Android ۋە iOS سىستېمىلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇرچە ئىسىم ئەپلىرى بار بولۇپ، ئەمما WP سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەردە يوق بولۇشتەك كىچىككىنە بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئەپنى ئىشلەپ چىقتۇق، ئوماق پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ئىسىم تاللاشتا ئاز-تولا ياردىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1. ھەقسىز ھەم ئېلان قىستۇرۇلمىغان.
2. ئىنتېرنېت زىيارەت قىلمايدۇ شۇڭىلاشقا ھېچقانداق ئېقىم مىقدارىڭىز سەرپ بولمايدۇ.
3. بۇ ئەپ Windows 10 سىستېمىلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ۋە كومپيۇتېرلاردا ئورتاق ئىشلەيدۇ.
4. 12922 تال ئىسىم بار بولۇپ، ھەربىر ئىسىمنىڭ مەنىسى بېرىلگەن.
5. ئىسىملارنى تۈرى بويىچە، باش ھەرپ بويىچە سۈزۈپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ ھەمدە ھالقىلىق سۆز ئارقىلىق ئىسىم ئىزدىگىلى بولىدۇ.
6. ياقتۇرغان ئىسىملىرىڭىزنى ساقلىۋالالايسىز.
ئەپ كەسمە رەسىملىرى(كومپيۇتېر):
ئەپ كەسمە رەسىملىرى(يانفون):
بۇ ئەپنى Microsoft ئەپ دۇكىنىدىن "isimlar" ياكى "ئىسىملار" دېگەن ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ چۈشۈرۈۋالسىڭىزمۇ ياكى تۆۋەندىكى ئادرېسنى زىيارەت قىلىپ چۈشۈرۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://www.microsoft.com/store/apps/9NBLGGH6J591
بۇ "ئىسىم" ئەپنىڭ تۇنجى نەشرى بولۇپ، بىر قىسىم كەمچىلىكلەردىن خالىي ئەمەس، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بۇ ئەپنى ئىشلىتىش جەرىيانىدا بايقىغان مەسىلىلەر ۋە ئەپ توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلىرى بولسا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.