ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇن بىلەن سۆھبەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى، كورلا شەھىرىگە قاراشلىق ئاۋات،قارايۇلغۇن يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى ئارقىلىق شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر-ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى،روسىيە تەبىئىي پەنلىرىنىڭ ئاكادېمىكى ئەكبەر ئېلاخۇن ئۈرۈمچىدىكى مۇھىم ئىشلىرىنى تاشلاپ قۇيۇپ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ كورلىدىكى دېھقانلارغا ئىككى مەيدان پەن-تېخنىكىدىن دەرس ئۆتتى.ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ تۇپراقلارنى رېتسىپلىق ئۇغۇتلاشتىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بۇلۇپ بۇ تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللانغان كورلا دېھقانلىرىنىڭ نەشپۈتلۈك باغدىن قىلغان مو بېشى كىرىمى 13000(ئون ئۈچ مىڭ)سومدىن ئېشىپ كەتتى.
ئامرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات رۇزىنىڭ ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇن توغۇرلۇق يازغان يازمىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى خەتلىك ئۇلىنىش ئادېرسىنى چېكىپ كۆرۈڭ:
يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدە چوڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن،ئالىي مائارىپ سېپىدە نۇرغۇن ياراملىق ئىز-باسارنى تەربىيلەپ چىققان،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ بېيىشى ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدىنۋاتقان بۇ تۆھپىكار ئالىمنىڭ ھاياتى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش بەكمۇ زۆرۈر ئىدى.شۇ سەۋەبلىك ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇن كورلا دىيارىغا كەلگەن ۋاقتىدا جوڭگۇ ئۇيغۇر تور تېلىۋىزىيەسى ئارقىلىق ‹‹تۆھپىكارلار زىيارەت خاتىرسى››نىڭ 2-سانىدا زىيارەت قىلىندى.
شۇ كۈنى ئىشلەنگەن فىلىم جەمئىي ئون بىر قىسىم بولۇپ دەسلەپكى ئىككى قىسىمدا ئالىي ئاگرانوم ئەخمەتجان ئابدىرھىم،ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇن زىيارەتكە تەكلىپ قىلىنىپ كورلا نەشپۈتى،10مىڭ باغۋەننى پەن-تېخنىكىدىن تەربىيلەشنىڭ ئەھمىيتى،رېتسىپلىق ئۇغۇتلاش توغرىسدىكى زۆرۈر بىلىملەر...توغۇرلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.كەينىدىن ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇننىڭ كورلىدىكى دېھقانلارغا نەق مەيداندا ئۆتكەن پەن-تېخنىكا دەرسى سۈرەتكە ئېلىنىپ تۆت قىسىم قىلىپ ئىشلەندى.كەچ ۋاقتى ئاكادېمىك ئەكبەر ئېلاخۇننى ئالاھىدە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىپ پۈتۈن ھاياتى تۇنۇشتۇرۇلغان بۇ زىيارەت خاتىرسى ئىشلەپ تاماملاندى. ئالىمنىڭ ھايات مۇساپىسى بىلەن تۇلۇق تۇنۇشۇپ چىقىش ئۈچۈن بۇ فىلىمنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم
5-قىسىم
زىيارەت فىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
زىيارەت فىلىمىنى ئىشلەشكە قاتناشقۇچىلار:
رىياسەتچى:مەۋجۇدە بەختىيار
شىنجاڭ ئۇنۋېرسېتىتى ئاخبارات كەسپىدىن،بايىنغولىن رادىيۇ-تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا پىراكتىكانت.
سوئال تەييارلىغۇچى:مارشال
مىسرانىم تورىنىڭ مۇنبەر باشلىقى
ئوپىراتۇر ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى:يۈسۈپ ئېكرانى
جوڭگۇ سىياسىي-قانۇن ئۇنۋېرسېتىتى قانۇن-ئاخبارات كەسپىدىن،مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا پىراكتىكانت.
فىلىم چىقارغۇچى ئورۇن:جوڭگۇ تور تېلىۋىزىيەسى فىلىم ئىشلىگۈچى ئورۇن:ئەلشىر مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى.
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى