياشىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ھالەتتە جانسىز ۋە ھەرىكەتسىز» ئۆلۈك شەھەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى، قەشقەر مەدرسە مائارىپى خېلىلا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن تەلىم –تەربىيە ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. سەۋەبى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قاتمال، ئوقۇتۇش مەزمۇنى چولتا ئىدى. بۇنداق مەدرسە مائارىپنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشۋاتقان رىئال ئىجتىمائي كىرىزىسىنى ھەل قىلشقا نۆۋەتتىكى مىللى ئىچتىاجىنى قاندۇرۇشقا ماجالى يەتمەيىتى. ئوقۇتۇشقا سەرىپ قىلدىغان ۋاقىت زىيادە كۆپ ئىدى. نۇرىدىن ئابدۇراھمان جامىينىڭ ئەرەب تىلى نەۋھىگە ئائىت «كافىيە» نىڭ ئىزاھى بولغان «شەرھى موللا» كىتابىنى ئوقۇش ئۆچۈنلا بەش يىل ۋاقىت كىتەتتى. «مۇقەددىماتى مەنتەقىيە»، «مەۋھۇمە يۇنانىيە» دەرسىلرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى. ‹‹سەرب»، «مۆئزىي» «زەنجانىي»، «ئاۋامىل» قاتارلىق گىرامماتىكا كىتابلرىنى بەش-ئالتە يىللاپ ئوقۇتاتتى. دەرسىلەرنىڭ ئىچىدە ساپ ئەقىدىگە ياتىدىغان بىلىملەرگە سەل قارىلىپ، تەسەۋۋۇپ نامايەندىلىرنىڭ كىتابلىرى كۈچەپ ئوقۇتۇلاتتى.

7 R/ h4 C9 ~# H  [! ?
شۇڭا قەشقەردە «گەپنى ھە دېسىلا ھاپىز بىلەن مەۋلىۋى جامىينىڭ ئەسەرلىرىدىن باشلايدىغان، ھەرخىل لەتىپە ۋە ئەبۇ مۇسلىم قاتارلىقلارنىڭ جەڭ قىسىسەلىرىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مەلۇماتى مول بىلىملىك ئادەم» سانىلاتتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئابدۇقادىر دامۇللام ئوتتۇرا ئاسىيا جەدىتچىلىرىگە ئوخشاش ئىشنى ئالدى بىلەن جەدىتچە مەكتەپ ئېچىپ، مەدرسە مائارىپىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ۋە مەزمۇنى جەھەتتن تەڭ ئىسلاھ قىلشىنى باشلىغان. كەلگۈسىدە ئۆزىگە قول –قانات بولۇشقا يارايدۇ دەپ قارىغان زېھىنى ئوچۇق ياش تالىبلارنى ۋە بىر قىسىم شاگىرتىنى تۈرلۈك ئامال بىلەن چەت ئەللەردىكى ئىسلاھات ئىدىيەسى بۇيىچە ئوقۇتۇلىدىغان جايلارغا ئوقۇشقا چىقارغان. ئوقۇشقا چىقىرىلغان بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتىنى 1911-يىلى ئىستانبۇلدا ئابدۇرەئوف فىتىرەت، ئوسمان خۇجا، ئابدۇلئەزىزى غۇلجائىي، مۇقىمىدىن بەگجانىي ۋە سادىق ئاشۇر ئوغىلى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت تەرىپدىن قۇرۇلغان «بۇخارا مەرىپەت جەمىئىيتى» ئۈستىگە ئالغان.' g: l# g1 q( I+ B5 @% \
ياپونيىلىك تەتقىقاتچى ئويىشى شىنيىچىرو «قەشقەردىكى يىڭلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى» نامىلق ماقالىسىدە «دانا ئىسلاھاتچى، ئۆلىما ئابدۇقادىر دامۇللام 1912-يىلى قەشقەر شەھىرىدە يىڭچە مەكتەپ ئاچقان، ئابدۇقادىر دامۇللام قەشقەر قاتارلىق تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋادىسى ئەتىراپىدىكى جايلاردا مۇسۇلمانلارنى يېڭىچە مائارىپتا تەربىيلەش ئۆچۈن ئوقۇتقۇچى تەكىلىب قىلش بىلەن بىرگە، ھەر يىلى ئىستانبۇل، قازان، ئوفا، ئورىنبۇرگ قاتارلىق ئىلغار مۇسۇلمان يۇرتلىرىغا 10-15تىن ئوقۇغۇچى چىقىرىپ تۇرغان» دەپ يازغان.
' f4 u, K+ M$ }4 ^ئابدۇقادىر دامۇللامىنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيەسىنىڭ روشەن ھالدا كۈچىيىپ، پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىنىپ، مۇنەۋەر بىر جەدىتچىگە ئايلىنشىدا قىرىم، قازان، ئوفا، ئورىنبۇرگدىكى تاتار زىيالىلارنىڭ جەدىتلىك پائالىيەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ تاشكەنت، سەمەرقەنتكى ئۆزىگە ئوخشاش ئاڭ ۋە ئارزۇدىكى ياش-ئۆلىمالارنىڭ مەرىپەتچلىك ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
* }+ Q- W- E& J# W
ئىسمائىل غاسپرالىنىڭ «تىلىدا، دىلىدا، ئىشتا بىرىلىك» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شۇئارى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللى ئۇيغۇنىش ھەرىكەتلرىنىڭ بارلىققا كىلشى، جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ تەسس قىلنشغا تۈرتكە بولغان، ھەرقايسى تۈركى تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئويغانغان زىياليلىرى ئۆزىنىڭ مىللى غايلرىنى تۇرغۇزۇپ، زامانۋىلىشش، ئىلغارلىق، تەرەققىيات، گۈللىنش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنشكە كىرشكەن. موتەئەسىپىلىك بىلەن ئىلغارلىق خراپاتچىلىك بىلەن مەرىپەتچىلىك، تەركىدۇنياچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتچىلىك ئوتتۇرسىدىكى بۇ كۈرەش ناھايىتى كەسكىن ھەم مۈشكۈل بولغان. بۇ جەرياندا مىللى غايىلرى پىشىپ يىتىلگەن تاتار مەرىپەتچىلىرى ناھايتى مۇھىم رول ئويىنغان.

بۇلبۇل ناۋاسى - ئۇيغۇر موقامى

0

تېما

11

يازما

11

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129278
يازما سانى:
11
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
13
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
0 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-31
ئاخىرقى:
2015-10-31
ۋاقتى: 2015-12-7 00:06:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ نىيەتلىرىگە لايىق ئ‍ەجىر بەرسۇن ،

0

تېما

1

يازما

1

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131755
يازما سانى:
1
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
11
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
3 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-12-7
ئاخىرقى:
2016-1-12
ۋاقتى: 2015-12-7 01:49:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Yahxi

2

تېما

203

يازما

205

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131281
يازما سانى:
203
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
433
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
219 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-30
ئاخىرقى:
2016-1-18
ۋاقتى: 2015-12-7 04:33:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك دۇردانىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت .

32

تېما

292

يازما

324

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 119911
يازما سانى:
292
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
948
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
254 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-5-25
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2015-12-7 04:33:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام بىلەن ئىلىم-پەننىڭ بىر-بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى تەكىتلەشكە جۈرئەت قىلغان ئۇلۇغ ئالىم...

بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ناھايىتىمۇ قاتتىت يامغۇر ياغدى!كەيپىيات نۆل!

1

تېما

701

يازما

702

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 72586
يازما سانى:
701
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
5683
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
618 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-5
ئاخىرقى:
2016-3-27
ۋاقتى: 2015-12-7 09:45:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئەكەپسىز. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

5

تېما

2971

يازما

2976

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82336
يازما سانى:
2971
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8485
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2376 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-1
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2015-12-7 10:47:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادلار ئۈگۈتلىرى ھەققەتەنمۇ ياخشى ..  ئەپسۇس  ھازىر  مائارىپ  ئارلاش ،ئەبجەش  مائارىپ بولۇپ قالدى...   ئاتا-ئانا مىھرى  ، ئۈگۈتلرى  بارغانسىرى  باللاردىن يىراقلىشۋاتىدۇ...        
- o7 {( V: r, @  V& g0 k; y$ b
. |  t$ l7 Y' V1 W- Y   كۆزلەر تىكىلمەكتە، سۈكۈت ئىچىدە كۈتمەكتە.....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-2 03:55 AM, Processed in 0.190437 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش