مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10027|ئىنكاس: 3

ئەپچىلەم: خوندا ھەققىدە ھېكايە(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

19

يازما

27

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 130349
يازما سانى:
19
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
114
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
71 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-15
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-12-10 19:08:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۆزلەشتۈرگۈچى: Astana     تەھرىر: ياپراق
بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئارقىسىدا ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىقلار بار ئىدى. چوڭ يەر تەۋرەشتىن كىيىنكى  بەش يىلدا شوكاي سەنئىتى دۇكىنى توكيودىكى تونۇلغان ماشىنا رېمونت ئورنىغا ئايلاندى، كىيىن، يۇزو ساكاكىبىرا ئۆلكىدىكى بىر قانچە جايدا تارماق دۇكىنى ئىچىش بىلەن تىجارەتنى كېڭەيتتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرنى سويچىرو ھاماماتسۇ بازىرىدا 21 يىل ئىلىپ ماڭالىدى. توكيودىكى ئېچىنىشلىق ئاشۇ يەر تەۋرەشتىن كىيىن، خوندا ماشىنىلارغا چىدامچان زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلدى. سويچىرو خوندا ياغاچ چاق بەندىشىنىڭ ئورنىغا مېتال بەنداش ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە بۇ كەشپىياتى ئۈچۈن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. شوكاي سەنئىتى ناھايىتى گۈللىنىدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان كىرىم يارىتىدۇ. لېكىن بۇ خوندا ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئۇ پورشىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تاپقان تەرگىنىنىڭ ھەممىسىنى تەجرىبىخانا تەتقىقاتىغا مەبلەغ سىلكىپ تىرىشقانىدى،. لېكىن شوكاي سەنئىتىنىڭ ھېچقايسى دىرېكتورى ئۇنى قوللىمىغان ئىدى.

Honda A-Type
سويچىرو باشتىن-ئاياغ رېمونتخانىدا پورشىن ياساشقا تىرىشتى. لېكىن بۇنىڭدىن ھېچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمدى. خوندا ھەتتا ئايالىنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى گۆرۆخانىغا تاپشۇردى، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ كارخانا قۇرۇشقا ماس كەلمەيدىغانلىقى ۋە قابىليەتسىزلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە نىشاننى ئۆزگەرتىپ مائارىپقا يۈرۈش قىلدى. شۇ ۋاقىتقا كەلگۈچە خوندا ئىلىم-پەننىىڭ پايدىسى يوق دەپ قارايتتى. «ئەگەر نەزەرىيەلەر يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرسە، ئۇنداقتا ھەر بىر ئوقۇتقۇچى كەشپىياتچى بولغان بولاتتى» دەيتتى ئۇ. ھازىر ئۇ ھاماماتسۇ تېخنىكا مەكتىپىدە زۆرۈر تېخنىكا بىلىملەرنى ئىگىلەشنى قارار قىلدى. بىكار ۋاقىتلىرىدا خوندا مۇسابىقە ماشىنىلىرىنى لايىھەلەش بىلەن مەشغۇل بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ماتورنى سوۋۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن، شۇ چاغدىكى بارلىق تەنتەربىيە ماشىنىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسىلىنى ھەل قىلدى. ئۇ لاھىيەلىگە موتور مۇسابىقە جەريانىدا زىيادە قىزىشتىن پارتلىمىدى. سويچىرو چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى سىناش قارارىغا كەلدى.
1936-يىلى خوندا توكيو شەھەر ئەتراپىدىكى تاما دەريا بويىدا ئىلىپ بېرىلغان ياپونىيەلىكلەر يۇقىرى-سۈرئەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالدى. ئۇنىڭ ماشىنىسى رېكورت يارىتىپ سائىتىگە 120 كىلومېتىر سۈرئەتتە ماڭغان ئىدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا ئۇنىڭ ماشىنىسى ئۆرۈلۈپ ھاۋادا ئۈچ موللاق ئېتىپ تۈگەشتى، چېمپىيون(خوندا) ماشىنىدىن قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.  خوندانىڭ سول بىلىكى سۇنۇپ، دولىسى چىقىپ كەتكەن ۋە يۈزى ئېغىر يارىلانغان ئىدى. ئۇ دوختۇرخانىدا ئۈچ ئاي ياتتى. بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق تەنتەربىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىشى بولۇپ قالدى.
دوختۇرخانىدىكى چاغدا سويچىرو بىر شۇمخەۋەرنى ئاڭلىدى، يەنى ئۇ يېقىنقى يىللاردا ياسىغان 300دىن ئارتۇق پورشىن تويوتا شىركىتىدە سىناق قىلىشقا ئەۋەتىلىپ، پەقەت 50ى تەكشۈرۈشكە قوبۇل قىلىنغان ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت 3 سۈپەت باھالاش سىنىقىدىن ئۆتەلىگەن. يەنە بىر ئىش، خوندا مەكتەپتە ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقتىن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئىدى. سويچىرو خوندا دىپلومغا ئەمەس، ھەقىقىي بىلىمگە ئېھتىياجلىق ئىدى.
ئېھتىمال كۆپىنچە ئادەملەر بۇ خىل ئەھۋالدا ھەممىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئەمما خوندا ساقايغاندىن كىيىن، ھاماماتسۇدا ئۆزىنىڭ ئوقىتىنى باشلىدى. يەنى 1937-يىلى خوندا «توكاي سەيكى» شىركىتىنى قۇرۇپ، ئۆزى ئاخىرى ئىجاد قىلغان پورشىن ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتىشقا باشلىدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خوندانىڭ شىركىتى تويوتا شىركىتىنىڭ 40 پىرسەنتتىن ئارتۇق ماشىنىسىنى پورشىن بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە بىر قىسىم كېمە ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنى زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىدى. ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يېڭىلگەندىن كىيىن توكيو سەيكو شىركىتى تاقىلىپ قىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. 1945-يىلى ھاماماتسۇ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن قاتتىق بومباردىمان قىلىندى. خوندا ياپونىيە دۆلىتىنى نامراتلىق ۋە ۋەيران بولۇش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ دەپ قاراپ، شىركەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىكنى قارار قىلىپ ئۇنى تويوتا شىركىتىگە 450مىڭ ياپونىيە يىنىغا سىتىۋەتكەن. ئۇ 10 مىڭ ياپونىيە يىنى خەجلەپ ھاراق تۇڭى سېتىۋېلىپ ئۇنى ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىككە بىر يىل ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. سويچىرو راستىلا بىر يىل ۋاقتىنى دوستلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ ئۆتكۈزگەن.
1946-يىلى خوندا ئۆزىنىڭ «زاۋۇتى»نى خوندا تېخنىكا تەتقىقات ئىنستىتۇتى دېگەن مۇبالىغە ئىسىم بىلەن ئاچقان، ۋە قولدا ياسالغان موتوۋىلسىپىت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ۋىلسىپىتكە كىچىك رادىئوچىلىك قوزغاتقۇچ ئورنىتىپ، كاۋچۇكتىن ياسالغان قىزىق سۇ بوتۇلكىسىنى يېقىلغۇ باكى قىلىپ ئىچىگە كىرسىن قاچىلىغان. بۇ ۋاقىتلاردا كىرسىن ياپونىيەدە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايتتى. خوندا بۇ موتوۋىلسىپىتنى «چوچو» (ئۇنىڭ چىقارغان ئاۋازى بىلەن شۇنداق ئاتالغان) دېگەن نام بىلەن 1500 نى سېتىپ چىقارغان ،. شۇندىن كىيىن ئۇ دەسلەپكى موتورغا  ئۆزى لايىھەلىگەن ئىككى پورشېنلىق موتورنى ئالماشتۇرغان. ئۇ 1947- يىللاردا تەرەققىي قىلغان ھارماس تىرىشچان سودىگەرنىڭ ئىشلەپچىقارغان بىرىنچى ئىپتىدائىي خوندا D-Type مەھسۇلاتى ئىدى، ئىككى يىلدىن كىيىن <خوندا ئىنستىتۇتى> خوندا موتور شىركىتىگە ئايلانغان.

Dream-D Type
1949-يىللاردىكى ئىككى گاڭ پورشېنلىق تۇنجى موتوسىكلىتنىڭ مودېلى، سويچىرو ئۇنى «ئارزۇ» دەپ ئاتىدى. ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇ تۆت گاڭلىق موتور مودېلىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. 1958-يىلى ئۇنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۇب» دەپ ئاتالغان مودېلى ئامېرىكىغا كەلگەن چاغدا، خوندا ئاللىبۇرۇن ياپونىيدىكى 50 دىن ئارتۇق، باشقا دۆلەتلەردىكى 200گە يېقىن رىقابەتچىسىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ياپونىيدىكى ئەڭ چوڭ موتوۋىلسىپىت ياساش شىركىتى بولۇپ قالغان ئىدى.
خوندا موتور شىركىتى موتوسىكىلىىت ئىشلەپچىقارغاندا چەتئەل كارخانىلىرى خوندانىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا قىزىقىپ، توختاملىشىش ئۈچۈن سودا ۋەكىللىرىنى ۋەكىللىرىنى ياپونىيەگە ئەۋەتىشكەن.  بۇيەردىكى بىر ھېكايە چەتئەللىك ھەمكارلاشقۇچى بىلەن يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ھېكايە سويچىرو خوندانىڭ ئىش ئىزلىرىغا يېزىلغان.
بىر قېتىم، خوندا بىر كونا خېرىدارىنى ياپون ھارىقى بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. خېرىدار تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يالغان چىشى ھاجەتخانا ئوچىقىغا چۈشۈپ كېتىپ ناھايىتى خىجىل بولىدۇ. خوندا بۇچاغدا ئىككىلىنىپ تۇرماستىن، ئەۋرەز ئازگىلىدىن يالغان چىشنى تېپىپ چىققان ھەمدە تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىشنى پاكىز تازىلىغاندىن كىيىن قايتۇرۇپ بەرگەن. ئۇ يولۇققان مەسىلىنى تېزلىكتە ھەل قىلىپ ۋە شۇ قېتىملىق سودا پۇرسىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. سويچىرو بۇ ئىشنى ئەسلىگىنىدە : « شىركەتنىڭ باشلامچىسى بولغانلار باشقا خىزمەتچىلەر قىلىشنى خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق ئىشلارنى تەكرار قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئاز دېگەندە 1%ئەزانى سىزگە ئەگىشىدىغان قىلالىسىڭىز يېتەرلىك.»دەيتتى ئۇ.
تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان شىركەتلەر باشقۇرۇشتا يېڭى ئۆلچەملەرنى تەلەپ قىلىدۇ. خوندا شىركىتى  شىركەت باشقۇرۇشتا ھەقىقەتەن بىر ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئىش قىلدى.  ئۇلارنىڭ تېخنىكىلىق تەرەققىيات يۆنىلىشى،بۆلۈملىرى ئېنىق ئايرىلغان، ھەمدە بىۋاسىتە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلگە ئاشقانىدى. خوندا تەتقىقات مەركىزى باشقۇرۇش مەركىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن يۈرۈشىدىغان ھالەتكە يەتتى.  لايىھەلەش ئىنژېنېرلىرىنىڭ ئۆستۈرۈش سەۋەبسىز بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئاساس قىلىنىدۇ. سويچىرو باشقۇرۇشتا ئەمەل بويىچە مۇئامىلە قىلىشقا قاتتىق قارشى تۇراتتى،ئۇ :« ئەگەر كىشىلەر مەجبۇرلانمىسا، تىرىشىپ ئىشلەيدۇ ھەمدە كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىدۇ، دەيتتى .خوندا تىجارەت تۈزۈلمىسى بولسا مەيلى يېڭى ياكى كونا خىزمەتچىلەر بولسۇن كىم  غايەت زور يېڭىلىق يارىتالىسا شۇنى باش دىرېكتور ئورنىغا قويۇشنى يولغا قويغان.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا سويچىرونىڭ بايلىقىنى ئۆز ئىچىدىكى مىراسخورلارغا قالدۇرماسلىق قارارى شىركەتنىڭ بانكىدىن ئۇزۇن مەزگىللىك قەرز ئېلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان، شۇنداقلا ئىقتىسادشۇناسلار بولسا شىركەتنىڭ يۇقىرى ئىقتىداردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قولىغا چۈشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن . باشقۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا «شىركەت پىرىنسىپلىرى» دەپ ئاتالغان ئەڭ ئىلغار يېڭى بولغان ئۇسۇللار1956-يىلى 1-ئايلاردا خوندا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇنىڭ ماھىيىتىنى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: يېڭى بازارلارنىڭ ئىچىلىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشى، ئەنئەنە ۋە ئالدىدا بولۇپ ئۆتكەن مىساللارغا قارىماستىن تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە مەھسۇلاتنىڭ خەلقئارالىشىشى، ۋە ئورتاق كۆز-قاراش.
خوندانىڭ موتوسىكلىت سودىسى ناھايىتى تېزلا قىزىپ كەتتى. 1961-يىلى شىركەت ھەر ئايدا يۈزمىڭ موتوۋىلسىپىت ئىشلەپچىقاردى ۋە 1968-يىلى بولسا ھەر ئايدا بىر مىليون موتوۋىلسىپىت ئىشلەپچىقاردى. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سويچىرو دۇنيا بازىرىنىڭ 60 پىرسەنتىنى قولىغا ئالغان ئىدى، 90-يىللاردا شىركەتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليونغا يەتتى .
       موتوسىكلىت سانائىتىدە چوققىسىغا يەتكەندىن كېيىن خوندا ئۆزى ھازىرغىچە قىزىقىپ كەلگەن ئاپتوموبىل ياساش ئارزۇسىنى سىناق قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ بالا ۋاقتىدا، تۇنجى قېتىم ماشىنىنى كۆرگەندە مۇنداقلا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ تەرجىمىھالىدا بۇنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ:
«شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمنى ئۇنۇتقان ھالدا ماشىنىلارنىڭ ئارقىدىن يۈگىرەيتىم، ماشىنىلارغا ئوتتەك ئىشتىياقىم بار ئىدى .گەرچە مەن ناھايىتى كىچىك بولساممۇ، مەلۇم بىر كۈنلەردە ئۆزۈمنىڭ بىر ماشىنا ياسىيالايدىغانلىقىمغا قەتئىي ئىشىنەتتىم. »

Super Cub
شىركەت ماشىنا ساھەسىگە يۈرۈش قىلغاندىن كىيىن خوندا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلى تۈرىگە دو تىكتى . ئۇ 1962-يىلى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان تۈر پىلانىنى ياپونىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرى قوللىمىدى ھەمدە ياپونىيەنىڭ باشقا تۈردىكى ماشىنىسازلىق ئىشلىرىغا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇپ رەت قىلىندى، ئەمما قىزغىنلىقى تولۇپ تاشقان بۇ كارخانىچى ئۇلارنىڭ تالاش- تارتىشلىرىغا قۇلاق سالماي 1970-يىلى سويچىرو خوندا ماشىنا سانائىتى رىقابىتىدىكى ئەڭ كاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىغا ئايلاندى.
سويچىرو خوندا تۇنجى قېتىمدا  گاز قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئاتلاندى، دۇنيادىكى باشقا ماشىنا شىركەتلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى بۇ مەسىلىنى بىۋاسىتە ھەل قىلالمىغان ئىدى ھەمدە مەسىلىنى كاتالىزاتورلۇق ئۆزگەرتكۈچ ئارقىلىق ھەل قىلغان ئىدى. پەقەت خوندا شىركىتىلا تۇنجى تۆۋەن بۇلغىنىشلىق موتور لايىھەلەپ چىققان ئىدى. بۇ خىل لايىھە خوندا سىۋىك مودېلىغا (Honda Civic) ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ 1975-يىللاردا ئىشلەپچىقىرىلدى ھەمدە ناھايىتى تېزلا بازار تاپتى.
70-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوندا مارىسۋىللى ۋە ئوھايودا زاۋۇت قۇرۇپ ئامېرىكا ئىشچىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتىكى ياپونىيە ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرالماسلىقىدىن ئىبارەت ئەنئەنىۋىي كۆز-قاراشنى تۈگىتىپ، بۇ ياپونىينىڭ قۇراشتۇرۇش سۈپەت ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان ماشىنا ئىشلەپچىقارماقچى بولدى. 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا  ئامېرىكىدا خوندا ئاكوردنىڭ ياسىلىشى (Honda Accord) سويچىرونىڭ «ئامېرىكا ماشىنا سانائىتىدىكى تۇنجى ياپونىيەلىك داڭلىق لىدىر»لىق نامىغا ئېرىشىشكە تۈرتكە بولغانىدى.
80-يىللارنىڭ باشلىرىدا خوندا ماشىنا شىركىتى ياپونىيەدىكى ئۈچىنچى چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىغا ئايلاندى. يەنە تەخمىنەن ئون نەچچە يىلدىن كىيىن دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىگە ئايلاندى.
ئىنژېنېرلىقتىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى چەبدەس ھەل قىلىش ئۈچۈن خوندا ھەر قاچان ئەپچىل(ئەپچىلەم تورىنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنۇتماڭ) چارىلەرنى ئويلاپ تاپاتتى. ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئەرلەر ، ئاياللار ، ئۆسمۈرلەر ۋە ھەر قانداق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا ماس كېلەتتى، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەتتا ئۇنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ بۇنى ئويلىشىپ باقمىغان كۆپ سانلىق ئوتتۇرا قاتلام ئىستېمالچىلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىدى. بۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى دادىللىق ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق لاھىيەدىنلا ئەمەس بەلكى ئۇ بازار تۇيغۇسى ۋە تەبىئەتتىن ئېرىشكەن كۆركەم لايىھەسىدىن كېلەتتى.
خوندانىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى سىرى بولسا ئۇ ھەرقاچان «خاتالىققا جۈرئەت قىلىش» تىن ئىبارەت تەجرىبە ئارقىلىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزىگە يولباشچى قىلغانلىقى ئىدى. ئۇ يەنە «خىزمەتچىلەرنىڭ چوقۇم بىر قالتىس نىشانىنىڭ بولۇشى ۋە مەغلۇبىيەتكە چوقۇم تەييار تۇرۇش لازىم» دەپ قارايتتى.
سويچىرونىڭ قارىشىچە، سودىگەرلەر ئۈچۈن خىرىسنى قوبۇل قىلىپ تەۋەككۈل قىلىش زۆرۈر بولغان بىرخىل ساپا ئىكەن. خوندا مەغلۇبىيەتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەمدە ئۆز نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن ئۆزى خىيالى ۋە ئېتىقادى ئۈچۈن ھەرقانداق  خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ.
خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا، ئۇ « يامغۇرلۇق گۈلدۈرماما  ئەپەندىسى» دەپ تونۇلغان. ئۇ مىجەزى ئىتتىك بولغاچقا بۇ خىل لەقەم قويۇلغان. ھەممە كىشى خوندانى كىشى ياخشى كۆرەتتى ئەمما ئۇنىڭ ئاچچىقلىنىشىدىن قورقاتتى. سويچىرو خوندا ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ياخشى ئەدەپ-ئەخلاقى شۇنداقلا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان خىسلىتى بىلەن خىزمەتچىلىرى، ئايالى ساچى ۋە بالىلىرى ئالدىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.
خوندا ماشىنىلىرى تېزلىكتە ئىشەنچ بىلەن دۇنيا بازىرىدا باشلامچىلىق رولىنى ئويناۋاتقاندا، ئۇنىڭ ياپونىيەنىدىكى ئاپتوموبىل سانائىتى ئەمدى مېڭىشنى ئۆگەنگەن بالا ئىدى. ئۇنىڭ ياپونىيە سودىسىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبى بولسا  تىجارەتچىلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىقتىساد تۈۋرۈكلىرىگە تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭ قارشى يول تۇتۇشى 70-يىللاردا ئىسپاتلىنىپ چىقتى، بۇدەل ياپونىيە نېفىت كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن ۋە ھەممە ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى ئېكسپورتنى كىمەيتىشكە قوشۇلۇپ باھانى ئۆستۈرگەن ۋاقتى ئىدى. پەقەت سويچىرولام بۇنىڭغا قوشۇلۇشنى رەت قىلغان ئىدى، ۋە ۋەزىيەتكە قارشى ئىشلارنى قىلغان ئىدى: ئۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ باھانى چۈشۈردى. نىسسان(Nissan) ۋە تويوتا(Toyota)نىڭ سىتىلشى 40 پىرسەنتكە چۈشۈپ، ئاخىرىدا  خوندانىڭ(Honda) سىتىلىشى 76 پىرسەنتكە چىقتى. ئۇنىڭ توغرا چىقتى.
ئۇ ھاياتىدا سودا ساھەسىدىكى قاتمال ئەنئەنە ئىدىيەلەر ھارماي-تالماي كۈرەش قىلدى. مەسىلەن، ئۇ بىر قانچە قېتىم ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنى ياللاپ ئىشلىتىشتىنى رەت قىلغان، چۈنكى ئۇ دوگمىچىلىق ئىدىيەسى يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىزدىنىشكە توسالغۇ بولىدۇ دەپ ئويلايتتى. ئۇ خوندا ماشىنا شىركىتىنىڭ ئۆزىگە خاس پىرىنسىپلىرىنى ئەنئەنىۋى تىجارەت ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىشتە چىڭ تۇردى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ئىنكار قىلىپ باقمىغان. «مەن ئارقامغا قارىسام تەكرار خاتالىقلارنى  ئۆتكۈزۈپتىمەن، لېكىن مەن ئېرىشكەنلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن. گەرچە مەن تەكرار خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسام، مىنىڭ خاتالىقىم ۋە مەغلۇبىيتىم ھەرگىز ئوخشاش سەۋەب بىلەن قايتا يۈز بەرمىدى »دەيتتى ئۇ.
خوندا شىركىتىدە 65 يىل خىزمەت قىلدى ۋە تۈرلۈك يېڭى ماشىنىنى سىناق قىلىپ كۆردى. ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىغا چىقىشىغا يول قويمايتتى: «شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى قانچە قالتىس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى ناتايىن. شىركەتنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمى ئۆزگىچە رەھبەرلىك ساپاسىغا ئىگە كىشىلەرگە بېرىلىشى كېرەك.»

Honda Civic 1975
1973-يىلى، خوندا ماشىنا  شىركىتى شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقنى تەبرىكلىدى. شۇ چاغدىكى دىرېكتورلار مۇدىرىيەت يىغىنىدا سويچىرو خوندا ئۆزىنىڭ پىنسىيگە چىقماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە يېڭى باشلىق خادىملار ئارىسىدىن تاللىنىشى كېرەك ئىدى. شىركەت ئاتىسى(خوندا) ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن :«شىركەتنىڭ ئىلگىرىكى باشلىرى ئىمكانقەدەر ئاز ئوتتۇرىغا چىقسا شىركەت شۇنچە غەلىبە قازىنىدۇ.» دېگەنىدى. بۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم شىركەتكە بېرىشى ئىدى.
خوندا پېنسىيەگە چىققاندا ئارام ئىلىپ كۆڭۈل ئاچسا تامامەن بولاتتى. ئەمما ئۇ ياپونىيە ئاپتوموبىل ماشىنا سانائىتى توكيو سودا ھەمكارلىق بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا سايلاندى. خەلقئارا تىرانسپورت ۋە بىخەتەرلىك ئىلىمى تەتقىقات ئورنى ۋە خوندا فوندىدىن ئىبارەت ئىككى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە پەن-تېخنىكىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرى ھەمدە مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى تېخنىكلار ھەققىدە تەتقىقات ئىلىپ باردى. ئۇ يەنە خەلقئارالىق يىغىنلاردا  لېكسىيە سۆزلىدى.
بۇ مەشھۇر سودىگەر 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. ئۇ ھاياتىدا ئۇ 470تىن ئارتۇق كەشپىيات ۋە 150دىن ئارتۇق پاتېنت، مىچىكان تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئوخايو ئىشتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرى دوكتورى، دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەرىپى بولغان «ياپونىيە كۆك لېنتا» شەرىپى نۇرغۇنلىغان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 3200 دوللار بىلەن تىجارەت باشلىغان بۇ سودىگەر يىللىق كىرىمى 30 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان چوڭ شىركەتنى بارلىققا كەلتۈردى.
سويچىرو خوندا مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇن كىشىلەر غەلىبە قىلىشنى ئويلايدۇ، لېكىن مېنىڭچە مۇۋەپپەقىيەت بولسا پەقەت تەكرار يىقىلىپ ھەمدە سەۋەبنى تەھلىل قىلىدىغان كىشىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت بولسا بىر پىرسەنت ئىشلەش، ۋە قالغىنى  بولسا شىجائەت بىلەن توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈشتۇر. ئەگەر سىز قىيىنچىلىقلاردىن قورىقمىسىڭىز، غەلىبە سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ».
بۈگۈنكى خوندا ماشىنا شىركىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
بىز سىزنىڭ سويچىرو خوندا ھەققىدىكى يۇقىرىقى ھېكايىنى ئوقۇپ ئىلھاملىنىپ، يېڭى بايقاشلارغا ئىگە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
خوندا ھەققىدە ھېكايە(1)
مەنبەسى: ئەپچىلەم تورى
تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرمە ئەسەرلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەپچىلەم تورىنى زىيارەت قىلىڭ. تور بەت ئادرىسى:
www.epchilem.cn

ئەپچىلەم تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ.
http://epchilem.cn
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

0

تېما

110

يازما

110

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 102724
يازما سانى:
110
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
408
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
55 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-1-24
ئاخىرقى:
2016-1-17
ۋاقتى: 2015-12-15 20:56:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
  ناخشا - مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر يىڭىلىق  كەڭ تورداشلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
مەزكۇر مۇزىكا بەتكە تورداشلارنىڭ ناخشا - مۇزىكا يوللاش ئىقتىدار قۇشۇلدى ئۈزىڭىز ياقتۇرغان ناخشىلارنى دوسلىرىڭىزغىمۇ ئاڭلىتىڭ شۇندىلا سىزنىڭ يۈرەك سادايىڭىز ئاڭلايدىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلار بارلىققا كىلىدۇ، ئەگەر مەزكۇر مۇزىكا تورىدىكى ناخشا -  مۇزىكىلارنى ياقتۇرسىڭىز دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىڭ .
تور بىكىتمىز ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرىڭىز بولسا  تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى قالدۇرۇڭ.
                                                                                 

                                                                                 www.520Mp3.com

ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە!!!......

گۇلىستان

0

تېما

18

يازما

18

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 42109
يازما سانى:
18
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1846
تۆھپە :
90
باھا :
95
توردا:
4 سائەت
تىزىملاتقان :
2011-5-25
ئاخىرقى:
2016-1-16
ۋاقتى: 2015-12-16 12:23:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسرانىم نىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى ياقتۇراتتىم

مەن ئاللاغا ئىشىنىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-1-31 12:55 PM, Processed in 0.038252 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش