ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،تورداشلار..ئەمدى ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىدىكى ئابۇزەبى شەھرىنىڭ ئېسىل قۇرۇلۇشلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي...كېيىن ساياھەت قىلىپ بېرىپ قالساڭلار،ئەز قېتىپ قالار..
ئالدى بىلەن ئابۇزەبى شەھرى بىلەن بىر تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى ...
ئابۇزەبى بولسا،ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىدىكى ئەڭ چوڭ خەلپىلىك بۇلۇپ ،بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى.ئىگىلىگەن .ئورنى 67340平方公里 ،ئىچىدە 200دىن ئارتۇق ئارالنى ئىگىلىگەن بۇلۇپ،پۈتۈن خەلپىلىكنىڭ 86.58%پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ،2004-يىلدىكى سىساتىسكىغا ئاساسلانغاندا،نۇپۇسى 159 万 ،پۈتۈن خەلپىلىك نۇپۇسىنىڭ 39%پىرسەنتىنى ئالغان.ئابۇزەبىدىكى يەر ئاستى ۋە دېڭىز ئاسىتىدىكى نېفىت بايلىقى مول بولغاچقا ،7خەلپىلىك ئىچىدە ئەڭ باي ھېسابلىنىدۇ..(يەنە بىرسى بولسا دۈبەي)
1.يېڭى Saadiyat ئارىلى
يېڭى Saadiyat ئارىلى بولسا ئابۇزەبى شەھرىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ ،27كوۋادىرات كىلومىتىر كىلىدىغان ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان ئارالنى ئىگىلىگەن.270亿دوللار مەبلەغ سالغان بۇ يەرگە ئىسلام دېنىيىتىن تۇنۇشتىرىدىغان قۇرۇلۇشلارنى ياكى خاتىرە ساراي سېلىش پىلانى بار.
2.مەدەنىيەت مەركىزى
بۇ بولسا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئابۇزەبى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كۆرۈنۈش نۇسخىسى بۇلۇپ،پۈتۈلگەن چاغدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ بۇلۇشى ئېنىقكەن...
3.F1مۇسابىقە مەيدانى Yas Marina
10亿دوللار مەبلەغ سالغان بۇلۇپ ،كىشىلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئۆلچەملىك ئەڭ ياخشى مۇسابىقە مەيدانى دەپ ئاتالغان.
ياس مېھمانخانىسى
4.شەيخ زاد مەسجىد(Zayed Mosque)
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەسجىدلەرنىڭ بىرى بولغان شەيخ زاد مەسجىد ،
ئىچىدە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ نەق مەيداندا قۇلدا ياساپ پۈتتۈرگەن چوڭلىقى 7000多平方米كىلىدىغان گىلەم بار،ئۇندىن باشقا باھاسى 800多万 دوللار كىلىدىغان (گىرمانىيە ئاق ئالتۇندىن ياسىغان )تۇرۇس چىراق ئېسىلغان.
5.Capital Gate پايتەخت دەرۋازىسى
6-ئاينىڭ 7كۈنىدىكى ئامىرىكا دۇنياسى خەۋەر تورىغا ئاساسلانغاندا،ئابۇزەدىكى تېخى پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان <پايتەخت دەرۋازىسى >18گىرادۇستلۇق يانتۇلۇقنى ھاسىل قىلغان،ئىتالىيىدىكى پىسا مۇنارى يانتۇلۇق دەرىجىسىنىڭ 4ھەسسى كەلگەن بۇ بىنا ئاللىقاچان <دۇنيادىكى ئەڭ يانتۇ بىنا> دۇنيا جىنىس رېكورتىغا كىرگۈزۈلۈپ بولغان.
ئىگىزلىكى 160مېتىر،35قەۋەتلىك بۇ قۇرۇلۇش،بۇيىل 1-ئايدا ئاسالىق گەۋدىسىنى ياساپ بۇلۇپ ،يىل ئاخىرىدا پۈتۈشى مۇنمكىن ئىكەن..5يۇلتۇزلۇق Hyatt at Capital Centre) 189)ھەشەمەتلىك ياتىقى بار مېھمانخانا ھەم بىر قىسىم ئىشخانا ئورنىنى ئىگىلىگەن .
6.(Emirates Palace خەلپىلىك مېھمانخانىسى
ئابۇزەبى شەھرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بوپ،ھازىرغا قەدەر ئەڭ ھەشەمەتلىك ئەڭ قىممەت،مېھمانخانا ھېسابلىنىدۇ،30 亿دوللار مەبلەغ سېلىنىپ ياسىغان.خەلپىلىدىكى كىشىلەر ساياھەتچىلەر بۇ مېھمانخانىنى خەلپە رەئىسىگە بېغىشلاپ ياسىغان ئوردا،8يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا دەپ تەرىبلىشىدۇ.
بۇ قۇرۇلۇش ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى پادىشاھ ئوردىلىرىغا ئوخشىتىپ ياسالغان ،ئەرەب بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىناسىغا 1كوچا ئارلىق كېلىدۇ.يىراقتىن قارىغاندا بۇ بىنا ھەشەمەتلىك بىر قەلئەگە ئوخشىىپ كېتىدۇ. كەينىدىكى ئارامگاھ دېڭىز ساھىلىنىڭ 1300يېرىنى ئىگىلىگەن.
مېھمانخانا ئىچنىڭ چوڭلىقى بولسا [blockquote]24 万 2820 平方米[/blockquote]،جەمىئي 394ئايرىم ياتاق بار.بۇ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدا يەنە 7000 平方米كىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ مۇراسىم زېلى بار.1200ئادەم تەڭلا يىغىن ئاچقىلى بۇلىدىغان،2800ئادەمنى سىغدۇرالايدىغان بەزمەخانا،12رېستۇران،8كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى.128ئايرىم ئاشخانا قاچا قۇچا قۇيۇش ئۆيى ،2000ئادەم تەڭ تاماق يىگىلى بۇلىدۇ،
ئۇندىن باشقا،40يېغىن زالى ،12ئاخبارات ئۆيى ئاجىرتىلغان بۇلۇپ ،ھەرقانداق يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ،كارىدۇرنىڭ ئۇچېتىدىن قارشى تەرىپىگىچە 1000مىتىردىن ئوشۇق بۇلۇپ،بەزى چاغدا مۇلازىمەتچى قادىمنى ئىزدىمىسە ئېزىپ قالىدىغان ئەھۋالغا دۇچ كەپ قالىدۇ.مېھمانخانا ياتاق تۈرلىرى 8خىلغا ئايرىلغان بۇلۇپ،پېرىزىدىنت ئۆيى،ئوردا ئۆيى،ئالى دەرىجىلىك دېڭىز ساھىلىسى ،دېڭىز ساھىلىسى،ياقۇت ئۆيى ،مەرمەر ئۆيى،ئالىي دەرىجىلىك ئۆي،دېڭىز ئاسىتى ئۆيى دەپ ئايرىلغان. پىېرەسىدەنت ئۆيىگە پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ياكى خان جەمەتىدىكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇدۇ.6-7-قەۋەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ ئۆيلەر 680 平方米بۇلۇپ 7نەپەر مۇلازىمەتچى 24سائەت مۇلازىمەت قىلىدۇ.
7.Ferrari World Abu Dhabiمۇسابىقە ماشىنا باغچىسى
دۇنيادىكى 1-قۇرۇلغان بەيگە ئاپتومۇبىلى باغچىسى 2010يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ساياھەتچى قىزىقۇچىلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ،بۇ باغچا ئابۇزەبىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ياس ئارىلىغىا جايلاشقان.
ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 20万平方米، قۇرۇلمىنىڭ ئىچكى سىغىمى 86000平方米 .
20 دىن ئارتۇق ئويۇن ئەسلاھەلىرى ۋە مەنزىرگاھ،ۋە دۇنيادىكى ئەڭ تىز سائىتىگە 200كىلومىتىر ماڭىدىغان تاغ ئاتلىغۇچ پويىز过山车 ياسالغان.
مەمبە:
رېن رېن تورى ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى گۇرۇپىسى