ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ! تېنىڭلار سالامەت ، ئىشىڭلار ئوڭۇشلۇقمۇ ؟ كۈنلەر سانلار ئارقىمۇ ئارقىلىقىدەك ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بۇ كۈندە كەمىنە مەجنۇنتالدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
مۇشۇ كۈنلەردە بايرام بەك كۆپ بولۇپ كەتتى ، بىزنىڭ دەرس ۋاقتىمىز دەم ئېلىش ۋاقتىنىڭ كەينىدە قالماي دەپ شۇنچە يۈگۈرسىمۇ بۇ دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيۋاتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تۈگىسە مەيلىتى دەم ئېلىش كۈنلىرى دەپ يا بىكار يۈرگىلى بولىمىسا ، خوش ياقمىسىمۇ خوش ياقتۇرۇپ ئەتىگەندە قولۇمغا "卫生实用统计学" دىگەن كېتىابنى قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم ، ئەمدى بىر بەت كۆرۈپ بولغۇچە شەيتان دىگەن ئاداش نەدىن كەلدى " ۋاي بولدى كىتاب كۆرمەي ، مۇنبەرگە كىر " دەپ يېنىمدىن كەتىمىدى ، شۇنىڭ بىلەن قۇرۇق قول كىرگىم كەلمەيئاز بولسىمۇ مۇنبەرداشلارغا ئىككى تۆت تال قۇشاق ئېلىپ كەلدىم ، ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلغايسىلەر سەۋىيەم شۇنىڭغىلا يەتتى ، قۇشاقنى مەن باشلىدىم ، قالغانلار قاراپ تۇرسا بولمايدۇ چوقۇم ئايغىنى چۈشۈرىمىز ھە بالىلار :
ئالدىنى بىلەن مۇشۇ تېنىمى تەستىقلايدىغان قىزغىن باشلىقتىن چۈشەي : ( خاپا بولۇپ تېمامنى تەستىقلىماي قالمىسۇن يەنە )
تېما يازدىم شۇنچە رەت ،
توختىماستىن ھارماستىن .
سىزمۇ چېرىپ قالمايسىز ،
تەستىقلىماي ئۆچۈرۈشتىن .
مۇھەببەت دەپ يازدىم مەن ،
تەستىقلىسۇن چىقسۇن دەپ .
نا ئۈمۈددە قويدىڭز ،
سىياسىلىقى كۈچلۈك دەپ .
چارچاپ قالغان ئوخشايسىز ،
ھارماي تالماي ئىشلىگەچ .
ياكى چاتاق چىقتىمۇ ،
ئاشۇ بىرجۈپ كۆزىڭىزدىن .
شاتئاي : ( خان قۇشاق كەتتى جۇما ئەمسە قايتۇرلا! )
رەسىملەرنى يىغىپسىز ،
رۇخسەتسىزلا سورىماي .
ئەمدى قاداق قىلارمىز ،
شۇ رەسىمگە قارىماي .
يىغىڭ تېخىمۇ گۈزەلنى ،
مۇنبىرىمىز ئاۋۇسۇن .
ياش يىگىتلەر كەينىدە ،
ئەگىپ - ئەگىپ ھارسۇن .
مۇسلىمە
كەم دىدارغۇ ھەدە سىز ،
قاياقلاردا يۈرۈسىز .
يالى سوتلاپ قالدىمۇ ،
بېرەر يېقىن دوستىڭىز .
ئۈزۈلمىسۇن تېمىڭز ،
بىزگە ئوزۇق سۆزىڭىز .
ئاۋات قىلىڭ مۇنبەرنى ،
بىزمۇ سىزنىڭ ئىزىڭىز .
دادىل پىكىر ئۆتكۈر ئوي ،
توختىمىسۇن ھەر دائىم .
كېرەك بولۇر ئۇ بىزگە ،
ئىنسانلىقتا ھەر دائىم .
ھېسلىرىم ( نەگە كەتلا ئۇكام مۇشۇ كۈنلەردە ،يوقاپلا كەتلە ئادەمنى ئەنسىرتىپ )
بىر ئولتۇرۇشتا يازىسىز ،
قەۋۋەت قەۋۋەت روماننى ،
ئىيتىڭ قېنى دوستۇم سىز ،
بۇنىڭ ئىچكى سىرىنى .
دەردىڭىزگە دەرمانمىز ،
ھالىڭىزگە يېتىمىز .
بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ،
بىز يولۇچى كارۋانمىز .
ئۈزۈلمىسۇن تېمىڭىز ،
يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك .
تىلەكداشمىز ھەممىمىز ،
دەستە - دەستە گۈل بىلەن .
كۆكيال : نەدە يىپ تارتىپ كەتكەندۇ ماۋۇ تېۋىپ
تور دەختۇرى بولدىڭىز ،
يىپ تارتىپ تومۇز تۇتۇپ .
ھەجەپ بۈگۈن كۆرۈمەيسىز ،
قەيەرلەردە تۇتۇلۇپ .
تونۇتتىڭىز تېبابەتىنى ،
مۇنەر ئەھلى جامائەتكە .
بەرسۇن ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ،
يېتىڭ تېخىمۇ كامالەتكە .
ئۇيغۇرۇمنىڭ تېبابىتى ،
ياشنىتىڭ جان دىل بىلەن .
قۇرۇپ قاقشال بولمىسۇن ،
قۇم بوران چۆللەر بىلەن .
شاھسەنەم :(لىرىكىلىرىڭىز ماڭا كەلگەندە توختاپ قالمىسۇن جۇمۇ )
شائىرە دەپ نامى بار ،
شوخ گۈزەل قىز شاھسەنەم ،
يۈرەككە ئوتنى يېقىپ قويۇپ ،
قىچىپ كەتكەن شاھسەنەم .
لىرىكىغا ئۇرۇنۇپ ،
رومانتىكنى ھەمرا قىپ .
نەلەردۇدۇر يۈرىسىز ،
قەيەرلەردە تۇتۇلۇپ .
قاچماڭ بولدى كېلىڭ تىز ،
ئۇستاز قىلماي پەندىيات .
ئەسەر يېزىڭ ئولتۇرۇپ ،
تىل ئاڭلىماي بولدى دات .
شائىرەنى يوق قىلماي ،
مىسرانىمڭنىڭ مۇنبىردىن .
كەچلىۋىتىپ قالمىسۇن ،
قوشاڭ توقۇش ھوقۇقىدىن .
ئۆركىشى : (خەنزۇچە بولسىمۇ قايتۇرسىز جۇمۇ )
يۇمۇرلارنى يازىسىز ،
شۇنچە قىززىق يۇمۇرزتىك .
يەنە يېزىپ تۇرىسىز ،
بىلۋىلىڭ بەڭ تېگىشلىك .
ھەر ساھەدە بارغۇ سىز ،
كىشنىڭ زوقى كەلگۈدەك .
شاگىرت قىلىڭ مېنى چۇ ؟
ھەممە ھەۋىسى كەلگۈدەك .
سەۋىيەم مۇشۇنچىلىك يېزىشقا يەتتى ، باشقا مۇنبەردازلارنىڭ مەن كەم قاپتىمەن دىمەي تەڭ يېزىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
يازغانلىرم كۆڭلىڭلارغا كەلگەن بولسا دەڭلار جۇمۇ ! بىكار كۆڭۈل ئارازىلىقى بولۇپ قالمىسۇن !
ئەگەر قوشاققا قاتسام خاپا بولغانلار بولسا شۇ زامات ئۆچۈرۋىتىمەن .
مەنبە : ئۆزەم