بۇ يازمىنى ئاخىرىدا خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-6 11:54 AM
ئاياللار قىسسىسى
روشەنگۈل ئەلى
( بۇ شېئىرنى پۈتۈن دۇنيادىكى مېھرىبان قىز-ئاياللارغا بىغىشلايمەن )
ئايال !
سەن ۋاپاغا لىق تولغان دۇنيا .
بىۋاپا....دەپ ئاتىشار لېكىن ،
سېنىڭ بىلەن شاد بوپ كۈلگەنلەر .
شۇڭا ئۇزاق ئەسىر-ئىرادىن ،
ئىنسابسىز !
دەپ ئاتالغان ئۇلار .
ئايال !
سەن پەرىشتە نۇردا يۇيۇنغان .
بىراق-نامىڭ
شەيتان !
ئىزىتقۇ !
ئۇلار.......
شۇ نۇر كەبى سۈتۈڭنى ئېمىپ ،
ساغرىسىنىڭ تېرىسى بىلەن
قىزىل رەڭلىك يۈزىنى يىپىپ ،
گۇناھلارغا قات-قات بوغۇلغان .
ئايال !
سەن بىر ئوكيان ئاچچىق سۈيى بار .
ئەلەم بىلەن تۆككەن كۆز يىشىڭ
ئۈچ ئوكياننى قىلغان تەۋەللۇت .
ئايلانماقتا ئۆكسۈپ ،
ئۇھسىنىپ ،
يەتتە قىتئە قوشۇلغان دۇنيا.
ئايال !
سېنى شۇنداق ياراتقان خۇدا .
ھەر بىر كىلىتكا - ھۈجەيرىلىرىڭ
باشقىلارنىڭ جىنىغا پىدا !
ئازازۇلنىڭ دوستى ئاتىلىپ ،
ئادەملەرنىڭ گۇناھى بىلەن
بۇلغانغان ساب ،
غۇبارسىز ھاۋا !
ئايال !
كۆزۈڭدە بار قىيامەت - توپان .
ئۆزۈڭ يەنە نوھنىڭ كېمىسى -
تەڭرى بىلەن سۆھبەتتە بولغان .
..................
زەيتۇن شېخى چىشلىگەن كەپتەر ،
سايرىيالماي دېمى بوغۇلغان .
ئەسكەرتىش : بۇ شېئىرنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى روشەنگۈل ئەلى ئاتۇش شەھرى كاتتايلاق يىزا قۇدۇق كەنتىدە دېھقان . مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتۇرغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن .
مەنبە : << شىنجاڭ مەدەنىيىتى >> ژورنىلى 2006 - يىللىق 1 - سان